ھاياسىز كىشى كىشىلەرنىڭ پەسكىشىدۇر،ھاياسىزنىڭ ئېغىزىدىن توغرا سۆز چىقمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ
كىم ھايالىق بولسا،ئۇنىڭغا ھەر قانداق ئىشنى تاپشۇر،ئىنساپ ھايا بىلەن يامانلىقنىڭ ئىسىكىنى ئېتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ
بارلىق نامۇۋاپىق ئىشلاردىن توسقۇچى ھايادۇر،بارلىق ياخشى ئىشلارغا ئۇلاشتۇغۇچىمۇ ھايادۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ
نادانغا يېقىنلاشما،ئەي ئاق كۆڭۇل ،دىققەت قىلغىنكى ،ئاق نەرسىگە قارا تېز يۇقىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئەقىللىق ئادەم پەزىلەتلىك ئادەمدۇر. ئەبۇنەسىرفارابى
قەدىر بىلمەس ئادەمدىن ھايۋان ياخشىراقتۇر. موللا بىلال نازىمى
بىلىملىك بىر كىشى مىڭ نادانغا تەڭ كېلەلەيدۇ.
ئەھمەد يۈكنەكى
ھېكىمەت قايسى تىلدا بولسا ھېكمەتتۇر، گۆھەر قايسى ساندۇقتا بولسا گۆھەردۇر داموللا سابىت مەنبە :ھېكىمەتلىك سۆزلەردىن ئىلىندى . |