ھەييييييي! بۇنى چۈشەندۈرسەم ھەيرااااااااااااااان قالىسىز، دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىگىگە ئاجااااااايىپ كۆڭۈل بۆلىدۇ دىسە،
تېرورىزىم ئەۋج ئالغان مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك دەۋىردە چەتئەلگە چىقسا قارا نىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت دىگەننى بەمەيلا قويغان گەپ
، خۇددى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى سۇ-كەلكۈن بېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۇنى قاتتتتتتتىق تىزگىنلەپ ئانا دەريالارنىڭ سۇلىرىنى ھېلىقى قۇرۇلۇش بىڭتۈەنلىرىگىلا بېرىۋەتكەندەك،بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن-دە
،ئىچكىرىنىڭ شەھەرلىرىدە قاڭقىپ بېرىپ قالغان ئۇيغۇر باللىرى ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى بۇلاپ-ئوغۇرىلاپ شۇقەدەر يامان جەمىيەت تەسىرى پەيدا قىلسىمۇ، شۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىگى ھەممممممىدىن مۇھىم بولغاچقا ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلمايدۇ، بەك ئايايدۇۇۇۇۇۇۇۇ بەك ئايايدۇ
،شاۋ دۈيجاڭ دا دۈجاڭ دىگەن خۇمسىلار ئالۋاڭ-ياساق ئورنىدا تىزىملاپ، ئۇنىمىسا سىياسى نامدا تەھدىد سېلىپ قىزلىرىمىزنى ئانا يۇرتتىن ئايرىپ ئىچكىرىگە پالىدى، نابۇت قىلدى، خەپ گۇيلار دەپ چىشىمنى چىششششششلەپ، زەرررررردە گۆش بولۇپ يۈرسەم بۇمۇ ھۆكىمەتنىڭ قىزلىرىمىزغا ئالااااااااااھىدە كۆڭۈل بۆلگىنى ئىكەن ئەمەسمۇ، يۇرتنىڭ چاڭ -توزاڭلىق قۇررررررررغاق ھاۋاسى قىزلىرىمىزنىڭ يۇمران تېرىلىرىنى بۇزۇۋېتپتىكەن ئەسلىدە، ئۇلار ئىچكىرىنىڭ نەمخۇش شىرررررررررشىم ھاۋاسىدا قىزلىرىمىزغا ھەقىقى گۈزەل لاتاپەت ئاتا قىلماقچى ئىكەنتۇق، بۇ مېھرى-شەپقەتنىڭ چوڭڭڭڭڭڭڭڭڭقۇرلىغىدىن نەپىسىم چىقماي بوغۇلۇپ قالدىم دەيمەن
،بىز كىچىكلىگىمىزدە پەقەت ئىككى دانە كىتاپ بىلەن مەكتەپكە كىرەتتۇق، ھازىر ھۆكىمەت مائارىپقا ھەسسسسسىلەپ ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ پۇلنىڭ ھەممىنى كىتاپ-قەغەزگىلا سېلىۋەتتى دەڭلا، 6-7ياشلىق بىچارە باللىرىمىز مەكتەپكە كىرە كىرمەيلا ئوننەچچە كىتاپنى دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇلارنى ھەم ئەقىللىق ھەم دۈمممممممچەك ليۇ يۇڭغىلا ئايلاندۇرىۋەتكەن گەپ
، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈن تەرتىبىگە كىرگۈزۈلگەنلىگىنىڭ يارقىن ئىپادىسى قووووووش تىللىق مائارىپ!!! يەسسسسسلىدىن باشلاپ دىسىلە، بۇ خەنزۇ دانالارنىڭ 《مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش 》دىگەن مەسەلدىن ئالغان ئىلھامى ئوخشايدۇ، بىز بولسا ھااااااااامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ قوش تىل تەربىيىسى يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدۇق، ھازىرغىچە تەستىقلانماۋاتىدۇ،
، تەرەققققققققققىيات ئۈچۈن ئەمەسمۇ ئەتىراااااااااااپلىق ئويلاشمىساق بولمايدۇ
، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرررررررررلاپ كەتمىسۇن دەپ پىلاندىن ئارتۇق تۇغدۇرمايدۇ-قاراڭ! ئەگەر قوساقتا قاپقالغىنىنى بىلسە بىر پۇڭ پۇلمۇ ئالماي بوۋاقنى باكااااااااالىق ئۆلتۈرۈپ بېرىدۇ قاراڭ
،نىمىسىنى ئېيتاي بۇ مېھرى-شەپقەتلەرنىڭ كۆپلىگىدىن قااااااااايسى بىرىنى ئېيتاي
، دېھقانلارنىڭ ئەنئىەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن جەنۇبى يۇرتىمىزدا ھازىرغىچە ھاشار سېلىقى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەنئەنە ئۈچۈن دېھقانلىرىمىزمۇ يېقىنننننننندىن ماسلىشىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ
، ئەدىبىيات-سەنئەت توغۇرىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشلەرنى ئويلىسام نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيييييييييلا قالىمەن،
ھازىر ناھىيە-يېزىلارغىچە سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئەسسسسسسسسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇتتار-تەمبۇر بىلەن شاتتتتتتتتلىنىپ، ئۇسۇل بىلەن جاننننننننلىنىپ ناخشا بىلەن ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى بىراقققققققققلا ئۇنتۇپ شاااااااااادىمان ياشىشى ئۈچۈن ئەۋۋۋۋۋۋۋۋزەل شارائىتلار يارىتىلماقتا!!!
، ياااااااااشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى! مۇشۇنداق تۈگىمەس مېھرى-شەپقەت بار يەردە ئىتتتتتتتتتىپاقلىق بولماي نىمە بولىدۇ دەيمەن؟
خوشاللىق ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىلھامىنى قوزغىماي قالمايدىكەن
، پېقىر شۇ خوشاللىقلار دەستىدە ئۇ ياققا ئۆرررررررگىلەپ بۇ ياققا چۆرررررررررررگىلەپ ھۇشىمدىن كېتىپ يىقىلىپ، قايتا ھۇشۇمغا كەلگەندە دىللارنى لەرزىگە سالغۇچى قېچىر ئىلھامىم بىلەن بۇ مەدىھەنامىنى يېزىپ سالدىم،
بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىغى ئالدىدا دېڭىزدىن تامممممممممچىدۇر پەقەت، بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس بىر يامانلىق مەڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭگۈگە ئەبەد!
[ بۇ يازما altumari تەرپىدىن2009-03-21 09:39دە قايتا ]