چىقتۇق دوسلار بۇياققا شاراپ ئىچىپ-مەي ئىچىپ.
يولنى يۇردۇق ئۇزاققا شاراپ ئىچىپ- مەي ئىچىپ.
چارچىدۇق بىز مەسلىكتە كوچا-كوينى ئايلىنىپ .
يەنە كىردۇق قاۋاققا شاراپ ئىچىپ- مەي ئىچىپ.
چاقچاق قىلىپ كۇلىشىپ.ئۆز ئارا مەي سۇنىشىپ.
ئېسىللىقنى چۆرىشىپ ، بالىلارچە ئوينىشىپ.
بەختىمىزنى ھاراقتىن تەپتۇق مانا ھاراقتىن .
ئۇنۇتتۇق بىزھەممىنى شاراپ ئىچىپ-مەي ئىچىپل.
بولدى ھاراق ئىچىلىپ كەتتى دوسلار چېچىلىپ.
مەنمۇ ماڭدىم ئۆيۇمگە شاراپ ئىچىپ-مەي ئىچىپ.
يولدا بىرى ئۇچراشتى كېلىپ ماڭا پۇتلاشتى .
بېرنى سالدىم قۇلاققا شاراپ ئىچىپ- مەي ئىچىپ .
ئۇمۇ ماڭا ئالىيىپ پەشۋا ئاتتى غادىيىپ .
راسا تويدۇم تاياققا شاراپ ئىچىپ - مەي ئىچىپ .
ئۆيگە كېلىپ تەسلىكتە ئەشۇ نىجىس مەسلىكتە.
لەنەت دىدىم ھاراققا شاراپ ئىچىپ- مەي ئىچىپ.
ئۆيگە كىرسەم خۇتۇنۇم ئالدى مىنى سوراققا .
نەگە باردىڭ دىمەستىن قوغلىۋەتتى سىرىتقا .
ئاچچىقىمغا پايلىماي ئەتىلىكنى ئويلىمەي .
راسا سالدىم پاچاققا شاراپ ئىچىپ- مەي ئىچىپ.
خوتۇن كەتتى يامانلاپ ئۆيدە بارنى قاماللاپ .
لەنەت دىدىم ھاراققا شاراپ ئىچىپ - مەي ئىچىپ .
ئاچ قالدى ئۇچ بالام ئېغىلدا موزاي - كالام .
پەندىيات شۇ ھاراققا شاراپ ئىچىپ-مەي ئىچىپ.
ئېمران.باتۇر