XOHTEKIN ئەركە پەسىل خۇشبۇي ئەلچىسى، قۇياش ئىچرە ئاچتى خۇشچىراي. پاك زىمىندا ئويغىتار ئۈمۈد، ئەجەپ كۆركەم ئويغاق نەۋباھار.
يۇرۇق كېچە يۇلتۇزلۇق ئاسمان، ئاي تۇماننىڭ باغرىنى يارار. زىمىستاندىن خوشلىشىپ ئىقلىم، يېڭى يىلغا ئىز سېلىپ بارار.
ياپراق ئاچسا كۆزىنى روشەن، گىياھ،مايسا ياشىرار كۈلۈپ. چوكانتاللار ئېتىدۇ تەزىم، زۇمرەت سۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ.
تەڭرىتاغدىن، پامىر، نىلغىچە، نۇرۇز ئەھلى تويدا،مەشرەپتە. گۈزەل كۈيدىن كۈلۈپ زوقلىنىپ، بەزمە باشلار يېڭى غەيرەتتە.
تاغ پەدەرگە باقار مەنىلىك، نۇرۇز ئېشى ئەتكەن ئانىلار. نەۋرىلەرگە ھېكمەت ئۈگىتەر، نۇرۇز سۈپەت قىران دادىلار.
ئات بەيگىدە يەڭگەن يىگىتكە، سوۋغا سۇنار قىزلار تالىشىپ. گۈل-چىچەكنىڭ مېھرىگە قانماي، خەندان ئۇرار قۇشلار سايرىشىپ.
ئۇز تەبىئەت- ماھىر ناخشىچى، شىئېر ئاقار نۇرۇز بولاقدا. قايناق ئەمگەك چىللار مەردانە، گۈزەل دۇنيا، يېڭى ھاياتقا.
2009-يىل3-ئاينىڭ20-كۈنى(دىيارى كەلپىن) .
|