ۋىجدان ئازابى
ھىكايە
ئاپتۇرى:مۇھەممەتجان تىلۋالدى
azap986532
بىز ئۈچۈن مۇھەببەت مۇھىم،شۇڭا ھەممىمىز مۇھەببەت دەپ ياشايمىز.لىكىن كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىققا بويسۇنماي ھىچ ئامالىمىز يوق،مانا بۇ تەقدىر....
-ئاپتۇردىن
مۇقەددىمە
مەن ئۇنى تونۇمايتىم،ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشنى ھەتتا چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانتىم،
ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىمغا شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان<بۇ مىنىڭ كەچمىشلىرىم>
نامىلىق ھىكايەم سەۋەپ بولغان ئېدى.2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى تورغا چىقىپ تىما كۆرۈۋاتسام،
بىرى QQ دا ماڭا خەت يازدى.مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم.بىز ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مىنىڭ ئەسىرىمنى ئوقۇغانلىقىنى ھەم شۇنداق ياقتۇرغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن ئۇنىڭغا <رەھمەت>دېدىم.ئارقىدىن ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر مۇھەببەت كەچۈرمىشى بارلىقىنى،شۇنى ماڭا ئېيتىپ بىرىدىغانلىقىنى،مۇمكىن بولسا شۇ كەچمىشلەرنىمۇ بىر ھىكايە قىلىپ يېزىپ چىقىشىمنى ئېيىتتى.مەن قوشۇلدۇم.ئۇ ھىكايىسىنى باشلىدى...........
<1>
....مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن ئېدىم،ئۇنىڭ ئىسمى بەرنا ئېدى.ئۇ مېنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە بولغان توققۇز يىللىق ساۋاقدىشىم ئېدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىر مەھەللىلىك ئېدۇق.كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ،بىللە كۈلۈپ چوڭ بولغان ئېدۇق.شۇ ۋاقىتلاردا ئائىلىمىز ئالاھىدە باي ئائىللەردىن بولغاچقىمۇ،مەن ھەمىشە بىللە ئوينىغان بالىلارنى بوزەك قىلاتتىم،ئۇلارغا ئۇنى-بۇنى بۇيرۇق قىلاتتىم،لىكىن بەرناغا ھەرگىز بۇيرۇق قىلمايتىم،ھەتتا ئۇنى باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغىمۇ ھەرگىز يول قويمايتىم،مەھەللىدەبولسۇن،مەكتەپتە بولسۇن كىمىكى ئۇنىڭ چىشىغا تىگىدىكەن،دەرھال شۇنى ئەدەپلەپ قوياتتىم.شۇنداق بولغاچقىمۇ ھىچكىم ئۇنىڭغا چىش يېرىپ بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمايتى.بالىلىق چاغلىرىمدا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ،يېشىمنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭىيىشغا ئەگىشىپمۇ ياكى
مەھەللىمىزنىڭ دوقمۇشىدىكى دوغاپچىنىڭ قويۇۋالدىغان ھىندىستاننىڭ مۇھەببەت فىلىملىرىنى كۆرۈۋىرىپمۇ،ئىشقىلىپ تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقغا چىققاندا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئاستا-ئاستا ھىس قىلدىم.لىكىن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى قانداق بىلدۇرۇشنى پەقەتلا بىلەلمەي قالدىم.بۇ دىگەن مەكتەپ تۇرسا،يەنە كىلىپ بىز بىر مەھەلىلىك تۇرساق ئاتا-ئانىسغا ياكى ئاكىلىرىغا دىسە.........ئۇ چاغدا بۇ ئىشلار نىمە بوپ كىتەر-ھە؟..........
مەن ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈمنى قانداق بىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم،ئاخىرى كىچىكىمىزدە بىز دائىم مۇكۇشمەك ئوينايدىغان ئاشۇ سۆگەتلىككە ئۇنى چاقىرىپ شۇ يەردە سۆزلىشىشىنى لايىق كۆردۈم.ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە ئۇنىڭغا:
-مەكتەپتىن قايېتقاندىن كىيىن سۆگەتلىككە بارايلى،ساڭا ئۆزەم ئىجاد قىلغان بىر ناخشام بار،شۇنى ئېيتىپ بىرىمەن-دېدىم.مەن ئانچە-مۇنچە راۋاپ چېلىشنى بىلەتتىم،(بۇنى چوڭ دادامدىن ئۈگىنىۋالغان ئېدىم.)پات-پاتلا ئاشۇ سۆگەتلىكتە بالىلارغا راۋاپ چېلىپ ناخشا ئوقۇپ بىرەتتم.بالىلار ناخشامنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتى.بولۇپمۇ ئۇ مىنىڭ ناخشىلىرىمغا شۇنداق ئامراق ئېدى.راۋاپ چالغان چېغىمدا زوق بىلەن قاراپ كىتەتتى،ئۇ ماقۇل بولدى.
كەچتە دەرستىن چۈشتۇق،ئۇ باشقا بالىلار بىلەن بىللە بېرىشىنى ئېيتىۋىدى.مەن:
-بۇ دىگەن مېنىڭ تۇنجى ئىجاد قىلغان ناخشام،ئاۋۋال سەن يالغۇز ئاڭلاپ باق،ساڭا يارىسا ئاندىن باشقىلارغا ئېيتىپ بىرەي-دېدىم.ئۇ قوشۇلدى.ئىككىمىز ياندىشىپ مېڭىپ سۆگەتلىككە كىتىپ بارىمىز،يۈرىكىم تىز-تىز سوقماقتا......
سۆگەتلىككىمۇ يېتىپ كەلدۇق،سۆگەتلىكنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان ئېرىق بويىغا كىلىپ،
ئېقۋاتقان سۇغا قاراپ ئولتۇردۇق.مەن ئۇنىڭغا قارىدىم،بۈگۈن ئۇ كۆزۈمگە باشقىچە يېقىملىق كۆرۈنىۋاتاتتى.ئۇ ناخشامنى باشلاشنى ئېيىتتى.
-ناخشاڭنى تىز باشلا،مەن سەندەك <كىچىك غوجام>ئەمەس،ئۇلاقلارغا قارايمەن تېخى-دىدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.
-بەرنا،بۇ ناخشىنى ساڭا ئاتاپ ئىجاد قىلدىم،ياقتۇرۇپ ئاڭلا ۋە مىنىڭ يۈرەك سىرلىرىمنى بىلىپ قال-دېدىم-دە،راۋابىمنى قولۇمغا ئېلىپ ناخشامنى باشلىدىم:
سۆيگۈ ئىزلەپ قولۇمغا مەن ئالدىم قەلەم،
قەلبىم ئىزلەپ تاپتى بەرنا سەن يارنى ھەم،
چىرمىۋالدى ۋۇجۇدۇمنى چەكسىز ئەلەم،
ئوتلىرىڭدا ئازاپلاندىم جانانىم بۇ دەم.
.....
ناخشام تۈگىمەستىنلا ئۇ گەپ قىلماستىنل چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ،يۈزىنى تۇتقانچە يۈگۈرەپ كېتىپ قالدى.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا تۇرۇپ قالدىم.......مەن ئۆستەڭ بۇيىدا ئۇزاق تۇرغاندىن كىيىن راۋابىمنى قولتۇقلاپ مەيۇس ھالدا ئۆيگە قايىتتىم.ئۆيگە كەلدىميۇ،سەل قورقۇشقا باشلىدىم،ئۇ ئاتا-ئانىسى ياكى ئاكىلىرىغا دىگەنمىدۇ؟ئاكىلىرى مېنى نىمە قىلىۋىتەر ئەمدى؟ئۇ بۇندىن كىيىن ماڭا قارىماي قويارمۇ؟.........كاللام قۇپقۇرۇق،خىياللىرىم بىر-بىرىدىن چىگىش ئېدى.................
ئەتىسى مەكتەپكە باردىم،ئويلىغىنىمدەك ئۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى،مەن <مۇناسىۋىتىمىز ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كىتەر>دەپ ئويلىدىم،بىراق ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ مۇناسىۋىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى.گەرچە ئۇ ئاتا-ئانىسى ياكى ئاكىلىرىغا دىمىگەن بولسىمۇ،مەندىن بىراقلا ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بوپ قالغان ئېدى.ئەمدى ئىلگىرىكىدەك چاقچاقلىشىشلار،دەرستىكى چۈشەنمىگەن يەرلەرنى ماڭا چۈشەندۇرۇپ قويۇشلار كەلمەسكە كەتكەندەك قىلاتتى،مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم.ئۇيان ئويلىنا-بۇيان ئويلىنا ئاخىرى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ سومكىسىغا سېلىپ قويدۇم........
<2>
مانا،ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى،ئۇنىڭدىن ھىچ بىر سادا يوق،مەندىن قېچىپ يۈرگىنى يۈرگەن......ئىچىم سىقىلماقتا،ئۈگىنىشكە ئەسلا خوشياقمايدۇ،تېخى ئىككى قېتىم سىناقتا سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەي بالىلار ئالدىدا ئۆلگۈدەك بوپ كەتتىم،بۇرۇن مەن قانداق ئىدىم-ھە؟دەرسلەردە سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئېدىمغۇ؟مۇئەللىم بىر نەچچە قېتىم تەربىيە قىلدى،لىكىن نەسىھەت كاللامغا كىرىدىغاندەك ئەمەس.......
داۋامى بار.......
[ بۇ يازما azap986532 تەرپىدىن2009-03-21 23:38دە قاي ]