ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 211 - كۆرۈرمىنى
nurum0903
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79639
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-23

 شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪا ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺰدەك ﻗﺎرا ﺳﻪﮬﺮاﻟﯩﻘلار ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎي ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﮕﯜدەﻛﻤﯩﺰ:
ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎي ﻳﯜرﮔﻪن ﭼﺎﻏلاردا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯘدەك ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﺋﯩﺸﺘﺎن، ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﻳﻮﭘﻜﯩلارﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻛﯚﯕﻠﻪك - ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﯩﻴﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰ زاﻏﺮا ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘلاﻟﻤﺎي ﭼﯩﺮاﻳﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪپ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ، زاﻏﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎﻛﯘل ﺳﯘۋاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛلاش، ﺳﯩﺮلاش داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺷﯩﺪدەت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﭼﯧﭽﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺷﻮﺗﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘدەك ﺋﻪﻟﭙﺎزى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﮬﺎﺟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪۋرﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻏﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎردى. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎران دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻛﯚﻧﯜۋاﺗﺴﺎق، ﺋﯘلار ﺋﻪﻣﺪى ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ: «ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮى ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ- ﮬﻪ؟» دەپ ﻗﺎلاﺗﺘﯘق. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ رەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ، ﺋﯩﻨﺎق ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪاش ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﭼﺎﻗﻤﺎق ﻗﻪﻧﺘﺘﻪك ﺗﯚﭘﻪ - ﺗﯚﭘﯩﻠﻪپ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ﻗﻮﻳﯘق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚي ۋە ﺋﻮرﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮر ﺗﻮﭘﺎ ﺋﯚرﻟﻪپ ﻗﺎﻗﺎس ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪارە - ﺋﻮرﮔﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯩﺶ ﻳﺎﺗﻘﯘزۇﻟﯘپ، ﭼﯚرﯨﺴﯩﺪە رەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘۋادان، ﺗﺎل ﺑﺎراﯕلار ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪەك ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﮬﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺧﯩﺶ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ دەرەخ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺗﺎل ﺑﺎراﯕﻠﯩﻖ ﮬﻮﻳلا ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻮرﮔﺎﻧلار ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ دەل - دەرەﺧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇپ ﺗﺎﺷلاپ، ﺗﯘﭘﺮاق ﻳﯜزﯨﮕﻪ ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ ﻳﺎﺗﻘﯘزۇپ، ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮ ﮔﯜﻟﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇۋﯦﺘﯩﭗ، ﺑﻪزى ﮬﻮﻳﻠﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮت - ﭼﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ، ﭼﺎرۋﯨﺴﻰ ﻳﻮق ﻳﺎﻳلاق ﻳﺎﺳﯩﯟاﭘﺘﯘ. ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻳﻪرﻧﻰ «ﻗﺎﺗﺘﯩﻘلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻖ» دﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘدەﻛﻜﻪن!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﻛﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﻪ ۋاﻗﺘﯩﺪا، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎي ﻛﻪﺗﻤﻪن ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺮە، ﺑﯩﺮ ﺳﯚﯕﻪك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﻪﺧﯩﺮاﻣﺎن ﺋﯘﺧلاپ ﺑﻮﺗﯩلاﻗﺘﻪك ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﭘﭽﻪ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪت ﻗﻮﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر «ﺋﻮرۇﻗلاﻳﻤﯩﺰ» دەپ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻳﯜﮔﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻗﻠﯩﺘﯩﺶ دورﯨﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺷﻪﮬﻪردە ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، دەپ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﺴﯘن دﯦﺴﻪك، ﺋﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮلاﻟﯩﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﺎۋﯨﻨﺎزۇك دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﺪى.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﻛﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ دوﻟﻘﯘﻧﯩﺪا، ﻗﯘﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﺋﯩلاج ﺋﻪﺗﺮەت ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎلا ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎران ﻛﯚرەﺗﺘﯘق. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر رﯦﺴﺘﻮران دوﻟﻘﯘﻧﯩﺪا ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻗﯘﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯧﭽﯩﻠﻪپ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻣﺎچ، ﻳﻮﺑﺪاﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎش، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﻳﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺑﺎزارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻏﺮۇر ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﭘﻮﻟﯘ، ﻛﺎۋاپ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰﻣﯘ ﮬﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ۋاخ ﺑﺎزاردا ﭘﻮﻟﯘ، ﻛﺎۋاپ ﻳﻪپ روﮬﻠﯘق ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر رﯦﺴﺘﻮران دەپ ﺋﯚﮔﺰﯨﺪەك ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺳﻪي دەپ ﺳﯩﻠﻮﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺳﻮﻏﯘق ﺳﻪي دەپ ﮬﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﻟﻪق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇپ، ﺗﯚﻣﯜرﭼﻰ ﺑﺎزﻏﺎن ﺳﻮﻗﻘﺎﻧﺪەك ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﺎۋازلارﻏﺎ ﺗﻪﯕﻜﻪش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﻪپ - ﺋﯩﭽﯩﭗ، 4 - 5 ﺗﺎﻏﺎر ﺑﯘﻏﺪاﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇپ - ﭼﯧﭽﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺘﻪك روﮬﻠﯘق ﭼﯩﻘﻤﺎي، ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﺪەك ﺳﺎﻗﯩﭗ ﻟﯩﯖﺘﺎﺳﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪۈز ﻛﺎرﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪي ﻛﯧﺴﻪل ﺗﻮﺧﯘدەك ﻣﯜﮔﯜدەپ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺳﺎﭘﺎل ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﻮك ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﭼﯩﻠﻪﻛﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺗﻮك ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﺗﯘرۇﺑﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ ﭼﺎي ﺳﺎﻗلاپ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺳﺎﭘﺎل ﭼﯩﺮاغ، ﻛﻮزا، ﻳﺎﻏﺎچ ﮬﺎرۋﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻰ، ﻛﻮﻧﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﺎﮬﺎدا ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻳﺎدﯨﻜﺎرﻟﯩﻖ دەپ ﺋﻪﺗﯩﯟارلاپ ﺳﺎﻗلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ. زادى ﺑﯩﺰدەك ﺳﻪﮬﺮاﻟﯩﻖ ﺗﻮﻣﭙﺎﻳلار ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ .



مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-20, 13:38

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-20 21:32 |
شەبنەم تور رادىئوسى
baggio073
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 37745
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-23

 

[img]http://rs.phpwind.net/E___5132ZHMGPWFG.gif[/img]

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 22:18 |
شەبنەم تور رادىئوسى
hisam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74163
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ئالەمەتكەن ماۋۇ يوللىغان تېمىڭىز،ئەجىرىڭىزگەرەھمەت.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ھىسام مېنىڭ شاگىرتىم!!!!!!!!!!!!!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:29 |
rinat
رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 3899
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 290
شۆھرەت: 345 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2843 سوم
تۆھپە: 52 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 857(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

مەن بۇنىڭ سۇرەت كىرىشتۇرۇلگەن  نۇسخىسىنى بۇرۇن مۇنبەرگە يولاپ باققان .....

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 23:50 |
@otkax
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 421
شۆھرەت: 426 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4205 سوم
تۆھپە: 29 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

بۇنى بىزگە تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاختىمدايېزىقچىلق بىردىغان مۇئەللىممىىز ئوقۇپ بەرگەن ئىدى.  بەك ياخشى  ژانىرى فىليەتۇنغۇ دەيمەن؟

ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايىتماس ئىزىدىن ئارسىلان .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:30 |
boxuk
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63939
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 123 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1215 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

بىلمىگەنلەر بىلىۋالدۇق رەخمەت

شىنجاڭ تور مەكتىپى
بۆشــۇك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:46 |
قۇمباغ
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4277
شۆھرەت: 1121085 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4230 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1346(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ئەڭ ياخشىسى يېتىشمىگەن تۈزۇك؟

ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:49 |
MUSLIMAT
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 79309
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 164
شۆھرەت: 164 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

 

ياخشى يىزىپسىز رەھمەت..........................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 17:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-27 21:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ