دىلىمنى دوغا تىكمەڭلار!!!
(كىچىك بالا تىلىدىن)
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئاتا،ئاپا،مەن بۈگۈن يۈرەك سۆزلىرىمنى دېمەكچى،سىلەر بۇنى قانداق چۈشنىسىلەر بۇ ماڭا نامەلۇم، لېكىن ئۆزەمچە دەردىمنى تۆككىم كېلىپ قالدى،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
مەن قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن،ماڭا كىچىك چېغىمدا «ئاتتا،ئاپپا...» دەپ تىل چىققاندا سىلەر شۇنداق خۇش بولغان ئىدىڭلار. مەنمۇ شۇنداق خۇش بولغان ئىدىم،شۇ سۆزنى تەكرار –تەكرار دېگىم كېلەتتى ھەم تەكرارلايتتىم. ئويلىغانلىرىمنى ئەنە شۇ چۈچۈك تىلىمدا ئىپادە قىلاتتىم، ئەنە شۇ ئانامنىڭ تىلىدا سىلەرگە مەقسىدىمنى ئۇقتۇراتتىم. قورسىقىم ئاچسا،ياكى باشقا بىرەر ھاجىتىم بولسا ئەنە شۇ تىلدا دادىللىق بىلەن دەردىمنى ئېيتاتتىم...
بارا-بارا چوڭ بولدۇم.مېنى «كېيىن قىينالمايدۇ،گېپىنى تېپىپ قىلالايدۇ...»دىگەندەك مەن چۈشەنمەيدىغان باھانە –سەۋەپلەر بىلەن مەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي «يېڭى»لىق بولغان مەلۇم بىر يەسلىگە ئەكىرىپ بەردىڭلار. ئۇ يەردە ماڭا ئىككىنچى بىر تىل بىلەن تىل چىقىشقا باشلىدى.ئەمدىلا چۇرۇقلاپ چىققان ئانا تىلىمدىن ۋاز كېچىشىمگە توغرا كەلدى(بۇ ۋاز كېچىش باشقا ئادەملەر تەرپىدىن ئەمەس دەل سىلەر ــ ئۆز ئاتا-ئانام تەرپىدىن مەجبۇرلاندى). مېنىڭ كاللام ئەڭ دەسلەپتە ئانا تىل مۇھىتىدا ئېچىلغان بولغاچقا، مەسلىلەرنى ئويلىسام دەرھاللا ئانا تىلدا سۆزلىگىم كېلەتتى،ئەمما بىرىنچىدىن مەن ئويلىغىنىمنى ئانا تىلدا ئىپادىلەشنى بارا –بارا ئۇنتۇلدۇم.ئىككىنچىدىن ئەتىراپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئانا تىلىمدا سۆزلىسەم بىلمەسلىكى ھەتتا كۈلۈپ مازاق قىلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپىن كاللامدا ئەكىس ئەتكەن ھەرقانداق تۇيغۇنى سىلەرمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدىغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساۋاقداشلىرىم بىلىدىغان تىلغا ئۆزلەشتۈرۈپلا ئىپادە قىلىشىمغا توغرا كەلدى .بەزىدە دېلىغۇل بولدۇم.بەزىدە گاڭگىرىدىم.لېكىن ماڭا نېمە ئامال؟! ئاستا-ئاستا كۆندۈم. يامان يېرى بارا-بارا ئويلىغانلىرىمنى ئۆز ئانا تىلىمدا سۆزلەشتىن ئۇيىلىدىغان بولۇپ قالدىم،قانداقتۇر ئانا تىلدا سۆزلەشتىن نومۇس قىلاتتىم.چۈنكى ئانا تىلىمدا تولۇق ئىپادە قىلالماي قېلىپ كۈلكىگە قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم.ئۆيدىمۇ كەمسۆز بولۇپ قالدىم. تۇققانلار بار يەردىمۇ خىجىل بولۇپ كۆپ گەپ قىلمىدىم. بەزى ئىشلارغا ئادەتتە گەپ قىلماي كۈلۈپلا قويدۇم،بۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىسام ئانا تىلىم نەزىرىمدە ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى تىل قاتارىغا ئۆتۈپ، ھۆرمەت نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن،بۇنداق بولسا مەيلىمۇ؟بۇنى ئۆزەڭلار ئويلاپ كۆرۈڭلار.
باشقا تىلدا تىلىم كىچىككىنە كەمتۈك بولۇپ قالسا مەيلى ئىدى، لېكىن ھازىر دىلىم كەمتۈك بولۇپ قالدى.ئانا تىلىم كەمتۈك بولۇپ قالدى. دەسلەپتە مېنىڭ ئاق قەغەزدەك بېشىمغا سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئانامنىڭ تىلىدا «ئاتا،ئاپا،سۇ،نان...» دىگەندەك سۆزلەرنى يازغان ئىدىڭلار. ئازىراق چوڭ بولىۋىدىم، تۇرۇپلا پەدە ئۆزگەردى. نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ مەن چوڭ بولغانچە ئۆزەمنى ئىچىگە نېمە قاچىلىسا بولىۋېردىغان كومپىيۇتېرمىكىن دەپ قالدىم. شۇ تاپتا سىلەر ماڭا يىپيېڭى، ئۆز نەزىرىڭلاردىكى «زامانغا لايىق» بولغان بىر سېستىما قاچىلاپ بولدۇڭلار. مەن بىر ئۆمۈ مۇشۇ سېستىمىنىڭ ئىچىدە خىزمەت قىلىشىم كېرەك. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا «سەن تېخى كىچىك،ھېچنىمىنى بىلمەيسەن...»دەيسىلەر، سىلەر چوڭ تۇرۇپ ،ئەقىللىق تۇرۇپ، شەخسى غەرىزىڭلار بويىچە مېنى ئانامنىڭ تىلىدىن مەھرۇم قىلساڭلار بولامدۇ؟ ئاناملارنىڭ تىلىدىن نومۇس قىلامسىلەر-يە؟ راسلا شۇنداق بولسا بۇ ئۆز ئانىسىدىن نومۇس قىلغانلىق ئەمەسمۇ!؟
مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ چۈشىنەلمىدىم.جېنىم ئاتا،جېنىم ئاپا،مەن سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنىڭ كەلگۈسۈمنى ئويلىساڭلار بىر تىلنى ئۆگىتىمەن دەپ مېنىڭ دىلىمنى ،تەپەككۈرۈمنى دوغا تىكمەڭلار! مەن ئانا تىلىمغا پىششىقلا بولىدىكەنمەن چوڭ بولغاندا سىلەر ئارزۇ قىلغان شۇ تىلنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە بىرنەچچە خىل تىلنى ئۆگىنىپ كېتەلىشىمگە ئىشىنىمەن.سىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەمسىلەر؟...
___
ئىلاۋە: بالىنى ۋەتەنگە ،خەلققە ياراملىق ئادەم بولسۇن دەيدىكەنمىز بالىنىڭ تەپەككۈرىنى ئېچىشىمىز، ئۇنىڭدا بىر ئوتلۇق يۈرەك، قىزغىنلىق شەكىللەندۈرشىمىز كېرەك!
2008-يىل1-ئاينىڭ7-كۈنى يېزىلدى،بۈگۈن تۈزىتىپ تورغا يوللاندى.