مەن تۆنۈگۈن كەچ سائەت 9لار بىلەن تورخاندىن ياتىقمغا قايتۋېتىپ مەكتەپنىڭ(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى) ئالدىدىكى كەچلىك بازارچىلارنىڭ ئارىسىدا بىرسىنىڭ DVD فلىمىلىرنى سېتۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئەتراپقا ئوقۇغۇچىلارمۇ، يولدىن ئۆتكەنلەرمۇ خېلى جىق يغىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىختىيارسىز بېرىپ قالدىم، بېرىپ قارىسام ئارىسىدا كىنو فىلىمىلىرى،ئۇرۇش فىلىملىرى قاتارلىق خېلى جىق فىلىملەر بار ئىكەن، باھاسى ئەرزان بولغاندىن كېيىن ياخشىراق سوقۇش فلىمىلىردىن بىرنى ئالاي دەپ ئاختۇردۇم، لېكىن ھەممىسى دېگۈدەك مەن توردا كۆرۈپ بولغان دېگەندەك فىلىملەر ئىكەن. ئاختۇرۇش جەريانىدا مۇقاۋىسىغا يالىڭاچ رەسىملەر چۈشۈرۈلگەنلىرىمۇ ئۇچىرىدى، شۇنچىۋالا چوڭ ئۇنۋېرسىتتنىڭ ئالىدىدا بۇ قېرىنداش مىللەت ئاكىمىزنىڭ قورقماي موشۇنداق نەرسىلەرنى سېتۋاتقانلىقىغا ئەجەپلىنىپ تۇرغىنمدا تۇيۇقسىز كۆزۈم مۇقاۋىسىغا «新疆小姐» دېگەن خەت بېسىلغان، بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن DVD فىلىمىگە چۈشۈپ قالدى. بولۇپمۇ سىرتىدىكى چوڭ قىلىپ بېسىلغان «成人版» دېگەن خەنزۇچە خەت ئادەمگە بىر خل سىرلىق تۈس بېرەتتى. بۇنىڭدا بىر شۇملۇق بارلىقىنى شۇ ھامان كۆڭلۈم تۇيدى. 10 يۈەنگە سېتۋېلىپ ياتقىمغا قايىتپ كۆرۈپ باقتىم. ھەممسى پۈتۈنلەي موشۇقېرىنداش مىللەتلىرىمىزنىڭ رەسۋاچىلقلىرى ئېلنغان، ئادەمنىڭ ھۆ قىلغۇسىنى كەلتۈردىغان سېرىق فىلىملەر ئىكەن!
ئويلىنىپ قالدىم ،ئالدىنقى قېتىم ئۆزلىرى ئىشلەپچقارغان گاندونغا «گۈلى» دەپ ماركا قويسا، ئەمدى ئۇمۇ يەتمىگەندەك ئۆزلىرنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى تەسۋرلەنگەن فلىمگە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سۈرىتنى چىقىرپ «شىنجاڭ خېنىمى» دەپ ئىسىم قويسا نېمە گەپ بۇ؟
بۇلار زادى بىز ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ نامىغا چېقىلمسا بىر نەرسىسىگە ئىسىم قويالمايدىغان ئوخشايدۇ.
مەن مۇقاۋىسىغا تەپسىلى قاراپ باقسام ھېچقانداق نەشىريات ياكى شىركەتنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن.بۇلارنىڭ بەزى موشۇنداق ئىش قىلدىغان شايكىلىرى قانۇنسىز ياساپ، مۇقاۋىسىنىمۇ قانۇنسىز لايھىلەپ چىققانلىقى ئېنىق.
بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر قانۇنلۇق ئورۇننىڭ تەستقى بىلەن نەشىر قىلنغان نەرسە ئەمەس، ھەمدە قانۇن تارماقلىرى يول قويدى دېگەندىمۇ بۇنداق سېرىق فلىملەرنىڭ ئۈستىگە تىپىك بىر مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلدىغان بىر ئادەمنىڭ سۈرتىنى ۋە بۇنداق ئىسىمنى قويۇشقا يول قويمايدۇ. بۇ پۈتۈن شىنجاڭلىقلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلنغان ھاقارەت. شۇڭا يولى بار تورداشلارنىڭ بۇ ئىشنى سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ۋە مەدەنيەت تارماقلىرىغا ئېيتىپ ئۆز غورۇرىمىزنى قوغداشقا يېقىندىن ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلمەن. مۇقاۋىغا سۈرتى بېسلىغان ئۇيغۇر قىزىمىزنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى، مىللىتىمىزنىڭ شان شۆھرىتنى قوغدايلى .
ئەگەر بوپتۇ دەپ قويۋەتسەك، ئەتە ئۆگۈن ئالىملىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇپ ،سۈرتىنى چقىرىپ ئىچ كىيىم،تەرەت قاچىسى، تازلىق قەغىزى ، پايپاق ، پېتەك ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن.