« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 9914 - كۆرۈرمىنى
otuken.cn
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26678
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 251 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1630 سوم
تۆھپە: 297 نۇمۇر
ياخشى باھا: 172 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 559(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20

 «سېسسىق توققۇزىنچى» ۋە ئۇيغۇرلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-03-19)دە نادىرلاندى
«سېسسىق توققۇزىنچى» ۋە ئۇيغۇرلار


ئوغلۇم ۋەتەن سۆيۈشكە دېپلوم كەتمەيدۇ،ئابروي كەتمەيدۇ.پەقەت بىر سادىق يۈرەك كېتىدۇ.

"قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا"دىن.


./read.php?tid=60846&page=1&toread=1


بىرنىمە دەي دىسەم ما سورۇندا غەيۋەت بوپ قالىدۇ. دىمەي دىسەم يا ئۆزىنى بىلمىدى بۇ خەق .
دۇگامەت قارىسلا بەزىدە مۇشۇ ئۇيغۇرغا نان تېگىدىغان ئادەملەر كىمدۇ-دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئويلاپ باقماپتىمەن دىسلە ، نىمىشقىدۇ مەن ھازىر تولا ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.
كاۋاپچىلارمۇ ،دېھقانلارمۇ ياكى كىتاپلاردا دىگەندەك زىيالىيلارمۇ ۋە ياكى بىرنى ئىككى قىلىدىغانغا تىپىرلاپ يۈرگەن سودىگەرلەرمۇ ؟ ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللىندىغان ھەر-خىل ئادەملىرىمىز بار . نىمىشقا بۇنداق ئويغا كەپ قاللا دىسلە ،مۇشۇ بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىنى پەقەت مەلۇم ئادەملەرگە باغلايدىغان بىر قىلىق بىزدە توللاپ قالدى. ئەگەر بىز ئۈمۈت كۈتكەن ئادەملەر بىز كۈتكەندەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمىسا ھەممىمىز ئاپتاپتىكى بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ مۇشۇنداق ياشايدىغان ئوخشايمىز.
بىزنىڭ نوپوسىمىز نەچچە مىليونغا يېتىدىغان خەلق . بۇ خەلق ئازاتلىقتىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەرنىمە بولسا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ يىلىكى شورلۇق دەپ قويىدىكەنمىز. يىلىكى شورلۇق قانداق بولىدۇ ؟
دەپ ئويلاپ باقسام بۇ يىلىك دىگەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچىلىردە بولىدىكەن. ئۇنى باشقىلار شورلۇق قىلىپ قويمايدىكەن . ئۆزى شورلۇق بولىۋالغان نەرسىنى كىم "شورلۇق بولما" دىيەلەيدۇ-دەيلا.
مۇشۇ تېلۋىزور بولسۇن ياكى باشقا گېزىت-ژورنالدا بولسۇن زىيالىيلارنى "بىر مىللەتنىڭ بايلىقى ،تۈۋرىكى،يىلىكى،يۈرىكى" دەپ ماختايدىكەن.ئەمدى يۈرىكى بولسۇن بايلىقى بولسۇن مەيلى ئەمەسمۇ.
ئەمىسە نىمىگە قاينايسەن دىسىلە ،ئەلۋەتتە قاينايدىغانغا گەپ بار.

ئاتمىش يىلنىڭياقى ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ مۇشۇ يېقىننى سۆزلىسەك ئۆزلىرى بىلەن بىزدەك دېھقان قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىپ قوساق باقتۇق،ئازراق ئېشىنغان ئاشلىقنى سېتىپ بېرىپ باشقىلارنىمۇ ئاچ قويمىدۇق. ئىشقىلىپ بىر نەرسىنى تۇتساق قولىمىزدىكى توپا بولسىمۇ يۇقۇپ تۇردى. ما چاقسىدىكى قاسساپ ناۋايلارنى بىللا ...ئۇلارمۇ تازا جاپاكەش . قوينى ئەرزانراق ئەپ سۆيۈپ گۆشىنى سېتىپ ياكى ئىسسىق تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان يېقىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى باقىدۇ. ئۇلاردىن كۆپىنىدىغان يېرىمىز يوق . قانداقلا بولمىسۇن يۈگرەپ چىقساق تاييار نان ،گۆشكە بولسىمۇ يارايدۇ.
قايسى كۈنى تېلۋىزوردا ئادەم بولۇش ،قەيسەر بولۇش توغرىلىق بىر خانىم بىلەن بىر ئەپەندىم تازا سۆزلىدى . ئايھاي گەپلەر دىگەن ۋەھشى دىسلە ، ئاڭلىسلا ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىكلىرىدىن نومۇس قىپ كېتىلا ...ئالدىرمىسلا گەپ با تېخى
سىلى ئاتمىش يىلنىڭياقى مۇشۇ زىيالى دىگەن خەقنىڭ ماڭا دەپ بەرگىدەك قانداق پايدىسىنى كۆرلە... ئەسلى زىيالى دىگەن يۇرتنىڭ ئەڭ بىلىملىكى سەزگۈر چېچەنلىرى ، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ئېنىقلىرى بولىدۇ دەيدۇ. بىراق ئۆزلىرى ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا لازىم بولغاندا بىرەر پارچە نان ئالاملا ؟! ياكى ما ئەترەتنىڭ قاملاشمىغان سىياسەتلىرى توغرىلىق بىرەرەسىگە دات ئېيتىپ "قېنى قانداق نوچىكەن !" دەپ ئۇلاردىن پاناھلىق كۆرەلەملا، قارىسلا بىز يەر تېرىيمىز،قاسساپ قوي سويىدۇ،ناۋاي نان ياقىدۇ. زىيالى نىمە قىلىدۇ ؟ ! ما زاماننىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تۈزەيدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىزغۇ قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىدۇق.ئەمما ئۇلارچۇ ؟! نىمىنى تۈزلىدى دەيلا..باشلىققا سەت كۆرۈنۈپ قالمايلى دەپ ئارقىغا يېنىپ بىزنى "تۈزلەيدۇ".
ئاڭلىسام بۇ خەقنىڭ ھەرقاندىقى بۇرۇت قويالمايدىكەن.سەۋەبى سەل ياۋايى كۆرۈنەمىش.ئەمدى بىز دىخان خەق، ما بۇرۇت-ساقال دىگەننى ئەرنىڭ كۆركى ياكى پەيغەمبىرىمنىڭ سۈننىتى دەپ قويىمىز مۇشۇ يېقىننىڭياقى دىققەت قىللامۇ ھەممىلا مائاشلىقنىڭ بۈرۈت-ساقىلى يوق. غىچلا كوسا .سۈرۈشتۈرسەم باشلىقنىڭ كۆزىگە بۇرۇت قويغانلار سەت كۆرۈنەمىش. مانا كارامەت ھېلىقى تېلۋىزوردا ئادىمىلىك توغرىلىق چىڭقىلىپ سۆزلىگەن خانىمدىن "ئەرلىرىنىڭ بۇرۇتى بامۇ خانىم ؟ " دەپ سوراپ باققۇم كەلدى.
ئويلاپ باقسىلا كالپۇكنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە تال تۈككە ئىگە بولالمىغان خەق ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئىگە بولالامتى. ئىشقىلىپ مەن باغۇ، دۇگامەت. مۇشۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرمەيمەن دەپ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن زىيالىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇغۇ بىر چاخچاق گەپ. قىسقىسى مەن بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىزغا ياقىسىنى يىرتىپ ناھەقچىلىق تارتقان زىيالىنى ئاڭلىمىدىم. يىلىكى شورلۇق دىگىنى بەرھەق گەپكەن.بۇلار راستىنلا بىزدىكى شورلۇق يىلىككەن.
بىزنىڭ ئوغۇل داۋاملىق كىتاپ ئوقۇيدۇ ."ۋاي دادا ما ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ پەيلاسوپى. ما يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نوچىسى" دەپ ماختاپ بىرمۇنچە كوسا ئادەملەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ كېتىدۇ.
چاخچاق قىلىپ "ۋاي بالام مەندەك بۇرۇتى با ئادەمنى كىتاپقا باسسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلىياسى بولدىغان ئوخشايمەن" دەپ قويىمەن.
گەپ قېچىپ كەتتا، بايا دەۋەتقان "زىيالىيلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى،تۈۋرىكى" دىگەن گەپ مۇشۇ كىتاپ يازدىغانلار بىر-بىرىگە خوشامەت قىپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ماختاپ دەۋالغان گەپلەرمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسلە بىز دىخان خەق مۇشۇ گۇيلارنىڭ كاساپىتىدىلا ياشايدىكەنمىز.نەدە بىزگە تۈۋرۈك ،يۆلەنچۈك بولالايدۇ. تۆت تال مائاشىنى تولۇق ئەپ باشلىقىنى خاپا قىلىپ قويماي.خوتۇن-بالىسىنى خەقنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي باققىنى بىزگە تۈۋرۈك بولغىنىما ؟! ئۇنداق جاھاندارچىلىقنى مىدىراپ يۈرگەن چاشقانمۇ قىلىۋاتمامدۇ.
ئۆزلىرىمۇ تېلۋىزور كۆرۈپ تۇرىلا. بۇ خەق تولا چىقىدۇ ئۇنىڭدا، غىچلا قەسەمخور .ھەر پىشقەدەم سەنئەتكار زىيالىيلارنومۇس قىلماي ئەمدىلا زاۋۇتتىن كەلگەن دورىنى "ئۇنداق ئۈنۈملۈككەن ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى مۇنداق نوچىكەن " دەپ قىزارماي ماختايدۇ.قەيەرنىڭ باشلىقلىرىكىن بىز قۇرغاقچىلىققا ئۇچۇرساقمۇ تارتىنماي "ئۇنداق مول-ھوسول،مۇنداق ئاشۇرۇپ" دەپ دوكلات بېرىدۇ. ھېلىقى "خەلق سۆيگەن سەنئەتكار" دەۋالغان بىرى باغۇ..ۋاي ھېلىقى بوينى ئۇزۇن ...ھە شۇ ..كۆگەنلا بىر دەيدە ئېلاننى تەنقىت قىپ ئېپىزوت ئويناپ بىر مۇنچە پۇل تاپقان..ئەمدى كۆرۋاتىلا تېلۋىزوردا خىمىيىۋى ئوغۇتنى ماختاپ بەك ئالدىراش .ئۇنىڭدىنمۇ بىر مۇنچە پۇل تاپىدۇ بىچارە . نىمىشقا بىچارە دەيلا دەملا ئەلۋەتتا بىچارىدە..پۇل تاپسىلا ھېساپمۇ ئۇنداق ئالدى-كەينىگە سىيىپ ياشىغاندىن...خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ زىيىنىنى بىلەرلا ..تۈگەتتى يەرلەنى.... ...ئاۋۇ ناۋاي جېنىدا سۈنئى خېمىرنى بىر تىللىسا ئىككىنچى ماختىمايدۇ. مەن جېنىمدا بىلمەستىن "ماۋۇ خاتاكەن" دەپ سالسام ئەتىسىلا "توغرىكەن" دىيىشتىن ئۆلگۈدەك نومۇس قىلىمەن.
بىرمۇنچە خەنزۇ ئەرتىس زىيالىيلار تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلىقتىن ھال سوراپ ھەقسىز ئويۇن قويۇپتۇ. قايسى كۈنى بىر ئەرتىس تېلۋىزوردا ئۈرۈمچىدە ئويۇنىنى قويۇپ بولۇپ تۆۋەندىمۇ خەلقىگە ئويۇن قويۇپ بېردىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەقسىز قويامدۇ . ئەللىك كوي دىسلە بېلىتى .بۇلار شىنجاڭنى ئايلىنىپ ھەقسىز ئويۇن قويىدىغانلارما. تۆۋەنگە چۈشسە كۆتە-كۆتە بىلەن  مېھماندارچىلىق ،ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قالسىلا سالىمى قاۋۇل ، "ئىشلار ئالدىراش يەنە كۆرىشەرمىز". بىر باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا ئىچىدە "تېلۋىزور كۆرمىگەن نىمىمۇ بۇ. بىكارغا بەرمىسىمۇ ئەرزاراق بەرمىدا" دەپ غوتۇلدايدۇ.
بالامنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە "پەيلاسوپ"ى بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ قاپتۇ. بىرى يەنە بىرىنىڭ "ئوغرى"لىقىنى يەنە بىرى يەنە بىرىنىڭ "مۇناپىق"لىقى ،"ئىمانسىز"لىقى توغرىسىدا قاتتىق ئىسپات توپلاۋېتىپتۇ. بىزنىڭ بالىمۇ شۇلانىڭ بىرىگە ئىخلاس قىلىدىكەن. شۇڭا مەھەلىدە يەنە بىر "پەيلاسوپ"نىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغان بوپ قاپتۇ. قارىسلا ماگۇيلارنىڭ پەسلىكىنى .نوچى بولسا چوڭ-چوڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ياكى مۇناپىقلىق قىلغان باشلىقلىرىنى شۇنداق تىللاپ باقسا بولمامدۇ. ئۆزلىرىنى بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز ھېساپلىغاندىكىن مايەدە بولىۋاتقان خاتا سىياسەتلەرنى پارىخور باشلىقلارنى "مۇناپىق،ئوغرى" دەپ تىللاپ باقسا بولمامدۇ، تىللىيالمايدۇ ،يۇرت بۇزۇشنىلا بىلىدۇ.سوپىلاردىن پەرقى يوق،مۇرىت توپلاپ...
ھۇ ! گالاستۇكلۇق ئىشانلار...
نىمە ئۇ مۇناپىق ،ئىمانسىز،ئوغرى دىگەن بىز قارا قوساق تۇرۇپمۇ ئۇنداق گەپنى ئالدىراپ قىلمايمىز. ھەدىستە باغۇ " كىم بىراۋنى ئۇنىڭدا يوق ئىللەت بىلەن ھاقارەتلىسە ئۆزىگە قايتىدۇ"دەپ. ئەمدى كىم مۇناپىق بولىدۇ دەيلا..ۋاي بۇرۇتىغا ئىگە بولالمايدىغان "باتۇرلار".
كونا بىر گەپنى قىپ بېرەي..ھېلىقى قەدىمدىكى يۇەن سۇلالىسى دىگەن ۋاقىتتا مۇشۇ ئادەملەرنى تەبىقىغە بۆلۈپ..تىلەمچىلەرنى 7-تەبىقىغە، پاھىشەلەرنى 8-تەبىقىغە، زىيالىيلارنى 9-تەبىقىغە بۆلۈپتۇ. نىمىشقا دەملا..ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئادەملەرمۇ دۆت ئەمەستە...تىلەمچى مەن دىگەن تىلەمچى دەپ ئاشكارا تىلەيدۇ.. پاھىشەلەرمۇ "مەن دىگەن پاھىشە "دەپ تېنىنى ساتىدۇ..  زىيالىيلارچۇ " بىز دىگەن ئاۋامنى چىرىقى "دەۋالغان بىلەن ھېچيەرگە چىراق ياقمايدۇ.
ئاۋۇ يۇقۇرى مەھەلىدىكى ھېلىقى بوكىسچى"نوچى" نى بىلىلا.قايسى كۈنى بىزنىڭ بەكراخۇن بىر بودەك بىلەن تاكالىشىپ قاپتۇ، ئۇلار ئىتتىرشىۋاتسا قاياقتىندۇ بوكىسچى كېلىپ "بەكراخۇنكا كىمۇ سېنى بوزەك قىلغان "دەپلا جىدەلگە ئارلىشىپتۇ.شۇ چاغدا ھېلىقى بودەك بوكىسچىغا "زالە...زالە..." دەپتىكەن .ئاۋۇ نوچى تۇرۇپ كېتىپ"بولدى ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىكەن ئاكا " دەپ يولىغا مېڭىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بودەك"قانداق چاقارغان ئادىمىڭ شۇمىتتى"دەپ بەكراخۇنغا ئۇششۇقلۇقنى باشلاپتىكەن..خۇدايىم توۋۋا ئەمدىلا ماڭغان بوكىسچى نوچى" ئەسلىدە ئۇيغۇركەنغۇ ماۋۇ..نىمە دەيسەن ھېجى قىز.."دەپ قايتىپ كەپ بەكراخۇننى مۇش يىيىشتىن قۇتۇلدۇرۋاپتۇ....بۇنى ئاڭلاپ دەسلەپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم ،ئاخىرى بېرىپ يىغلاپ قالدىم دۇگامەت.
بىز يىغلىماي كىم يىغلايدۇ دەيلا .... مانا بىزنىڭ زىيالىي بولسۇن "نوچىلار" بولسۇن ئەھۋالى شۇ . ئۆز-ئارا پىچاق كۆتۈرۈپ "جىھات"قىلىشتىن يانمايدۇ.ئەمما ياماننى كۆرسە قۇيرۇقىنى نەگە تىقىۋالغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىلا.
مەن بىرەر زىيالىنىڭ بىزنى دەپ ياقا يىرتىپ يۇقۇرى ئورۇنلاغا چىقىپ باققىنىنى ياكى بىرەر مائاشلىقنىڭ بىز ئۈچۈن ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇپ سولىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم.
"خەلقىم" دەپ كېتىدۇ. بىرەر كىتاۋى ياكى لېنتىسىنى نەشىر قىلسا كىم ئالىدۇ "خەلقىم" دەپ ئالداپ تۇرمىسا.....ئەمما "خەلقىم" دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدىغان سورۇندا تاپقىلى بولمايدۇ.
مۇشۇ يۇقۇردىن كېلىدىغان سىياسەتلەرگە ئاۋال شۇ زىيالىيلاردىن پىكىر ئالىدۇ دەيدۇ. بۇلار تەستىقلاشتىن بۇرۇن باشلىقلارنىڭ كۆزىگە قارايدىكەن. باشلىقنىڭ كۆزىنىڭ ئېقى جىقراق تۇرسا "قارىنىمۇ ، ئاق" دەپ تەستىقلايدىكەن. قارىسلا مۇشۇنداق خەقنى مىللەتنىڭ تۈۋرىكى دىسەك قەدىمقى پادىشالارنىڭ ئوردىسىدىكى ئاكابىر-ئەشرەپ ،ئاغۋاتلارنى مىللەتنىڭ پاناھى دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ.
قايسى كۈنى مېنىڭ بىر زىيالى تونۇشۇم " ئۆزلىرى سەل دىققەت قىلسىلا ،بىكا سايرىتىپ-سايرىتىپ بىراقلا بوغمىسۇن" دەيدۇ. مەن دىدىم" ھېلىقى ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش دەپ سايرىتىپ ئاخىرىدا بىراقلا جايلىغاندەك ئىش بوپ قالمىسۇن دەملا. خاتىرجەم بولسىلا مەن بىرەر ئورۇن سايرا دىسە ئۆزەمنى بىلەلمەي سايراپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس. مەن باغۇ ، سايرىما دىسىمۇ سايرىغۇم كەلسە سايراۋېرىدىغانلاردىن . مەن سايرىسام باشقىلار ھەيران قالسۇن دەپ سايرىمايمەن. ما ئىچىمدىكى سېرىق سۇنى چىقىرۋېلىشقىلا سايرايمەن. نۆۋەت كەپ قالسا مانا باش . " دىسەم دىمىغىدا كۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئاچچىقىمدا "ئۆزلىرى يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشا دىگەننى ئاڭلىغانمۇ ، ھە ..نىمىشقا مايمۇن پادىشا بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دىسلە..ئاۋۇ يولۋاس ئاختا بولۇپ قېلىپ، ئۆيىدە كىر يۇۋاتقىدەك. ئامال يوق  مايمۇن بولسىمۇ ئەركەك بولغاچقا  پادىشا بولۇپتۇ . " دەپتىمەن . " ئاجايىپ گەپ قىلىلا جۇمۇ"..دەپ ھىجىيىپ يوقالدى . ئۇنىڭ نىيتى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن شۇ كۈن كەپ قالسا "مەن دىمىدىممۇ" دەپ جۇگېلىياڭلىق قىلىپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.ھېچ قاچاندا "ما ئادەمگە نىمە بولدى ؟ "دەپ كوچىغا چىقمايدۇ.
مۇشۇ قوش تىلدىن كېيىن يەنە يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ چىقتى. بۇنىڭغا نەچچە تال زىيالىدىن باشقىسى كۆزىنى پارقىرتىپ قاراپ ئولتاردى. ئەمما يىراق چەتئەلدىكى نېنىمىزنى يەپ باقمىغان بىر ئالىمىمىز ئۇيغۇر بولغاچقا نەچچىلىگەن ماقالىلارنى يېزىپ بۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈردى. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىزدىن ئالغان باجنى مائاش قىلىپ خەجلەۋاتقان ئۇچراپ قالسا چېيىمىزغا،  تامىقىمىزغا داخىل بولىۋاتقان مائارىپشۇناس ئاتالغان زىيالىيلار،بىر قولدا گالاستۇكىنى، يەنە بىر قولدا ئىشتاننىڭ ئېغىنى چاڭگاللاپ "مايەر ئامان، مەن ئامان، ئۇندىن قالسا ئەل ئامان" دەپ جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرىۋەردى.
ئۆزلىرى بىللىلا جىمى ھەشەمەت،ئىسراپچىلىق ئەشۇ گۇيلاردىن كېلىدۇ. يەنە تېخى "ئۇيغۇرلاردىكى ئىسراپخورلۇق ، ھەشەمەتچىلىك" دەپ بىرنىمىلەر يېزىپ پۇل تاپىدۇ،ئۆزلىرىچە ھۆرمەت تاپىدۇ. تېلۋىزوردا قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ...ۋاي بايقۇشلار.....
ئۆزلىرى بىلەن بىز ئاش تۆكتۈقمۇ...پۇل بۇزدۇقمۇ....نەدە بىزدە بۇزغۇدەك پۇل، تۆككۈدەك ئاش دەيلا....شۇنداقتىمۇ يازغان بىرنىمىسىدە "ئۇيغۇرلار.." دەيدۇ..نىمىشقا "زىيالىيلار..." دىمەيدۇ-دەيمەن !
ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەستۇ دەملا ؟ ھەممىسىلا شۇ. زىيالى ئاتالغىنىنىڭ ھەممىسى شۇنداق . ياق-ياق . ئۆزلىرى دىگەن ئادەملەر بىلىملىك ،ئېتىقادلىق بولغان بىلەن زىيالى ئەمەس. ئاۋۇ سادىرپالۋاننى ئوغرىلاردىن دىگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش ، ئۇلار دىگەن پالانچى ،پۇستانچى دەپ ئاتالغان قەھرىمانلار. زىيالىلىق ئۇلارنىڭ كەسپى ئەمەس ، ئۇلارنى ما زىيالى دىگەن توپقا قوشۇۋالمىسلا. ئۇلار دىگەن زىيالىدەك خىيالى ئەمەس. نەق ئالدىدىكى تۇرمۇشتا تىرىك ياشايدىغان ئەردەك ئادەملەر. ئۇلارنى زىيالىي دەپ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالمايلى.
مەسچىتتىكى زىيالىيلارمۇ ئوخشاش مەسچىتكە كىرىپ جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك "قىزىلىرىڭلارنى باشقۇرۇڭلار ، ئوغۇللىرىڭلارنى ئەدەپكە باشلاڭلار...قىيامەتتىن قورقۇپ تۆۋبە قىلىڭلار " دەپ بىزنىلا قورقۇتالايدۇ.نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم باشلىقى تۇرسا شۇنىڭغا قىلماي بىزگىلا سۆزلىيەلەيدۇ.نىمىشقا دىسلە باشلىقلاردىن خۇدادىن بەكرەك قورقىدۇ. سىرتقا چىقىپ خۇدادىن قورقمايدىغانلارنىڭ كانىيىدىن ئالالمايدۇ.يالغاندىن جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك خۇددى ئۆزى"جەننەتنىڭ پاسپورتى"نى ئېلىۋالغاندەك بۇرغىسى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەخمەقلەر ئاچ قالغان قوي بۇغدايغا كىرسە پادىچىغا سۆزلىمەي ،قويلارغا سۆزلەپ كېتىدۇ دىسە.......
قەدىم ئايەمدىن بېرىسىغا قاراپ باقساق بۇ زىيالى دىگەن جاھان ئوڭشىغان خەلىق ئەمەس.جاھاننى ئوڭشايدىغان تۈزەيدىغىنى يەنىلا ياغاچچى ،تۆمۈرچى ،ئوۋچى ياكى ئوغرى دەپ ئاتالغانلار .ئەگەر ماۋزېدوڭ چىقمايدىغان بولسا لۈشۈندەك يازغۇچىدىن مىڭى بولسىمۇ يەنىلا شۇ. يازغۇچىلار گۇپپاڭ سېلىشىپ" لۈشۈننىڭ تەسىرىدىن ئۇنداق بولدىيەي مۇنداق بولدىيەي" دەپ سۆزلىسە ھەيران قالمىسلا.
يادىلىرىدا باردۇ..خەلپەم بىلەن ھاجىم جاھاننى تۈزەيمىز دەپ تاققا چىقىۋالغاندا قومۇلنىڭ زىيالىيلىرىدىن نەچچە ساقاللىق ئۆلىما ۋە تۇماقلىق باي تاغقا چىقىپ "قورال تاشلىسلا جاھان تېچ بولغاي"دەپ سالا قىلغىنى.
"ئالتى ئوغرى" باشلىغان ساۋاپلىق ئىشنى ئاخىرى بېرىپ ماركىسىزىمدا ئوقىغان نەچچە زىيالى بۇزۇپ قويۇپ تۈزەلمەستىن كۆزى ئوچۇق كەتكىنى. ھەددىن زىيادە ئەقىل-ھېساپ بىلەن ئىش قىلىمەن دىسىمۇ بولمايدۇ.بەزىدە سەل قارا قوساق غەيرەت بولمىسا بىر ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولامدۇ دەيلا.
تونۇرغا ئېڭىشىپ بېلى قاتمىغان.كەتمەن چېپىپ بىلەك تالمىغان،ئاچ-توق قېلىپ دەرتلەر تارتمىغان، ئادەملەرگە قانداقمۇ تەغدىرىمىزنى تاپشۇرىمىز دەيلا.
شۇڭا دەيمەن دۇگامەت ئاخۇن "ئاۋۇ ئۈرۈكنى قېقىپ بەرسە بولاتتى" دەپ ھەممىنى زىيالىيغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ. بولمىسا ئۈرۈك شاختا تۇرۇپ قاق بولۇپ كېتىدۇ.
توغرا ! ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس.ئارىسىدا ئادەمدەك ياشاي دەيدىغىنى يوق ئەمەس. قېنى شۇلار..چىقسۇن مانا يەلكىمىز تەييار،لازىم بولسا كاللىمىزمۇ تەييار. ئۇيغۇرنى ئوڭشاشقا قانداقتۇ پەقەت زىيالىيلارلا ياكى ياغاچچىلارلا يەنە ناۋايلارلا قادىر دىمەكچى ئەمەسمىز. بۇنىڭغا ھەممىمىز قادىر . پەقەت رىئاللىققا ئىچى پۇشىدىغان ،مەسىلىلەرگە مەھەببەت ياكى نەپرەت كۆز قارىشى بىلەن قارىيالايدىغان ئادەم بولسىلا بۇ يولدا نۇسرەت تاپالايدۇ. ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر بەلكىم ئوچاقنىڭ كۈلىنى تارتىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ياكى ئىشى ئىلگىرى كەلمەي كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ۋە ياكى ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق پۇل كەلمەيدىغان غەمنى يەپ بىرەر تام تۈۋىدە ئولتۇرىدىغاندۇ.
قوپسىلا ؟! دەرۋازىغا قارايدىغانغا ئىشچى ئالسىمۇ دېپلومغا قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولۇشقا دېپلوم كەتمەيدۇ جۇمۇ .


قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
abdurehim ablathan
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى.

ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ يازمىلىرى
http://www.choghlan.com/munbar/Tags.asp?TagID=7
  

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+15(ikin) تىما ناھايتى ..
  • ياخشى باھا:+10(Ark-zat) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+10(ARMANa)
  • ياخشى باھا:+10(tim0998) بەك ياخشى يې ..
  • شەبنەم ناخشىسى
    جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى !
    بۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج .
    بۇ بىزدىن ئاشكارىلىقنى ۋە سەمىمىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
    شۇڭا ئىدىيىدىكى ئەنئەنىۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى  روھ بىلەن ھەمكارلىشايلى.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-19 18:32 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    AMIL
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 24649
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1780 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1000(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    ياخشى تېمىكەن ، ئىنكاس بىلەن ساقلىۋېلىپ كىيىن ئالدىرماي ئوقاي ، باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈرمەڭلار جۇمۇ!   

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ئەڭ كاتتا بايلىق _ مىللەت غۇرۇرى!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 18:45 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1243
    شۆھرەت: 1451 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 161 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 528(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    ئۇيغۇرلاردىكى«زىيالى»دىگەن بۇ نامغا ئىگە بارچلىرىمىز ھەقىقەتنمۇ سېسىپ كەتكەندەك تۇرىمىز.تۇزىمىز كەم زادى،قىلغان ئىشلىرىمىز ئاۋامنى خۇش قىلالمىسا،رازى قىلالمىسا،ئاۋامنى سەسكىندۈرگەندىن كىيىن سېسىماي نىمە بولماقچى.بىراق زىيالىلارنىمۇ قۇتقۇزۋالغىلى بولىدۇ،زىيالىلارنى پەقەت ئۆزىلا قۇتقۇزالايدۇ،خۇشپۇراقلار چاچىلى زىيالىلار،ئاۋام كۆڭلى بىزدى شاتلانسۇن،ئەمىن تاپسۇن!
    ئابدۇرېھىم ئابلەتخانغا رەھمەت،ھەقىقەتنمۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ كىسىلىگە ئەڭ ياخشى داۋا بولدىغان ئاچچىق دورا بولۇپتۇ.

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(Ark-zat) ئىجادىي ئەسە ..
  • مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:04 |
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    al.qin
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69380
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 248
    شۆھرەت: 253 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2470 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1563(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20

     

    ياخشى تىما ئىكەن .  زىيالىلىرىمىز  چۇشىنىلىگەنمىدۇ
                      

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى

    www.sernaz.cn

    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:10 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    جاهان
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 78864
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-28

     

    ئەقىقي ئۇيغۇرنىڭ سۆزنى قىلدىلا،راستىنلا ئۇيغۇرلارنى جاھان ئالدىدا نۇمۇسقا قالدۇرۇۋاتقانلارمۇ زياليلار....

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:11 |
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    tursun88
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 73780
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 149
    شۆھرەت: 149 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1490 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    ئالامەت ياخشى يېزىپسىز !
    مۇشۇ زىيالىلارنى كىم تەربىيلەيدىكىن ......
    ھازىرقى زىيالىلرىمىز ماركىسىزىم ئىدىيىسى بىلەن تۇلۇق قوراللانغان ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى تۆھپىسىنى تىل بىلەن تەسۋېرلىگىلى بولمايدۇ..جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.......
    لېكىن بەك ياخشى يېزىپسىز!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:28 |
    شەبنەم ناخشىسى
    Noshirwan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70568
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-22

     

    بىزدىكى زىيالىلارنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىتىپ بېرىپسىز....

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:28 |
    شەبنەم ناخشىسى
    ALIP2010
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 78852
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-23

     

    نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم.ھەممە ئۇيغۇر  سىزدەك ئۇيلىغان بولسا ئىشلار بۇنداق بوپكەتمەس ئىدى......................ھەي .................ھەي................!!!!!!!!! رەھمەت ناھايتى ئەتراپلىق بۇپتۇ!!!!!!!!!!!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:32 |
    maripat8
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 35430
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 74
    شۆھرەت: 75 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 740 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 295(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش خاتالىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 19:57 |
    AbdulQuddus
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13111
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 605
    شۆھرەت: 857 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6210 سوم
    تۆھپە: 409 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 491 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1478(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    كۆپتىن - كۆپ ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشىم !
    ئىجتىمائىي رېئاللىقنى خېلە ئوبدان تەھلىل قىلىپسىز . تولىمۇ يۇمۇرلۇق پىكىرلەر بىلەن دەيدىغاننى دەۋېلىپسىز . قاراڭ ، « بۇرۇتىغا ئىگە بولالمىغان نوچىلار » ........ بۇ ھەقتىكى تەھلىلىڭىز بەكمۇ جايىغا چۈشكەن  . بىزنىڭ بېشىمىز مانا شۇنداق زىيالىلارنىڭ كاساپىتىدىن قېيىپ كىتىپ بارىدۇ  ، ھەتتا ئىشلار بەكمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەت بىلەن خۇلاسسىلىنىۋاتىدۇ ...... !!!
    ئەنە ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ، ل . مۈتەللىپمۇ ، ئابدۇل قادىر داموللىمۇ ، نۈزۈگۈممۇ ..... ياشىغان . ئەمما ئۇلار بۇرۇتىغا ، چېچېغا ئىگە بولۇشلا ئەمەس ، بىر بۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىگە پاك ئىمانى ، ئوتلۇق ۋىجدانى بىلەن ئىگە بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ياشاشنى ھەقىقىي ئىنسانىي ياشاش دەپ بىلگەن......... شۇڭا تارىخنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىدىن ، خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە . مانا شۇنداقلارنى زىيالى ، دېيىشكە ئەرزىيدۇ  . سىز ئېيتقاندەك ، نۆۋەتتە « قوش تىل مائارىپى» ئوتتۇرىغا چىقىپ ، نارىسىدە بالىلىرىمىز خەنزۇ تىلىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتسا ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلالمىغان « زىيالى»نى قانداقمۇ زىيالى دېگىلى بولىدۇ ؟  مەن گەرچە يىراق قىرلاردا ياشىۋاتقان ن بولساممۇ  ، ئەمما بۇ  جەھەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ئىچ - ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ..... !
    گىپىمنى ئەمدى قىسقارتاي .....  
    مۇشۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي ئېزىز قېرىندىشىم !
    خەير ، اللەقا ئامانەت بولۇڭ !  

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 20:00 |
    ajayep男BOY
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72589
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 103
    شۆھرەت: 103 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 950 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھەييييييييييى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك ياخشى تىما بوپتۇ  بۇ   ؟؟؟؟؟؟؟؟؟رەخمەت تىمىنى يازغان بۇرادەر  ئاشۇ تىمىنى يازغان  قولىڭىز غا ئاللاھ ئىگەم دەرىت بەرمىگەي  ؟؟  بولسا ماشۇنداق ياخشى تىملا ر بولسا يەنە  يوللاپ تۇرۇڭ  ؟؟؟؟؟ ئاللا خالىسا ئادەملىرىمىزمۇ  سىز  دىگەندەك  ئوڭشۇلۇپ  كىتەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 20:30 |
    ajayep男BOY
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72589
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 103
    شۆھرەت: 103 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 950 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21

     

    .............راسلا بۇ  نادىرلىغىدەك  ياخشى  تىما  بوپتۇ ؟؟ بولسا باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نادىرلاپ  باش  بەتكە ئۇزاقراق  چىقارسىكەن دىگەن ئومىتتە  مەن  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 20:34 |
    Ayfiluz
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 25477
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 77
    شۆھرەت: 78 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 611 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 501(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20

     

      مەنمۇ ئىنكاس بىلەن ساقلىۋېلىپ كىيىن ئالدىرماي ئوقاي

    باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايمەن.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 21:44 |
    sirajidin18
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36807
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 38
    شۆھرەت: 49 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 349 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-16

     

    ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم  ~~سىز نىڭ تېمىڭىز نى ئوقۇدۇم ~~پىكىر نىڭ خېلى چوڭقۇر بولغانلىقىغا قاراپ بۇتېما ئۈچۇن خېلى كۈچىگىڭىز نى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ ،لىكىن سىز بۇتېمىدا بەك بىرتەرەپلىمىلىك قىلىپسىز ،بىر ئادەمنىڭ ياكى مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشلەر توپىنىڭ نەتىنجىسىنى ياكى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ خەلىققە كەلتۈرگەن ماددى بايلىقى بىلەن ئۆلچەپ خاتا قىلىپسىز ،سىز دىھقان ،ناۋاي ،قاسساپ بىلەن زىيالىلارنىڭ خەلىققە قوشقان تۆھپىسىنى بىۋاستە سېلىشتۇرۇپسىز  مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر تەرەپلىمىلىك . زىيالىلار قۇشۇنى دىگەن مەنىۋى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇلارنىڭ توھپىسىنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان ماددى نەرسىلەربىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ ،ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تەرەققىيات تۇرىدىكى بايلىق ، سىزنىڭ قورسىقىڭىز نىڭ بىۋاستە تويغۇزۇپ ئۇسسۇزلىقىڭىز نى دەماللىققا قاندۇرۇدىغان دىھقان ۋە قاسساپلارغا ئوخشاش جىسمانى ئەمگەكچىلەر ئەمەس ،سىز نىڭ ھازىرقىدەك كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئوتۇرۇپ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلىشىڭىز نىڭ  ئىشتاراكچىسى ھەرگىز مۇ  باشقىلار ئەمەس بەلكى شۇ ئەقلى ئەمگەكچىلەر .
        ئەقلى ئەمگەك ھەرگىز مۇ دىھقانچىلىقتەك ئەتىيازدا تېرىپ كۈزدە ھوسۇل ئالىدىغان دىھقانچىلىققا ئوخشىمايدۇ،قاسساپچىلىققا ئوخشاش بىر قوينى سويسىڭىز سېتىپ بولۇپلا پايدىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ .زىيالىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مىۋىسى ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشچانلىق نەتىنجىسىدە بارلىققا كېلدىغان ،بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردىغان ئادەممۇ باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندىمۇ كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ .
       سىز سىز زىيالىلارنىڭ بۇرتىغىمۇ ئىگە بولالمىسا قانداقمۇ مىللەتكە ئىگە بولىدۇ دەپسىز ،باشقىلار ئۇلارنىڭ بۇرتىنى چۈشۇرۋىتىشكە مەجبۇرلاش ھەرگىز مۇ ئۇلارنىڭ ئىديىسىنى ۋىجدانىنى ئۆزگەرتىۋىتىش دىگەنلىك  ئەمەس  ،بىرەر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلىگەن ئادەم دەردىنى ئۆزى بىلدۇ ،سىز چۈشۇرمەيمەن دەپ ئىشلىمىسىڭىز سىز نىڭ ئورنىڭىز دا ئىشلەيدىغان ئادەم بار ،كىمنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغىسى باردەيسىز ،ياكى ئۇلارنىمۇ دىھقانچىلىق ،قاسساپلىق قىلسۇن دەمسىىز  ~~~  
        دىھقان بىلەن زىيالىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان ماددى بايلىقىغا قاراپ سېلىشتۇرۇش سېپى ئۈزىدىن بىر نادانلىق ~~~~~     

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(otuken.cn) بەلكىم ەۇناھ ..
  • چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 21:50 |
    Bayazit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21914
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 231
    شۆھرەت: 232 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2246 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 447(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-20

     

        ئاللاھ رىسقىڭىزنى زىيادە قىلغاي ! بارىكاللا كارامەت يىزىلىپتۇ ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت . كەمىنە ئاددىي بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويۇلغان قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن . لىكىن ئاز ساندىكى مىللەتپەرۋەر زىيالىلىرىمىز سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئاز بولىشى سەۋەپلىك جەمىيەتكە ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ ھەتتا كۆپ سانلىق زىيالىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ . ھىلىقى تىلىۋىزوردا 1-2 قېتىم پىداگوگىكا ئىلمى توغۇرلۇق سۆزلىگەن مەلۇم ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى تىلىۋىزوردا خەلپىتىم بولىۋىلىپ ، ئەمەلىيەتتە قارىسا ئۆرپى - ئادىتىمىزدە چەكلەنگەن ، سەللا ئەقلى جايىدا ئادەملەر كېيمەيدىغان بەت - بەشىرە كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ مۇنبەردە غىتىلداپ يۇرىدۇ(بۇ غەيۋەت قىلغانلىق ئەمەس ، راس ئەمەلىيەت) . ئاشۇنداق <<ئالىي جاناپ>> خانىملىرىمىزنىڭ قىلىقلىرى ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئاشۇ سەبى قىزلىرىمىزغا  سەلبىي تەسىردىن باشقا يەنە نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ دىيەلەيمىز .    

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 22:18 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-21 17:12, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ