ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1628 - كۆرۈرمىنى
marketing
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 60004
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 148 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1170 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

 نوروز كەلدى!باھار كەلدى!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam.com003 تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-03-20)
ئەسسالام تورداشلار!
نورۇز بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا شەبنەم تورى ۋە مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ بايرىمىنى ئالدىن مۇبارەكلەيمەن!
سىلەرگە ئوتلۇق سالام!


تۆۋەندە ئابلەت ئابلىكىم ئوغلى بىلەن ئېيتقان«نورۇز»ناملىق ناخشىنى ھوزورۇڭلارغا سونىمەن.

ئاخىرىدا ئوخشىمىغان قەلەم ئاستىدا نورۇز توغرىسىدا يېزىلغان تېما ئەسەرلەرنى ھەرقايسى توربەتلەردىن توپلاپ،شەبنەم مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم!
نورۇز ھەققىدە

نورۇز ( نەۋرۇز) بايرىمى پارىسچە نەۋ (يېڭى ) ۋە روز (كۇن ) دىگەن ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ ، تەللەپپۇزدا قىسقىراپ نورۇز دىيىلگەن نورۇز بايرىمى _ ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبەك،قىرغىز،تاجىك،تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باھار پەسىلىنى كۈتۈۋالىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرى. "نورۇز" ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، "باھار يامغۇرى"، "تۈنجى باھار كۈنى" دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇبايرام قەدىمدىن تارتىپ شەمسىيە كالىندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. "نورۇز" بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرى مۇنداق: "نورۇز" كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار، يۇرت-مەھەللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا "نورۇز"غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى "نورۇز"نى مەدھىيەلەيدىغان شېئىر-قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ، ۋايىز (مەدداھ)لار داستان ۋە ھېكايە-قىسسىلەرنى ئېيتىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتە چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلىق ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەڭگۈچ سىلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش قىزىپ "ئون ئىككى مۇقام" داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرىلىدۇ. قىسقىسى ، ھەر كىم ئوز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ، بايرام خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ . "نورۇز" مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ . ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سەپ-سەپ بولۇپ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان "نورۇزنامە" لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇنلۇك دىكلاماتسىيە قىلىشىدۇ . "نورۇز" مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارى يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئىشى تەييارلىنىدۇ (ئابسىنىن). نورۇز ئىشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان كوجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۇرۇھ، تىرىق، كوخ، سۇت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە كوخ ئورنىغا كاللا-پاقالچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ. "نورۇز" مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى "نورۇز ئىشى" غا ئېغىز تەگكۇزۇش شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەممە كىشى "نورۇز" بايرىمىغا قانغۇچە كوڭۇل ئېچىپ، ياخشى تىلەك-ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئوزارا پەتىلىشىدۇ. تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن "نورۇز" بايرىمىنىڭ ئوتكۇزۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى مۇمكىن. لېكىن قەدىمقى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۇن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا "نورۇز" بايرىمى ئون كۇن قىلىپ خاتىرلىنىدۇ. "نورۇز" بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان "نورۇزنامە" لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زىمىستاننى قوغداش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋىلىش ، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكىلىشنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئىختىرا قىلدۇق نورۇزدىن ياخى كۈننى باشلىدۇق، كۆڭلىمىزنىڭ خۇشاللىقىدىن بىر ئويۇننى باشلىدۇق، خان تاۋادا تون كىيىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق، ئات مىنىپ، ئوغلاق ئالىپ، مەشرەپ قىلۇر كۇندۇز بۇگۇن. كەلدى نورۇز يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىرىغىنى، نورۇز دىبان كىلۇرلار خاتۇنلارنىڭ تۇرقىنى، گۈللەر قىسۇر قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بوركىنى، مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاقور كوڭۇل مۈلكىنى، قايغۇ-مىھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۇندۇر بۇگۇن. ..................................
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا "نورۇز" بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخى ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن "نورۇز" بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، "نورۇز" بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆكتەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆكتەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشقا قاراپ، ئۇلارنى ئوخشاشمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا (نائوجوز، توقتى) يۇلتۇزىنى ئىنسانلارغا بەخت ئاتاقىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بىلىق ( ئەرەبچە ھەمەل) ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى بولغاچقا، بۇ كۈن ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي ئەكىلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى ( ھازىرقى كالېندار بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) "نورۇز" بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن. كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردىمۇ "نورۇز" بايرىمىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خەلق ئارىسىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. مايسا بايرىمى مايسا بايرىمى مەزمۇن خاراكتېرى جەھەتتىن "كۆك مەشرىپى"گە ئوخشاش بولسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن بەلگىلىك پەرقلەرگە ئىگە. بۇ بايرام ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن ئاۋۋال نىشانلىنىپ، باھار خۇشاللىقى تەنتەنە قىلىنىدۇ. بۇ بايرامدا بىر قانچە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، كۆجە(سۈمۇلەك) ئېشى تەييارلاش. كۆجە ئېشى ئۈچۈن مەھەللىلەر بويىچە ھەر قايسى ئائىلىلەردىن بىر تاۋاقتىن ئۇرۇقلۇق بۇغداي يىغىۋېلىنىدۇ. يىغىلغان بۇغداينى داشقازانغا سېلىپ، ئۇزاق قاينىتىپ، كۆجە ئېشى قىلىنىدۇ. كۆجە ئېشىغا چامغۇر، گۈلە سېلىنىدۇ. كۆجە ئېشىنى ئاساسەن ئاياللار تەييارلىغاچقا، ئۇلار داش قازان ئەتىراپىغا يىغىلىپ، ئاش پىشقىچە ھېكايە-چۆچەك، لەتىپە ۋە تېپىشماق ئېيتىشىدۇ. ئۆز ئارا كۈلكە - چاقچاق قىلىشىدۇ. كۆجە ئېشى تەييار بولغاندىن كېيىن، مەھەللىدىكى چوڭ- كىچىك ، ئەر - ئاياللار يىغىلىپ ئاشقا ئېغىز تېگىدۇ ۋە دۇئا -تەكبىر قىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق بۇغدايدىن كۆجە ئېشى تەييارلاش "ھوسۇلىمىز مول بولسۇن" دېگەن ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مايسا بايرىمىدا بولىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى، باھارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خوش خەۋەر يەتكۈزۈشنى مەقسەد قىلغان. .....................
نورۇز بايرىمى قويۇق مىللىي سەنئەت تۇسىگە ئىگە بايرام بولۇپ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ بايرامنى ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇپ كەلگەن. نورۇز نىڭ لۇغەت مەنىسى <يېڭى كۇن>، <باش باھار> دېمەكتۇر. < نورۇز> دېھقانلار كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمقى ئەنئەنىۋى بايرىمى شەمسىيە كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۇنى ئۆتكۇزۇلدۇ. كېچە بىلەن كۇندۇز ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تەڭشىلدىغان مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۇنلىرىگە توغرا كېلىدۇ. نورۇز قوشىقى: نورۇز كەلدى جاھانغا، جاھان بولۇر ئەرزانلىق، ياغدىلەر باھار يامغۇرى، بۇغدايلار بولۇر دانلىق. ئاچ- ئورۇق ھەم كەمبەغەل بارچىسى بولۇر نانلىق، نانغا تويۇپ ھەر گاداي ئۆيىدە قىلۇر خانلىق، توخۇلار تۇخۇم باسىپ، چۆجىلەر كۇنىدۇر بۇ كۇن، كەلدى نورۇز يىل باشى،كەتتى كۆڭۇلنىڭ چىركىنى، نورۇز دىبان كىلۇرلەر، خاتۇنلەرنىڭ تۇركىنى. گۇللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى، <مېلىس> قىلىپ ئوينىشار ئاچۇر كۆڭۇل مۇلكىنى، قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ، يايراشۇر كۇندۇز بۇ كۇن مېلىس- قومۇل رايونىدا مايسا مەشرىپى دەپ ئاتىلىدۇ. يوقۇرقى بىيىتتا كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق بولىشىنى تىلەشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئەكىس ئەتكەن. ئەڭ قەدىمكى نورۇز مۇراسىملىرىنىڭ 11- ئەسىرگىچە يېتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەب ئالىمى ئەل خىسراۋنىڭ تۆۋەندىكى مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا زور ياردەم بېرىدۇ: ...
نورۇزدا، يىگىرمە بەش كۇن ئالدىن سارايدا خىشتىن 12 بۆلەك سۇپا ئېتىز ياسىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ باشقىلار غا رەت بويىچە ئارپا، شال، ماش، قۇناق،لويلا، نوقۇت، كۇنجۇت... تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ناخشا ئېيتىلىدۇ. ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسۇل ئوينىلىنىدۇ . دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېتىز، مەيدانلارغا چېچىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇق ياخشى ئۇنسە بۇ يىلقى ئېكىنلارنىڭ ئۆسۇشى ياخشى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.....
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا < نورۇز بايرىمى>نىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان قائىدىلىرى مۇنداق : نورۇز كىرىشى بىلەن كىشىلەر يېڭى يىل شەرىپىگە شاد- خۇراملىق ئەكىس ئەتكەن تۇرلۇك شېئىر - قوشاق< نورۇزنامە> لەرنى يېزىپ تەييارلايدۇ، نورۇز كۇنى چىرايلىق كىيىنىپ ھاۋالىق جايلارغا، باغلارغا، ئاۋات بازارلارغا، دەريا بويلىرىغا بېرىپ قىززىقارلىق، يەرلىك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. قوشاقچىلار شېئىر ۋە قوشاق توقىشىدۇ. نەغمە- ناۋا ، چېلىشلار قىزىپ كېتىدۇ. چاقپېلەك ئۇستىدىكى قىز- يىگىتلەر خوشاللىقتىن بۇلۇت ئۇستىدە قاڭقىيدۇ....قىسقىسى ھەر بىر كىشى ئۆزىگە خاس ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ چەكسىز شاد- خوراملىق ئىچىدە بايرام تەنتەنىسى قىلىدۇ. < نورۇزلۇق> ئاخىرلاشقاندا جامائەتتىن يىغىش قىلىپ چوڭ داش قازان ئېسىلىدۇ. بەزى ئائىللەر چامىسىنىڭ يېتىشىچە< نورۇز ئېشى> تەييارلاپ( نورۇز ئېشى كۆپىنچە بۇغداي، قوناق، ئارپا يامىسى، نوقۇت،كۆك ماش، قاق، جىگدە، چامغۇر، سامساق، گۆش، قوينىڭ كاللا- پاقالچىغى قاتارلىقلار ئارلاشتۇرلۇپ پىشۇرغان كۆجە ياكى ئۇماچ بولىدۇ)مۇراسىم مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىك دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئىچىدۇ ..............
نورۇز-باھار بايرىمى. ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن (ئەجدادلىرىمىزدىن) قالغان ئەنئەنىۋى بايرام. نورۇز ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن چاغدا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ بايرام كۆكلەم تەنتەنىسى، ئەجدادلار يادنامىسى دېيىلىدۇ. خەلقىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قۇتلايدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز يىل بېشىدا، يەنى نورۇز كۈنلىرىدە كىمكى ياخشى ئىش قىلسا، شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ دەپ قاراپ، ھەممەيلەننى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، ھەرخىل ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ قۇتلۇق بايرامنى قەدىمدە ئومۇمىي خەلق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتكۈزەتتى. مۇنداق پائالىيەتلەر <<توققۇز توقۇ>> (توققۇز مەرىكە-مۇراسىم) دېيىلەتتى؛ نورۇز ناغرا نورۇز ھارپىسى ئەتتىگەندە بازار-كەنت، قىر-يېزىلاردا، نورۇز كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ناغرا-سۇناي چىلىناتتى. ئەل-يۇرت بايراملىق جابدۇناتتى. نورۇز تازىلىقى نورۇز ھارپىسىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەركىتى ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى. ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەر تازىلىناتتى، ئېغىل-قوتانلار ئېرىقدىلاتتى، ھويلا-ئارام، ئۆي-قازناقلار سيرىپ، سۈپۈرلەتتى، كوزا-ئىدىشلار ئوبدان تازىلىنىپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزىلاتتى، ئاندىن شەخسىي تازىلىق ئىشلىرى قىلىناتتى. سوغۇق قوغلاش ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ مەشئەل كۆيدۈرۈپ، قىر-دالاغا چىقىپ سوغۇق قوغلايتتى. سوغۇقنى ھەجۋى قىلىپ، بېيىت-قوشاق ئېيتىشاتتى. گۈلخان يېقىپ، چۆرىسىدە قويۇن ئۇسۇلى ئوينايتتى. قىززىقچىلىق قىلىشاتتى. تاڭ ئاتاردا، سوغۇق قوغلۇغۇچىلار يۈرت-مەھەلىگە يانغانلىرىدا، ھەر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەر خىل غىزا تەييارلاپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالاتتى. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى بولۇپ <<قاڭسىق>>دېيىلەتتى. يوقلاش نۇرۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولاتتى، يەنى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار(قېرى-چۆرىلەرنى، ئاغرىق-سىلاقلارنى، ئاجىز-ئورۇقلار)نى يوقلىشاتتى. قازا قىلغانلارنىڭ قەبرىلىرىنى سىيرىپ سۈپۈرەتتى. ئازارلاشقانلار ياكى ئاجراشقانلار ياراشتۇرۇلاتتى. نورۇز ئېشى نورۇز كۈنلىرىدە، ئۆزارا پەتىلىشەتتى. ھەر ئائىلە قۇربىگە يارىشا، <<ق>>تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان توققۇز خىل يېمەكلىك (قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق-بېغىر، قوزا گۆشى ياكى قورداق، قېزا، قوناق ئېشى) تەييارلاپ، نورۇز باشلانغان يېڭى يىلدا <<توققۇزى تەل>>بولۇشنى تىللىشەتتى ياكى <<س>> تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان يېمەكلىكلەر (سۈت، سېرىق ماي، سۆك-تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق، سۇ يېغى قاتارلىق نەرسىلەردىن تەييارلانغان غىزالار)نى تەييارلاپ، يىل بويى <<ساغلام>> بولۇشنى تىلەيتتى. نورۇز سەيلىسى نورۇز كۈنى تۇغقان يوقلاش ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن بوستانغا، خامانغا چىقىپ سەيلە تاماشا قىلاتتى. قوشاق پارىشى (مۇ پەلەك)، قىز-چۆكانلار ئۇچار تىلەگەن (يالڭۇچ-ئىلەڭگۈچ)، تەپۈك (تەپكۈچ)، ئوقتاش، ئاتلامچۇق، ئوردىكام (ياڭاق تاشلاش)، <<كۈچۈڭ يەتسە ئال>> ياكى <<قارا-قارا قۇشناچىم>>، مۆكۈشمەك قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتتى. ئوغۇل بالىلار نورۇز ئاخشىمى <<باندال>> <تارغاق سۆنگەك ياكى تارىشا ئۇچىغا ئوت يېقىپ، ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن.> ئويناپ، سوغۇق قوغلايتتى. نورۇز يارىشى نورۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى يارىش (مۇسابىقە) ئۆتكۈزىلەتتى. بۇ ئاساسەن، چېلىشىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، قۇچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز ياكى كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، سالغۇ تاشلاش، ئوقيا ياكى نەيزە ئېتىش قاتارلىق تەنھەرىكەت ئىدى. نورۇز مەشرىپى نورۇزنىڭ ئۈچۇنچى كۈنى يۇرت-مەھەلە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلەتتى. ئەھلى مەھەللە قۇربى يەتكىنىچە يىغىش قىلىپ، داستىخان تەييارلايتتى، مەشرەپنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ ئىدى. شۇڭا كونىلار: <<بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر>> دەيتتى. نورۇزلۇق تىلەك نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەھلى مەھەللە بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ، خوشال-خورام ئۆتكەنلىكىگە، بۇ يىلنىڭمۇ ئامان-ئېسەن، باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلىشەتتى. دېمەك نورۇز-ئەمگەك بايرىمى، شادلىق بايرىمى، بىرلىك-ئىناقلىق بايرىمى، ئامانلىق-ساۋابلىق بايرىمى. ..........
نورۇز كەلدى زۇلىمەتلىك قىش چىقىپ. باش باھارغا ئەپلىككىنە يول ئېچىپ. ھەمىە جانى شاتلاندۇردى خۇش قىلدى، تەبىىيەتكە ساخاۋەتلىك نۇر چېچىپ . نورۇز كەلدى قار ئېرتىپ سۇ كېچىپ. تۇپراقنى يۇمشىتىپ ،گىيالاردىن بىخ ئېچىپ توڭلاپ قالغان توڭلارغا ، كىنايلىك سۆز قىلدى بولدى بەس ئەمدى ماڭغىىن داۋانلاردىن سەن ئېشىپ . نورۇز كەلدى گۇل دىيارغا نۇر چېچىپ . ھەر تەرەپتىن . ھەر ھاياتقا يول ئېچىپ ، ئۇيقىسى قاتتىق ، ئىچەكتە ياتقان جانلارغا ئويغانغىن دەپ ، نەسىھەتلىك سۆز ئېچىپ. نورۇز كەلدى مۇھابەتنى نۇرى بىلەن ئىلتىپ كىيىۋاپتۇ ئاق لىباسنى، يېشىل قىلىپ سىرلىتىپ. پاك سۆيگىدىن ئويغانسىكەن ھەمە جان شۇ مەنىسىز گەمدىكى ئۇيقىسىنى تۇگىتىپ . ............................
ئاپتورى: Erktekin

نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى

نورۇز – ئەڭ قەدىمىي ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى . نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا .
نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى . نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :
1 . نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش ، ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .
2 . نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن .
3 .نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ .
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » دىن

خاسىيەتلىك بايرام نورۇز

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخور ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەريىلى يۇلتۇزلار ئورنىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، كۈن يەنى قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.قۇياشنىڭ قوزى يەنى ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقىتنى يىل بېشى قىلغان. دەسلەپتە يېڭى يىلنى «يىل بېشى» ياكى «كۈن تۇغدى» دەپ ئاتىغان بولسا، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ «نورۇز» سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، باھار بايرىمىنى «نورۇز» دەپ ئاتايدىغان بولغان. «نورۇز» دىكى «نو» يەنى «نەۋ» نىڭ تۈپ مەنىسى «يېڭى»، «ئېرىغ» دېگەنلىكتۇر. «رۇز» نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ، دېگەنلىكتۇر. دېمەك، نورۇز يېڭى كۈن، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن، دېگەندىن ئىبارەت.نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى- ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى.نورۇز – باھار بايرىمى، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەسرىدىن رابغۇزى، ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. نورۇز يالغۇز دېھقان، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى .خەلقنىڭ قىش - زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىنلىرىنىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ئۆز ئارا ھىممەت -ساخاۋىتىنى، ئىناقلىقىنى، بەختلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر.خەلقمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك  دېگەن چۈشەنچىلىرى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا  شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى.  ئىسلامدىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا «نورۇز»، «نۇر»، «قۇتلۇق»، قىز بولسا «ئەلانۇر»، «چىمەن»، «بوستان»، «باھار» دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ، گۈل - گىياھ ناملىرىنى قويغان.بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە، بىر- بىرىگە ياخشىلىق تىلىشىدۇ. ئۆزئارا يوقلاشقاندا، سەيلە - تاماشىلاردا، مەشرەپ - سورۇنلاردا، نورۇز ئېشى يېگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بېيىت-قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چېۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىسىدە - مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «توققۇز توقۇ» يەنى «توققۇز مەرىكە - مۇراسىم» دېيىلگەن.ئۇلار: نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا قىر - يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناغرا - سۇناي چېلىنىدۇ، ئەل - يۇرت نورۇزغا جابدۇنىدۇ. ھەممە جاي تەنتەنىلىك  ھېيت - بايرام تۈسىنى ئالىدۇ . نورۇز تازىلىقى: نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەرىكىتى نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئېرىق - ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل - ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا - ئىدىشلارنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا- ئارام، يول - خامانلارنى سېرىپ - سۈپۈرۈش دېگەندەك.سوغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ- توپ بولۇشۇپ، «ساغانغۇ» يەنى ياغ قاچىلاپ پىلىك چىقارغان قاپاقنى كۆيدۈرۈپ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ سوغۇق قوغلايدۇ. سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيىت ئېيتىشىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بىر - بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆزھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى، دېيىلىدۇ. نورۇز ھارپىسى سوغۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن سوغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلىدۇ .يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە ئاتا- ئانىلارنى ، قېرى - ئاجىز ، مېيىپ ، يېتىم - يېىسرلەرنى ، قەبرىلەرنى يوقلاش بولىدۇ . نورۇز ئېشى يېيىش: نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۈسۈنلىرى بولىدۇ. نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنىدىكى يوقلاش ئاخىرلىشىپ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن سەيلە - تاماشا قىلىشىدۇ ، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇن - تاماشا بولىدۇ. نورۇز يارىش: نورۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى «يارىش» يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت-قوچقار، خوراز-كەكلىك سوقۇشتۇرۇش دېگەندەك. نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت- مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى «زاراخەتمە» ئۆتكۈزۈلىدۇ .نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ - ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ .دېمەك، نورۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك ھاياتىدا ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، يىپەك يولى خەلقلىرى ئالاقە تارىخىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىق ۋە ئاتەشپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملىق راۋاجلىنىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئېتنىك مەدەنىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك كۆپ قىرلىق،رەڭگارەڭ فولكلور قاتلىمى ھاسىل قىلغان  . ئۇ بايرام سۈپىتىدە «زاراخەتمە»، «نورۇز ئايەم»، «سۇمۇلە زاغان»، «نورۇز كالېندارى»، «نورۇز كۆكى»،  «نورۇز تامىقى»، «سۇمۇلەك»، «نورۇز بۇلاق»، «نورۇز بوۋاي» قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرگەن . ئۇ مەشرەپ سۈپىتىدە «سۇمۇز بەزمىسى»، «نورۇز مەشرىپى» ،«كۆك مەشرىپى»، «نورۇز بايات»، «نورۇز بۇرزۇك»، «نورۇز ناۋا»، «نورۇز ھۈسەينى»،  «نورۇز خارە»، «يىپەكچىلەر نورۇز مەشرىپى»، «نورۇز مۇقامى» قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرگەن .شېئىرىي ماھارەت سۈپىتىدە «بالىلار نورۇزنامىسى»، «نورۇز قوشاقلىرى»، «باھارىيات قەسەملىرى» قاتارلىق بېيىت - بېغىشلىما، ئىجادىيەت سېكىلىنى شەكىللەندۈرگەن  . ئۇ تەنھەرىكەت سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئويۇن- تاماشا ۋە بەيگە پائالىيەتلىرى تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خۇسۇسىيدا مەخسۇس يېزىش مۇمكىن.شۇڭا نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر.ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىب قىلغۇچى ھېكمەتۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامىسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.
ئۇچقۇر يازمىسى

نورۇز تەنتەنىسى

دوسىتلار ! 2000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بېرى خاتىرىلەپ كىلىۋاتقان ئەنئەنۋى بايرىمىمىز نورۇز خاسىيەتلىك كۈنلەردە ، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىۋاتقان 2-3 ئاي داۋاملاشقان قەھرىتان سوغۇق قىش كۈنلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ يىڭىچە بىر گۈزەل ھاياتقا كۆز ئېچىۋاتقان مۇشۇنداق ئالتۇن ۋاقىتتا يىتىپ كەلدى .
نورۇز-يىڭى يىلنىڭ بەلگىسى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىڭى مەسئۇلىيەت ، مەجبۇرىيەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن يېشىمىزغا بىر ياش قۇشۇلغان ، ئەقلىمىزگە ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلىدىغان ، پارلاق ئەتىلەرنى يارتىشىنىڭ يىڭى پەسلى .  نورۇز بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا ھەممە ياق جانلاندى .
ئەنە ! ئۇقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىلنى تۈگىتىپ ، سومكىلىرىنى ئېسىشقان ھالدا خۇشال-خۇرام مەكتەپلىرىگە كىتىۋاتىدۇ ، ئۇلار ، مەكتەپتە يىڭىدىن تارقىتىلغان دەرسىلىكلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن چىۋىن شىرنىگە يېپىشقاندەك ھەۋەس بىلەن ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم جەۋھەرلىرىدىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن تايچاقتەك قىيغىتىپ چېپىشماقتا .
ئەتراپ يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىدى ، تال-سۆگەتلەر پوتلا تاشلاپ ، بىخ سۈرمەكتە ، ھەرخىل گۈل-گىياھلارغا جان كىرىپ يەر-زېمىندىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۆسۈپ چىقماقتا .
دېھقان تاغىلار ، ئېتىز-ئېرىقلاردىكى زىرائەتلىرىنى ئاينىتىش ، يىڭىدىن تېرىلىدىغان زىرائەتلىرى ئۈچۈن ، كەتمەننى دولىسىغا سېلىپ ناي-ناي ناخشىسى بىلەن ، ھارۋا -ئېشەك ، تىراكتور - موتولىرىنى گۈركىرىتىپ غۇيۇلداپ ئۆتمەكتە . بىزنىڭ تور مۇنبەرلىرىمىزدە بولسا نورۇز ھەققىدىكى بايانلار ، ھەرخىل تىمىدىكى يازما ئەسەرلەر بەس-بەستە يېزىلىۋاتىدۇ .
تەرەپ-تەرەپتە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش چۇقانلىرى بۇنىڭغا ماس ھەركەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا . قۇم باغرىدىكى يۇرتىمىز ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ ھەركەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بۇلۇپ ، ھەر بىر كىشىنىڭ چۇقۇم ئورمان كۆچىتى ۋە باشقا مېۋىلىك كۆچەت سېلىپ يىتىشتۈرىدىغان ۋەزىپىسى بار -تېخى ،
شۇنداق ، باش باھاردىن ئۇچۇر بېرىپ ، يىڭى كۈن ، يىڭى ھاياتنىڭ ئىنسانلارنى قايناق تۇرمۇشقا ئۈندەيدىغان نورۇزنىڭ خاسىيىتى بەكمۇ يۈكسەك . بۇ كۈنلەردە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلۇش بەكمۇ مۇھىم . بۇ ياخشى باشلىنىش ، بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ دوسىتلارنىڭ بۇ باش باھار پەسلى مەنىلىك ئۆتسۇن ، ئەۋلاتقا بىر ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ساۋابلىق ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان ئەھمىيەتلىك ئەمگەك . ياشلىقىڭدا بىر كۆچەت سېلىپ قويساڭ ، قېرىغاندا يا سەن نەپ ئالىسەن ، ياكى باشقىلار بۇنىڭ پايدىسىنى كۈرىدۇ . ھايات يولى ئۈزۈلمەيدۇ . بىرىنى بىرىگە ئۇلاپ ، ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇشۇنداق بەرپا بۇلۇپ كەلدى .
مەكتەپلەردە نورۇزنىڭ تارىخى ، ئەھمىيىتى ، ئەجداتلار ئىش -ئىزلىرى ھەققدىكى بىلىملەرنى قول سېلىپ ئىزدەنگەن ئاساستا سەبىيلەرگە يەتكۈزۈپ ئۇلاردا باتۇر روھ ، تىرىشچانلىق ، ئىشچانلىق خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈش ، نورۇزغا بىرلەشتۈرۈپ ئاز بولسىمۇ كىيىنكىلەر تەرىپىدىن يادلىنىدىغان ئەجىرلىك ئەمگەكلەرگە تەشكىللەش -كۈچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ، ئەجداتلار مۇزىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ، مەدەنىيەت خارابىلىكلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش . نورۇز بايرىمى توغرىسىدا دىكلىماتسىيە ئېيتىشقا ، شېئىر ئۇقۇش ،مەدەنىيەت تارىخىمىز ھەققىدە تەسىراتلىرىنى سۆزلەتكۈزۈش دىگەنگە ئوخشاش  ھەرخىل يېزىقچىلىق ، بايان قىلىش خاراكتىرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارساق مەنىلىك بۇلىدۇ .
قىسقىسى نورۇز -ھەر يىڭى يىلنىڭ بېشىدا كىلىدىغان بارچە ئىنسان يىڭى يىللىق تۇنجى ئىش باشلايدىغان بايرام كۈنىمىز . بۇنى كۆڭۈللەر خۇش بولغۇدەك پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلمىسەك بولمايدۇ .

كەلدى ئايەم، كەلدى نورۇز ، كەلدى بايرام ،
بارچە ئىنسان توي تارتىشىپ چالماقتا ساز .
كۈيلەپ نورۇز ، توقۇپ داستان باش باھاردا ،
ئۇچار قۇشلار كۆكتە لەرزان قىلىپ پەرۋاز .
mug0903يازمىسى

نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تۆۋەندىكى MTV فىلىملىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە كىرىشتۈرىلىشى كۆپ ياخشى.تورداشلارغا چىن كۆڭلەمدىن تەۋسىيە قىلىمەن!
باسسىڭىزلا چىقىدۇ،كۆپ قولايلىق!
[سۈرەتلىكMTV] مۇھەببەت
[ۋەقەلىكى تەسىرلىك] ئانا!
[سۈرەتلىك ناخشا]بىزنىڭ ناخشىمىز

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-19, 06:56

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(@QAWANDAZ@) ئالقىشلانغا ..
  • شۆھرەت:+10(otyak) ئەھمىيەتلىك ..
  • ياخشى باھا:+5(دۇنيا)
  • شۆھرەت:+10(judun)
  • شۆھرەت:+10(dil-rus) ئالقىشلانغا ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-19 14:46 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    zilala131
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70387
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 130
    شۆھرەت: 130 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1300 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    تېمېڭىزغا رەھمەت....
    ياخشى يېزىپسىز ھەم كۆپ جاپا چېكىپسىز!ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەھرىرلەپ يوللاپسىز.
    ھەممە تورداش تېما يوللىغاندا مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك باھالاپ قويسا تورداشلارغا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش بولاتتى.شەخسەن ئۆزۈممۇ بۇ تېمىدىن دەرىس ئالدىم.
    ھەممىمىزنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 16:18 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    marketing
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 60004
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 148 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1170 سوم
    تۆھپە: 30 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    بۇ تېما بۈگۈن يوللىنىپ سەل بالدۇلۇق قىلدىمۇ نىمە؟

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 17:44 |
    sumbulqaqkiz
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 640
    شۆھرەت: 641 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3379 سوم
    تۆھپە: 18 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 811(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    جاپا چىكىپسىز ،رەھمەت سىزگە،نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    http://blog.retim.cn/629439
    ۋىجدان بىلەن ياشا ئۇيغۇرۇم.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 22:16 |
    laili22
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 79332
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    ھە ممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن. ھەر بىر كۈنىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۈتسۇن

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 12:39 |
    nerven
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 39752
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 112
    شۆھرەت: 113 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1120 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     



    ages/events/nowruz/pic.jpg[/img]

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 13:03 |
    gul-zat
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 753
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1418
    شۆھرەت: 1501 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4752 سوم
    تۆھپە: 35 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-18

     

    ھەقىقەتەن  ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،ئەجىرڭىزگە رەھمەت!

    ئاياللار ئۈچۈن پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش--شەرەپ ۋە بۇرچ.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 14:04 |
    teptish
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 20007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 155
    شۆھرەت: 156 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    بارلىق تۇركي قىرىنداشلىرىمنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. تېما ئىگىسىگە ئۇتۇق ئامەت تىلەيمەن رەخمەت قىرىندىشىم!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 14:20 |
    manan
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23055
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 964
    شۆھرەت: 966 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9488 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-20

     

    سىزنىڭمۇ نەۋرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 14:48 |
    mazargojam
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 57414
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 389
    شۆھرەت: 416 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3925 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 563(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز. نەۋرۇز بايرىمىنىڭ تارىخىنى تولۇق بىلمەيدىغانلار مېنىڭچە ناھايىتى كۆپ(مەن قاتارلىق)، شۇڭا بۇتېمىنى ئوبدان كۆرۈش ۋە ساقلىۋېلىش زۆرۆر دەپ قارايمەن.

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 14:59 |
    zinnat-1
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 70226
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 314
    شۆھرەت: 314 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3140 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 556(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

        تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت،سىز بەكمۇ ئەتراپلىق ئويلاپسىز، بۇ  بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك  مۇھىم  نۇقتىكەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 15:59 |
    xahzat爱
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 68734
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    مۇشۇ ناخشىنى ماڭا ئېۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا  ........   

    يې...........گەپ بامىتى......!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 16:19 |
    xahzat爱
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 68734
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3830 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    مۇشۇ ناخشىنى ماڭا ئېۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا  ........  

    يې...........گەپ بامىتى......!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 16:20 |
    halipxax
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 79474
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز. نەۋرۇز بايرىمىنىڭ تارىخىنى تولۇق بىلمەيدىغانلار مېنىڭچە ناھايىتى كۆپ(مەن قاتارلىق)، شۇڭا بۇتېمىنى ئوبدان كۆرۈش ۋە ساقلىۋېلىش زۆرۆر دەپ قارايمەن.بارلىق تۇركي قىرىنداشلىرىمنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. تېما ئىگىسىگە ئۇتۇق ئامەت تىلەيمەن رەخمەت قىرىندىشىم.

    مۇھەببەت ئۇچۇن ياشاش
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 17:43 |
    abduzayir
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 25117
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    شەبنەم مۇنبىردىكى قېرىنداشلانىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن . نورۇزغا مەرھابا..........
    قېرىنداشلانىڭ نورۇزدا باسقان قەدىمىگە بەركەت ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن...........

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 18:57 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-22 01:22, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ