مەن گۈنجۈت ئالماقچى بۇلۇپ بازارغا چىقسام تازىلانمىغانلىرى باركەن . ئالغىم كەلمەي تاللا بازىرىغا كىرسەم ئىچكىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ گۈنجۈتنى پاكىزە تازىلاپ سولياۋ خالتىغا خۇددى تۇز ، سۇپۇن ..... لارنى قاچىلىغاندەك قاچىلاپ ئىشلەپچىقىرىپتۇ . شۇڭلاشقا ئارمان شىركىتىنىڭمۇ مۇشۇنداق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئورالما شەكلىدە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يەنە بىر ئىش يۇقارقى توردىشىمىز ئارمان خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق ئىنكاس يوللاپتۇ . مەنمۇ شۇنداق قاراشتا . ئېلاننى ئازراق بەرسەكلار . ئاشۇنىڭدىن تىجەلگەن پۇللارنى مۇئاشقا قوشۇپ بەرسەڭلار ، خىزمەتچىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلى خوشال ، قورسىقى توق بۇلۇپ شىركەتنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگەن بۇلاتتى . بولمىسا ئازغىنە پۇلنى قەيەرگە يەتكۈزەرمەن دەپ تۇلا ئويلاپ خىزمەتكە ياخشى بېرىلەلمەي قالمىسۇن يەنە !