ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم تور ئەھلى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئەسلى تور بېتىمنى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىش خىيالىممۇ يوق ئىدى،بەلكىم مۇنبەرگە يازساممۇ باشغۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشىگە كۆزۈم يەتمىگەن ،بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپ sabidil توردىشىمىز يازغان شىنجاڭ مەكتەپ ئىچى تورى قۇرۇلدى دېگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ تېمىنى كۆردۈم ،بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا كۆز قىزارتقانلىق ئەمەس، قاراپ باقسام مەن قىلغان بەت بىلەن ئوخشاشكەن لېكىن پەرقى بىرسى خەنزۇچە يەنە بىرسى ئۇيغۇرچە ،بەلكىم مېنىمۇ بۇ يەردە دوراپ ياساپتۇ دېگۈچىلەر چىقىشى مۇمكىن ،لېكىن بىز دوراپ ياسىدۇق لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي دورىمايمىز ئۇيۇنلارنى ھازىر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىپ بولدۇم يەنە ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ئۇيۇنلارنى چىقىرىمەن ،ھازىر چىقىرىلماسلىقىدىكى سەۋەب ئەزا بىز مۆلچەرلىگەن سانغا يەتمىدى ،بىز مۆلچەرلىگەن سانغا يەتكەن ھامان بىر قىسىم ئۇيۇنلارنى چىقىرىمىز ،شۇ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز ،لېكىن سىزنى تىزىملىتىشقا زورلىمايمىز،ئاخىردا تورداشلانىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،بىز چوقۇم ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز.
تور بەت ئادىرىسىمىز:
http://dostekler.comhttp://dostaklar.comhttp://dostek.cnمۇشۇ ئۈچ ئىسىمدىن قايسىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنىڭدىن كىرسىڭىز بۇلىدۇ .
ئەسلى شىنجاڭ مەكتەپ ئىچى تورى قۇرۇلدى دېگەن تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يازاي دەپ ئويلىغانتىم ،بەزى بىر ئۇقۇشماسلىقلار كەپ چىقمىسۇن دەپ تېما شەكىلدە يوللىشىم، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
[ بۇ يازما udunoghli تەرپىدىن2009-03-18 17:05دە قايت ]