تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان قاشتېشى دەۋرى
ئەلمىساقتىن تارتىپ پاك-دىيانەت ۋە ئىنساپ بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان ئەزىز دىيار خۇتەن خەلقىگە ئانا دەريا قاشتېشىدىن ئىبارەت ئىسىل ۋە قىممەتلىق سوۋغىنى تەقدىم ئەتتى،بۇنىڭ بىلەن ئۇزىنىڭ تۇگىمەس تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆز رېتىمى بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان خۇتەن خەلقى بىردىنلا قاشتېشى ئىشقىدا تەۋرەپ كەتتى.
بىرنان تاپسا شۇكرى قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان ساددا ،مۆمىن دىھقانلار ئەزەلدىن <<يەر دىگەن ئالتۇن قۇزۇق >> دىگەن قارىشىنى بىر ياققا قايرىپ تۇرۇپ ،شۇ <<جاندىن ئەزىز بىلىشكەن يەرلىرىنى>> تاشلاپ قۇيۇپ ئۇي-ۋاقا ،بالا چاقللىرى بىلەن قاشتېشى دەرياسىغا شۇڭغۇدى ،<<مائاش كارتىسىدىن >>ئىبارەت تۇمۇر تاۋاقتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۆمرىدىكى ئەڭ بۇيۇك غايىسى ۋە ئارزۇسى ھىسابلىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر،شۇ تۇمۇر تاۋاققا بانكىدىن قەرىز ئېلىپ دىگۇدەك بارلىق دەسمايىسىنى شۇ دەرياغا ئاتىسا ،سودىگەرچىلىكنى ئاتا مىراس قىلىپ ،ئون سوم پۇل تاپسا قۇڭىنىڭ بىر بۇرجىكىدە تىقىپ يىغىپ كىلىۋاتقان سودىگەر ،كاسىپلارمۇ ھەممىنى قايرىپ قۇيۇپ ،شۇ دەريادىن نىسۋېسىنى ئىزدەشكە باشلىدى ،بۇنىڭ بىلەن تېرىلغۇ يەرلەر شۇ پېتى تاشلاندى ،ھەتتا مەھەللىدە بىرەر مويسىپىت قازا قىلسا نامىزىنى چۇشۇرىدىغان ئەركەك زاتى چىقماي ،شۇ دەرياغا چىقىپ ،جامائەتكە بارغاق تارقاتتى،دوختۇرخانىدا كىسەللىك ئىسپاتى ئېلىپ ،تاش قازغىلى چىقىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ،رەت-رەت بۇلۇپ تىزىلدى، ئادەم پۇتىنى تىققۇدەكمۇ يەر تاپالمايدىغان قايناق بازارلار ،سۆرۇنلىشىپ ،غۇربەت بېسىشقا باشلىدى ،ئەڭ يامىنى ئەزەلدىن ئەڭ مۇققەدەس بىلىپ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ مەسچىتلەر بارا-بارا قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتاتتى ،بۇنىڭغا ھەيران بولغان يۇرىت ئاقساقاللىرى ،ساقاللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە <<كىتاپتا قەيىت قىلىنىشىچە ،زامان ئاخىر بۇلار ۋاقىتتا شۇنداق بىر دەريا پەيدا بۇلىدۇ .ئۇنىڭدىن قىممەت باھالىق گۇھەرلەر چىقىدۇ ،شۇ ماكاننىڭ ئىگىللىرى ،شۇ گۇھەرنى دەپ ،تەقۋادارلىقنى تاشلاپ ،جەددەلغا يەم بۇلىدۇ >>دەپ سۆزلەپ كىتىشەتتى...
ئەلۋەتتە سېخىي ھەم سىھرىي كۇچكە تولغان ئانا دەريا خەلقىنى نائۇمىدتىمۇ قويمىغان ئىدى ...
پۇتۇن ئارزۇ -ئارمان ،ئۇمىدىنى شۇ دەرياغا ئاتىۋېتىپ ،تاش تاپالماي ئاخىرى ئەقلىدىن ئاداشقان ئازغۇنلارنى،بارلىق مال-مۇلكىنى شۇ دەرياغا ئاتىۋېتىپ ،ئاخىرى قۇرۇق قول قېلىپ ،ئېسلىپ ئۇلىۋالغان ھاماقەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا ،نۇرغۇن كىشلەر مۇراد-مەقسىدىگە يەتكەنمۇ بولدى ،ئۇلارنىڭ <<بىر كىچىدىلا مىلىيونىرغا ئايلىنىش چۇشى>>ئەمەلگىمۇ ئاشقان بولدى.
ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس،،،،،تىراگىدىيە مانا ئەمدى يۇز بىرىشكە باشلىدى...
بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا نەچچە يۇزمىڭ سومنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان دىھقان ،ھەپتە ئۆتمەيلا ئايالى ۋە باللىرىنى<< يولغا>> سېلىپ قۇيۇپ ،ئۇزىنىڭ قىزى دىمەتلىك بىر قىزغا ئۆيلىنىپ ،يىل ئۆتمەيلا ۋەيران بۇلۇپ ،تىلەمچىلەر گوروھىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى ،
ئۇزىنىڭ سودىغا ماھىرلىقىغا تايىنىپ،قاشتېشى سودىسىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە ئەڭ ئەركىن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،يۇرىتنىڭ كاتتا بايلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان ،يۇرىتنىڭ گۇلى ،يىگىتلەرنىڭ سەركىسى سانىلىدىغان بىر جۇپ ئاكا-ئۇكا ،ئۆيلىرىدە ئىسسىق تاماق ئىتىپ ئۇزىنى ساقلاۋاتقان ئاياللىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ،رىستۇراندىن غەرىق مەس ھالدا ،پۇتكۇل خۇتەنلا ئەمەس پۇتكۇل شىنجاڭ بۇيىچە تەس تېپىلىدىغان قىممەت باھالىق ئىسىل پىكاپلىرىغا،ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالماي ئۇزىنى پۇل تېپىشقا ئاتىۋەتكەن بىر جۇپ قىزنى سېلىپ،ماشىنىنى خۇدىنى بىلمەي ئۇچقاندەك ھەيدىگەن پېتى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى .
دىمەك <<پۇل تاپقان ئۇيغۇر ئەقىل تاپالمىدى ،ئەقىل تاپقان ئۇيغۇر پۇل تاپالمىدى >>دىگەندەك،ئۇلار جاھاننى ھۆكىرەتكىدەك پۇل تاپتى ،بىراق شۇ پۇلنى تاپقاندا ،يۇرىت مەھەللە ھەم خەلقى ئۇچۇن بىرەر مەسچىت ياكى مەكتەپ ،ياكى دوختۇرخانا سېلىپ بىرىش خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى.
ئۇلار قۇلىنى قەيەرگە سونسا شۇيەرگە يەتكۇدەك پۇل تاپتى ،بىراق ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ،خىزمەت ئورنىنىڭ قىس بۇلىشى سەۋەپلىك ،پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سېلىپ ،ھاراق ئىچىپ كۇچىدا لاغايلاپ يۇرىۋاتقان ئوغلانلىرى ،ياكى ئاللىقانداق سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۆزلىرىنى <<ئۇچكە ھەمرا بۇلۇشقا ئاتىۋەتكەن >>سىتوندىت قىزلىرى ئۇچۇن بىرەر كارخانا ياكى زاۋۇت بەرپا قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىدى .
ئۇلار ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك پۇل تاپتى ،ئەپسۇس،قايسىدۇر بىر پەيلاسوپ <<ئۆز مىللىتىنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى قوغدىيالمىغان ئەرلەر **** ئەرلەردۇر>>دىگەن ئىدى ،ئۇلار ئۇزى كىلىپ ئۆز قەۋىم-قېرىنداشلىرىنى يولدىن چىقاردى .
كىشىنى ئەڭ غەزەپلەندۇرىدىغىنى ،خۇتەننىڭ زەردار تاشچىللىرىدىن ھىسابلىنىدىغان يىگىرمە-ئوتتۇزدەك كىشى بىر يەرگە يىغىلىپ ،ئۇزىنىڭ ھىېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ،ئۇزى مۇسۇلمان تۇرۇپ ،مۇسۇلماننى ئەزگەن مۇستەبىت سادامنىڭ ئۇلىمى ئۇچۇن ،ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان پەلەستىن خەلقى ئۇچۇن ھازا ئېچىپ ،يىغلىشىپ ،شۇلار ئۇچۇن پۇللىرىنى ئىئانە قىلىمىز دەپ مەيدىسىگە مۇشلاشتىيۇ ،بىراق ،كىسەل ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن ئۇلۇپ كىتىۋاتقان قوشنىللىرى ،ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلسىمۇ بىراق ھەددىن ئارتۇق ئۇقۇش پۇلىنى تۇلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇقۇشتىن ۋاز كەچكۇسى كەلمەي ،ئاخىرى ئامال يوق جېنىدىن بىراقلا ۋاز كىچىپ ئېسىلىپ ئۇلىۋالغان مەھەللىداشلىرىنىڭ سىڭىللىرىنى ئەسلەپمۇ قۇيۇشمىدى.
يۇقارقىدەك تىراگىدىيەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان قاشتېشى نالە قىلماقتا ،قاشتېشى دەرياسى نالە قىلماقتا ئىدى.
بىراق ئۇلارنىڭ نالىسى ۋە يۇقارقىدەك تىراگىدىيەلەر <<بىر مىللەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشىدا مۇھىمى ئىقتىساد ئەمەس بەلكى مەنىۋە ئۇزۇق بولغان بىلىم ۋە ساپا>>ئىكەنلىكىنى كىيىنكىلەرگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر چۇشەندۇرۇپ بەردى ...
مەنبە:پىدا تور كىتاپخانىسى