بۇ ھىكايەتنىڭ دەسلەپكى %60 ى رىياللىقتىن ئىلىنغان ھەقىقي ۋەقەلىك بولسا ، كيىنكى %40 نى شۇ ۋەقەلىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۇچۇن ئاشكارا ئيتىشقا جۇرئەت قىلالمىغان مەلۇم مەقسەتنى يۇشۇرۇن ئىپادىلەش يۇزىسىدىن توقۇلما (ئوخشتىش) يىزىقچىلىق ئۇسسۇلىنى قوللىنىپ ئەسەرنى يىزىپ ئاياقلاشتۇردۇم . بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ۋەقەلىك ئىچىگىلا كىرىپ كەتمەستىن ، بۇ ۋەقەلىك ئارقىلىق ئاپتۇر نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۇشىنىپ ئوقۇشىڭلارنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن (رەھمەت)
- ئاكىجان ! .......... ئاكىجان توختاڭە ..
شۇ كۇنى ئۆزۇمنىڭ نىمە ئىشقا ئالدىراشلىقىم تازا ئىسىمدە يوق ، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە تىز قەدەملەر بىلەن كىتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز يىقىنلا يەردىن بىر قىزنىڭ « ئاكا » دەپ چاقىرغان ئاۋازى قايتا قايتا ئاڭلاندى ، قەدىمىمنى ئاستىلىتىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاردىم ، مەندىن 5-6 قەدەم يىراقلىقىتىكى يول بويىغا ئوسكەن بىر تۇپ سىدە دەرىخىگە 18 ياشلار چامىسىدىكى ، تولىمۇ چىرايلىق ناتونۇش بىر قىز يولىنىپ تۇراتتى ، ئۇ مىنىڭ ئۆزىگە قارىشىمغا قولىنى ئىشارەت قىلىشقا ئۇلگۇردى . خىيالىمدە " خاتا كورۇپ قالمىغاندىمەن ، باشقىسىنى چاقىرۋاتقان بولمىسۇن " يەنە دەپ توت ئەتىراپىمغا قارىدىم ، ھىچكىم يوق ، مەن بىگىز بارمىقىمنى چىقىرىپ «مىنى چاقىرۋاتامسىز؟ » دىگەندەك ئىشارەت بەلگىسى بەردىم .
- شۇنداق ئاكىجان ، سىزنى چاقىرۋاتىمەن .
تولىمۇ تاساددىبىلىق ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە قىزغا يىقىنلاشتىم ...
- سىڭلىچاق ، مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟
- ئاكىجان ، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا يىڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ئىدىم ، ئاتا - ئانام ياشىنىپ قالغاچقا ئۆزۇم كەلگەن. مەكتەپكە كىلىپلا ئوقۇش پۇلنىڭ ھەممىنى ئوغرىغا بەردىم . ئويدىكىلەرگە خەۋەر قىلسام ئەتە كىلىمىز دەيدۇ ، قىشىمدا بولسا بىر پۇڭمۇ قالمىدى ، بۇ ئۇرۇمچىدە يا ھىچكىمنى تونۇمايمەن ، بىر كۇن بولدى تاماق يىمىدىم ، قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتتى ، قارىسام كوزۇمگە ياخشى ، ئاق كوڭۇل ئادەمدەك كورۇندىڭىز . ئەگەر خالىسىڭىز بىر ۋاق تاماق ئىلىپ بەرگەن بولسىڭىز . اللا سىزدىن رازى بولۇپ قالسۇن .
« اللا سىزدىن رازى بولسۇن » دەپ « اللا » نىڭ نامىنى چىقىرىپ « اللا » دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ نامنى دەستەك قىلىپ مەندىن بىر ۋاق تاماق ئىلتىجا قىلۋاتقان بۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق ، ئۇستى بىشىغا كىيگەن كيىمىمۇ ناھايتىمۇ ئىسىل ھەم يىڭى ، زامانۋي مودىچىلا قىز ئىدى .
قەدىردان ئوقۇرمەنلەر سىزلەردىن مەسلىھەت سوراي ، دەپ بىقىڭلارچۇ ؟ سىزلەرچە مەن بۇ قىزغا تاماق ئىلىپ بىرەمدىمەن يوق ؟
ئەگەر جاۋابىڭلارنى كۇتسەم بۇ ئەسەرنى مۇشۇ يەردىلا توختىشىمغا توغرا كىلدىكەن ، شۇڭا سىلەرگە ۋە بۇ قىزغا جاۋابىنى يەنىلا ئۆزۇم بىرەي ...
ئەگەر بۇ قىزنى بىر ئالدامچى ياكى قويمىچى دەيلى ، مەن پەقەت بىر ۋاقلىق تاماققا قويىلىمەن ، دۇنياغا قويىلمايمەن ، مەندىن كەتسە 10 يۋەن ئەتىراپىدا كىتىدۇ ، مۇبادا بۇ قىزنىڭ ۋەقەسى راسىتىنلا شۇنداق بولسا ، مەن بىر قىتىملىق ياردەم پۇرسىتىدىن ، ئادەمگەرچىلىك پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالمامدىمەن . دەۋرەقە مەندە قارمۇ - قارشى زىددىيەتتىكى ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇسى بىلەن 10 يۋەنلىك چىقىم تۇيغۇسى دەھشەتلىك كۇرەشلەرنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كيىن ...
- بولىدۇ سىڭىچاق ، سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن ، مەن بۇ ئەتىراپنى ئانچە ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، ئەگەر سىز بىلسىڭىز ، يىقىن ئەتىراپتىكى بىرەر ئاشخانىغا يول باشلىسىڭىز .
- ئاكىجان قارسام شۇنچە ئالدىراش كىتىپ بارىسىز ، سىز ماڭا ياردەم قىلىمەن دەۋاتسىڭىز مەن يەنە قانداقمۇ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئالاي ، سىزگە كوپ رەخمەت ، ئەگەر خالىسىڭىز بىر ۋاقلىق تاماق پۇلىنى بەرسىڭىز ، مەن ئۆزۇم ئاشخانا تىپىپ غىزالىنۋالاي ، سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى ئالماي ...
- مىنىڭغۇ باشقا ئالدىراش ياكى مۇھىم ئىشىم يوق ئىدى ، ئەگەر مەن بىلەن بىرگە تاماقلىنىشنى بىئەپ ياكى خىجىلچانلىق ھىس قىلسىڭىز ، بولىدۇ ، ئۆزىڭىز تىزراق ئاشخانا تىپىپ غىزالىنۋىلىڭ، كوچىدا بۇنداق تۇرىۋەرسىڭىز يامان ئادەملەرگە ئۇچىراپ قالماڭ يەنە - دىدىمدە قىشىمدىن 10 يۋەن چىقىرىپ ، - بۇ پۇل بىر ۋاق تامىقىڭىزغا يىتەمدۇ ؟
- رەھمەت ئاكىجان ، ئەلۋەتتە يىتىدۇ ، اللا سىزدىن رازى بولسۇن ..رەھمەت ....رەھمەت سىزگە ..
مەن 10 يۋەن پۇلنى بەردىمدە" خوش " ئيتىپ يولۇمغا ماڭدىم ، يىقىن ئەتىراپتىلا بىر ئاسما كورۇك بولۇپ ، ئاسما كورۇك ئارقىلىق يولىنىڭ ئۇ قانىتىغا ئوتۇشكە توغرا كىلىپ ئاسما كورۇكنىڭ ئۇستىگە چىقتىم ، ۋە كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم ....قارىدىميۇ تۇرۇپلا قالدىم ..ھىلىقى ناتونۇش قىزچاق يەنىلا ھىلىقى سىدە دەرىخى قىشىدىن قوزغالماي ، يەنە بىر ئوتتۇرا ياش پاكارغىنە كەلگەن بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى . قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھىلىقى ئادەم يانچۇقىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ سۇندى ، كۆزۇم ئاجىز بولغاچقا نىمە بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، بىراق پەرەز قىلدىمكى « پۇل » بولسا كىرەك . ئارقىدىن بۇ ئادەممۇ يولىغا راۋان بولدى . مەن قىتىپ قويغان قوزۇكتەك ئاسما كورۇكنىڭ ئۇستىدە قىزچاققا قاراپ تۇراتتىم ...قىزچاققا پۇل بەرگەن بۇ پاكارغىنە كەلگەن ئاكىجانمۇ يولىنىڭ بۇ قانىتىغا ئوتمەكچى بولسا كىرەك ، ئاسما كورۇككە چىقىپ كەلدى ، مىڭىپ ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە، تونۇمىساممۇ تولىمۇ بىئەدەپسىزلىك بىلەن :
-ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ئاكىجان ، سىزدىن بىر گەپ سورىسام بولارمۇ ؟
- بولىدۇ ، نىمە گەپ ئىدى قىنى دەڭ ئۇكىجان ..
- ھىلى سىز بىلەن پاراڭلاشقان قىزچاق .......؟
- ھە ، مۇنداق دەڭ، ئۇ قىزنىڭ دىيشچە ........................ ، ئىشنىڭ جەريانى شۇ ئىكەن ، بىشىغا كۇن چۇشۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىم ئاغىرىپ 20 يۋەن بەردىم ..
- رەھمەت سىزگە ئاكىجان ، ئۇ مىنىڭ ئوقۇغۇچىم ئىدى ( قانداقلارچە يالغان گەپ قىلىپ سالغىنىمنى بىلمەيمەن )، شۇڭا سىزدىن مۇنداقچىلا سورىغان ئىدىم . خاتا چۇشىنىپ قالماڭ . سىزنى ئاۋارە قىلدىم ..
« توۋا !» دەپ ياقامنى تۇتتىم ! ئۇ قىزنىڭ ماڭا دىگەنلىرى بىلەن بۇ ئوتتۇرا ياش ئاكىجانغا دىگەنلىرى ئوخشاش ئىدى ، دىمەك بۇ بىر قويمىچىلىق ، ئالدامچىلىق يەنى شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك ... بىراق قايتا بىرىپ 10 يۋەننى تارتىۋىلىشنىڭ ئورنى يوقتە ، پەقەت ئىچىنغان ھالدا ئىغىر ئۇھ تارتىپ يولىمغا راۋان بولدۇم ...
بۇ ئىشلار ناھايتى تىزلا ئىسىمدىن كوتۇرلۇپ كەتتى . بىر كۇنى كىچە سائەت 8 ئەتىراپىدا ، جاھان قاراڭغۇلۇققا چومگەن مەزگىل ، ئۇرۇمچى شەھىرىنى پەقەت ماشىنا ، كورۇك ، يول بويىدىكى ۋە بىنا چىراقلىرىلا يورۇتۇپ تۇراتتى ... بۇ ۋاقىتتا مەن خەلىقئارالىق چوڭ بازارغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە كوچا ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتىم ، 45 ياشلار چامىسىدىكى ، بىشىغا دوپپا كىيگەن ، بۇرۇتلۇق ۋە قىسقىغىنە كەكە ساقال قويغان ، كينىشى يىڭى ۋە رەتلىك بولغان تولىمۇ كىلىشكەن بىر ئاكىجان ( قولىدا كىچىك تىپتىكى ماشىنلارنىڭ ئالدىنى قوغدايدىغان پولات قالقان كوتۇرۋالغان ) قىشىمغا كىلىپ توختىدى .
- ئۇكىجان ، مەن كۇچاردىن ئۇرۇمچىگە بالامنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئىدىم ، بالامنىڭ كىسىلى تولىمۇ ئىغىر بولۇپ ، ئىلىپ كەلگەن پۇلنىڭ ھەممىسنى دوختۇرخانىغا تولىۋەتتۇق ، قىشىمىزدا بىر پۇڭمۇ قالمىدى ، بالىمىز تىخى كەچلىك ناشتا قىلمىغان ، شۇڭا بىر ۋاق ناشتىسنى ھەل قىلاي دەپ سىرىتقا چىققان ئىدىم ، بۇ كىشىنىڭ يۇرتىدا ھىچكىمنى تونۇمايدىكەنمىز ، شۇنداق قارىسام سىز خىلى ئادەمگەرچىلىكى بار، ئاق كوڭۇل كىشىدەك كورۇندىڭىز ، شۇڭا قىشىڭىزغا كىلىشىم ئىدى ..ئەگەر خالىسىڭىز بالامنىڭ بىر ۋاق ناشتىسى ئۇچۇن .......
- ئەمسە بۇ قولىڭىزدىكى كوتۇرۋالغان نەرسە نىمە ؟
- بۇنى مەن تىخى ھىلى ئالدىمىزدىكى كۆرۇكىنىڭ ئاستىدىن تىپىۋالدىم ..شۇڭا ئەسكى تۇسكى ساتىدىغان يەرگە بولسىمۇ ساتاي دەپ ئىلىۋالغان ئىدىم (كىچىدە قولىدىكى بۇ نەرسىنىڭ يىڭى ياكى ھەقىقەتەن كۇنا تاشلاندۇق نەرسە ئىكەنلىكىگىمۇ سەپ سىلىپ ئولتۇرمىدىم ) ..
بۇ چاغدا مەن ئالدىنقى قىتىم قىزچاققا ئالدانغان ئىشنى بىر قىتىم ئەسلەپ ئوتتىم . بىراق ھازىرقى بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەستە ، ئۇ قىزنىڭ ئىشى ئۇچۇنلا ھەممە ئادەمنى ئالدامچى دەپ ئويلىسام بولمايدۇ . چۇنكى بۇ ئادەم تاغامدەك تۇرسا ، جىنى چىقىپ كەتسىمۇ مۇشۇ سالاپىتى بىلەن ئالدىمغا سارغىيىپ كەلمەس بولغىتتى ، دىمەك تۇرمۇشتا چوقۇم قاتتىق يوقسىزلىق يۇز بەرگەن گەپ ، شۇڭا مىنى قىرىندىشى ئورنىدا كورۇپ ئالدىمغا كەلگەن، ئەگەر بۇ ئاكىجان ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ياردەمگە مۇھتاج بولسا ، مەن ياردەم قىلماي كىتىپ قالسا "اللا"مۇ راۋا كورمەيدۇ .
- بولىدۇ ئاكىجان ، مەنمۇ ئۇرۇمچىگە مۇساپىرمەن ، مۇساپىرلار بىر - بىرنىڭ بىشىنى سىلىمىسا ، بىزلەرنى ئۇرۇمچىلىكلەر « ئالتە شەھەرلىك » دەپ ياردەم قىلاتتىمۇ ، مەن سىزگە 10 يۋەن بىرەي ، بىرىپ بالىڭىزغا سۇيۇق سەلەڭ تاماق ئىلىپ بىرەرسىز ..
- رەھمەت ئۇكىجان ، اللا سىزدىن رازى بولسۇن ، - بۇ كىشى پۇلنى ئالدىدە يولىغا راۋان بولدى .
كوچا ئاپتوبۇس تىخى كىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، مەن بۇ ئادەمنىڭ قارىسى يۇتكۇچە تولىمۇ ھىسداشلىق قىلغان ۋە ئىچىنغان ھىسياتتا كەينىدىن قاراپ تۇردۇم ..ئۇ ئادەم 100 مىتىرچە مىڭىپ كوزۇمدىن غايىپ بولاي دىگەن چاغدا ، قارشى تەرەپتىن بىر ماشىنا چىراقنى يۇرتۇپ كەلدى ...ماشىنا چىرىقىنىڭ يۇرقىدا ئۇ ئادەمنىڭ قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كىتەي دىگەن سىمايىنى قايتا كورۇشكە نىسىپ بولدى . قارىدىميۇ كۆزۇمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم . ئۇ ئادەم كورۇك ئاستىغا توختىتىپ قويغان بىر كىچىك تىپتىكى ماشىنىنىڭ ئشىكىنى ئاچتىدە ، ماشىنىغا چىقىپ تىزلا قاراڭغۇلۇققا غەرىق بولدى ...
كۇنلەر شۇ دەقىقىدە بىر - بىرىنى قوغلاپ ئوتىۋەردى ، شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەن يەنە گۇزەل ئۇرۇمچىنىڭ كىچىلىك مەنزىرسىگە تويماي يالغۇز كوچا ئايلىنىپ يۇرەتتىم ، قايانلاردىن پەيدا بولدىكىن ، تۇيۇقسىز ئالدىمغا 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنى ئەگەشتۇرۋالغان 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال كىلىپ توختىدى ...
- ئۇكىجان ، بىز قەشقەردىن كىلىشىمىز ، مىنىڭ قىزىم يەنى ماۋۇ ئوغلۇمنى ئاچىسى بۇ يىل 16 ياشلار ئەتىراپىدا ئىدى ، 10 نەچچە كۇن بولدى يۇتۇپ كەتتى . مىش مىش گەپلەرنى تارقىلىشى بىلەن ، ئۇرۇمچىدە ئىكەن دەپ ئاڭلاپ ، قىزىمنى ئىزدەپ كەلگەن ، شۇنچە ئىزدىسەكمۇ تاپالمىدۇق . بارمىغان يىرىمىز قالمىدى ، ئىلىپ كەلگەن پۇلىنىمۇ خەجلەپ تۇگەتتۇق ، قىشىمىزدا بىر پۇڭمۇ قالمىدى ، بىر كۇن بولدى ، ئانا - بالا ئىككىمىز ئىغىزىمىزغا ھىچنەرسە ئالمىدۇق ، بىز چوڭلار چىدىغان بىلەن ماۋۇ كىچىك بالىلار چىدىمايدىكەن ، ئوغلۇمنىڭ قورسىقى بەكلا ئىچىپ كەتتى . شۇڭا .....................، اللا سىزدىن رازى بولۇپ كەتكەي ....
ئالدىمدا نالە قىلىپ تۇرغان بۇ ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئاققىلى تۇردى ، ئانىدىن ئاپىردە بولغان ، گۆشتىن پۇتكەن بۇ يۇرەك قانداقمۇ ياردەم قىلماسلىققا چىدىسۇن . بۇ ئانا پەقەت بۇ بالىنىڭلا ئانىسى ئەمەس ، مىنىڭ ، سىلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللتىنىڭ ، دۇنيانىڭ ئانىسغۇ ، ئانا يىغلىدى دىمەك ، مىللەت يىغلىدى ، دۇنيا يىغلىدى دىگەنلىك ، مەن قانداقمۇ بۇ ئانىنىڭ يىغلىشىغا چىداپ تۇرالايمەن . كىملەرنىڭ بىشىغا كۇن چۇشمەيدۇ دەيسىز .
- ئاچا ، كوڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ، بۇ كۇنلەرمۇ ئوتۇپ قىزىڭىزمۇ تىپىلىپ قالار ، مەنمۇ مۇساپىرمەن ، قىشىمدا ئۇنچە كوپمۇ پۇل يوق ، سىزگە كوپ ياردەم قىلالمىغۇدەكمەن ، شۇڭا ئاز بولسىمۇ كوپ كورۇپ بۇ 20 يۋەنگە تاماق ئىلىپ ، بولۇپمۇ بۇ بالىنىڭ قورسىقىنى توقلاپ قويۇڭ ...
مەن بۇ ئانا- بالىنى بۇندىن بۇرۇن ئۇچىراتقان ئىككى قويمىچىغا ئوخشاتمىدىم ، مەرتەڭ مەرتەڭ ئۇچ مەرتەڭ دەپتىكەن ...بۇ ئۇچىنچى قىتىمى ، يەنە بىر قىتىم بوپتۇ قىلىپ ئشىنەي .
ئارىدىن بىر ھەپتە ئوتتىمىكىن ، بىر يۇرىتتاش دوستۇم غۇلجىدىن ئۇرۇمچىنىڭ ئاپتوبۇسغا چىقىپ بولغانلىقىنى ، كەچ سائەت 12 ئەتىراپىدا ئۇرۇمچىگە يىتىپ كىلدىغانلىقنى خەۋەر قىلۋەتكەن ئىدى ، مەن يولۇچىلار ئاپتوبۇس بىكىتىگە بىرىپ ساقلىماقچى بولۇپ سائەت 11 لەردە قاتناشقا يىتپ كەلدىم . كىچە بىر قەدەر سوغۇقراق بولۇپ ، مەن قاتناش ئەتىراپىدا ئۇيان بۇيان توقتاۋسىز ماڭاتتىم . دەۋرەقە ئالدىمغا 30 ياشلار چامىسدىكى بىر قىز (چوكان) كىلىپ تۇختىدى ..
- ياخشىمۇسىز ، ئەگەر مىنى ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى ...
- خوش ، قىنى دەڭ ، قۇلىقىم سىزدە ..
- مەن بۇگۇن غۇلجىدىن كىلىشىم ، ئۇرۇمچلىك بىر ئوتتۇرا ياش ئادەم بىلەن توردا تونۇشقان ئىدىم ، ئائىلىمىز ناھايتى نامرات بولۇپ ، مەن ئۇ كىشىگە بەزى بىر تۇرمۇش ئەھۋالىمنى ئىيتسام ، ئۇ كىشى ماڭا تولىمۇ سەمىمىمىلىك بىلەن ئەگەر مەن ئۇرۇمچىگە كىلەلىسەم ماڭا خىزمەت تىپىپ بىردىغانلىقىنى ۋە يەنە مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىغانلىقىنى ئيىتقان ئىدى ، شۇڭا ئۇ كىشگە ئىشىنىپ ئۇرۇمچىگە كەلدىم . مانا سائەت 11 دىن ئىشىپ ، كەلگىنىمگىمۇ يىرىم كۇندىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى ، ئالدىمغا چىقاي دىمىدى ، ئويدىكىلەرگە نا ئىلاچ ئەھۋالىمنى خەۋەر قىلسام ، " بانكا ئىشتىن چۇشۇپ كىتىپتۇ ، ئەتە ئىشقا چۇشكەندە ماڭا كىرا ھەققى سىلىپ بىرەيلى" دىدى ، ئەتە پۇلنى تاپشۇرۇپ ئىلىپلا غۇلجىغا قايتىمەن ، بىراق بۇگۇن تۇنەيدىغان يىرىم يوق . سىزگە ئۇچىراشنىڭ ئالىدا بىر قانچە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرگە ھالىمنى ئيتسام ، «ياتاق ئىچىپ بىرەي ، بىردەم يىرىمدەم ھەمرا بولۇپ خوش قىلىپ قويامسىز » دىگەندەك سەت گەپلەرنى قىلغىلى تۇردى ، ماڭا بەكمۇ ئىغىر كىلىپ ئۆزۇمنى چەتكە ئالدىم . بۇ كىچىدە نەگە بىرىپ تۇنىشىمنى بىلمەيمەن ، قارىسام سىز خىلى ياخشى ئادەمدەك قىلىسىز ، شۇڭا سىزدىن بىر كىچىلىك پانالىق جاي ....
ئىشەك چىغىدا بىر قىتىم پۇتى چۇشۇپ كەتكەن چونتەككە ، ئىككىنچى قىتىم ئۇچىراپ قالسا ئەگىلىپ ئوتىدۇ ..بىراق مەن ئىككى ۋە بەلكىم ئۇچىنچى قىتىممۇ ئالدانغاندىمەن ..بۇ قىتىمى 4- قىتىمى ..يەنە بىر تەۋەككۇل ...قارىغاندا مەن ئاشۇ ئىشەكچىلىك ئەقىللىق بولالمىسام كىرەك ۋە ياكى مەنمۇ غۇلجىلىق بولغاچقا ، غۇلجىلىقنىڭ نامىنى ئاڭلاپ زىيادە يۇرىتتاشلىق مىھىرى مۇھەببىتىم تۇتۇپ كەتكەن بولسا كىرەك .....
- بولىدۇ ، مەنمۇ غۇلجىدىن ، بىز يۇرىتتاش ئىكەنمىز ، مەن قانداقمۇ يۇرىتىشىمنىڭ بۇ قىسمىتىنى بىلپ تۇرۇپ ، بۇ سوغۇق كىچىدە سىرتقا تاشلاپ قويۇپ كىتىشكە كوڭلۇم ئۇنىسۇن ، مەن سىزگە بىر كىچىلىك ياتاق ئىچىپ بىرەي .. كىچىسى سىرتقا چىقماي بالدۇراق دەم ئىلىڭ ، ھە ، راسىت كىملىك كىناشكىڭىزنى ئىلۋالدىڭىزمۇ ؟ مەن دوستۇمنىڭ ئالدىغا چىققان ، شۇڭا قىشىمدا كىملىك يوق ..
- مەنمۇ كىملىك كىناشكىسىنى بىجىرمەكچى بولۇپ رەسىمەتلىرىنى ئوتەپ قويغان ، تىخى چىققىنى يوق ...
- ئەمسە قانداق قىلغۇلۇق ، بىز يەنىلا بىرىپ كورۇپ باقايلى ، ئەگەر ياتقۇزۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ..
ئادەتتە يولۇچىلار قاتناش بىكىتىنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىك ياتاقخانىلار بىر قەدەر قالايمىقان بولغاچقا ، بۇ قىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ياخشىراق مىھمانخانىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇن پاراڭلاشقاچ بىر نەچچە يۇز مىتىر ماڭغاندىن كىيىن بىر مىھمانخانىغا يىتپ كەلدۇق ، بۇ مىھمان ساراينىڭ ئادەتتىكى بىر كىشىلىك ياتاق ئۆيى 100 يۋەن بولۇپ ، رەنە (گۆرۈ)پۇلى بىلەن 50يۋەن ، جەمئي150 يۋەن رەسمىيەت ھەققي تاپشۇردۇم . مىھمانخانا خىزمەتچىلىرىمۇ بىزدىن كىملىك سوراپ ئولتۇرمىدى (مەنمۇ ھەيران قالدىم) ، رەسىميەت پۇتكەندىن كيىن :
- ئەمسە مەن ماڭاي ، دوستۇمنىڭ كىلدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، بۇ 701 نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئاچقۇچى ، سىزمۇ كىرىپ بالدۇراق دەم ئىلىڭ .
- سىز بەكمۇ ئاق كوڭۇل ياخشى ئادەم ئىكەنسىز . تونۇشقانلىقمدىن بەكمۇ خوشالمەن ، تىلفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇشنى خالامسىز ؟ ھەر ئىككىكمىز غۇلجىلىق ئىكەنمىز ، كيىنچە غۇلجىدا پۇرسەت بولسا ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمەن ، مۇشۇ تاپتا سىزگە قانداق رەھمەت ئيتىشنى بىلمەيلا قالدىم ، ياكى بولمىسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە خالىسىڭىز ياتاققا كىرىپ بىردەم يىرىمدەم .......مەن سىزگە .....
- ياق ياق ، بولدى ، ئارتۇقچە خىياللاردا بولماڭ ، تىخى بايا قاتناشنىڭ ئالدىدا سىزگە شۇنداق دىگەن ئادەملەرگە نەپىرەتلەندىم دىگەن ئىدىڭىزغۇ . مەن سىزگە بۇ ياخشىلىقنى ھازىر ۋە ياكى كيىن قايتۇرسۇن دەپ قىلمىدىم ، بەلكى ئادىمىيلىك يۇزىسىدىن ، قىرىنداشلىق يۇزىسىدىن قىلدىم ، چۇنكى مەنمۇ بىر مۇساپىر ، بۇنداق كۇنلەرنىڭ دەردىنى يەتكۇچە تارتىقانمەن ، شۇڭا سىزنى توغرا چۇشىنىمەن . تىلفۇن نومۇرغا كەلسە ، ھازىرچە قالدۇرماي ، ئەگەر ئالاقىلاشماي قويسىڭىز ، تىلفۇن نومۇرىم بوينىنى قىسىىپ يىتىمسىراپ قالمىسۇن . مۇبادا اللا بىزنى يەنە كورۇشكە نىسپ قىلسا ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇگۇنكىدەكلا تاسادىبي تار كوچىلاردا كورۇشكە نىسپ قىلىپمۇ قالار ....
مەن مىھمانخانىدىن ئايرىلىپ قايتا يولۇچىلار ئاپتوبۇس بىكىتىگە يىتىپ كەلدىم . دوستۇم ئاللا قاچان يىتىپ كەلگەن بولۇپ ، قاتناش ئالدىدا تىتىرەپ تۇراتتى ، ئۇ مىنى كورۇپلا :
- ۋاي ئاداش بولدى قىلە سىنى ، مۇشۇ چاغدىمۇ كەلگەن بارمۇ ، مۇزلاپ ئولەي دىدىم ، تىلفۇن قىلسام، تىلفۇنىڭنىمۇ ئىتىۋاپسەن ، قانداق قاملاشمىغان بالا سەن ، ئۇرۇمچىگە كىلىۋىلىپلا سەنمۇ « ئوخـــــــــــــــو بالاڭــــــزا» لاردەك ، سۆلىتى بار ، سۇپىتى يوق ، ئىغىزدىن چىققان گەپكە ئىگە بولالمايدىغان، ھالىنى ئون ئىشەك تارتالمايدىغان بولۇپ كەتتىڭمۇ قانداق ؟
- ۋاي ، قاينىمىغىنە بولدى ، قانداق گىپىڭ بولسا سالام سائەتتىن كيىن دىسەڭ بولمامدۇ ، كورۇشمەي تۇرۇپلا كوكەمىلىك قىلماي ، مەن بىر سائەت بۇرۇنلا كەلگەن ، شۇ بىر ئاز كۇتۇلمىگەن ئىش چىقىپ قالدى ، مەن قانداقمۇ گەپتە تۇرماي ، سەن دىگەن مىنىڭ جان دوستۇم تۇرساڭ ، سىنى ئالداشقا قانداقمۇ پىتىناي ، تىلفۇنۇمدا يىقىندىن بۇيان ئازراق مەسىلە چىقىپ قىلىپ ، ئۆزلىكىدىن ئىتىلىپ قالدىغان بولۇپ قاپتۇ . مىنى كەچۇر - ھە !
- بۇنداق گەپ قىلۋاتساڭ ، سىنى قانداقمۇ كەچۇرمەي ، كەلگىنە جىنىم ئاغىنە ، سىنى قانغۇچە بىر قۇچاقلاي ، مۇزلاپ كەتتىم ...
- ۋاي اللا . مۇزلىمىغان بولساڭ ، مىنى قۇچاقلىمامتىڭ ، سەنمۇ زە.
كورۇشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوسىتلار بىكەت ئالدىدا قىنىپ قىنىپ قۇچاقلاشقاندىن كيىن ، دوستۇم گەپ ئىچىپ :
- جىنىم ئاداش ، بۇگۇن بەك كىچە بولۇپ كەتتى ، بۇگۇن كىچە مۇشۇ يىقىن ئەتىراپتا بىرەر قونالغۇ ئىزدەپ تىپىپ ، ئەتە سىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنۇڭغا بارساق قانداق دەيسەن ؟
- سەن دىگەن مىھمان ، شۇنچە يىراقتىن كەلگەن تۇرساڭ ، قانداقمۇ سىنىڭ تەلەپلىرىڭگە ياق دىيەلەيمەن ، مەنمۇ بويتاقچىلىقتا قونالغۇ ئوينى ( ئىجارە) يىغۇشتۇرمىغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئۇستىگە يۇيۇندىغان يىرى يوق . سەنمۇ ھىرىپ ئىچىپ كەلدىڭ ، بوپتۇ ، ئەمسە ئالدى بىلەن بىرەر مىھانخانا تىپىپ ئورۇنلىشىپ بولۇپ ئاندىن غىزالانغىلى چىقايلى . ئەتە ئاندىن مىنىڭ قونالغۇمغا قايىتساقمۇ بولىدۇ ..
دەۋرەقە خىيالىمغا بايامقى قىزغا ئىچىپ بەرگەن مىھمان ساراي ئىسىمگە كەلدىدىدە ، شۇ يەرگىلا بىرىپ تۇنەش ئۇچۇن دوستۇمنىڭ قولىنى تارىتتىم ...
- ياخشىمۇسىز كۇتكۇچى قىزچاق ، مەن يەنە كەلدىم ، ماڭا يەنە بىر ئىغىز ئۆي ئىچىپ بەرگەن بولسىڭىز .
رەسىميەتلەردىن كيىن ياتاق ئاچقۇچ ۋە تالۇننى تاپشۇرۇپ ئىلىپ قارىسام «701-نومۇر»لۇق ئۆي ، بۇ ئۆينى تىخى بايا ھىلىقى قىزغا ئىچىپ بەرگەن ئىدىم، قانداقسىگە يەنە 701- نومۇرلۇق ئۆي ماڭا ئىچىلىپ قالىدۇ، تولىمۇ ھەيرانمەن ، دوستۇمنىڭ ئالىدىدا ئارتۇقچە گەپ قىلماي ياتاق ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كيىن، دوستۇمغا يۇيۇنۇپ تۇرۇشنى تاپىلىغاچ ، مەن بولسام توۋەنگە چۇشۇپ ئۇسسۇزلۇق سىتىلىپ چىقىشنى باھانە قىلغاچ توۋەنگە ينىپ چۇشتىم :
- ياخشىمۇسىز كۇتكۇچى قىزچاق ، مەن تىخى يىرىم سائەتنىڭ ئالدىدا بىر قىزغا «701- نومۇرلۇق » ئۆينى ئىچىپ بىرىپ كەتكەن ئىدىم ، ھازىر كەلسەم ماڭا يەنە بۇ ئۆينى ئىچىپ بەردىڭىز ، بۇ ..........؟
- ھە، مۇنداق دەڭ ، سىز ياتاق ئۆينى ئىچىپ بىرىپلا چىقىپ كەتكەندىن كيىن ، ئۇ قىزمۇ ئۆينى قايتۇرۇپ پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . بۇنداق ئىشنى ئۇ قىز تۇنجى قىتىم سادىر قىلىش ئەمەس ، نەچچە قىتىم مۇشۇنداق بولدى ، بەزىدە ئەر كىشىلەر ياتاق ئۆينى ئىچىپ بىرىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا ، ياتاق ئۆيگە كىرمەي ، جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ قايتۇرۋىتىدۇ . بەزىدە بولسا بىرگە كەلگەن ئەرلەر بىلەن بىر كۇنلۇق ياتاق ئاچقۇزىدىيۇ ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ مەلۇم ۋاقىت ئوتۇپ ئەر كىشى كەتكەندىن كيىنلا ، ئۇ قىزمۇ كەينىدىن يىنىپ چۇشۇپ ، يەنىلا " جىددى ئىشى چىقىپ قالدى" دەپ سائەتلىك ( ۋاقتىلىق ) ياتاق ھەققىگە ھىساپلاپلا ، قالغان پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ ..شۇڭا بايا سىلەر كەلگەندە ، ئۇ قىزنى نەچچە قىتىم ئۇچىراتقانلىقىم ئۇچۇن كىملىك گۇۋانامەڭلار بولمىسىمۇ ئىچىپ بەرگەن سەۋەبىم شۇ ..
دىمەك مەن يەنە ئالدىنىپتىمەندە ، ياق ياق ، مەن ئۇ قىزغا ئالدانمىدىم ، بەلكى ئۆزۇمگە ئالداندىم ، ئۆزۇمدە شۇنداقلا يۇرۇكۇمدە ئۇرۇپ تۇرغان « يۇرىتتداش ، قىرىنداش ، ئۇيغۇرۇم » دىگەن تۇيغۇغا مۇجەسسەملەنگەن ھىسياتىمغا ئالداندىم ..
ئۇزۇن ئوتمەي سالامەتلىكىم ئاجىزلاپ زەئىپلىشىشكە باشلىدى ، دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇپ باقماقچى بولۇپ ، شىنجاڭ تىببى ئىنستوتى تارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدىم .
- ئۇكىجان ، بۇ كىسەلنى ئاڭلىغاندىن كيىن ئىدىيەڭىزدە چوڭ تەييارلىق بولسۇن ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ، كسىلىڭىز ئادەتتىكى كىسەل ئەمەس، ۋاقتى ئۇزىراپ كونىراپ ھەم ئىغىرلىشىپ كىتىپتۇ . بەلكىم كىىسلىڭىز ئۇچۇن نۇرغۇن پۇل كىتىشى مۇمكىن ، سىزدە بۇ خىل شارائىتنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن .
- دوختۇر ئاكىجانىم ، مەيلى قانداق كىسەل بولۇشتىن قەئىتنەزەر مەندىن يۇشۇرماي دەڭ ، مەن ئىرادىلىكمەن ، غەيرەت قىلىمەن ...
- سىز ئاستا خارەكتىرلىك بورەك ياللۇغ زەئىپلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپسىز ، ئۇزۇن ئوتمەي بورىكىز كاردىن چىقىدۇ ، بورەك كاردىن چىقتى دىمەك ...........شۇڭا چوقۇم بورەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ياساش كىرەك ، بۇنىڭ ئۇچۇن مۇۋاپىق بورەك ۋە يەنە سىزدە بورەك ئالماشتۇرۇشقا مۇۋاپىق شەرىت - شارائىت( ئىقتىساد ) بولۇش كىرەك .
جىمجىتلىك ھوكۇم سۇرگەن غىرىپ كۇلبەمگە قايتىپ كەلدىم ، كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتىم ، بۇگۇن بۇ ماڭا تەۋە بولمىغان ۋاقتىلىق قونالغۇم بولەكچىلا سوۋىپ كەتكەن ئىدى ، « ئاھ !» ئۇرۇپمۇ كەتمىدىم ، يىغلاپمۇ كەتمىدىم ، اللادىن « مەن شۇنچە ياش تۇرسام ، تىخى بىر گۇلۇممۇ ئىچىلمىغان ئىدىغۇ دەپ زارلانمىدىم » . چۇنكى دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئەزىرايىل ھامان بىر كۇننى جاننى ئالغىلى كىلىدۇ ، پەقەت بالدۇر كيىنلىك ۋاقىت مەسىىلىسى خالاس ، شۇنداق دەيمەنيۇ ، بىراق مىنىڭ يەنىلا ئاز بولسىمۇ ياشىغۇم بار ئىدى .
ئۇرۇمچى شەھىرى ، سىنى چۇشىنىش نەقەدەر تەس - ھە ! مەن بۇ ئادەم دىڭىز بىلەن تولغان چوڭ شەھەردە تولىمۇ يىگانە يالغۇز ! بۇگۇن كىچە پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى ، مىنۇت ۋە سىكىنۇتلاپ يىقىنلاپ كىلىۋاتقان ئەزىرائىلىنىڭ قىشىغا كىتىشىن بۇرۇن ، ئۇرۇمچى شەھىرىنى يەنە قانماي قانماي كورۋالغۇم كەلدى ، ۋە قاچانلاردا كوچىغا چىقىپ قالغىنىمنى بىلمىدىم ، توت ئەتىراپقا تويماي قارايتىم ، قەد كوتۇتۇپ تۇرغان ئىگىز بىنالار كوككە تاقاشقان ، كىچىنى كۇندۇزدەك يۇرۇتۇپ تۇرغان سانسىزلىغان چىراقلار ، نىمىگىدۇر ئالدىراش كىتپ بارغان ناتونۇش چىرايلار ...مەن بولسام نىشانسىز قەدەملەر ، تىگى يوق خىياللار بىلەن ....
- ئاداش ھەجەپ مۇزلاپ كەتتىم ، بۇ كىچىدە مۇنداق كوچا لاغايلاپ خىرىدار ئىزدىگۇچە ، تورخانىغا كىرىپلا ، سەلكىن ، دىيارىم ، شەمنەم ئاۋازلىق چايغانلىرىغا كىرىپ ، قاش كوزىمىزنى ئوينىتىپ ناز قىلدىغان بولساق ، ھىلىلا ئايالى بۇرنىغا قاڭسىق پۇرايدىغان ئەرلەر « سىز قەيەردە جىنىم، ھازىرلا باراي » دەپ چىقمىغىنىنى مەن بىر كورەي ...
بىرىنىڭ قولىنى بىرى تارتىشۋاتقان ئىككى يىرىم يالىڭاچ قىزنىڭ دىگەن بۇ گەپلىرى ئۇستۇمگە سوغۇق سۇ سەپكەندەك مىنى تولىمۇ چوچۇندۇردى ۋە خىياللاردىن يىشىلىپ ، سەسكەنگەن ھالدا بۇرۇلۇپ كەينىمگە قارىدىم ، ئۇلار بەللىرىنى تولغۇشىپ ، غىلجىڭشىپ ئون نەچچە مىتىر يىراقلىقتىكى بىر تورخانىغا كىرىپ كەتتى ...
« تورخانا » ؟ ......... نىمىشقىدۇر تۇيۇقسىز مىنىڭمۇ كىرىپ بىردەم يىرىمدەم تورغا چىققىم كىلىپ قالدى ۋە قەدەملىرىمنى تورخانىغا قاراتتىم ...
مىنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىمدا قانداقمۇ ناخشا ئاڭلاش ، كىنۇ كورۇشلەر ۋە ياكى چايغانىلاردا دوسىت تىپىش ، پاراڭلىشىش خوش ياقسۇن دەيسىز ....مەن ئاستا « ئۇلىنىش تور بىتى » ئاچتىم ، ۋە بۇ تور بەتكە يىغىنچاقلانغان مۇنبەرلەر تىزىملىك بولىكىگە كۆز يۇگۇرىتتىم ، مەن بۇ يەردىن كوڭلۇمگە يارغۇدەك تەسىرلىك ئەسەرلەر بولسا ئوقۇپ باقاي دىگەن مەقسەتتە « دىيارىم مۇنبىرى » ، « سەلكىن مۇنبىرى » ، « شەمنەم مۇنبىرى » ، « چاك - چاك مۇنبىرى »، « خىسلەت مۇنبىرى » ۋە يەنە بىر قانچە مۇنبەرلەنى ئارقىمۇ ئارقا ئىچىپ ، تاللاپ تاللاپ تىما كورۇشكە باشلىدىم ، دەۋرەقە « بۇ قىرىندىشىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سونايلى » دىگەن تىما كۆزۇمگە چىلىقتى ، بۇ تىما مەن ئىچىپ كورگەن ھەممە مۇنبەرلەرگە تەشۋىق خاراكتىردە كوپەيتىپ يوللانغان ئىكەن . ئوقۇپ بىقىش نىيتىدە بۇ تىمىنى باستىم ..
تىمىنىڭ مەزمۇنى « ئۇرۇمچى مەلۇم بىر دوختۇرخانىسىدا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ جىددى بورەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ياسايدىغانلىقى ، بۇ كىسەل ئۇچۇن ئۆيدىكىلەرنىڭ بارلىق مال بىساتى ، ئۆينى سىتىۋەتكەن بولسىمۇ ، يەنىلا پۇل كەملىك قىلدىغانلىقى ، جەمىئەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر ساخاۋەتچى قىرىنداشلارغا نالە قىلىپ ياردەم سورىغانلىق ئىلتجاسى يىزىلغان ئىكەن ، ئەگەر پۇل ۋاقتىدا توپلانماي ، ئوپىراتسىيە قىلىنماي قالسا بۇ قىرىنداشنىڭ ھاياتىغا ئىغىر خەۋىپ يىتىدىكەن ، ئوقۇپ بولۇپ كۆزۇمگە ياش كەلدى . مائۇسنى توۋەنگە سىرىپ ، ئىنكاسلارغا كۆز يۇگۇرىتتىم . ھەر خىل مەزمۇندا يىزىلغان بۇ ئىنكاسلار " بەزىلەر ياردەم قىلدىغانلىقى ، بەزىلەرنىڭ پەقەت اللادىن شىپالىق تىلىگەنلىكى ......" نۇرغۇن ....نۇرغۇن يىزىلغان ئىدى .....
يەنە ئاشۇ غىرىپ كۇلبەمگە قايتىپ كەلدىم ..كىچىچە خىيال دىڭىزلىردا قولۋاقتا ئۇزۇپ يۇرەتتىم « ئىھ اللا ! مىنىڭمۇ ياشىغۇم بار ، بىر كۇن بولسىمۇ كۇننىڭ سىرىقىنى كورگۇم بار ، بىراق مىنىڭ ھازىرقى ئىقىىسادىم بۇنداق چوڭ ئوپىراتسىيە ئۇچۇن يار بەرمەيدۇ ، مەن قانداق قىلىشىم كىرەك ، مۇشۇنداق ئولۇمنى كۇتۇپ يىتىشىم كىرەكمۇ ياكى تىرىشىشىم كىرەكمۇ ، چوڭلارنىڭ « سەۋرى قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ » دىگەن ھىكمەتلىك سوزلەرى بار ئەمەسمىتتى ، مەن بۇنداق ئولۇمنى كۇتۇپ ياتقۇچە تىرىشىپ بىقىشىم كىرەك ...
ئەتىسى دوختۇرخانىغا كىرىپ دەسلەپكى قەدەملىك داۋالاش ، قۇۋەتلەش ، تەكشۇرۇش قاتارلىق داۋالاش باسقۇچى بىلەن بالىنىستقا ئىلىندىم ...ھەپتە بولماي ، يىمەي ئىچمەي ساقلاپ كەلگەن ئازغىنە پۇلۇمنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا كەتتى، مەندە قايتا داۋاملىق داۋالاش ئىمكانيىتى بولمىدى ، بىمار كارۋىتىدا كۆزۇمنى يۇمۇپ ئازابلىنىپ ياتاتتىم ..بىر چاغدا ئىشىك ئىچىلىپ ، ماڭا مەسئۇل دوختۇر كىرىپ كەلدى ..
- ئۇكىجانىم ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق تۇرىدۇ ، سىزنىڭ تولىگەن داۋالىنىش ھەققىڭىز توگەپ قاپتۇ ، شۇڭا قايتا داۋاملىق داۋالاش ھەققى تولىمىسىڭىز .....
- ئاكىجانىم ، ھەپتىدىن بۇيان سىز ماڭا خۇددى ئۆز ئاكامدەك تولىمۇ كويۇنۇپ ، كىسىلىمدىن خەۋەر ئىلىپ كەلدىڭىز ، ماڭا بولغان ھىسداشلىقىڭىز تىگىن بولدى ، مەن چۇشتىن كىين سىرىتقا چىقىپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلاي ، ئەگەر ئاۋارچىلىق دەپ بىلمىسىڭىز ماڭا ياردەم قىلىپ ، ماڭا بىمارلىق ئىسپاتنامە ئىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ...
ئۇزۇن ئوتمەي دوختۇر ئاكىجان ، مىنىڭ كىسەل ئەھۋالىم تولۇق يىزىلغان ۋە ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتنامىلانى ئەكىلىپ بەردى .
مەن دوختۇرخانىدىن ئايرىلدىم . ئىجارە ئالغان قونالغۇمنىڭ ئايلىق ۋاقتىمۇ توشۇپ قالغان ئىدى ، مەن ئەمدى نەگە ، كىمنىڭ ئالدىغا سارغىيىپ بارىمەن ، مۇشۇ تاپتا ئۇرۇمچى شەھىرى ماڭا تولىمۇ ياد ، سوغۇق تويۇلدى ، دەرۋەرقە مەندە بىر خىيال پەيدا بولدى ، مەنمۇ باشقىلاردەك ئۆز ئەھۋالىمنى تورغا ئىلان قىلسام ، مىنىڭ ھالىدىمدىن خەۋەر ئالغان ساخەۋەتلىك كىشىلەر ماڭا ياردەم قىلىپمۇ قالار ، ئىشىنىمەنكى دىيارىمىزدا يەنىلا نۇرتاي ھاجىمدەك مىللەتنى ئويلايدىغان ، قىرىندىشىنى ئويلايدىغان ئۇلۇغ مىھرى ئىللىق ، قولى كەڭ ، سىخي كىشىلىرىمىز كوپ ، شۇنداق مەن جەمىئەتكە ئىلتىجا ، نالە قىلىشىم كىرەك .. مەن ياشىشىم كىرەك ...
مەن ئىسپاتنامىلارنى تورغا سۇرەتلەپ قاچىلىغاندىن كيىن ، ئۇيغۇلار دۇنياسىدىكى خەلىقارالىق چوڭ مۇنبەرلەرگە يەنى « دىيارىم » « سەلكىن » « شەمنەم » « چاك چاك » « خىسلەت » .....ۋە يەنە نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە كۆز يىشىمنى توكۇپ تۇرۇپ نالە قىلدىم، ئىلتىجا قىلدىم ...
مەن يوللىغان بۇ ئىلتىجانىڭ كورۇش نىسپىتى ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە بەزىدە كوپ ، بەزىدە ئاز بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئىرىشتىم .
- سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن .
- كوپچىلىك بۇ قىرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرۋالايلى
- كوپچىلىك بۇنداق قۇرۇق گەپنى قىلغۇچە ، تىزىراق ئاتلىنايلى .
- قىرىندىشىم ، مەن سىزگە ئاز بولسىمۇ ئۆز ئاتىدىغىنىمى بانكا كارتا نومۇرىڭىزغا سىلىۋەتتىم .....
- ياخشى يىزىپسىز ..
- رەھمەت سىزگە ..
- جاپا چىكپسىز
قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نالەمگە مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى ۋە شۇنداقلا
ئوخشاش چىراي ئىپادىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، بىر قانچە كۇندە يىڭى يىڭى ئىنكاسلار يىزىلىپ تۇراتتى ، بىراق مەزمۇنى يەنىلا يۇقىرسىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى ...مەن زور ئىشەنىچ ۋە ئۇمىد بىلەن بانكا كارتامنى ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسىغا سالدىم ، سىز بۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى چۇشەنمىسىڭىز كىرەك ، شۇنداق سىز پەقەتلا چۇشەنمەيسىز ، مەن كارتامدا تولىمۇ تولىمۇ پۇل پەيدا بولۇپ قىلىشنى ئۇمىد قىلاتتىم ، « تەكشۇرۇش » دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ بولۇپلا كۆزۇمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم ، ۋە اللاغا بىر قىتىم ئىلتىجا قىلىپ ئاندىن كۆزۇمنى ئىچىپ كۆزنەككە قارىدىم ...
كەينىمگە بىر ئىككى قەدەم سىلجىپ بىرىپ توختىدىم ، بانكا كارتىم قۇرۇق ئىدى . دىمەك مۇنبەردە پۇل سىلىپ قويدۇم دەپ ئىپادە بىلدۇرۇشكەنلەرمۇ ئۆزىنى مۇنبەردە باشقلارغا چوڭ كورسىتىش ئۇچۇن يالغاندىن يىزىپ قويغان بولسا كىرەك .
مەندە ئەمدى پەقەتلا پۇل قالمىغان ئىدى ، بۇگۇن ناشتىمۇ قىلمىدىم ، قايتىپ كىلىپ كارۋاتقا ئۆزۇمنى ئىتىپلا يىغلاپ كەتتىم ...يۇقسۇزلۇق نىمە دىگەن يامان ھە ! شۇ ياتقانچە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئەتىسى سەھەر بىراقلا ئورنۇمدىن تۇرۇپتمەن ..
يۇز كوزۇمنى يۇيۇپ سىرتقا چىقتىم ، توقتاۋسىز قەدەملەر مىنى ئۇرۇمچىنىڭ قايناق بازىرىغا باشلاپ كەلدى .
- پاخلان گوشى كاۋىپى ....مانا مانا ....يىمىسىڭىز ئارمامدا ...قانچە زىخ ؟ ئون زىخما ....مانا مان ھازىرلا ، - .. كاۋاپچى بالىلار كانيىتى يىرتىلىپ كەتكۇچە خىرىدار چاقىراتتى ، تەرەپ تەرەپتىن ئوپكە ئىسىپ سىتىۋاتقان ، سوغۇق ۋە ئىسسىق سەي سىتىۋاتقان ، مانتا ، سامسا ۋە يەنە ھىلىلا قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچقان يىڭدىن دۇملەنگەن پۇلۇنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرىلاتتى ...پاھ ! ھەر خىل مىللي يىمەكلىكلەر ، نىمە دىگەن ئىسىل - ھە ! مەن ھەجەپ بۇرۇن ھىس قىلماپتىكەنمەن ، بۇ تاماملارنى كورۇپ قورسىقىم تارتىشىپ ئىچىشقا باشلىدى ، بىراق يانچۇقۇمدا بىز زىخ كاۋاپ ياكى بىر تال سامسا ئىلىپ يىگۇدەك پۇلمۇ قالمىغان ئىدى ، لەۋلىرىم قۇرغىدى ، تىللىرىمنى يالاپ ، شۇلگيىمىنى بولسىمۇ يۇتمەكچى بولۇپ ئىىچمگە تارتىتىم ، تارتىپ بولۇپلا كۆزۇمگە ياش كەلدى ، چۇنكى ئىغىزىممۇ ئاللا قاچان قۇرۇپ بولغان ئىدى ، ھەتتا داۋاملىق يەرگە تۇكۇردىغان تۇكۇرۇك شۇلگەيمۇ مەندىن ياتلاشقان ئىدى ..
مەن ئالغا ماڭدىم ، نىمىگۇدۇر ئالدىراش كىتىپ بارغان ئادەملەر ، جۇپ جۇپى بىلەن كىتىپ بارغان قىز ئوغۇللار ، توپلىشىپ نىمىدۇر قايسى بىر سودا ئىشلىرى بىلەن باھا پۇتۇشۋاتقان ، پەلەستىن ، ئىسرائىليە ئۇرۇشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ، قايسىدۇر بىر دولەتنىڭ يىڭى ۋەزىيەتلىرى ئۇسىتدە قىلىنۋاتقان تالاش تارتىش سوھبەتلەر .....مەن كىتىپ باراتتىم ...قۇلاققا ئۇلارنىڭ بىشى يوق ،ئاخىرى بار ، بىشى بار بولسا ئاخىرى يوق پاراڭلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ....
شۇ ماڭغىنىمچە بىر تار كوچىنىڭ ئىغىزغا كىلىپ قالدىم ، بۇ يەردە 7-8 ياشلار چامىسىدىكى بىر مايلامچى بالا خىرىدار كوتۇپ ئولتۇراتتى ..
- ئاكىجانىم ...ئاكىجانىم .........ئاياق مايلىتامسىز ....ئايقىڭىزنى مايلىتۋىلىڭە ...
مەن تولىمۇ ھارغان ئىدىم ، بىرەر جاينى تىپىپ ئولتۇرغۇم، بىردەم يىرىمدەم دەم ئالغۇم بار ئىدى ..
- ئۇكىجانىم ، ئىلتىماسىم ، ئەگەر مەن ئاياق مايلاتمىسام ، سىنىڭ ئاۋۇ بوش ئورۇندۇقىڭىدا بىردەم ئولتۇرشىمغا رۇخسەت قىلارسەنمۇ ؟
- سىز كىلىپ بۇ يەردە ئولتۇرسىڭىز ، خىرىدار قانداق كىلىدۇ . تىجارىتىمگە دەخلى قىلىپ قويمامسىز ؟ - بۇ بالا شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ماڭا سىنچىلاپ قارىدىيۇ يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇردى ، - مەيلى بوپتۇ ، ئولتۇرسىڭىز ئولتۇرۇڭ .
قارىغاندا بۇ چوڭ ئۇرۇمچى شەھىردىكى شۇنچە كوپ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ماڭا مۇشۇ بالىنىڭ ئىچى ئاغىرغان ، ھىسداشلىقى قوزغالغان بولسا كىرەك ...مەن كىلىپ ئولتۇردۇم ..
- جىنىم ئۇكىجان ، مەكتەپتە ئوقۇمىدىڭمۇ ؟
- سىزگە نىمىمۇ دەي ئاكىجان ، مەكتەپتە شۇنچە ئوتتەك ئوقۇغۇم بار ، بىراق ئاتا- ئانام ماڭا" مىڭ ئوقۇساڭمۇ ھازىرقى جەمىئەتتە ( شىنجاڭ ۋەزىيتىدە ) ساڭا نەدىمۇ خىزمەت ئاشسۇن ، مەركەز ، چەتئەل قاتارلىق شۇنچە چوڭ ئالي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر سىتونىتلار ، مەكتەپ پۇتتۇرۇپ خىزمەت يوق ، ئوغوللار بولسا ئوغىرى ، قاراقچى ، بۇلاڭچى ، قىزلار بولسا ئاشخانىدا چىنە قاچا يۇيۇپ ، يۇندە توكۇپ ياكى پاھىشخانە ، دىسكۇ تاڭسىخانىلاردا كۇتكۇچى خانىم بولىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭدىن سەن كىچىكىڭدىن تارتىپ تىجارەت قىلىپ پۇل تىپىشنى ئۇگەن ، ھازىر ھەممىگە قادىر پۇل بولۇپ قالدى " دەپ مىنى ئوقۇتقىلى ئۇنىمىدى ....
- ماڭا قارىغىنە ئۇكىجانىم ، - مەن مۇزدەك قوللىرىم بىلەن بالىنىڭ ئىككى مەڭزىنى تۇتۇپ كۆزىگە قارىدىم ، قارىدىميۇ كۆزۇمگە تولغان ياشلارنى بۇ سەبى بالىدىن يۇشۇرالمىدىم ۋە كۆزۇمنى ئىلىپ قاچماقچى بولۇپ يانغا قارىدىم ..قارىدىميۇ كۆزۇمگە ئىشەنمىگۇدەك بىر مەنزىرە پەيدە بولدى ...
- ئاكىجان ، قولىڭىز مۇزلەپ كىتىپتۇ ، نىمىشقا يىغلايسىز ، مەن خاتا گەپ قىلىپ قويدۇممۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مىنى كەچۇرۇڭ ، ئەكىلىڭ ئايقىڭىزنى ، مەن ھەقسىز مايلاپ قوياي ، - پۇتۇمنى تارىتتىدە مايلامچىلىق قىلدىغان ياغاچتىن ياسالغان تاختاينىڭ ئۇستىگە قويدى . بۇ بالىنىڭ قىلغان گەپلىرى ۋە ھەركەتلىرى مىنىڭ قولۇقىمغا كىرمەيتتى .
مەن ئولتۇرغان ئورۇنغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە 40 نەچچە قەۋەتلىك ھەيۋەتلىك سىلىنغان بىر مىھمان ساراي بولۇپ ، مىھمانساراينىڭ ئالدىغا كىچىك تىپىتىكى كاتتا بىر ماشىنا كىلىپ توختىتى -دىدە ، ماشىندىن بىر قانچە ئادەم چۇشۇپ كەلدى . بۇ ئادەملەر ماڭا تونۇشتەك تويۇلاتتى ، بىراق پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم ، ئۇلار ماشىننى توختىتىپ بولغاندىن كيىن قولتۇقلىشىپ مىھمانسارايغا كىرىپ كەتتى ...
توغرا توغرا ...ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، شۇنداق مەن بۇلارنى تونۇمايمەن ، بىراق بىز تار كوچىلاردا پەۋقۇلاددە بىر قىتىم كورۇشكەن ئادەملەر ، ئاۋۇ قولتۇقلىشىپ ماڭغان بىر جۇپ ئوتتۇرا ياش ئەر - ئايال ، ئەر بولسا ئۆزىنى كۇچاردىن كەلدىم ، بالام بىمار ئىدى دەپ بىر ۋاق ناشتىلىق ئالغان ئادەم ، ئايال بولسا ئاۋۇ كەينىدىن كىرىپ كەتكەن كىچىك ئوغۇل بالىنى باشلاپ يىرىم كىچىدە ماڭا ئۇچىراپ ، قەشقەردىن قىزىمنى ئىزدەپ كەلگەن ، پۇلۇم قالماي ، ئاچ قالدۇق دىگەن ئايال شۇ ...ئاۋۇ 10 ياشلىق بالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغان ياش قىزچاق بولسا شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئالدىدا ئوقۇش پۇلۇمنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم دىگەن قىز ، ئەڭ ئاخىردا ماشىندىن چۇشكەن ئاۋۇ ئىگىز ، قامەتلىك كىلىشكەن يىگىتنىڭ قولىغا ئىسلىپ ماڭغان قىز ( چوكان ) ، يولۇچىلار بىكەتتە " تۇنەيدىغان يىرىم يوق ، ماڭا بىر كىچلىك قونالغۇ ھەل قىلىپ بەرگەن بولسڭىز " دىگەن قىز شۇ .... ۋاي توۋا ...بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى .... دۇنيادا يىشىلمايدىغان سىر بولمىسا كىرەك . " مىللەتنىڭ ، خەلىقىمنىڭ ئانىسى ، ياردەم قىلمسىام بولمايدۇ " دىگەن ھىسياتتا ئىچىم ئاغىرىپ ياردەم قىلغان ئانىمۇ ئەسلى بىر يالغانچى ئىكەندە" .. ئەسلىدە بۇلار .....
- ئاكىجان ، ئايقىڭىزنى مايلاپ بولدۇم ، - بالىنىڭ ئاۋازى مىنى خىياللاردىن نىرى قىلدى ..
- بۇ ، بۇ ...مەن سىزگە ئايىقىمنى مايلىتىمەن دىمىگەن ئىدىمغۇ ، قىشىمدا ......
- بولدى ، خىجىل بولماڭ ، مەن ھەقسىز مايلاپ بەردىم .
- ئەمسە رەخمەت ئۇكىجان ، مەن چوقۇم سىزنى ئىزدەپ كىلىپ ھەققىڭنى بىرىمەن ، - ئورنىمدىن تۇرۇپ ئاستا قەدەملەر بىلەن مىھمانساراينىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ۋاھ ، بۇ يۇلتۇزلۇق ئالي مىھمان ساراي ئىدى .....مەن تەمىتىراپ كىرىپ كەلدىم .
- ئەپەندى ، ياتاق ئوي ئاچقۇزامسىز ؟ مانا بۇ بىزنىڭ مىھمانخانا چۇشەندۇرۇش قوللانمىسى ، قاراپ بىقىڭ ، بىر كىشىلىكمۇ ياكى ؟
- كەچۇرۇڭ ، مەن ياتاق ئاچقۇزمايمەن ، سىزدىن بىر ئەھۋال ئۇقۇشاي دىگەن ئىدىم .
- قىنى مەرھەمەت ، قولىمىزنىڭ كىلىشچە سىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىمىز .
- ھىلى قوللىرىغا كيىم كىچەك سىتىۋالغان بىر قانچە سومكىلارنى كوتۇرگەن توپىلشىپ كىرىپ كەتكەن 6 كىشى مۇشۇ يەردە ياتامدۇ ؟
- بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟ ئەگەر مۇھىم ئىش بولمىسا كەچۇرۇڭ ، مىھمانخانىمىزنىڭ تۇزىمىدە خىرىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى خالىغانچە دىيەلمەيمىز .
شۇئان كاللامغا چاقماق تىزلىكتىدە بىر خىيال كەلدىدە ، يالغاننى توقۇدىم .
- خاتا چۇشەنمەڭ قىزچاق ، مەن تاكسى شۇپىرى بولىمەن ، بايا شۇ بىر قانچەيلەننى ماشىنامغا سىلىپ كەلگەن ، بىراق ئۇلار چۇشۇپ كىتپلا ئۇزۇن قالماي قارسام قىسىتۇرۇپ قويغان قول سومكا يوق ، ئىچىدە يانغۇن ، بىر قانچە مىڭ يۇەن ، يەنە بىر قانچە ھوججەت تالۇنلار بار ئىدى .، شۇڭا شۇلاردىن گۇمانلىنىپ ...
- بولدى بولدى ، يالغان گەپنى قاملاشتۇرالمىغاندىن كيىن قىلمايلا قويۇڭ ، - گىپمىنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغۇچە كۇتكۇچى قىزچاق مىنى قاتتىق سىلكىۋەتتى ، -- بىلىپ قويۇڭ ، ئۇلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق چاكىنا ئادەملەر ئەمەس ، ئۇلار بۇ مىھمانسارايدا يىتىۋاتقىلى خىل بولدى ، جەنۇپتىن كەلگەن پۇلدار چوڭ سودىگەرلەر ، ئۇنىڭ ئۇسىتگە ئىچكىرى ئولكىلەر بىلەن سودا مۇناسىىۋىتى كۇچلۇك ، ئۆزلىرىنىڭ يەككە كاتتا ماشىنسى تۇرغان يەردە ، قانداقسىگىمۇ سىزنىڭ سومكىڭىزغا چىقسۇن ، گەپ قىلدىم دەپ ئاغىزىڭىزغا كەلگەننى قىلماي ، ماۋۇ مىھمانساراي قانداق كىشىلەر ياتىدىغان ساراي ، قارىۋىتىپ ئاندىن چىقىپ كىتىڭ ....
بۇ كۇتكۇچى قىزچاقمۇ ئاچچىغغا چىدىماي ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دەپ سالدى ..
- رەھمەت سىزگە قىزچاق ، مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم پەقەت مۇشۇ ئىدى ، بايا دىگىلى ئۇنىمىغان ئىدىڭىز ، ئەمدى دەپ سالدىڭىز ..رەھمەت ..سىزگە .
- سىز .............
مەن مىھمانسارايدىن چىقىپ يول بويىدا ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم . يەنە شۇ تىگى يوق خىياللار ، بىشىمنى كوتۇرۇپ ئاسمانغا قارىدىم ، ئاسماننىمۇ تولۇق كورگىلى بولمايتتى ، بۇ مىھمانساراي بىناسى بەكمۇ ئىگىز سىلىنغاچقا ، كائىناتنىڭ يىرىمىنى دىگۇدەك توسۇۋالغان ئىدى، دەرۋرەقە مەندە بۇ بىنانىڭ ئۇستىگە چىقىش ئىستىكى پەيدا بولدى ، " بۇ بىنا ھەقىقەتەنمۇ كوككە تاقاشقۇدەك ئىگىز سىلىنىپتۇ ، دىمەك مەن ئەڭ ئۇستىگە چىقسام بەلكىم دۇنيانى كورەلىشىم مۇمكىن " ، مەن قايتا كىرىپ كەلدىم ۋە لىفىت بىلەن ئەڭ ئۇستىنكى قەۋەتكە چىقىپ توختىتىم ، بىنانىڭ ئەڭ ئۇستى بوشلۇقىغا چىقىش ئۇچۇن ئىككى قەۋەت پەلەمپەي بىلەن چىقىشقا توغرا كىلەتتى ، بىر قەدەم ، ئىككى قەدەم يۇقىرى ئورلەپ ، ئەڭ ئۇستى بوشلۇققىمۇ چىقىپ كەلدىم ...
پاھ ، پاھ ، مەن ئۇرۇمچىدە ياشىغان بۇ ۋاقىتلىق مەزگىل ئىچىدە پەقەت توۋەندىن يۇقىرغا ، ئالدى- كەينىمگە قاراپ ، يۇقىرىدىن توۋەنگە قاراپ بىقىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ...مانا مەن بۇگۇن ئۇرۇمچىنىڭ ئەڭ ئىگىز سىلىنغان ھەيۋەتلىك بىنالىرىنىڭ ئۇستىدە ، پۇتۇن ئۇرۇمچىنى تولۇق كورۇپ تۇرماقتىمەن ، بىراق بۇ بىنا كوككە تاقاشقان بولسىمۇ دۇنيانى كورەلمىدىم ، قارىغاندا دۇنيا چەكسىز بولسا كىرەك ...
ئۇرۇمچى سەن نەقەدەر گۇزەل ئىدىڭ ، ئەنە ئۇرۇمچىلىكلەرنىڭ پەخىرى قىزىل تاغ ، ئۇسىتىدە بولسا قەد كۇتۇرۇپ تۇرغان مۇنار ، ئەنە بىر - بىرىدىن بوي تالىشىپ قەد كۇتۇرۇپ بىنالار سىلىنغىلى تۇرۇپتۇ ، ئەنە ئاسما قەۋەت قەۋەت كورۇكلەر ....ئەنە سانسىزلىىغان ماشىنىلار ، ئەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە ئايرۇپىلانمۇ ئۇچۇپ كىلىپ قوندى . ئەنە پويىز ئىستانىسى ، سىرتتىن پويىزلا نوۋەت بىلەن كەلمەكتە ، سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ گۇزەل شىنجاڭ دىيارىغا قەدەم قويماقتا ..ئەنە ئادەملەر شۇنچە ئالدىراش نەگىدۇر مىڭىشاتتى .. بەلكىم ھاياتلىق ، ياشاش ئۇچۇن بولسا كىرەك ، ئەنە يىرىم يالىڭاچ كيىگەن بىر قىز بالا دۇقمۇشتا ئوتكەن كەچكەن يىگىتىلەرگە ، ئوتتۇرا ياش، ۋە ياشانغان بوۋايلارغا جۇملىدىن ئەر زاتىغا قاش كوز ئىتىپ ناز قىلاتتى ، ئاۋۇ بىنانىڭ دەرىزىدىن كورۇنۇپ تۇرۇپتۇ ، ئايالى تۇگەپ كەتكىلى بىر قانچە يىل بولغان ياشانغان ئەر كىشى ، ئۆز قىزىغا پەسكەشلىك قىلىش ئۇچۇن قولىدىن تارتىپ كارۋاتقا سورىمەكتە ، ئەنە ئاۋۇ بىنادا بولسا بويىغا يىتىپ قالغان بىر يىگىت ئاق سۇت بىرىپ چوڭ قىلغان ئانىسىغا قارا قولىنى سۇنماقچى ، ئاچىسىغا ، سىڭلىسىغا پەسكەشلىك قىلماقتا . ئەنە ھىلىقى قارا نىيەت كىشىلەر، ئادەم بىدىكلىرى ئالداپ ، تۇتۇپ كەلگەن نارسىدە بالىلارنىڭ كۆزىگە كىسلاتا قويۇپ ئەما قىلىپ ، پۇت قولىنى ۋە تىلىنى كىسىپ تاشلاپ ، دەرىجىدىن تاشقىرى مىيىپ قىلىپ ، ھارۋىغا سىلىپ دوقمۇش دوقمۇشقا تىلەمچلىك قىلىشقا تاڭ سەھەردە ئەكىلىپ قويۇپ كەتمەكتە ....ئەنە شى دا چىياۋ ( غەرىبي چوڭ كورۇك ) نىڭ ئىككى تەرىپىگە چايلاشقان باغچىدا بىر توپ ئەر كىشىلەر ( بەچچىۋاز يىگىتلەر ) بىر بىرىگە قاش كوز ئاتماقتا ، كۇپ كۇندۇزدە قۇچاقلىشىپ سويۇشمەكتە ....ئەنە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن مۇھتەرەم ئورۇن ئالغان ھىلىقى ھاجىممۇ ، تەپ تارىتماي ئالدى كەينىگە قاراپ قاراپ قويۇپ ، پاھىشخانىغا كوڭۇل ئاچىقىلى كىرىپ كەتمەكتە .....ئەنە بىر قانچە ھەقىقي مۇساپىرلار كورۇكلەرنىڭ ئاستىدا ، دوقمۇش دوقمۇشلاردا كىچىنى دالىدا مۇزلاپ تونۇپ ئوتكۇزمەكتە . ئۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق ...ئەنە كۇندۇزى يۇز كوزىنى پۇركەپ يۇردىغان بىر قانچە قىز ، كىچىسى قايسىدۇر بىر مىھمانخانىلاردا يات مىللەتلەرنىڭ ئاستىدا ئىڭىرماقتا ...ئەنە قورسىىقىدىكى نارسىدىنىڭ كىمدىن بولغانلىقنى بىللەلمەي ، تۇغۇپلا ئەخلەتخانىغا ۋە ھاجەتخانىغا تاشلىماقتا .....ئەنە ........ئەنە ...........بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن پەخىرلەنگەن ، سويگەن ئۇيغۇرۇم قىلىۋاتاتتى ..
ئۇرۇمچى شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇنلا شۇنچە گۇزەل شۇنچە گۇزەل ......شۇنچە گۇزەلمۇ ؟
ئىگىز بىنا ئۇستىدە پۇتۇن ئۇرۇمچى شەھىرىگە تويماي تويماي قارۋاتقان چىغىمدا ، ئارقا تەرىپىمدىن بىر ناتونۇش ئاۋازنىڭ قىلغان سالىمىنى ئاڭلىدىم ...
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
-..............
- سىز سىرتتىن كەلگەن ئوخشىمامسىز ؟
-...........................
- كاماندۇرىپكىغا كەلگەنمۇ ؟
- ..............................
- قارىغاندا مۇشۇ مىھمانخانىغا چۇشۇپسىزدە ؟
-....................................
- تاماكا چىكەمسىز ؟
[ بۇ يازما kuyax701 تەرپىدىن2009-03-18 16:54دە قايتا ]