«تۆۋەن تېمپېراتۇرا»ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش
مامۇت قۇربان
ئاجايىپ «تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق دۇنيا»
سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولغان كۈنلەردە يەرلەر توڭلاپ كېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گرادۇسقا چۈشىدۇ. يەرشارىنىڭ ئىككى قۇتۇپىدا تېخىمۇ سوغۇق بولىدۇ. ئەڭ سوغۇق بولىدىغان جەنۇبىي قۇتۇپتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 88.3 گرادۇسقا چۈشىدۇ، شۇڭا ئۇ يەر «دۇنياۋى سوغۇق قۇتۇپ»دېيىلىدۇ. ئاي شارىنىڭ تۇتۇق يۈزىدىكى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 160 گرادۇسقا يېتىدۇ. ئالەمنىڭ ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىدا تېمپېراتۇرا تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، 270 گرادۇسقا يېتىپ بارىدۇ.
ئۇنداقتا سوغۇق تېمپېراتۇرىنىڭ چېكى بارمۇ – يوق؟ ئالىملار بۇنى «مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا»، دەپ ئاتاپ، مۇتلەق تېمپېراتۇرىنى نۆلدىن تۆۋەن 273.15 گرادۇس بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تۆۋەن تېمپېراتۇرا ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھاۋانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 190 گرادۇستا سۇس كۆك رەڭلىك سۇيۇقلۇققا ئايلىنىشى سۇپېرتۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تەۋە بولىدۇ. بۇنداق تېمپېراتۇرىدا تۇخۇمنى قويساق، تۇخۇم سۇس كۆك رەڭلىك يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ، يەرگە تاشلىساق تۇخۇم خۇددى رېزىنكە توپقا ئوخشاش قاڭقىيدۇ، ئۇ يەرگە بىر دەستە گۈلنى قويساق گۈل ئەينەككە ئوخشاش چاقناپ كېتىدۇ، ئۇنى ئاستا چەكسەك ئاۋاز چىقىرىدۇ، چىڭراق چەكسەك گۈل ئۇۋۇلۇپ كېتىدۇ.
مېتاللارمۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ
تۆۋەن تېمپېراتۇرا مېتاللارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ مېتاللارنىڭ سوغۇق تېمپېراتۇرىدا چۈرۈكلىشىش ھادىسىسى، دېيىلىدۇ. مېتاللارغا سوغۇق تېمپېراتۇرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. 1913 – يىلى روسىيىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتى قەلەي بىلەن كەپشەرلەنگەن تۆمۈر باكقا بېنزىن قاچىلىغان، نەتىجىدە قەلەي تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئۇۋۇلۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىكى بېنزىننىڭ ھەممىسى ئېقىپ كەتكەن. بۇ ساۋاققا ئاساسەن، جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپقا ياكى سوغۇق رايونلارغا بارىدىغان كىشىلەر قەلەي بىلەن كەپشەرلەنگەن باكقا بېنزىن قاچىلىمايدىغان بولغان. قەلەي سوغۇقتىن قورقۇپلا قالماي، ئاليۇمىن، ماگنىي ھەتتا پولاتلارمۇ سوغۇقتىن قورقىدۇ. بۇنداق مېتاللارنىڭ سوغۇق تېمپېراتۇرىدا ئۇۋۇلۇپ كېتىشى ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى مىنانى مىنا تازىلاش ئەسۋابى بىلەن تەكشۈرۈپ تېپىۋېلىشقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئېلىۋېتىش ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەگەر سويۇق ھالەتتىكى سوغۇق ھاۋانى مۇشۇ ئورۇنغا پۇركىسىلا، تېمپېراتۇرا دەرھال تۆۋەنلەپ، مىنادىكى مېتال پۇرژۇنا ئۇۋۇلۇپ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ مىنا پارتلىمايدۇ.
ھازىر يېمەكلىك سانائىتىدە، جۇڭيى دورىلىرىنى پىششىقلاش، داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىش، سۇۋالغۇ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلاردا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تېخنىكا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. مەسىلەن: دېڭىزدىن نېفىت ئېلىشتا پەيدا بولىدىغان بۇلغىنىشنى تۈگىتىش قىيىن مەسىلە. لېكىن ھازىر بولغىنىشنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چىقىرىپ تاشلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، لەيلەپ چىققان نېفىت قاتلىمى ئاستىغا سويۇق ئازوت پۈركەپ، سۇ يۈزىدىكى نېفىتنى دەرھال ئويۇتۇپ، دانچىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، بۇلغىغۇچى ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا سۇدىكى بىئولوگىيىلىك جانلىقلارغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. بۇ دېڭىز مۇھىتىنى ئاسراشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
«سۇپېر ئۆتكۈزۈش ھادىسىسى»نىڭ ئاجايىپ كۈچى
1911 – يىلى گوللاندىيىلىك ئالىم كاممېرلىن. ئۇننىس (كىشىلەر ئۇنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق فىزىكىنىڭ ئاتىسى، دەپ ئاتايدۇ) تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەجرىبە ئىشلەۋېتىپ، كۈتۈلمىگەن بىر ھادىسىنى بايقىغان. تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 269 گرادۇسقا چۈشكەندە (سۇيۇق گېلى تېمپېراتۇرىسى رايونى) سىمابنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى تاسادىپىي يوقىغان، مانا بۇ «سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ھادىسىسى»بولۇپ، ئەسلىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ماددىلارنى يېڭى بىر ھالەت –– سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ھالىتىگە ئايلاندۇرغانىدى.
ئارقىدىنلا كىشىلەر يەنە بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇلار قوغۇشۇندىن ھالقا قۇيۇپ، ئۇنى ئابساليوت نۆل گرادۇسقا يېقىن ئۆتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا قويغاندا، قوغۇشۇننىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى تۈگىگەن. ھالقىغا توك ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن توك يولىنى ئۈزۈپ، پۈتكۈل قۇرۇلمىنى يېپىق ھالەتكە ئەكەلگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇلار ئەسۋابنى ئېچىپ، ھالقىنىڭ توك ئۆتكۈزۈش كۈچىنى ئۆلچىگەندە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بايقىغان. ئەسلىدە «سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ھالقا»نىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى نۆل بولۇپ، ئېنېرگىيە ئاساسەن سەرپ بولمىغان، شۇڭا ھالقىدىكى توكنىڭ بىر نەچچە يىل، ھەتتا بىر نەچچە ئون يىل ساقلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئىزچىل تۈردە توك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى. چۈنكى بۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، توك كۈچى سانائىتىدە بىر مەيدان ئىنقىلابنى قوزغىدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى توك ئېنېرگىيىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى توك يەتكۈزۈش سىمىدا خوراپ كېتىدۇ. ئەگەر ئېلېكتر قارشىلىقى بولمىغان سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللاردىن توك سىمى ياساپ، ئىرىلياتۇرلۇق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ «خورىمايدىغان توك يەتكۈزۈش»ئىشقا ئاشۇرۇلسا، نۇرغۇن توكنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئېنېرگىيە مەنبەسى جىددىي بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بايلىقتۇر.
ھاياتلىقنى توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولامدۇ؟
ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ھاۋانىڭ نۆلدىن تۆۋەن 190 گرادۇستا سۇس كۆك رەڭلىك سۇيۇقلۇققا ئايلىنىشى، ئۇنىڭ زىيادە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تەۋەلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بېلىقداندىكى ئالتۇن بېلىقتىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ، بۇ سۇيۇقلۇققا كىرگۈزۈپ، ئاندىن چىقىرىۋېلىپ قارىسىڭىز، بېلىق قېتىپ، مەرۋايىتتەك پارقىراپ، خۇددى كرېستال ئەينەكتىن ياسالغان بۇيۇمدەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسىز. بۇ «ئەينەك ئالتۇن بېلىق»نى بېلىقداندىكى سۇغا قايتا سالسىڭىز، ئالتۇن بېلىقنىڭ قايتىدىن تىرىلىپ، ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز.
«ئالتۇن بېلىقنىڭ توڭلاپ يەنە تىرىلىشى»بىزگە «ھاياتلىقنى توڭلىتىپ ساقلاش»قا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرىنى ئاستا – ئاستا تۆۋەنلەتكەندە، بېلىقنى تىرىلدۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، تېمپېراتۇرا ئاستا – ئاستا تۆۋەنلىتىلگەندە ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىكى سۇ توڭلايدۇ، توڭلىغان ۋاقتىدا ھەجمى يوغىناپ، ھۈجەيرە دىۋارلىرىنى يېرىپ، ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ؛ لېكىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تېز توڭلىتىلسا، ھۈجەيرىلەردىكى سۇ كۆپۈشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ – دە، كىلىتكىلار بۇزۇلمايدۇ. كىلىتكىلار زىيادە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىلا ھەرىكەتتىن توختايدۇ، ماددا ئالماشتۇرالمايدۇ. تېمپېراتۇرا بىردىنلا ئۆرلىسە، ھاياتلىق قايتا ئەسلىگە كېلىدۇ. ھازىر ئالىملار دەل مۇشۇ سىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ گېزىتى « 2009- 03- 16»