ئىسرائىلىيىلىك ئىككى ساقچى ئۆلدى
شىنخۇا تورى، يېرۇسالېم، 16 – مارت خەۋىرى. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ 15 – مارت، ئىككى ساقچىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يولدا ئوققا تۇتۇلۇپ قازا قىلغانلىقىنى، ساقچى تەرەپنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىككى ساقچى شۇ كۈنى كەچتە ئىئوردان دەرياسى جىلغىسى بويىدىكى بىر يەھۇدىيلار مەھەللىسى ئەتراپىدا ئاپتوموبىللىق چارلاۋاتقاندا ئوققا تۇتۇلغان، ئارقىدىن ئاپتوموبىل كونترولسىز قېلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى «2009- 03- 17»