ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 208 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەسەبىيلىك كېسەللىك دەۋرى 40 ياش، بەختلىك دەۋرى 70 ياش پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3910
شۆھرەت: 1150246 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12735563 سوم
تۆھپە: 153 نۇمۇر
ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1977(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 ئەسەبىيلىك كېسەللىك دەۋرى 40 ياش، بەختلىك دەۋرى 70 ياش

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ

ئەسەبىيلىك كېسەللىك دەۋرى 40 ياش، بەختلىك دەۋرى 70 ياش

ئىنسانلاردا ئەسەبىيلىك كېسەللىكى 40 ياشقا كىرگەندە كۆرۈلىدىكەن



تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەسەبىيلىك كېسەللىك دەۋرى 40 ياش، بەختلىك دەۋرى 70 ياش.
ئىگىلىنىشىچە، ئەسەبىيلىك كېسەللىكى ئادەتتە 40 ياشقا كىرگەن كىشىلەردە ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن. 70 ياشقا كىرگەندە بولسا ئادەم ئۆزىنى خۇددى 20 ياشلىق يىگىتتەكلا ھېس قىلىدىكەن.
ئىنسانلاردا ئەسەبىيلىك كېسەللىكى 40 ياشقا كىرگەندە كۆرۈلىدىكەن.
ئامېرىكىلىق ۋە ئەنگىلىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 80 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقاتى، ئىنسانلارنىڭ ئەسەبىيلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدە يەنى 40 ياشلارغا كىرگەن چاغدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىلىق ۋە ئەنگىلىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر 2 مىليۇنغا يېقىن كىشىنىڭ ئەسەبىيلىك كېسەللىكى، ئەندىشە سەۋىيىسى ۋە ئومۇمىيۈزلۈك روھىي كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
ئافرىقا قىتئەسىدىكى زىمبابوۋېيدىن ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئالبانىيىگىچە 80 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى بەختلىك بولۇش ئەھۋالى بىلەن روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقى بەزىدە ياخشى بولسا يەنە بەزىدە ناچار بولىدىكەن. يەنى ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بەختلىك باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ياش قۇرامىغا يەتكەندە بەختسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، ئەسەبىيلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى 40 ياشلىق كىشىلەردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئەھۋال، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن، تۇرمۇش قۇرغان بولسۇن ياكى تۇرمۇش قۇرمىغان بولسۇن، بالىسى بار بولسۇن ياكى بالىسى يوق بولسۇن ئوخشاش ئىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە 70ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئادەتتە ئۆزلىرىنى خۇددى 20 ياشلىق يىگىتتەكلا ھېس قىلىدىغانلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرمۇ بار.
ئەگەر بىر كىشى 70 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تەن – سالامەتلىكى ياخشى بولسا ئۆزىنى گويا 20 ياشلىق بىر يىگىتتەكلا بەختلىك ھېس قىلىدىكەن.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 21:23 |
شەبنەم تور رادىئوسى
Abduqopal315
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
شۆھرەت: 219 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ماڭا بىر نىمە دەپ سالماڭلار  مۇنبەردىكىلەر ،مەن دەل 40 قا كىردىم ،يەنە 30 يىلدىن كېيىن نىمە دىسەڭلار كۆتۈرىمەن .     

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:30 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ساغلاملىق بىلىملىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-18 23:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ