باش باھاردا پەمىل چاي، كەچ باھاردا كۆك چاي ئىچكەن ياخشى باش باھاردا سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىللىق ھاۋا ئالمىشىدىغان بولغاچقا، يامغۇر كۆپرەك ياغىدۇ، ھاۋا بەزىدە ئوچۇق بەزىدە تۇتۇق بولۇپ، بەزىدە شامال چىقسا بەزىدە يامغۇر ياغىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ۋاقتىدا ماسلىشالماي ئاسانلا زۇكامداپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەمىل چاي ئىچسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، پەمىل چاي بەدەندىكى يامان ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئادەم بەدىنىدە ياخشى ئامىللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چوكانتالدىن قىزىلكوس ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىت كەچ باھار دېيىلىدۇ، بۇ دەل باھار بىلەن ياز ئالمىشىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، يېمەك- ئىچمەكتە سوغۇق، مايسىزلىرىنى تاللاپ يېگەن ياخشى. بۇ ۋاقىت كۆك چاي ئىچىشكە مۇۋاپىق، كۆك چاينىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولى بار. خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
|