ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 302 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: زەم - زەم  سۈيى  ھەققىدە  قىسقىچە  چۈشەنچە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

HALKQIL
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 11170
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 950
شۆھرەت: 1071 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8937 سوم
تۆھپە: 56 نۇمۇر
ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1446(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 زەم - زەم  سۈيى  ھەققىدە  قىسقىچە  چۈشەنچە

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
زەم - زەم  سۈيى  ھەققىدە  قىسقىچە  چۈشەنچە


           بارلىق  مۇسۇلمانلارغا  ئوخشاش،  ئۇيغۇيلارمۇ  زەم - زەم  سۈيىنى  قەدىرلەيدۇ،  ھاياتىدا  ئۇنى  بىرەر  قېتىم  بولسىمۇ  ئىچىپ  بېقىشنى  ئارمان  قىلىدۇ.  ھەتتا  ئۇلار  ناخشا - قوشاقلىرىدىمۇ  زەم - زەم  سۈيىنى  تىلغا  ئالىدۇ.  تەشنالىق  شارابى  سۈپىتىدە  قەدىرلەيدۇ.    دۇنيادا  ئۇيغۇرلاردەك  ئاق  كۆڭۈل،  ساپ  ۋە  تۈز  نىيەتلىك  مۇسۇلمانلار  بولمىسا،  كېرەك.  ئۇيغۇرلار  ھاجىغا  بارغۇچىلارغا  قانچىلىك  كۆپ  ۋە  قانچىلىك  قىممەتلىك  يوللۇقلارنى  تۇتقان  بولسىمۇ،  ھاجىلار  بەرگەن  بىر  يۇتۇم  زەم - زەم  سۈيىدىن  ئالەمچە  خوشاللىققا   تولىدۇ.  ئاتا - ئانىسىنىڭ  پىشانىسىگىمۇ  سۆيۈپ  باقمىغانلار  ھەرەمدىن  كەلگەن  ھاجىلارنىڭ  باش  كۆزلىرىگە  سۆيۈپ،  سىپاپ  كېتىشىدۇ.  بۇلارنىڭ  ھەممىسى  ئۇيغۇرلاردىكى  ئىخلاس  ۋە  سەمىمىيەتنىڭ  قانچىلىك  يۇقۇرىلىقىنى  ئىپادىلەيدۇ.  

ئابدۇل  ئەزىز  ئەپەندى  بىلەن  سۆھبەت

 سەئۇدى  ئەرەبىستاننىڭ  ( medine munewwere )مەدىنە  مۇنېۋۋەر  شەھىرىدىكى  ئىسلام  ئۇنىۋېرسىتېتىنى  پۈتتۈرۈپ  مەككىدە  ئىلمىي  خىزمەتلەر  بىلەن  مەشخۇل  بولىۋاتقان  ئابدۇل  ئېزىز  ئەپەندى  زەم - زەم  سۈيى  ھەقتە  مۇنداق  دىدى:  زەم - زەم  سۈيى  ئاللا تاالا (  allah taalaning )  ئىسمائىل  ئەلەيسالامنىڭ  ئىككى  پۇتىنىڭ  ئاستىدىن  چىقىرىپ  بەرگەن  مۇبارەك  سۇدۇر.  مىلادىدىن   تەخمىنەن  2000  مىڭ  يىللار  ئىلگىرى  پەيغەمبەرلەرنىڭ  پېشىۋاسى  ئىبراھىم  ئەلەيسالام  ئاللا تااللانىڭ  ئەمرى  بىلەن،  ئايالى  ھەجەر  بىلەن   ئوغلى  ئىسمائىل  ئەلەيسالامنى  شۇ  ۋاقىتتىكى  سۇسىز،  گۈل - گىياھسىز،  قاقاسلىق  چۆل  مەككىگە  ئەكىلىپ  قويۇپ  كېتىپ  قالىدۇ.  ھەجەر  سۇ  ئىزدەپ  سافا  بىلەن  مەرۋە ( safa bilen merwe )  ئىككى  تاغ  ئوتتۇرسىدا  يۈرگەن  بولسىمۇ  سۇ  تاپالمايدۇ.  ئىسمائىل  ئەلەيسالام  قاتتىق  ئۇسسۇزلۇقتىن  قىينالغان  ۋاختىدا  ئۇنىڭ  ئىككى  تاپىنىنىڭ  ئاستىدىن  بۇلاق  سۈيى  چىقىدۇ.   ئانىسى  ھەجەر  سۇنى  كۆرۈپ  قاتتىق  خوشال  بولىدۇ  ۋە  سۇنى  بېكار  ئېقىپ  كەتمىسۇن  دەپ  زەم - زەم ( يەنى - توختا )  دەيدۇ.  شۇندىن  بېرى  بۇ  سۇ  زەم - زەم  سۈيى  دەپ  ئاتىلىپ  قالىدۇ.

زەم - زەم  قۇدۇقىنىڭ  ئورنى

 ئابدۇل  ئەزىز  ئەپەندى  زەم - زەم  قۇدىقىنى  تونۇشتۇرۇپ  مۇنداق  دىدى:  زەم - زەم  قۇدىقى  مەسچىتى  ھەرەم ( mesjidi herem ) نىڭ  سەيناسىدىكى   مەقامۇ  ئىبراھىم ( meqamu ibrahim ) نىڭ  جەنۇپ  تەرەپى  ۋە ( hejerul eswedning )  ھەجەرۇل   ئەسۋەدنىڭ  ئۇدۇلىغا  جايلاشقان.  كەبىدىن  21  مىتىر  ۋە  ھەجەرۇل  ئەسۋەد ( hejerul  eswedtin ) تىن  18 مىتىر  يىراقلىقتا  بولۇپ،  چوڭقۇرلۇقى  43  مىتىر  كىلىدۇ.  قۇدۇقنىڭ  ئاستىدا  3  دانە  بۇلاق  بار.  بۇلارنىڭ  بىرى  ھەجەرۇل  ئەسۋەد ( hejerul eswedning ) نىڭ  يېنىدا،  يەنە  بىرى  سافا  تېغىنىڭ  يېنىدا،  ئۈچۈنچىسى  مەرۋە ( merwe ) نىڭ  يېنىدا.  بۇرۇن  زەم - زەم  قۇدۇقىنىڭ  ئىككى  كۆلچىگى  بار  بولۇپ،  بىرى  زەم - زەم  قۇدىقى  بىلەن  ھەجەرۇل  ئەسۋەد ( hejerul eswed )   نىڭ  ئوتتۇرىسىدا  ئىدى.  كىشىلەر  بۇ  جايدىن  زەم - زەم  ئىچەتتى.  يەنە  بىرى  سافا  تەرەپكە  ئېچىۋېتىلگەن  بولۇپ،  كىشىلەر  ئۇنىڭدىن  تاھارەت  ئالاتتى.  كىيىنچە  كەبىنى  تاۋاپ ( kebini tawap )  قىلغۇچىلارغا  قىستىلاڭغۇ  بولۇپ  قالغانلىق  سەۋەبىدىن،  زەم -زەم  كۆلچەكلىرى  تاقىۋېتىلىپ،  كەبىنىڭ  ئەتراپىدىكى  مەيداننىڭ  ئاستىغا  كىشىلەر  پەلەمپەي  بىلەن  كىرىپ  ئىچىدىغان  قىلىپ  جۈمەكلەر  بېكىتىلىدۇ.  2003 - يىلى  مىلادىيە  يىلىغا  كەلگەندە  ھەرەمنىڭ  سەيناسىنى  ئازادىلەشتۈرۈش  مۇناسىۋېتى  بىلەن  زەم - زەم   قۇدىقىغا  چۈشىدىغان  ئېغىز  تاقىۋېتىلىپ،  زەم - زەم  سۈيى  سەينانىڭ  يان  تەرەپىدىن  تۇرىبىلار  ئارقىلىق  چىقىرىپ  قويۇلدى.

]زەم - زەم  سۈيىنىڭ  خاسىيىتى
 ئابدۇل  ئەزىز  ئەپەندى  زەم - زەم  سۈيىنىڭ  خاسىيىتى  ھەققىدە  مۇنداق  دىدى:  21 -
ئەسىرنىڭ  بىولوگىيە  ئالىملىرى  زەم - زەم  سۈيىنىڭ   تا  قىيامەتكىچە  سىرىنى  بىلگىلى  بولمايدىغان  مۆجىزىگە  ئىگە  ئالاھىدە  بىر  سۇ  ئىكەنلىگىنى  ۋە  دۇنيادا  ھىچقانداق  بىر  سۇنىڭ  پاكلىقتا  ۋە  سۈزۈكلۈكتە  زەم - زەم  سۈيى  ئېرىشكەن  خۇسۇسىيەتلەرگە  يېتەلمەيدىغانلىقىنى  سۆزلىمەكتە.  قىسقىسى  زەم - زەم  سۈيى  مىڭلارچە  يىللاردىن  بېرى  مىقدارى  ئازىيىپ  كەتمەستىن  ياكى  ئېتىلىپ  چىقىپ  پالاكەت  تۇغدۇرماستىن  بىر  خىل  چىقىپ  كەلمەكتە.   ئۇندىن  باشقا  ئادەتتىكى  سۇلارغا  ساقلىغۇچى  ماددىلارنى  ئارلاشتۇرماستىن  ئۇزۇن  مۇددەت  ساقلىغاندا  ئۇنىڭ  تەمى  بۇزۇلىدۇ.  ئەمما  زەم - زەم  بۇنىڭ  ئەكسىچە  بولۇپ،   بىر  خىل  تەمى  بىلەن  داۋام  قىلىۋېرىدۇ.  زەم - زەم  سۈيىنىڭ  تەمى  دۇنياۋى  بىر  تەم  بولۇپ  بىرەر  قېتىم  زەم - زە  سۈي  ئىچكەن  ئادەم  ئۇنىڭ  تەمىنى  بىلىۋالىدۇ.  قايتا  ئىچكەن  ھامان   ئۇنى  پەرق  ئېتەلەيدۇ.  زەم - زەم  سۈيىنى  دۆلەتلەر  ئارا  يۆتكەش  ۋە  ئۇزۇن  مۇددەت  ساقلاش  بىلەنمۇ  ئۇنىڭ  تەمى  ئۆزگەرمەيدۇ.  بۇ  دىگەنلىرىمىز  نەزەرىيە  ياكى  قەدىمقى  كىتاپلارنىڭ  خەۋىرى  ئەمەس،  بەلكى  تەجرىبە  ۋە  ئىلمىي  تەتقىقاتلارنىڭ  يەكۈنى.  زەم - زەم  سۈيىنىڭ  بەزى  كېسەللىكلەرگە  شىپا  بولغانلىقى  توغۇرلۇق  يېزىلغان  ئىلمىي  ماقالىلارمۇ  ئاز  ئەمەس.  ھازىرغىچە  زەم - زەم  سۈيى  زىيان  قىلغان  بىرەر  جانلىق  كۆرۈلمىگەن.

زەم - زەم سۈيى  ئىچىشنىڭ  پايدىسى

           ئابدۇل  ئەزىز  ئەپەندىنىڭ  ئېيتىشىچە،  ھەج  قىلغۇچى،  ئۆمرى  قىلغۇچى  ۋە  شۇنداقلا  ھەر  قانداق  بىر  مۇسۇلماننىڭ  زەم - زەم  سۈيىدىن  ئىچىشى  ساۋاپلىقتۇر.  ئەبۇ  رەزىيەللاھۇ  ئەنخۇدىن ( Ebu zer reziyellahu enhudi )  رىۋايەت  قىلىنغان  بىر  ھەدىستە  پەيغەمبەر  ئەلەيسالام  زەم - زەم  سۈيىنى  نىمە  مەخسەت  بىلەن  ئىچسە  شۇنىڭغا  پايدا  قىلىدۇ  دەپ  كۆرسەتكەن.



مەنبە :  www.uighurbiz.cn  دىن  pis-pas  نىڭ  يازمىسى.





          




        

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 12:28

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 19:43 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ALIP-TKIN
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75239
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 810 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئاللاھ تىلكىمنى ئىجابەت قىلىپتۇ قايسى كۇنى بۇ تىما يۇللانغاندا رەسمى بۇلغان بۇلسا بىر كۇرۇپ باقسام دەپ ئۇيلىغان ئىدىم مانا رەسم بىلەن يۇللىنىپتۇ  

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:40 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ئۇيغۇرۇم007
رەزىل دۇنيا
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 39262
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 969
شۆھرەت: 501172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 73 سوم
تۆھپە: 265 نۇمۇر
ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 974(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بۇ تىمىنى مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرئاي 3 كۈننىڭ ئالدىدا يوللىغان ، سىزنىڭ يوللىغىنىڭىز تەكرار بوپ قاپتۇ .
  ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﺳﯜﻳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ
./read.php?tid-101022-keyword-.html

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ھاياتلىقنىڭ پەيزى ، ئەگىر-توقايلىقتا .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:41 |
nishan
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 13448
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 273
شۆھرەت: 274 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2399 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 692(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە بېرىپ كەلمىسەم ... ھەرەمدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ھەرگىز ئىسىمدىن چىقمايدۇ..  ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:07 |
قۇمباغ
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3903
شۆھرەت: 1120711 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 490 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1282(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

اللە نىسىو قىلسا بارمەن.

ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:12 |
isimsiz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 34238
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1001(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

سۆرەتتىكى زەمزەم سۈيى ئەمەس. مەدىنە-مۇنەۋۋەر مەسجىدى نەبەۋى(پەيغەمبەرمەسجىدى) مەيدانىدىكى سوغاق سۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 01:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-18 23:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ