سايىسىنىڭ بۈيۈكلىكىگە ئالدانغان بۆرە
تۈركچە «ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى» دىن تەرجىمىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر موھەممەد
قۇياشتا ئۆزىنىڭ سايىسىنڭ نەقەدەر بۈيۈك ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بىر بۆرە ئۆز ـ ئۆزىگە:
ـ مۇشۇنداق بۈيۈك بىر جانىۋار بولغان مەن، ئارسلاندىن نىمە دەپ قورققىدەكمەن. ئەمدى ئۆزەمنى ھايۋانلارنىڭ پادىشاسى دەپ ئېلان قىلاي، دەپتۇ.
بۆرە بۇ خىياللار ئىچىدە تۇرغاندا ئالدىغا بىر ئارسلان چىقتى. ئۆزىنڭ بەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بۆرە، ئارسلاندىن قاچمىدى. ئارسلانمۇ، يىمەكلىك ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاش ئاۋارىچىلىقىغا كىرمەستىن ئۇنى پارچىلىدى ۋە يەۋەتتى.
بۆرىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى شۇ بولدى:ئۆز ئۆلۈمۈمنى ئۆزۈمنىڭ ئەقىلسىز كاللام بىلەن ئۆزۈم ھازىرلىدىم.
* ئىنسانلار كۆپ زامانلاردا ئۆز بېشىغا كەلگەن پالاكەتلەرنى، ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئەقلسىزلىقى بىلەن ئۆزلىرى ھازىرلايدۇ.
ئارسلان بىلەن ئۆكۈزلەر
تۈركچە «ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى» دىن تەرجىمىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر موھەممەد
ئاچ ئارسلان، ئوتلاقتا ئوتلاۋاتقان ئۈچ ئۆكۈزگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆكۈزلەردىن بىرىگە ھۇجۇم قىلماق ئىستىگەن بولسىمۇ باشقا ئۆكۈزلەرنىڭ ياردەمگە يۈگرەپ كېلىشى بىلەن، غەلىبە قىلالمىدى.
نىمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆكۈزلەرنىڭ بىرلىك ئىچىدە قوغدىنىشىغا ئۇچرىدى.
ئاخىرىدا بىر پلان تۈزدى. ئۆكۈزلەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرىدىغان يالغانلارنى يېيىۋەتتى. ئارىلىرىغا پىتنە - پاسات تارقاتتى. ئۇ زامانغا قەدەر بىر - بىرىدىن ئايرىلمىغان ۋە بىر - بىرىنى قوغدىغان ئۆكۈزلەرنىڭ بىرلىكلىرى بۇزۇلدى. ھەر بىرى ئايرىم يەردە ئوتلىماق ئۈچۈن تارقىلىپ كەتتى.
ئارسلاننىڭ ئىستىگىنىمۇ بۇ ئىدى. ئۈچى بىر يەردىكى ۋاقتىدا بىر نەرسە قىلالمىغان ئۆكۈزلەرنى بىر - بىرلەپ ئوۋلىدى، داستىخىنىغا ناشتىلىق قىلدى.
* بىرلىكتىن قۇۋۋەت تۇغۇلۇر، بۆلۈنگەنلەر زەئىپلىشەر، دۈشمەنلىرىگە يەم بولۇر.(كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە. بۆلۈنگەننى بۆرە يەر، ئايرىلغاننى ئېيىق.)
تۈركچە-ئۇيغۇرچە سىلىشتۇرما ھېكايىلەر ئارقىلىق تۈرك تىلىنى قولايلىقچە ئۆگىنىڭ!
http://www.meripet.org/ders/tr/hikayeler/http://www.meripet.org/ders/tr/hikayeler/pdf/EGHH.pdfئەسەر مەنبەسى-
www.meripet.org