ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 275 - كۆرۈرمىنى
ئاقسۇ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59427
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

 خىياللىرىمسەن(ھىكايە)

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
   مانا ئاردىن بىريىل ئۆتتى،سىنىڭ قەيەردە،قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىڭنى ،نىمە قىسمەتلەرگە ئۇچراپ قانداق كۇنلەرنى بېشىڭدىن كەچۈرۋاتقانلىقىڭنى بىلمىسەممۇ،بىلسەڭ سەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ،ھەر مىنۇت بەخىت تىلەيمەن ،مەيلى قايەرلەردە بولغىن ياخشى كۈنلەرنى كۈرۈشىڭنى مەن سىنى ۋەدە بېرىپ ئېرىشتۈرەلمىگەن بەخىتلەرگە ئېرىشىشىڭنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!شۇنداقلا ھەربىر دۇئالىرىمدا ،ھەرمىنۇت سۈرگەن خىياللىرىمدا سىنىڭ بەخىتلىك بولشىڭنى ،ياخشى كۈنلەرنى ،ھەرقانداق بىر ئادەمدىن ياخشى كۇنلەرنى كۈرۈپ ياخشى ياشىشىڭنى ئۇلۇق ئاللاھدىن تىلەيمەن،ھەردايىم خىيال قىلىمەن!
  مۇشۇ بېريىلدىن بۇيان سىنى ئويلىمىغان ۋاقىتلىرىم يوق،
ئەمىسە مىنى سېغىنمىدىڭغۇ دېدىڭما؟
سېغىندىم ئەلۋەتتە سېغىندېم ،نىمىشقا سېغىنمىغىدەكمەن،سىنى ئەلۋەتتە سىغىندىم،بۇ بىريىل ئىچىدە سىنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى ،ۋىسالىڭغا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىمنى ،بىر ئۆزۈم بىلىمەن بىر ئۇلۇق ئاللاھ بىلىدۇ،بۇنداق سېغىنىشنى ئۇلۇق ئاللاھ مەندىن باشقا ھىچقانداق بەندېسىگە سالمىسۇن! مەن پەقەت بۇ خىل ئازاپلىق تۇيغۇلارنى يەنە سەن ئارقىلىق ،خىياللىرىمدىكى سەن ۋە سەن بىلەن ئۆتكۇزگەن گۈزەل ئەسلىمىلىرىم ئارقىلىقلا يىنىكلىتىپ كەلدىم،ھەم شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئارقىلىق بۇ تۇرمۇشتىن كىچىككىنە بولسىمۇ ھۇزۇر ئېلىپ يۇرۈپتىمەن مۇنا!
ئۇنداقتا مىنى نىمىشقا ئىزدىمەيسەن دېدىڭما؟
ئەمدى نىمە دەرمەن بۇ سۇئالىڭغا ئۇف،ئەمدى سېنى قايسى يۈزۈم بىلەن ئىزدەرمەن؟مەندەك مۇھەببەتنىڭ ئاسىيسى ،مۇھەببەت ساتقىنى ،ۋاپاسىز ،مۇھەببەت قاتىلى قايسى يۈزۈنى كۈتۈرۈپ ئالدىڭغا بېرىپ سېنى ئىزدەرمەن!
مەن ئازدىم توغرا مەن ئازدىم ،ئازغاندىمۇ ئانداق -مۇنداق ئازمىدىم،مۇشۇ ئېزىشىمدا ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلدىم،پاك مۇھەببىتىمدىن،جېنىمدىن ئەزىز كۈرىدىغان سېنىڭدىن،پاكلىقىمدىن،ياشلىق باھارىمدىن ،مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتىن ئايرىلدىم!
سەن بىلىسەن ئادەم بۇ دۇنيادا مىھرى -مۇھەببەتسىز  ياشىسا ئۇنىڭ تىرىكلىكى بىلەن بىلەن ئۈلۈكنىڭ نىمە پەرقى دەيسەن.
مۇنا مەن ئەمدى شۇنداق ياشىماقچى،ھاياتىمدىكى بارلىق مۇھەببەتكە خاتىمە بەرمەكچى،مۇھەببەت بىلەن تەلتۇكۈس خوشلاشماقچى!
چۇنكى ماڭىمۇ خۇدايىم نىسىپ قىلغان شۇ پاك مۇھەببەتنى مەن قەدىرلىيەلمىدىم ،ئەكسىچە ئۆز قۇلۇم بىلەن دەپنە قىلىۋەتتىم،ئەمدى بىلسەم بۇ يۈرەككە پەقەت بىر سەندىن باشقا ئىككىنجى بىرى سىغمايدىكەن.
ئەمدى مىنى ئىزدىمە ،بەخىتلىك بول ،مەن ئاتا -ئانامنىڭ رازىلقىنى ئالمىسام بولمايدۇ ،ئۇلارنىڭ رايىنى قايتۇرسام بولمايدۇ......دىگىنىمدە ،بوينۇمغا چىڭ ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ،مىنى تاشلىۋەتمە،نىمە دېسەڭ مەيلى مىنى تاشلىۋەتمە،مەن تۈگۈشۈپ كىتىمەن ....دىگەنلىرىڭدە مەن قۇپاللىق بىلەن سىنىڭدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپلا داد پەريادلىرىڭغا  خۇددىي تاش يۇرەك مەخلۇقلاردەك پەرۋامۇ قىلماي كىتىپ قالغان ئىدىم.دىگۈنە مەن ھازىر سىنى يەنە يۇزۇمنى داپتەك قىلىپ قانداق ئىزدەيمەن؟
  ئانامنىڭ بالام يېشىڭىزمۇ ،بىر يەرگە بېرىپ قالدى،خىزمەتكە چىققىىلىمۇ سىزگە تۆت يىل بولۇپ قاپتۇ،ئەمدى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزنىڭمۇ ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ دەپ گەپ قىلمىدۇق ،لىكىن سىزمۇ جىم يۇرۈۋەردىڭىز ،شۇڭا مەن دادىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يىقىن ئاغىينىسى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يالغۇز قىزى گۈلىستاننى سىزگە ئېلىپ بەرمەكچى بولدۇق ،ئۇمۇ سىزدەك مۇشۇ شەھەردە خىزمەت قىلىدۇ،خىزمەتكە چىققىلىمۇ بىر يىل بوپتۇ،شۇڭا دادىڭىز ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن لەۋىز قىلىشىپتىكەن،دادىڭىزنىڭ كۆزى ئۇچۇق بولسىغۇ،دەپ كۆزلىردىن ئىسسىق يا شلارنى ئاققۇزغاندا ،ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن ئەمما يەنە ئانامنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشنى خالىماي ،ئاچچىق ياشلىرىم بىلەن بىلەن قۇشۇپ يۇتۇۋەتكەن يۈرەك سۆزلىرىمنى دىيەلمىدىم،كاللامدا بىرىنجىدىن دادام لەۋېز قىلغان ئىكەن،ئىككىنجىدىن سىنىڭ خىزمەت ئورنۇڭ يەنىلا شۇ شەھرىمىزنىڭ يىراق يېزىسىدا بولۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ قۇشۇلماي قېلىپ ئانامنىڭ يەنە كۆزلىرىدىن يەنە ئىسسىق ياشلارنىڭ قۇيۇلۇشنى خالىمىدىم......
  بىرئايغىچە سەن ماڭا كۈندە دىگۈدەك تېلفۇن قىلدىڭ،مىنىڭمۇ تېلفۇنۇڭنى نەقەدەر ئالغۇم بار،تېلىفۇننى  ئېلىپلا سىنى قانچىلىك ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ئېيتقۇم بارلىقىنى ئۈزۈڭ بىلىسەن ،مىنى بىر قېتىم كۈرۇۋېلىش ئۈچۈن ،ھەقىقى يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاخىرقى ،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىۋېلىش   ئۈچۈن نەچچە قېتىم ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغىنىڭنى بىلمىدىم ئەمەس بىلدىم،يۈگرەپ چىقىپلا سىنى باغرىمغا بېسىپلا ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلىغۇم بار،بار لىكىن رىئاللىق مىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىمدا ئەمەس.ئۇف.....سەن دىگىنە سىنى قايسى يۈزۈم بىلەن ئىزدەيمەن؟سەنغۇ مىنى كەچۈرەرسەن بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل  ،لىكىن مەن ئۈزەمنى كەچۇرەلمەيمەن!
  مەندىن قانداقراق تۇردۇڭ سەن بەخىتلىكمۇ سەن،دەپ سورىدېڭما؟
مەن بەخىتلىك ،ئاللاھقا شۈكرى،مەن بەخىتلىك دىيىشىمدىكى سەۋەب، چۈنكى مەندە  سەن بىلەن بەخىتلىك ئۆتكۇزگەن ،قىسقا بولسىمۇ ھىچكىمگە نىسىپ بولمىغان ،ئۈزەمگىلا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىم بار،شۇنداقلا بۇ دۇنيادا بەزىلەر بىر ئۆمۈر ئىرىشەلمەيدىغان ھەقىقى مۇھەببەتكە سەندىن ئىرىشكەنمەن!شۇڭا مەن بەخىتلىك جىنېم.
  تۇرمۇشۇڭ قانداق ئۈتۈۋاتىدۇ؟گۈلىستان بىلەن قانداق ئۈتۈۋاتىسەن دەپ سورايسەنغۇ دەيمەن ؟بولدۇ مەن دەپ بېرەي ھەممىنى ساڭا دەپ بېرەي ،ئۇف- بۇ دۇنيادا گەپلىرىمنى -دەرىتلىرىمنى بېر ساڭا دېمەي يەنە كىمگىمۇ دېيەلەيتىم؟   سەن بىلەن ئېغىىزچە ئايرىلغاندىن كىيىن مەن تويدىن بۇرۇن گۈلىستان بىلەن بىرنەچچە رەت كۈرۈشتۈم،ھەر قېتىم كۈرۈشكەندە ئۇ تالاي ۋەدىلەرنى بىرەتتى ،ئۈزىنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى خۇددىي يادقا ئېلىۋالغاندەك ھەر قېتىم كۈرۈشكەندە توختىماي سۆزلەپ كىتەتتى،دادىسى بىلەن مەن ھەر قېتىم ئۇچراشقاندىمۇ توختىماي ،قىزىنىڭ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلىقى ،ھىچقانداق بىر ئوغۇللار بىلەن ئارلىشىپ باقمىغانلىقى ،قىزنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقى ،قىزدىن پەخىرلىندىغانلىقىنى ئېيتاتتتى،گۈلىستان بارا -بارا ئۆيىمىزگىمۇ ھىچ ئىككىلەنمەي كىلىپ ئانامنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلىپ كىتەتتى،بۇنداق چاغلاردا ئانام بولسا ئىختىيارسىز كۆزلىرگەياش ئېلىپ ،ياخشى بىر كىلىنگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولاتتى ،بۇنداق چاغلاردا گۈلىستاننىڭ ئورنىدا سېنىڭ بولشىڭنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە؟ئۇنىڭ بەرگەن تۇگىمەس ۋەدېلىرگە ،مەن ئىشەندىم.چۇنكى ئۇنىمۇ ساڭا ئوخشاش ئاقكۆڭۇل دەپ ئويلۇدۇم.
   بىر ئايدىن كىيىن تۇيۇم بولدى،ئارلىقتىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە سەنمۇ ماڭا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىگەندەك ئىدارەڭدىن بىر سان ھەل قىلىپ يىراق-يىراقلارغا تۆت يىللىق ئۇقۇشقا  مېڭىش ئالدىدا يېقىن دوستۇمدىن  بېرگە ماڭا بەخىت تىلەيدىغانلىقىڭنى ،ئۇقۇشۇڭ پۇتكۇچە بىر ئامال قىلىپ بۇ شەھەرگە كەلمەي ئۇقۇشقا بارغان يەردە قېلىپ قالدېغانلىقىڭنى ئېيتىپ خوشلاشتىڭ،مۇشۇ چاغدا سىنىڭ مەندىن قانچىلىك ئۈمۈدسېزلەنگەنلىكىڭنى ،مەندىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەنلىكىڭنى ،بۇ شەھەر ۋە ماڭا قانچىلىك ئۆچ بۇلۇپ لەنەت ئۇقۇغانلىقىڭنى مەن سىزىپ تۇرمەن ،سەن بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسېدىن ھەممىدىن ئۈمىت ئۈزگەن ئىدىڭ!
  توي بولغان كۈنىسنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ گۈلىستان ناتۇنۇش بېر كىشىگە ئۆزگەردى، ئانامنى پات-پات سىلكشلەيدىغان ،ھەتتا ياقامغا ئېسىلىپ گۈلەڭگۈچ ئۇچىدېغان بولۇۋالدى،پات-پات ئۆيگىمۇ كەلمەي نەچچە كۈنلەپ يۇقاپ كىتەتتى،مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان نىكاھ ساڭا دىسەم ئۇزاققا بارمايدىكەن!
خوپ بوپتۇ ،كالۋا، دۆت دېدىڭما؟
بىلىمەن مەن ساڭا گەرچە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولساممۇ ،سەن ھەرگىز ئۇنداق دېمەيسەن ،ماڭا ئېچىنىسەن،مىنىڭ بەخىتسىزلىكىمگە ئىچ ئاغرىتىسەن.
لىكىن شۇنداق دەپ مىنى تىللاشقا ھەقلىقسەن ،تىللاپ تۇرۇپ يۈزۈمگە نەچچە كاچات سېلىۋېتىشكە ،ھەتتا ئەجەل دارىغا ئېسىشقىمۇ ھەقلىقسەن.
  بېركۈنى گۈلىستان كىرىپ كەلدى،ئانام ۋە ئۆيدىكىلەرۋە مىنى ئولتۇرغۇزدىدە نۇمۇسسىزلارچە گەپ باشلىدى.
مەن ئالىي مەكتەپتە بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ ئارلاشقان،بۇ جەرياندا بۇيۇمدا ئىككى قېتىم بالا قېلىپ ئالدۇرۋەتكەن،سەن بىلەن توي قىلىشىم ،
بىرىنجىدىن مەن خىزمەتكە چۈشۈپ بىر ئايدىن كىيىن ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى لاتا تەرپىدىن تاشلاندىم،مۇشۇنداق كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا ئىدارەمدىكى مۇئاۋېن ئىدارە  باشلىقى ماڭا ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلۈپ مىنى ياخشى كۈرۈدېغانلىقىنى ئېيتتى ،گەرچە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىرى بولسىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭ قۇچۇقىغا ئۈزۈمنى ئېتىپ مىسكىن كۆڭلۇمگە تەسەللىي تاپتىم ،كىم بىلسۇن ئۇ خۇمسىمۇ ئالا كۆڭۇل ئىكەن،مىنى قانداق تىز قولغا كەلتۇرۇپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ بولغاندا يەنە شۇنداق تىز تاشلىۋەتتى،
كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە ئۈتۈۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە خىزمەتدىشىم بولغان ئەسقەر ئاكىنى چىن كۆڭلۇمدىن ياخشى كۈرۈپ قالدىم ئۇنىڭ خىزمەتدىكى پىرىنسىپچانلىقى ،كىلىشكەن قەددى قامىتى ،ئېغىر بېسىق قىياپىتى مىنى جەلىپ قىلىۋالدى،
ئاغزىڭنى يۇم ئىپلاس قانجۇق!تارىسىت قىلىپ تەككەن بېر شاپلىغىمدا ئۇنىڭ ئاغزىدىن قان چىقىپ ئوڭدىسىغا چۇشكەن بولسىمۇ قىلچە تەسىر قىلمىغاندەك بىزەڭلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى ،
مەن يەنە ئالدىمغا ھۇرپەيدىم،ئۆيدىكىلەر مىنى تۇساپ قويدى...باياتىن بېرى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان نۇمۇسسىزلارچە ئېيتىپ بېرىۋاتقان گەپلىرنى ئاران ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئىدىم ، دېمىسىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى،بۇنداق ئىپلاسقا يەنە قول تەككۈزۈپ قۇلامنى بۇلغاچنىڭ ئەمدى ئورنى قالمىغان ئىدى.
ئۇنىڭ سۆزى تۇگىگەندە چىرايلىقچە ئۇنى يولغا سېلىشنى لايىق كۆردۇم ،
   ئەسقەر ئاكامنىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئۇماققىنە بالسى بار ،چوڭ قىزى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۇقۇشقا ماڭدى،ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسنى بۇزغۇم يوق،مەن دادىللىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلدىم ،ئۇمۇ ئىككىلەنمەستىن مىنى رەت قىلمىدى ، ھازىر بىز ئارلىشېۋاتقىلى ئالتە ئايدىن ئاشتى،سەن بىلەن توي قىلىشنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن  ئەسقەر ئاكام بىلەن ئىككىمىز توغرۇلۇق ئۇششاق گەپ سۆزلەر چىقىشقا باشلىدى،ئەسقەركاممۇ مەندىن ئۈزىنى تارتىشقا باشلىدى،باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئەسقەرئاكامنىڭ ئايالىنىڭ بۇ ئىشلارنى بايقاپ قېلىپ ئەسقەرئاكامنىڭ ئۈيىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالىمىدىم، ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۇماق باللىرنىڭ ئۇقۇشى پۇتۇپ بولغۇچە سەۋېر قىلىپ تۇرۇشنى ئويلۇدۇم شۇڭا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماسلىق شۇنداقلا ،ئەسقەر ئاكام بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىش ئۈچۈن سەن بىلەن توي قىلغانمەن،مەن ئەسقەرئاكامنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ بانكىدىن قىرىق مىڭيۇەن پۇلنى قەرىز ئېلىپ ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ بەش يىللىق ئۇقۇش پۇلسىنى  ئالدىن تۆلىۋەتتىم،ئەسقەرئاكاممۇ ناھايتتتى خوش بولدى ،بۇرۇنقىدەك ھازىر مەندىن ئانچە ئۈزنى قاچۇرۇپ كەتمەيدۇ،ئىدارىدىكىلەرمۇ ئەسقەرئاكامنىڭ ئايالىمۇ بىزنىڭ مۇناسېۋېتىمىزنى ھازىر بىلىپ بولدى شۇڭا يۇشۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى،ئەسقەرئاكام بۇ يىل قىرىق توققۇز ياشقا كىردى،يەنە بىريىل ئىشلىسە پىنسىيىگە چىقىدۇ،شۇنىڭغىچە ساقلاشقا نىيەت قىلدىم ئەسقەر ئاكامنى...........
ئەمدى ئۇنىڭ بۇ نۇمۇسسىز ئىپلاس ئېغىزلىرىدىن يەنە گەپ ئاڭلاشقا زادى تاقىتىم قالمىدى،ئۇنىڭ بۇنچە پەس كۆڭۈللىكىنى ئۇخلاپمۇ چۇشۇمدە كۆرمىگەن ،ئۇ دەۋاتقان ئەسقەركام دېگەن كىشىنى مەن ئۇبدان تۇنۇيتۇم،ئۇنىڭ يېشى ھەتتا گۇلىستاننىڭ دادىسنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ ياشلىق كىشى ئىدى.
بولدى بەس ئىپلاس، ئاغزىڭنى يۇم!سىنىڭ بۇزۇخچىلىق ھىكايىلىرىڭنى ئاڭلاشقا ئەمدى تاقەت يوق ،قالغان ھىكايەڭنى ئۈيۈڭگە بېرىپ سەندىن پەخىرلىندىغان داداڭغا -ئاناڭغا دەپ بەر !ئۇلارمۇ پەخىرلىندىغان سەندەك  بىر قىزىنى قانداق تەربىيىلەپ چىققىنىنى بىلىۋالسۇن دېدىمدە-نەق مەيداندىلا ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنى تالاق قىلدىم،
ئاردىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە قىينالمايلا ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجۈرۋالدىم.دادېسى پەقەت كەچۇرۇڭ بالام ،مەرھۇم دادىڭىزغا،ئانىڭىزغا ،ۋە سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن،مەن لاياقەتلىك دادا ئەمەس ئىكەنمەن ،ئادەم ئەمەس ھايۋان بالسنى بېقىپ چوڭ قىلىپتىمەن دېگەن گەپنى ئارانلام ئاغزىدىن چىقىرالىدى،دە كۈزىدىكى ھەسرەت ياشلىرنى سۇرتۈپ خوشلىشىپ كىتىپ قالدې.
شۇنىڭدىن كىيىن گۈلىستاننى ۋە ئائىلىسېدىكىلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
بەلكىم سەن يىراقلاردا تۇرۇپ مىنى بەخىتلىك ئۈتۈۋاتىدۇ،دەپ يىراق-يىراقلاردىن ماڭا بەخىت تىلەۋاتقانسەن.
   ئەمما سەن مىنىڭ بەختىم ئىكەنلىكىنى سەن ئۇقىسەن،سەنسىز مەن قانداقمۇ بەخىتلىك بولالايمەن؟بۇنى ئەجىبا سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇيا؟ سەن بىلسەڭ مەن سىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى كۈرىمەن،سەندىن ئايرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ سىنى ئويلىمىغان بېرمىنۇتمۇ ۋاقتىم يوق!سەن مىنى قانداق ياخشى كۆرسەڭ ھەتتا مەن سىنى سېنىڭدىن ئۆتە نەچچە ھەسسىلەپ ياخشى كۈرىمەن!
مانا بۇ سەن بىلىشكە قىزىققان مىنىڭ قىسقىغىنە گۈلىستان بىلەن بولغان نىكاھلىق ئۆتكەن تۇرمۇشۇم.
  ھازىر قانداق ئۈتۈۋاتىسەن دەيسەنغۇ دەيمەن؟
كۈنلۈرۈم چەكسىز پۇشايمان ، ئازاپ، سېغىنىش ،ئۈكۈنۈش ئىچىدە ئۈتىۋتىمەن!
نىمىشقا دەمسەن؟  
ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈزەمنىڭ جۈرئەتسىزلىكى،ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمەن.سىنىڭ گىپىڭنى ئۆيدىكىلەرگە جۈرئەت قىلىپ دىيەلمىگەنلىكىمگە،سەۋېرچانلىق بىلەن چۇشەندۈرمىگىنىمگە،لازىم بولغاندا ئانام ئالدېدا قان -ياش يىغلاپ تۇرۇپ  سىنىڭ تەرپىڭنى قىلالمىغىنىمغا سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا پۇشايمەن قىلىمەن.
ئۈزەمنىڭ تولىمۇ كام ئەقىللىق قىلىپ تەغدىرىمگە ئۆيەمدىكىلەرنىڭ قارار چىقىرىشقا قاراپ تۇرغۇنۇمغا دۆتلۈك قىلغىنىمغا ئازاپلىنىمەن.
سىنى ھەرۋاقىت سىغىنىمەن سېغىنمايدېغان ۋاقتىم يوق،خىياللىرىمسەن،خڭيالىمنىڭ خڭيالىمۇ سەن!
  ئادەم ھاياتىدا بىر قەدەمنى خاتا باسسا ،خۇددى شاھمات تاختىسىدېكى ھالقىلىق بىر قەدەمنى خاتا باسسا ئۇتتۇرۇش -ئۇتۇش مۇقۇملاشقاندەك،شاھمات تاختىسىدا ئۇتتۇرغىنىڭىز پەقەت بىر قول شاخمات خالاس،لىكىن كىشىلىك تۇرمۇشتا بولسا ئۇتتۇرغىنىڭىز پۇتۈن ئۆمرىڭىزدىكى بەختىنىڭىز،ياكى كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭ ياكى ھاياتىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن!
سىنى بەكلا سېغىندىم بىلەمسەن؟.ئەمدى پۇشايمەن قىلغان بىلەنمۇ بىكار،پەقەت سىنى خىيال قىلىش،خىيال دەپتىرىمنى سەن بىلەن توشقۇزۇپ يۇرمەكتىن باشقا ئامال يوق،كۇندە مۇشۇنداق پەقەت سەن بىلەن خىياللىرىمدا   مۇڭدىشىمەن!
خىيال دەپتەرلىرىمدېن:
ئاقسۇ سىرى قەلمى
[ بۇ يازما ئاقسۇ تەرپىدىن2009-03-18 02:47دە قايتا تە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 11:23

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 19:23 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xirin097
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

  قېينانىسىمۇ ئۈزىنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش تۇرسا!؟ توۋا

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:45 |
شەبنەم تور رادىئوسى
97BIRTALGUL
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 40937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 424
شۆھرەت: 425 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4170 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ھىكايىڭىزنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ئىچكى ھىسياتىڭىز نى تۇلۇق ئىپادىلەپسىز مىنىڭچە چىن دىلدىن سۆيگەن ئادەملەر ئاللاھ خالسا چۇقۇم مىرادىغا يىتدۇ ئۈمۈتۋار بۇلۇڭ .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
8&fm=0&gp=28.jpg
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:04 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6222
شۆھرەت: 6449 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1461(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ھېكايە يېزىشتا خېلى ماھارىتىڭىز باركەن قۇمۇ

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 22:53 |
yiganneroh
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33062
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 218
شۆھرەت: 219 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2133 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 632(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

راست ،ئادەمنىڭ ھەقىقىي سۆيگىسى ئۆمرىدە بىر قېتىىملا كېلىدۇ!!!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 23:02 |
ئاقسۇ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59427
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

 

Quote:
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىtograh0997نىڭ2009-03-17 22:53 دە يوللىغان يازمىسى   :
ھېكايە يېزىشتا خېلى ماھارىتىڭىز باركەن قۇمۇ

قۇمۇ ئەمەس جۇمۇ دەپ يېزىڭ يۇرتداش!رەخمەت.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 01:57 |
ئاقسۇ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59427
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 40 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىyigannerohنىڭ2009-03-17 23:02 دە يوللىغان يازمىسى   :
راست ،ئادەمنىڭ ھەقىقىي سۆيگىسى ئۆمرىدە بىر قېتىىملا كېلىدۇ!!!

راسىت دەيسىز!!!!

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 08:53 |
uzi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 63723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 441 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ياخشى يېزىپسىز، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي دوستۇم!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 10:48 |
naprgt
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 78435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

 

ھىكايە بۇلا مانا مۇشۇنداق بۇلا، شېئىر بۇلا مانا مۇشۇنىڭ دەك بۇلا،رۇمان بۇلا مۇشۇنداق بۇلا!نەسىر بۇلا مۇشۇنداقمۇ بۇلا!!!!
رەخمەت قەلمىڭىزگە بارىكاللا!ناھايتتى ئۇستىلىق بىلەن ياخشى ماقالىدىن بىرنى يېزىپسىز.نادىرلەپ قۇيۇشقا ئەرزىگۇدەك تىما ئىكەن.،

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 00:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 00:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ