باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى مەشھۇر شەخىسلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-17)
مەن يىقىندا مەكتەپ كۈتۈپخانسىدا < ئافاق خوجا> ناملىق بىر كىتاپنى ئۇچۇرتۇپ قىلىپ، <ئافاق خوجا>دىگەن بۇ شەخسنى كۇپرەك چۈشۈنۈش مەخسىتىدە مەزكۇر كىتاپنى بىر -ئاز ئوقۇپلا ،تەسۋىرلەشتىكى ئۇزگىچىلىك،تىلدىكى پاساھەت،ۋە پايدىلانغان ماتىرياللارنىڭ چىنلىق دەرىجىسنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھىېس قىلىپ، قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ئىلىپ ساقلاپ قويۇش مەخسىتىدە كىتاپخانىغا بىرىپ بۇ كىتاپنى ئىزدەپ تاپالمىدىم ،كىيىن باشقىلار،ئەسلى بۇ كىتاپنىڭ يەنە باش ئاخىرى بارلىقىنى ، جەمىئى 7-8 كىتاپ ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بۇنداق ياخشى كىتاپنى تىخىچە ئوقۇماي يۈرگۈنۈمنى مازاق قىلىشتى.شۇنىڭ بىلەن مەندە ئاپتۇرنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ،<ئابدۇۋەلى ئەلى> ئاپتۇرلىقىدىكى باشقا كىتاپلارنىمۇ كۇپ سۈرۈشتۈردۇم .لىكىن كىتاپخانىدا يوقىكەن،تاپالمىدىم. شۇڭا تورداشلاردىن كۈتۈدىغىنىم،ئەگەر مۇشۇ كىشىنىڭ باشقا كىتاپلىرى ياكى تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك بىلدىغانلىرىڭلار بولسا ئىيتىپ بىرشىڭلارنى ئۇمۈت قىلىمەن.يىقىندا يەنە باشقا كىتاپلىرى چىقتىمۇ؟ياكى نەشىر قىلىنىش ئالدىدىمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا قايسى كىتاپ.؟ بۇ كىشى ھازىر نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؟ياكى تەتقىقاتىنى تاشلاپ قويدىمۇ دىگەندەك،،،،،،،،،،،،،،،،،،،. |