ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 193 - كۆرۈرمىنى
volqan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77641
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 بىز زادى كىم؟؟

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-17)
بىز كىم

ئىنسانسەن ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ئىنساپ ۋە غۇرۇر.
يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىيارىڭ شىنجاڭ، مىللىتىڭ ئۇيغۇر.

قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا بۇ شىئىرنى كۆچۈرىۋالغانىدىم. راست گەپنى قىلسام، ئۇ چاغلاردا بۇ شىئىرنىڭ ھەقىيقى مەنىسىنى چۈشەنمەپتىمەنكەن.
ھازىر مەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، مەن ۋە مېنىڭ ئەجدادلىرىم ياشاپ كېلىۋاتقان ماكانىمدىن يەنى ئانا يۇرتۇمدىن گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ئايرىلىپ، ئۆزيۇرتۇمنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان بىر ماكاندا ياشاۋاتماقتىمەن. يۇرتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تېخى بارىدىغان يېرىم جەننەتتەك بىر ماكان دەپ ئويلايتتىم. مەن يۇرتتا بولغان بىر قىسىم ئىشلارنى، ئۆزمىللىتىمىزدىن چىققان ياشلارنىڭ مىللىتىمىزنى،مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن بولساممۇ بۇ ئىشلارنى نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بەكلا چۈشەنمەيتتىم. مانا ھازىر يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمغا ئىككى يىل بولدى. ئۆز ماكانىمدىن ئايرىلىپ، مەن ئۆز خىيالىمدا جەننەتتەك دەپ ئويلىغان ھېلىقى ماكاندا ياشاۋاتىمەن. بۇ ماكاندا ئىككى يىل ياشاپتىمەن يەنە ئىككى يىل تۇرۇشۇم ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق تۇرىشىم مۇمكىن. مەن بۇ جەريانلاردا خېلى كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم ۋە چۈشەندىم.
مەن ئاڭلىغان ئاشۇ ياشلىرىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن جاپا مۇشەققەتلەرگە قارىماي، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئابرويىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئانچە- مۇنچە چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يات يۇرتتا بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ جان باقىمىز دەپ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، ھەتتا ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش ئارقىلىق كۈن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. ئۇلار بۇ ئەللەردە مىللىتىمىزنىڭ نامى ۋە سۈپىتىگە شۇنداق تەسىر يەتكەنكى، شىنجاڭلىق دەپ ئاڭلىغان ھامان ئوغرى دەپ بىلىدىغان، دۇكان سارايلارنى ئايلانسا پىركازچىكلار ياكى مۇھاپىزەتچىلەر بىرگە ئارىلايدىغان، ئابتوبۇسلاردا كۆرگەن ھامان سومكىلىرىنى قۇچاقلاپ، بىزدىن يىراق تۇرىدىغان بىزنىڭ تاشقى قىياپىتىمىزگە قاراپلا باھا بىرىۋىتىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويۇپتۇ. دوستلار بىز زادى كىملەرنىڭ ئەۋلادى، كىملا كۆرسە قاچىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ؟ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارمۇ ئۇيغۇر، لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنداق سەت قىلىقلار بىلەن نام چىقارمىغان بولغىيتتى؛ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر، ئۇلارنىڭمۇ نامى ھەرگىز بىكارغا چىقمىغان بولمىغان بولغايتتى. خەلقىمىز ئۇلارنى ئوت يۈرەك شائىر، ۋەتەنپەۋەر زات دەپ نام بەرگەن، ئەجىبا ئوغرى،ئالدامچى دەپ نام بەرمىگەنغۇ؟؟؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ سېسىق نام بىزگە بۇرۇنقى ئەجدادلىرىدىن قېلىپ قالمىغان بەلكى ھازىرقى جەمىيئىتىمىزدىكى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ پۇل مالنى، ھارامدىن كەلگەن ئاشۇ ئازغىنە باياشاتلىقنى دەپ مىللىتىمىزنىڭ نام-ئابرويىنى، ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يات ئەللەردە ھەرخىل يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىدىن؛ يەنە بەزى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت قوبۇل قىلدۇق دەپ قارىغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان مەدەنىيىتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە شۇ ئاتالمىش مەدەنىيەتلىرىدىن پەخرىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن؛ ئۆز يۇرتىدا ھالال ئەمگەك بىلەن ياشىماي، يات ئەللەردە دۇرۇس ئىشلار بىلەن ئارلاشماي، ھارام مال-دۇنياغا دۈم چۈشكەنلىكىدىن؛ ۋىجدان، ئىنساپىنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، بىر كۈن ئۆتسە شۈكرى قىلىدىغان تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەنلىكىدىن ھەمدە بىزدە ھالال ئەمما جاپالىق تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
شائىر تىيىپچان ئېلىيوفنىڭ «تىۋىلغا» ناملىق شىئىرىدا "ھەقىقەت ئېگىلەر سۇنماس" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى. ئەي، ئۇيغۇرۇم!!!! ھەقىقەت، توغرا يول ھەممىدىن غالىپتۇر. بىز ئەمدى مال-دۇنيا كويىدا بولىۋەرمەيلى!!! باش ئەتىيازدىكى ئۇرۇق، دېھقان ئاكىنىڭ قۇيغان سوغۇق سۈيىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ ئەتراپقا باققىنىدەك، بىزمۇ نادانلىق ئۇيقىسىدىن ئويغانمىساق بولمايدىغان، كۆزىمىزنى ئوبدان ئېچىپ، ئەتراپقا تەپسىلىي قاراپ، باشقىلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، بىز نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش دىگەنلەر ھەققىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ شۇنداقلا بىزنىڭ ئەجدادىمىزلىرىمىز كىملەر، ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ دەپ تارىخ بېتىگە قارىمىساق، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز كىملەر، ئۇلار قانداق ئادەملەردىن بولماقچى؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ بىزنىڭ ئوغرى، ئالدامچى دىگەن نامىمىزنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات تارقىتىش ياكى "ئىش بېشىدا، ئاش ئىسسقىدا ياخشى" دىگەندەك بۇ نامىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىتىش ياكى يەڭ ئىچىدە ئۇجۇقتۇرىۋىتىش كىرەكمۇ؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ تارىخ بېتىگە ئوبدان قاراپ، تارىخىمىزنى چۈشىنىپ قانداق ئادەم بولىشىمىزنى ئوبدان ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛ ھەقىقەت ئارغامچىسىنى تۈزلەش ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىنمىزنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى؛
ئەي ئۇيغۇرۇم، قېرىندىشىم ئازغىنە پۇل مال، باياشات تۇرمۇش بىلەن كۈلۈش ھەرگىزمۇ ھەقىيقى كۈلۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ئارغامچىسى تۈزلەنگەن، مىللىتىمىزنىڭ نامى ئەسلىگە قايتقان يىراق ئەللەردىكى خەلق دىققىتىنى يىغىپ بىزگە قارىغاندىكى، بىزنى ھەقىيقى چۈشەنگەن كۈنلەردىكى كۈلۈش ___ ھەقىيقى كۈلۈشتۇر.
ھەقىيقى كۈلىدىغان كۈنلەرنىڭ كىلىشى ئۈچۈن بىز نىمە قېلىشىمىز لازىم دىگەنلەرنى ئويلايدىغان بولساق، بۇنى بەلكىم مىللىتىمىز تارىخىدا خەلقىمىزنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئەڭ ئېغىر بىر يۈك دىسەك ھەرگىز ئارتۇق بولمىسا كىرەك. شۇڭا بىزھەممىمىز ئويغىنىشىمىز، ئۆزىمىزگە كىرەكلىك بولغان يولنى بالدۇرراق تېپىۋىلىشىمىز لازىم. جۈملىدىن بىز ياشلار بۇ ۋەزىپىنىڭ زور قىسمىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرلاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن قېرىنداشلىرىمىز ئامال بار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللىسەك، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان قېرىنداشلىرىمىز ھالال بولغان بىرەر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ھالال ياشاشنى شەرەپ دەپ بىلسەك. يەنى بىزنى ئويغىتىدىغان، يەنى غەپلەت، نادانلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان بىلىملەرنى كۆپلەپ ئېگەللىشىمىز، ھەق توغرا يول بىلەن ياشاشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ يىتىلدۈرىشىمىز لازىم. ھالال تاپقان مال-دۇنيا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغۇسى. ھەمدە بىزنى ھەقىيقى بەختلىك تۇرمۇشقا يەتكۈزگۈسى.
ھەقىيقى كۈلۈدىغان كۈنلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈيۈك نامىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلشى، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ھەقىيقى كۈلىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى!!!

2005-يىلى4-ئاينىڭ2-كۈنى   (نەنجىڭ)

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 11:26

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 18:51 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xirin097
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

   بارىكاللا ئوغلان! سىزنى تەۋەللۇت قىلغان ئاپىڭىزغا كۆپ رەخمەت!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:35 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » بەس-بەس مۇنازىرە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 00:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ