1.مەدىنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە جاڭچىڭ مەلۇم بىر زاۋۇتقا تەكشۇرۇشكە بېرىپ زاۋۇت باشلىغىغا دەپتۇ:سىلەر چۇقۇم تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كۇچەيتىپ ،ئۆزكۇچىڭلارغا تايىنىپ ئىش كۇرۇپ جاپا مۇشاقەتكە چىداپ كۇرەش قىلىشىڭلار كېرەك،چەتئەلنىڭ ھىچ قانداق تېخنىكىسىنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ .بولمىسا «چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر»ياكى«كاپىتالىزىم يۇلىغا ماڭغان ھۇقۇقتار» دەپ قارىلىپ قاتتىق جازالىنىسىلەر .
زاۋۇت باشلىغى:خوپ باشلىق بىز دىگىنىڭىزدەك قىلىمىز.ئاڭلىساق توكنى فارادى،لامپۇچكىنى ئېدۇسۇن كەشىپ قىلغان ئىكەن بىز بۇندىن كېيىن بۇلارنى ئىشلەتمەي شام ياندۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىمىز.
2.ئۆلكە دەرىجىلىك بىر رەھبىرى كادىر چىرىكلەشكەنلىك سەۋەبىدىن قۇلغا ئېلىنغاندىن كېيىن .ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر كاردىر باشقىلارغا چۇشەندۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: بىز نىڭ باشلىقنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيى باركەن چۇنكى ئۇ ھۇقۇق تۇتقان مەزگىلدە يىيىشى ئالى دەرىجىلىك رېستۇراننىڭ تامىغى.يېتىشى ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانىنىڭ ياتىغى،ئوينىشى ئالى دەرىجىلىك كۆڭۇل ئېچىش زالى ئىدى.مانا ئەمدى قولغا ئېلىنىۋىدى سۇراقنىمۇ ئالى دەرىجىلىك سوتتىن كىلىپ قىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟
3.بىر ئشچى زاۋۇت باشلىغىنىڭ كاتىۋىدىن سۇراپتۇ:باشلىق ئۇيۇن كۆرگەندە دائىم بىرىنچى رەتتە ئولتۇرىدىكەنغۇ؟؟؟
كاتىپ:ئۇ دىگەن ئاممىغا يىتەكچىلىك قىلغىنى.
ئىشچى:ئەمىسە كىنو كۆرگەندە ئوتتۇرىدا ئولتۇرىدىكەنغۇ؟؟؟
كاتىپ:ئۇ دىگەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككىنى .
ئىشچى:مىھمانلارنى كۇتىۋېلىش زىياپىتىدە ئۇ دائىم ئايرىم جوزىدا مىھمانلار بىلەن بىرگە ئۇلتۇرىدىكەنغۇ؟؟؟
كاتىپ:ئۇ دىگەن ئاممىىغا ۋەكىل بولغىنى.
ئىشچى:ئەمىسە ئادەتتىكى خىزمەت ۋاقىتلىرىدا دائىم ئىشخانىدىن چىقماي ئولتۇرىدىكەنغۇ؟؟؟
كاتىپ:ئەخمەق !شۇنىمۇ بىلمەمسەن ئۇ دىگەن ئاممىغا ئىشەنگىنى بولمامدۇ!!
[ بۇ يازما 美国总统 تەرپىدىن2009-03-17 19:27دە قايتا تەھ ]