ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1023 - كۆرۈرمىنى
xam_xar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 مۇدىر ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
«مۇشۇنداق مۇدىرنى كۆرگەنمۇ؟» دىگەن تىمىغا قارىتا «مۇشۇنداق مۇدىرنى كۆرگەنمۇ؟غا باھا »دىگەن ماۋزۇدا خالىسانە تىما يازغان ئىدىم،لىكىن  ئۇيلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ،بۇندىن ھەرگىز مۇنبەرگە ئىنكاس چىقارمايمەن دىگەن نىيەتكە كەلگەن ئىدىم،لىكىن شۇ مۇدىر ئەھۋالىدىن ۋە ئىشلاردىن خەۋەردار بىر قىسىم كىشىلەر تۇۋەندىكى مەزمۇننى مۇنبەردە ئۇچۇق ئىلان قىلىپ بىرىشىمنى ئۇتۇنۇپ تۇرۋالغاچقا،يەنە تىما يىزىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم(چۇنكى مەندىن بۇ مەزمۇننى ئۇچۇق ئىلان قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇمىدىنى يەردە قۇيغۇم يوق).
بۇ بىر مۇراجەت ۋە تەلەپ مەزمۇنىدىكى ئىنكاس بۇلۇپ،بۇنى تەييارلىغانلار تۇنۇگۇن تۇرخانىدا شۇنچە ئۇزۇن ھەپىلىشىپ،مۇنبەرگە چىقىرالماپتۇ(ئىنىقىنى ئىيتقاندا،مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ،ئاندىن تىما يىزىشنى بىلەلمەپتۇ)
ئۇلار مىنى قانداق تاپتىكىن،يان دىسكا(U盘) دىكى بۇ  WORD  دا ئۇرۇلغان مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە ئۇچۇق ئىلان قىلىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالدى.
مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇمىدىنى يەردە قۇيماسلىق ئۇچۇنلا،بۇ تىمىنى يۇللىدىم،ئەگەر تورداشلارنىڭ رەنجىيدىغان گەپ سۇزلىرى بۇلسا ،مۇشۇ ماتىرىيالنى مۇنبەردە ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلاردىن رەنجىشىنى ئۇمىد قىلىمەن،چۇنكى مىنىڭ كۆڭلۇم ھىلىمۇ خىلىلا ئازار يەپ بۇلدى.
بۇ مەزمۇنلارنى ئۇز پىتى يۇللىدىم،تورداشلارنىڭ خەۋاردار بۇلۇپ قىلىشىنى سۇرايمەن،ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىم تورداشلارنىڭ ھەرقانداق ئىشغا ھىسداشلىق قىلىشتىن بۇرۇن،شۇ ئەھۋالنى ئىنىق بىلىشىنى سۇرايمەن.
مەندىن مۇنبەرگە ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان مۇراجەت تەلەپنىڭ مەزمۇنى تۇۋەندىكىچە:



                                      كوناشەھەر ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تەلەپ
مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ روھى ھەممە جايدا نۇر چېچىۋاتقان ھەم مۇقۇملۇق، ئىتتىپاقلىق تەكىتلىنىپ ئىزچىللىشىۋاتقان بىر ياخشى ۋەزىيەت ۋە تەرەققىيات ۋاقتىدا كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق مەلۇم بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدا جىدەل چىققان. مەكتەپ مۇدىرى خىزمەت تەكشۈرۈپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە تولۇق كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغاندا ئوقۇتقۇچى رەھبەرلىكنى كۆزگە ئىلماي سەنلەپ چۈشۈپ قوللىرىنى شىلتىپ مەن بۇ سىنىپنى باشقۇرالمىغان بولسام، ئۇنداقتا سەن بىرىپ باشقۇرۇپ باق دىگەن. مۇدىر مەن سىنىپ باشقۇرسام سەن نىمە ئىش قىلىسەن دىگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇدىر بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدا جىدەل باشلانغان. ئوقۇتقۇچى ئىغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن مۇدىرنى تىللىغان. مۇدىر شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاقارىتىگە چىدىماي، ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى ئىلىپ، ئو ئوقۇتقۇچىنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەتكەن. لىكىن ئۇرمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى كاچاتلاپ، ئۆزنىڭ ئاغزىنى قانتىۋەتكەن ھەمدە مەكتەپ مۇدىرى مىنى ئۇردى دەپ جار سېلىپ ئالا-توپىلاڭ چىقارغان. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە مەزكۇر ئوقۇتقۇچى ئىنتايىن ئىتتىپاقسىز، ئۇرۇشقاق ئايالكەن. بۇ جىدەلنى كۆرۈپ تۇرغان ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچىمۇ مەكتەپ تاپشۇرغان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەچكە مۇدىر تەرپىدىن تەنقىد ئاڭلىغان، خىزمەتلەرنى ئارقىغا سۆرۈپ ئارلىقتىن پۇرسەت ئىزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولغاچقا يالغاندىن ئىسپات بىرىپ رەھبەرلىكنى پالاج ھالەتكە چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. مەكتەپ كونا رەھبەرلىك بەنزىسىدىن قالغانلار بولغاچقا، بۇ قىتىمقى ئىشتىن ئۇلار گۆھەر تېپىۋالغاندەك دەرھال ھەركەتلىنىپ، مەكتەپتىكى مۇدىرغا قارشى خىزمەتتىكى پاسسىپ كۈچلەرنى كۈچكۈرتىپ ھەمدە باشقا ياققا يۆتكىلىپ كەتكەنلەرنىمۇ كۈچكۈرتىپ، بىزەپ تىل ھاقارەتلەر بىلەن مۇدىرنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. تور ئارقىلىق مۇدىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى كۆرۈپ مۇدىرغا ئىچىمىز ئاغرىدى. مائارىپ ئىدارسى ئۆزى بەلگىلىگەن رەھبەرلىككە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر بۇ مۇدىرنى قوغداپ قالمىسا نۇرغۇن رەھبەرلەرنىڭ ياخشى خىزمەت ئىشلىشىگە تەسىر يىتىدۇ. ئۆكتەملەر ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئورۇنلاردىمۇ بار. مۇدىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ ئىناۋىتىنى تىكلەشكە رەھبەرلىك ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسىلەن، مەلۇم مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى توردىن مۇدىرنى تىللاپ ھاقارەتلىگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ مەكتىپىمىزدىكى رەھبەرلەر سىلەرمۇ بىزلەرنى ئازراق تىللاڭلار. مانا ماۋۇ توردىكى مەكتەپ مۇدىرنىڭ ھال ئەھۋالى نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدىكىن دەپتۇ ھەمدە باشلىقلار سىلەرمۇ دىققەت قىلىڭلار. بولمىسا سىلەرمۇ مۇشۇ مۇدىرغا ئوخشاش تورغا چىقىپ قالىسىلەر دەپتۇ. رەھبەرلىكنىڭ خىزمەت ئىشلىشىمۇ ئاسان ئەمەس. پۈتۈن مەسئولىيەت رەھبەرلىكتە. رەھبەرلىكمۇ خىزمەتنى ياخشىلايمان دەپ ئۆزىنىڭ دەرىتكە قالغانلىقىنى بىزمۇ بىلىمىز. شۇڭا رەھبەرلىكنى قوغداپ قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمىز……
خىزمەتنى ئاقسىتىۋاتقان، جىدەلخور، ئۇرۇشقان، ئۇششۇق، يالغاندىن رەھبەرلىككە بۆھتان چاپلاپ ئەرز قىلغان يالغان ئىسپات بەرگەن، گورۇھۋازلىق قىلغان، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-ئابرويىغا تور ئارقىلىق زىيان يەتكۈزگەن، مەكتەپنى مۇدىرنىڭ شەخسىي مۈلىكىگە ئوخشىتىپ كۆپتۈرگەن، ئەخلاق ئۆلچىمىنى دەپسەندە قىلىپ شىئىر ئارقىلىق بىر قانچە تورغا چىقىرىپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىناق ئائىلىسىنىمۇ بۇزۇشقا ئورۇنغان، قانۇنسىزلىق قىلىپ، بولمىغۇر سەت گەپلەر بىلەن ئادەم تىللىغان، رەھبەرلىكنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بۇنداق بىلىمسىز ئوقۇتقۇچىنى مائارىپ قوشۇنىدىن تازلاش زۆرۈر دەپ قارايمىز. شۇنداق قىلغاندىلا رەھبەرلىك ئۆز مەسئولىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالايدۇ دەپ قارايمىز. بۇ تەكلىپنى بەرگۈچىلەر پىنسىيىگە چىقىپ دەم ئىلىۋاتقان مائارىپچىلار


                                                  ××× مۇدىرغا تەكلىپ
بىز سىزنىڭ جاپالىق ئىشلەپ ئەمگەك مىۋىسىنى ئەمدى كۆرەي دىگەندە شۇمبۇيىلار تەرىپىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپسىز. يىگىت ئىرادىلىك بولۇڭ، سىزدە سۇنماي ئىرادە بولۇشى كىرەك. بۇ زامان ئاشۇنداقلارنىڭ زامانىسى ئەمەس. ئىزدىنىپ جاپالىق ئىشلەپ، يىڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ زامانى، سىز ئىرادىلىك بولۇڭ، خىزمەتنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماڭ. ئادالەت ئامما ئىچىدە. ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت. سىزنىڭ ئۇ ئۇششۇق ئوقۇتقۇچى ئايالنى ئۇرمىغانلىقىڭىزغا بىز ئىشىنىمىز. ھەرگىز بوشۇشۇپ كەتمەڭ. سىز باشقۇرغان بۇ مەكتەپنىڭ ئالغا باسقانلىقىغا ئامما گۇۋاھ ئىكەن. سىزنىڭ جاپالىق ئىشلىگىنىڭىزنى ئامما، خەلق بىلىدىكەن. شۇڭا سىز ھاقارەتلىگەن سۆزلەرنى ئىچىڭىزگە ئالماڭ. بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئادىل ھەل بولىدىغانلىقىغا بىز ئىشىنىمىز. (غەيرەت قىلىڭ، بۇشاپ كەتمەڭ).


تېما تەستىقلىغۇچى : nuri0996
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 12:33

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 18:44 |
شەبنەم تور رادىئوسى
lerikhiyal
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 12912
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1140
شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11398 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 943(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئاللا -توۋا،ئەمدى قايسىسىگە ئىشىنەي ،تىلنىڭ راسلا سۆڭىكى يوق جۇمۇ .
ھەقنى -ناھەق،ھەقىقەتنى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ جۇمۇ تىل دىگەن نەرسە...............................................مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي ،ئىشنى قىلىپ قايسىسى راس قايسىسى يالغان بىلمىدىم.
باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەستايىدىل بۇلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ساۋساۋ سەككىز تۇمەن قۇشۇن بىلەن سەكسەن تۇمەنلىك زور قۇشۇننى مەغلۇپ قىلغان.
                                 
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:59 |
شەبنەم تور رادىئوسى
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 21464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1313
شۆھرەت: 1455 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1084 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 671(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

دىمەك بۇ ئاتالمىش «تەلەپچان » مۇدىرغا «ئۇۋال » بوپتۇ-دە؟ ھېلىقى «ئۇرۇشقاق»«ئىتپاقسىز» ئايال مۇئەللىمە نىمانداق بىشى يوغاندۇ؟ بىر مەكتەپنىڭ سەركىسى بولغان مەكتەپ مۇدىرى ئۇقۇغۇچىلارنى سوراپ قويسا سەنلەپ قۇلىنى شىلتىپ« ئۇششۇق»لۇق قىلىپ ! سىلەرنىڭ ئۇ مەكتەپ مۇدىرىغا بەك «ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ» توۋا ،ھەيران قىلىۋاتىمەن دىسە !سىلەرنىڭ ئۇ يەرلەردە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ھېچقانچە ئىناۋىتى ، ھەيۋىسى يوقكەن جۇمۇ ئادەتتىكى ئايال ئۇقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق «تىللاپ»چەكچىيەلەيدىغان بولغاندىكىن   دىگىنىڭىز توغرا !مەنچىمۇ ئۇنداق « ساپاسى يوق »«خىزمەتداشلىرىنى ھىمايە قىلمايدىغان»«بىلىمسىز»«كەسپى ئەخلاقى چاكىنا »« ئۇقۇتقۇچى »لارنى تازىلاش زۆرۆر
ئەسلىدە بۇ ۋەقەگە دەر گۇمان ئىدىم ،بۇ مۇراجەتنامەنى كۆرۈپ شۇ كۈنكى ۋەقە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى! «ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھايىتى»نى يوللاپ ناھايتى ياخشى قىپسىز !  ئەمدى ماڭا ئوخشاش دەر گۇمان بولغانلارمۇ ئىشىندىغان بولدى!!!!!!!!!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
[پاقىرىغانلىكى  نەرسىنىڭ  ھەممىسى،  ئالتۇن  ئەمەس]
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:06 |
Rujek
بۈگۈنمۇ ئەتە بولماقتا....
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31349
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 510
شۆھرەت: 733 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5076 سوم
تۆھپە: 107 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 778(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

نېمە ئۈچۈن مەكتەپلەردە ،رەھبەرلىككە نارازى كەيپىيات ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولوپ قالدى ؟
ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى بىسىم ئىغىر ،ئۇلاردىن تەلەپ قىلىنىۋاتقان نەرسە كۆپ ، رىغبەت ئاز . بولوپمۇ يېزىلاردىكى مەكتەپ رەھبەرلىرىدە ئۆزەمچىللىق ، شەكىلۋازلىق ، دىكتاتۇرا بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خاھىشى بىرقەدەر ئىغىر .
ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ رەھبىرىگە قانۇندىن چەتنىمىگەن  ئاساستا يوللوق نارازىلىق بىلدۈرۈشى خاتا ئەمەس ، لىكىن رەھبەرلىكنى  «ۋەزىپە »ئەمەس ، بەلكى «ئەمەل» دەپ قارايدىغان قاتمال رەھبەرلەر گەپ كۆتۆرەلمەيدۇ ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈستىدىن «يۇقۇرى»غا كۆپتۇرمە دوكلاد يوللاپ جايلايدۇ ، قىسقىسى شەخسى ئاداۋەتنى خىزمەتكە سۆرەپ كىرىدۇ .
بىسىم ھەددىدىن ئاشقان مۇھىتتا نۇرمال پىسخىكىلق ھالەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئادەم ئاز بولىدۇ ،شۇڭا بەلكىم مۇدىرىڭىز يولوققان «ۋەقە» راست بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن كەڭ قوساق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن ،بۇ بىر ھەقىقى رەھبەرلىك سەنئىتى .
قارىغاندا پىنسىيىگە چىققان مائارىپچىلار مۇدىرىڭلارنى ئىنتايىن قوللايدىكەن ھە ، بىراق مەكتەپتىكى ھەقىقى خىزمەتنى ئۇلار قىلمايدۇ-دە

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:10 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 632
شۆھرەت: 633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1068 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ماۋۇ  سىپى  ئۇزىدىن  پۇداقچىنىڭ  يازمىسى    ئالدىنقى  تېمىغا   ئۇغۇساق  مەكتەپنىڭ  مۇدىرى  بۇ  مەكتەپكە  مۇدىر  بۇپ  كەلگەندىن  كىيىن  ئۇقۇش   سۇپىتى95%  دىن  ئىشىپ  كەتتى   دەپ  ئىنكاس  يازغان  پۇداقچى    شۇ..

ماۋۇ  يالغان  گەپنى..  مەكتەپ  مۇدىرى  ئۇقۇتقۇچىدىن   كەلمىگەن  ئۇقۇغۇچىنىڭ  سۇرۇشتىسىنى  قىلسا   مۇدىرنى   سەنلەپ   چۇشۇپ  كىتىپتىمىششششششششش....
نەق  مەيداننى  كۇرۇپ  تۇرغان ئالتە  نەپەر ئۇقۇتقۇچىمۇ   مەكتەپ   تاپشۇرغان  ۋەزىپىلەرنى  ئۇرۇندىيالماي  مۇدىرغا  غۇم  ساقلاپ  يۇرگەنلەرمىششش
شۇڭا  يالغاندىن  ئىسپات  بىرىپ  مۇدىرنى  ئۇسال ئەھۋالغا  چۇشۇرۇپ  قۇيۇپتىمىش.
سەن   سىپى  ئۇزىدىن  پۇداقچىكەنسەن    ساڭا  ئۇخشاش  پۇداقچىلارنىڭ  كۇپلىكىدىن   ئاشۇنداق  لۇكچەك  مۇدىرلار  ئۇقۇتقۇچىلارغا  بىسىم ئىشلىتىپ  خالىغاننى  قىلىۋاتىدۇ
ھىلىقى   مۇدىر   ، ھىلىغۇ  تورغا  چىقىرىپسەن  مارىسقا   چىقارساڭمۇ   قۇرىقمايمەن   دەپتىكەنغۇ   ،   ئەمدى  بۇ  نىمە  ئىش   پۇداقچى  ئەپەندىم      بىر  قىسىم  تۇرداشلار  كۇندە  تىلفۇن  قىلىپ  ئارام  بەرمىگەن  ئۇخشىمامدۇ   

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:12 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 632
شۆھرەت: 633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1068 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

باشتا  يۇللىغان   تېما   مۇنبەردە  ئەجەپ  كۇرۇنمەيدىغۇ   بۇ  مۇدىرنىڭ   ھۇقۇقى   شۇنداق   چۇڭكەندە

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:15 |
hisam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74163
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئۇيغۇر دىگەننىڭ مەنسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتتى،بۇرۇنقى كوچا -كويلاردا،ئائىلىلەردە قىلىدىغان جېدەلنى ئەمدى خەقلەر تورغا سۆرەپ كىرىپ،ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق بولۇشقىلى تۇرۇپتۇ.خۇددى بۇتور ئۇلارنىڭ ئۆيىدىلا چىقىدىغاندەك.........................
ئەل ھايا بىنەل نومۇس قېرىداشلار!

ھىسام مېنىڭ شاگىرتىم!!!!!!!!!!!!!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:21 |
aqqikzahar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77712
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

كەچۈرۈڭ شەمشەر!مېنىڭچە سىز مەلۇم شەخسى غەرەز بىلەن بۇ تېمىنى يوللاپسىز.مېنىڭ بالامدىن ئەھۋال ئىگەللىشىمچە ،يۈز بەرگەن ئەھۋالنىڭ ھەممىسى راست،ھېلىقى خانىمنىڭ سىز دىگەندەك پاسسىپ ئىكەنلىكىمۇ راست،لىكىن ئەتىراپتىكى ئوقۇتقۇچىلار نى مەنمۇ تونويدىكەنمەن،ئۇلار خېلى بىجىرىم بالىلار،شۇڭا ئوبىكتىپ ئىشقا ئوبىكتىپ باھا بىرىش كىرەكقۇ دەيمەن،قارىسىغىلا ئۇلارنىمۇ پاسسىپلار قاتارىسىغا چىقىرىۋەتسىڭىز بولماس؟مۇدىرغا يارىمىغانلارنىڭ ھەممىسى پاسسىپ بولماس؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:25 |
kkrose
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 16686
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بەش-ئالتە ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي شۇ مۇدىر بىر ئادەمنىڭ گېپىگە مەكتەپ خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كېتىپسىز. رەھبەرلىككە يان باسىمەن دەپ باشقىلارنىمۇ خىزمەتلەرنى ئارقىغا سۆرەيدىغان دەپسىز . سزنىڭ مەخسىتىڭىز زادى نېمە؟
سىز شۇ مۇدىرنىڭ ئۈزىمۇ يە؟؟؟!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:25 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 632
شۆھرەت: 633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1068 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىkkroseنىڭ2009-03-17 21:25 دە يوللىغان يازمىسى   :
بەش-ئالتە ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشەنمەي شۇ مۇدىر بىر ئادەمنىڭ گېپىگە مەكتەپ خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كېتىپسىز. رەھبەرلىككە يان باسىمەن دەپ باشقىلارنىمۇ خىزمەتلەرنى ئارقىغا سۆرەيدىغان دەپسىز . سزنىڭ مەخسىتىڭىز زادى نېمە؟
سىز شۇ مۇدىرنىڭ ئۈزىمۇ يە؟؟؟!!

بەلكىم    يالاقچىسى  بۇلۇشى   مۇمكىن..

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:29 |
پانتۈرك
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77110
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

   مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولسۇن . . . مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر مەيدىسى تۈكى بار شۇ مۇدىر دېگەن مەخلۇقنىڭ بىر ئاجىزە ئايالغا ئورۇندۇق ۋە ياكى شاپىلاق ، مۇشت بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى بىر مۇدىرلىق سۈپىتىگە ئىگە مائارىپچىنىڭ قىلىدىغان ئشى ئەمەس ، بۇنداق چىكىدىن ئاشقان ھەرىكەت ھاراق سورۇنىدىكى مەدەنىيەتسىز لۈكچەكلەرگىلا خاس  .
  ئەلۋەتتە ، بۇ يازما ئۇنىڭ پوداقچلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان . باشتا نېمە قىلشساڭ قىلمامسەن دەپ سەل چاغلىدى ، شۇڭا ئىنكاس قايتۇرمىغان . ئەمدى ئىش چىڭغا چىققان ۋاقتىدا ئۆزىنى ئاقلىغىلى تۇرۇپتۇ . . .
   قېنى كىم  ئۇ پوق قورساقنىڭ بىر ئايالنى ئۇرغانلىقىنى نۇمۇس قىلماي توغرا دىيەلەيدۇ . . . شۇمۇ مائارىپچى بولدىمۇ . . . بۇ يەردە ئۇنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىش بىزنىڭ مەيدانىمىز يوق شاتىراق ئىكەنلىگىمىزنى ئىسپاتلايدۇ ، خالاس .
  قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى . . . ساراڭ ئەمەس ياكى قۇل . . . ئوقۇتقۇچى ھەرگىز تۇرغان تامغا ئۈسسۈمەيدۇ . . .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
مەن قېنى ؟
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:32 |
پانتۈرك
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77110
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

   مېنىڭچە ئۇ مەخلۇق خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئورۇندا مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس . . . ئەگەر شۇ ئورۇندىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرىشىدا مەسىلە بولمىغان بولسا ، بۇنداق كىشىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغايدىغان سەتچىلىك چىقمىغان بولاتتى . . . ئەگەر مەزكۈر ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا مۇناسىپ جازا تەدبىر قوللانمىسا ، بۇنى مەملىكەت مىقياسىدا ئىنكاس قىلىش كېرەك .

مەن قېنى ؟
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:37 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 632
شۆھرەت: 633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1068 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بۇنداق  تىمىلار  شۇنداقلا  يۇللاندىمۇ   بۇلدى    ئاقلايدىغان  ئاقلامچىدىن  بىر  نەچچىسى   چىقىپ  ئاقلاشقا   باشلايدۇ..

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:43 |
221uygur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72828
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ماۋۇ تىتىقسىزنىڭ يازغان يازمسىغا ئۆلمەيمۇ ؟ مېنڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلاۋاتقىنىمغا 10 يىل بولدى . ئوقۇتقۇچى دىگەن زىيالى ، دەۋرنىڭ سەركىسى ، جىنىدىن ئۆتكىدەك ئىش بولمىسا ئالدىراپ مەكتەپ مۇدىرىغا يانمايدۇ .

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:44 |
221uygur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72828
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

گۇۋالىق بەرگەن ئالتە ئوقۇتقۇچىمۇ مەسۇلىيەتسىزمش .......................................
ئۇنداقتا گۇۋالىق بەرمىگەنلەرنىڭمۇ ئىچىدە باردۇ شۇ مەسۇلىيەتسىزلەر ؟ بىر مەكتەپتە ئۇنچە كۆپ مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى بولسا خىزمەتنى كىم بىلەن ئىشلەيدۇ ؟ قايسى خىزمەت ئىلگىرى باسىدۇ ؟ بۇنداق مەسۇلىيەتسىزلىكتە ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار . مەكتەپ مۇدىرىمۇ  بىر ئوقۇتقۇچى ، باشقىلاردىن سالام تاما قىلماي ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىسىنى ھۆرمەتلىشى ، مەنپەئەتى ئۈچۈن تىك تۇرۇشى كېرەك . ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپتىمىش ، ھەر قانچە مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ ئۇنىڭمۇ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى باردۇر ؟ ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى دىگەن نامنى دولەت بەرگەن ، خەلق بەرگەن ، مەلۇم بىر مۇدىر بەرگەن ئەمەس ھەم بىرەلمەيدۇ . دەرسكە كىرىشنى رەت قىلغان بولسا ئۆزى كىرسە بولىدۇغۇ ؟ بىر قىتىم كىرىپ قويسۇن ، ئىككى قىتىم كىرىپ قويسۇن ، پەقەت بولمىغاندا ئۈچ قىتىممۇ كىرسۇن ........ ئاندىن ئوقۇتقۇچى خىجالەتچىلىكتە بولسىمۇ ئۆزى كىرىدىغان بولىدۇ . نوغۇچ يۇتىۋالغاندەك تۇرىۋىلىپ خەقنى ئشقا بۇيرىۋەرسە ئۇرۇندۇق بىلەن بېشىغا ئۇرسىمۇ ماڭمايدىغان ئىش چىقىدۇ  .
ھۆرمەتلىك مۇدىر ، ئەڭ ياخشىسى غالچىلىرىڭىزنى ئشقا سېلىپ مۇنبەرنى سېسىتماي ، ئۇ ئوقۇتقۇچىڭىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سوراڭ ، ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سەۋەنلىك ئۆتتى دىگەن ھالەتتىمۇ ئەپۇ سوراڭ ، ئەگەر مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمىسىڭىز سىز مۇدىرلىقىڭىزدىن ئىستىپا بىرىپ ئادەتتتىكى لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىقىش ئۈچۈن تىرشچانلق كۆرسىتىپ بىقىڭ !

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 22:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
XabnamBBS » بەس-بەس مۇنازىرە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-18 23:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ