ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 132 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

oygak2005
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17045
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 120
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 524(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى

5326-نومۇرلۇق سوئال
سۇئال :
ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىكى ئورنى نېمە؟
جاۋاپ :
ئاتا-  ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى :
1- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىش بولسا جانابى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « بىز ئىنساننى ئاتا-  ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق».  يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن , ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن» . ئىسرا سۈرىسى 23 ،24 - ئايەتلەر.
ھەدىس شەرىپتە: ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، ئەمەللەردىن قايسىسى ئەۋزەلرەك دەپ سورالغاندا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈش،  ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپ جاۋاپ بەرگەن.  بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر.
2- ئاتا-  ئانىغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ئىنساننىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا- ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى قېرىلىق ھالەتكىچە ياشىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن،  بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن !» سەھىھ مۇسلىم 4627 -نومۇرلۇق ھەدىس.
3- ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەش ۋە بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ياخشى كۆرۈش بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.
4- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقانلىق سانىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشىڭىزغا سەۋەبچىدۇر. سىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ سىزنى كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ياخشى تەربىيىلىدى. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ماڭا ۋە ئاتا- ئاناڭغا رەھمەت ئېيتقىن» .
5- پەرزەنتنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئېھسان قىلىشى، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ياخشىلىقنىڭ جازاسى ياخشىلىقلام بولىدۇ !».
جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.
http://www.islamhouse.com/p/195840

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 11:17

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 18:38 |
شەبنەم تور رادىئوسى
97BIRTALGUL
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 40937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 424
شۆھرەت: 425 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4170 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بەك ياخشى تېمدىن بىرنى يوللاپسىز ئاتا -ئانمىز ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كەچسەكمۇ ئەرزىيدۇ .

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
8&fm=0&gp=28.jpg
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:18 |
شەبنەم تور رادىئوسى
altunpalta
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بۇنىمەدىگەن ئىسىل تىما ھە .رەخمەت مەن بۇتىمىنى ساقلىۋالاي.ئەجىرڭىزگەكۆپ رەخمەت.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:19 |
رۇمەيسا
تەبەسسۇمنى سېغىندىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1765
شۆھرەت: 1988 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1751 سوم
تۆھپە: 332 نۇمۇر
ياخشى باھا: 427 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1772(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكى97BIRTALGULنىڭ2009-03-17 20:18 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بەك ياخشى تېمدىن بىرنى يوللاپسىز ئاتا -ئانمىز ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كەچسەكمۇ ئەرزىيدۇ .

ئىمان-ئېتىقادمۇ سىز دەۋاتقان «ھەممە نەرسە»نىڭ ئىچىگە كىرەمدۇ؟....

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىمغا چېقىلمىساڭ بولمامدۇ؟!......

http://tirish.cn/bbs
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 08:19, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ