موھتىرەم ئالىم مەن ئەلچىخانا خىزمەتچىسى،ئايالىممۇ ئەلچىخانىدا ئىشلەيدۇ.يىقىندا دۆلەت بايرىمى بولىدۇ،مەن بۇ بايرام مۇراسىمىغاقاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق توغىرسىدا گاڭگىراپ قالدىم. ئايالىمغا نىمە دىيىشنمۇ بىلمىدىم،مىنىڭ بۇ بايرامغائاللا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سوزىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ قاتنىشىشىم خاتامۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا نىمە قىلىشىم كىرەك؟
جاۋاپ بەرگۇچى: شەيىخ ھىسام مۇستافا شىئار
جاۋاپ:
بارلىق مەدىيە ئاللاغا خاس، رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا قىيامەتكىچە ئەگەشكەن بارلىق مۇئمىنلەرگە بولسۇن.
دۆلەت بايرىمى ھىيت ئەمەس ،يىڭىدىن پەيدا قىلىش(بىدئەت) دۇرۇس بولمايدىغان ھىيىت دىنى ھىيت-بايرام بولۇپ كىشىلەرنىڭ بىر مۇناسىۋەت بىلەن يىغىلىپ مۇراسىم ئوتكۇزىشنى دىنى ھىيت-بايرام قاتارىدىن ساناشقا بولمايدۇ. بەزىلەر تۇغۇلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ ،بەزىلەر تۇغۇلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىلەر باشقا ئىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ، بۇلار دىنى ھىيت-بايراملاردىن ئەمەس. ئادەتتكى بايرام مۇراسىملىرى بىلەن دىنى ھىيتنى كۆپ كىشىلەر ئارلاشتۇرىۋىتىدىغان بولۇپ بۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بۇخىل مۇراسىمغا قاتناشسا چوڭ مۇنكەر ( گۇناھ)سادىر قىلغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ مۇشەققەت ھىس قىلىپ قاتنىشالمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ بۇراسىملارغا قاتنىشىش مۇنكەر ئىشلاردىن سانالمايدۇ. ھەر قانداق نەرسىدىكى ئەسلە قائىدە ئىباھىيەت( دۇرۇسلۇق) بولۇپ سىزنىڭ بۇ خل مۇراسىمغا قاتنىشىشىڭىزخاتا ئەمەس.
جاھىلىيەتتە رەجەپ ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئەتىيرەت دەپ بىر خىل بايرام بەزىلەر بۇ خىل بايرامنى ئەتىيرەت دەپ ئاتىسا بەزىلەر رەجەبىيەت دەپ ئاتاشقان ھەمدە بۇ بايرامدا قوي ئۆلتۈرۈشكەن بولۇپ ھەنبەلى مەزھەپ بۇ خىل بايرامنى ئۆتكۈزۈشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ. مالىكىيلار بۇ جاھىلىيەتنىڭ بايرىمى بۇ خىل بايرامنى ئۆتكۈزۈش مەكرۇھ دەيدۇ. لىكىن ھەنبەلىلەر بۇ بايرامنى چەكلەشكە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل يوق شۇڭا دۇرۇس ھالدا قىلىۋىرىدۇ ،-دەپ قارايدۇ.
ئەگەر كىشىلەر رەجەپ ياكى شەئبان ئايلىرىدا ياكى باشقا ۋاقىتلاردا مال بوغۇزلاپ مۇراسىم ئۆتكۈزسە ياكى مۇستەملىكىچىكىنىڭ ئاياغلاشغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ مۇستەقىللىق كۈنى (دۆلەت بايرىمى)ئۈتكۈزسە ئاللا خالىسا بۇنىڭدا گۇناھ يوق.
رەسۇلۇللانىڭ ئەنسارلارغا جاھىلىيەتتكى ئىككى بايرىمىنىڭ ئورنىغا ئىسلامدىكى ئىككى دىنى بايرام بولغان قۇربان ھىيت ۋە روزا ھىيتنىڭ ئالماشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن گۇناھ ئىش يۈز بەرمىسىمۇ باشقا ھەرقانداق بىر بايرام ،مۇراسىملارغا قاتناشسا بولمايدۇ دىگەن مەنا چىقمايدۇ.
مەزھەپلەر ئىچىدىكى ئىتىپاق ئارقىلىق ، ئالىملارنىڭ ئىجمائى ئارقىلىق ، قۇرئان،ھەدىس ئارقىلىق چەكلەنمىگەن ئىشلاردا تەشۋىش پەيدا قىلىپ ماجرا تىرىش توغرا ئەمەس. مۇشۇنداق دەلىلى قەتئى بولمىغان ئىشلاردا ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىش دىنىمىزنىڭ ئەسلىلىرىدىن بولغان بىر ئەسلى بولۇپ ئاللا مۇنداق دەيدۇ << ئاللا سىلەرگە دىندا قىيىنچىلىق پەيدا قىلمىدى>>سۈرە ھەج 78-ئايەت،<< ئاللا سىلەردىن يەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ>> سۈرە نىسا 28-ئايەت<< چوقۇم بىر قىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىق بار، چوقۇم بىرقىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىق بار>> سۈرە شەرھ 5-6-ئايەت.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن<< ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىڭلار، قىيىنلاشتۇرۇپ قويماڭلار،خوش_خەۋەر بىرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار> بۇ خارى توپلىغان، يەنە تەكرارلايمىزكى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىش دىنىمىزنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ نۇرغۇن ئولەمالار قارشى ئىجتىھاد قىلغان بولسىمۇ بىز ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى ھۆرمەتلەيمىز لىكىن ئۇ ئىجتىھاد شارىئنىڭ( ئاللا ۋە رەسۇلنىڭ سۆزى) تىكىستلىرىدىن ئەمەس.
ئاللا ئەڭ ئالىم.
بۇ سۆزلەر ئەللامە ،دوكتۇرئابدۇللا ئىبن بەيھىنىڭ تورىدىن يۆتكەلدى.
مەنبە:
http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?cid=1235628728922&pagename=IslamOnline-Arabic-Ask_Scholar%2FFatwaA%2FFatwaAAskTheScholar