ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 75 - كۆرۈرمىنى
تابىئىن
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 ئسلامدىكى ئادىللىق ۋە نورماللىق

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى خەۋەر-ئۇچۇرلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-17)
ئسلامدىكى ئادىللىق ۋە نورماللىق . 
مۇسۇلمان ھەقىقى مەنىدىكى ئادىللىق دىنى مەجبۇرىيەتلەردىن بىرى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بۇلۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرى بالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرىيدۇ.>>سۈرە نەھىل: 90-ئايەت. يەنە ئادىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى خەۋەر بىرىپ مۇنداق دىگەن:<<ئادىل بۇلۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوس تۇتىدۇ>>سۈ رە ھۇجرات :9-ئايەت.يەنە مۇنداق دىگەن:<<تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بۇلىڭلار>>سۈرە ئەنئام:152-ئايە. يەنە مۇنداق دىگەن:<<شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا،كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرىيدۇ.>>سۈرە نىسا:58-ئايەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزىدە، ھۆكۈملەردە ئادىل بولىدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئادىللىقنى چىقىش قىلىدۇ. ئاخىرى ئادىللىق ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە يوقالماس سۈپىتىگە ئايلىنىدۇ-دە، ئۇنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەركەتلىرىدىن زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكتىن يىراق بولغان ئادالەت بارلىققا كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھىسياتىغا ئەگەشمەيدىغان، شەھۋەتپەرەسلىك ياكى مال-دۇنيا ئازدۇرۇپ كەتمەيدىغان، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشى،رازىلىقى، ھۆرمەتلىشى ۋە مۇكاپاتلىشىغا تىگىشلىك بولغان ئادىل كىشىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئادىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادىل كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مۇنداق دىگەن:<<ئادىل كىشىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدانۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھۆكۈمىدە ئادىل بولغان، ئېزىپ كەتمىگەنلەر.>>مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. يەنە مۇنداق دىگەن:<<ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق كۈندە ئاللاھنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە كىشى بار. ئۇلار-ئادىل رەھبەر...>>بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ئادىللىقنىڭ ھەقىقى كۈرىنىشلىرى بار ئۇلار تۈۋەندىكىچە:
1-ئاللاھقا ئادىللىق قىلىش، بۇ ئىبادەتتە، ئاللاھنى سۈپەتلەشتە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۇرمەسلىك، ئىتائەت قىلىش، ئاسىي بولماسلىق، ئەسلەش، ئۇنتۇپ قالماسلىق، تەشەككۇر بىلدۈرۈش، ئىنكار قىلماسلىق .
2-كىشىلەر ئوتتىرسىدىكى ھۆكۈمدە ئادىل بۇلۇش، يەنى ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆزىگە تىگىشلىك ھەققىنى بىرىش.
3-ئائىلە ۋە بالىلار ئوتتىرسىدا ئادىل بۇلۇش- ئۇلارنى بىرىنى بىرىدىن ئۈستىن بىلمەسلىك، بەزىسىنى بەزىسىدىن يوقۇرى قويماسلىق .
4-سۆزدە ئادىل بۇلۇش- يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىك، يالغان ئېيتماسلىق، ناھاق گەپ قىلماسلىق .
5-تۇنۇشتا ئادىل بۇلۇش- ناھەق، دۇرۇس بولمىغان ئىشلارغا ئىشەنمەسلىك ھەم ياخشى تەرىپىنى قىلىپ ماختىماسلىق . تۆۋەندىكىسى ھۆكۈمدىكى ئادىللىقنىڭ يۈكسەك مىسالى : ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئولتىرۋاتقان ئىدى. مىسىرلىق بىر ئادەم كىلىپ: ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن، بۇ سەن ئارقىلىق پاناھلىق ئىزدەيدىغان ئورۇن، دېدى. ئۆمەر: سەن قۇتقازغۇچى ئاللاھ ئارقىلىق پاناھلىققا ئىرىشىسەن. نېمە ئىش؟ دېدى. ئۇ كىشى، مەن ئەمرۇبنۇ ئاسنىڭ ئوغلى بىلەن ئاتتا مۇسابىقىلىشىپ ئۇنى يىڭىۋالدىم. ئۇ مىنى قامچە بىلەن ئۇرۇپ، مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ بالىسى، دېدى. بۇ ئۇنىڭ دادىسىغا يەتكەندە، سىنىڭ قېشىڭغا ئەرز قىلىپ كىلىشىمدىن ئەنسىرەپ مىنى زىندانغا سۇلىدى، سىنىڭ يېنىڭغا ئەمدى كەلدىم، دېدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەمرۇبنۇ ئاسقا-ئۇ مىسىرنىڭ ۋالىيسى ئىدى-:<<مىنىڭ بۇ خېتىم يىتىپ بارسا سەن ئوغلىڭ بىلەن ھەج پائالىيتىگە كەل>> دەپ خەت يازدى، ۋە مىسىرلىققا ئۇ كەلگۈچە تۇرۇپ تۇر،دېدى. ئەمرۇ كىلىپ ھەجگە قاتناشتى.ئۆمەرمۇ ھەجىنى ئادا قىلدى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇغلۇق ئىدى. ئەمرۇ ئىبنى ئاس ئوغلى بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. مىسىرلىق ئورنىدىن تۇردى. ئۆمەر ئۇنىڭغا دەررىنى تاشلاپ بەردى. ئۇ ئەمرىنىڭ بالىسىنى سورۇندىكىلەر ئورىشىنىڭ جىقلىقىدىن ھىسداشلىقى كىلىپ ئۇرۇشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۇردى. ئۆمەر، مۆتىۋەرلەرنىڭ ئوغلىنى ئۇرغىن، دەيتتى. مىسىرلىق، يىتەرلىق قىلدىم، دېدى. ئۆمەر، ئۇنى ئەمرىنىڭ تاقىر بېشىغا قوي، دېدى. ئۇ،ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىين مىنى ئۇرغاننى ئۇرۇپ بولدۇم، دەپتى ئۆمەر: ئاندىن ئەمىرگە: ئى ئەمىرى، سىلەر كىشىلەرنى قاچاندىن بىرى قۇبۇل قىلدىڭلار ؟ ئۇلارنى ئانىسى ئەركىن تۇققان تۇرسا، دېدى .
ئادىللىقنىڭ مىۋىسى
ھۆكۈمدە ئادىل بۇلىشنىڭ نەتىجىسى روھى خاتىرجەملىككە ئېرىشىش. شۇنداق بايان قىلغانكى، قەيسەر ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ كىلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتتى. ئەلچى شەھەرگە كىرگەندە ئۆمەرنى ئىزدەپ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار قېنى؟ دېدى. كىشىلەر :بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. ئەمرىمىز بار. ئۇ مەدىنىنىڭ سىتىغا چىقىپ كەتكەن -دېدى. ئۇ ئۆمەرنى ئىزدەپ چىقتى. ئۇ قۇم ئۈستىدە ھاسىسىنى بېشىغا قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. ئەلچى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قەلبىدە ئۆمەرگە ھۆرمەت قوزغالدى. ئۇ ئۆز- ئۈزىگە مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئادەمنىڭ ھەيۋىتىدىن بارلىق پادىشاھلار خاتىرجەم ئەمەس لېكىن بۇ ھالەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى ئى ئۆمەر سەن ئادىل بولدۇڭ، ئادالەتنى مۇستەھكەملىدىڭ لېكىن پادىشاھلىرىمىز زۇلۇم قىلىدۇ. ئېنىقكى، ئۇلار ئەنسىزچىلىك ئىچىدە خاتىرجەممۇ ئۇخلىيالمايدۇ . نورمال بۇلۇشقا كەلسەك ئۇ ئادالەتتىنمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە. ئۇ مۇسۇلماننىڭ بارلىق ئىشلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ چېكىدىن ئاشۇرۋېتىش ۋە شۇملۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ناچار ئەخلاق ئوتتىرسىدا ئوتتۇرھال بۇلۇش. مەسىلەن: ئىبادەتتىكى نورماللىق، چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، سەل قارىماسلىق، بۇشاڭلىق قىلماسلىق، خەير- ئېھسان قىلىشتا ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق، پىخسىقلىقمۇ قىلماسلىق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:<<.ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپخورلۇقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ >> سۈرە فۇرقان:67-ئايەت. كىىيم-كىيىشتە، يول يۈرۈشتە ئومۇمەن ھەر قانداق ئىشتا چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەي نورمال بۇلۇش . نورمال بۇلۇش دۇرۇس بۇلۇش بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، ئۇ ئەڭ يۈكسەك ئەخلاقى پەزىلەت، چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننى ئاللاھنىڭ بەلگلىمىسى دائىرىسىدە توختىتىدۇ، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تاشلاپ قويماستىن ياكى چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەستىن ئىجرا قىلغۇزىدۇ. ئۇ ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام دىگەن دائىرە ئىچىدە توختايدىغان- شەرەپ ۋە پەخىر جەھەتتە يىتەرلىك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:<<ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بىرەتتۇق.>>سۈرە جىن 16-ئايەت. يەنە مۇنداق دىگەن:<<پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر دىگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى غەم قىلىش، قايغۇرۇش يوقتۇر. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ)ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.>>سۈرە ئەھقاف:13-14ئايەت.
مەنبە:<<مۇسۇلمانلارنىڭ يولى>>ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما تابىئىن تەرپىدىن2009-03-18 01:16دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 11:21

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
دىنىم ئۈچۈن جېنىم پىدا
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 18:29 |
شەبنەم تور رادىئوسى
تابىئىن
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

مانا بۇ ئىسلام نىڭ ئوبرازى

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
دىنىم ئۈچۈن جېنىم پىدا
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 01:21 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 00:38, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ