ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 113 - كۆرۈرمىنى
@otkax
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
شۆھرەت: 314 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3085 سوم
تۆھپە: 9 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

 [ئوتقاش] شېئىرلار توپلىمى (1)

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ


-ئابلىكىم غۇپۇر

ئەي سەھرا


ئەي سەھرا،ئوسمىلىق باغلىرىڭ قېنى،
ناتۇنۇش شەھەردە قالدىمغۇ تېنەپ.
كېچەڭنى قاپلىغان جىگدە ھىدىنى،
ھىدلىغىۇم كەلدىغۇ سېغىندىم ئەجەپ.

توپىلۇق يوللىرىڭ بىلسەم ئەسلىدە،
بەرگەنكەن جىسمىمغا ئالەمچە قۇۋۋەت.
لاي سۇدا ئېقىتىپ يىگەن بۇردا نان،
يۈرەككە شىپاھكەن ئەڭ ئېسىل نىممەت.

ناخشاڭنى ئاڭلىغۇم كەلدىغۇ بۇۋا،
سېغىنىش كۈيلىرىم ئاشار ھەسسىلەپ.
نەدىسەن،ئەي ئۇلۇغ دۇلان دىيارىم؟
قانلىرىڭ قېنىمدا ئاقار ئۆركەشلەپ.


2008-يىل 5-ئاي  (ئۈرۈمچى)


ۋەتەن سۆيگۈسى

كەچۈر مىنى ئەي نادان قىزچاق،
بىرەلمەيمەن ساڭا مۇھەببەت.
يالقۇنجايدۇ ۋەتىنىم ئۈچۈن،
يۈرىكىمدە ئوتلۇق مۇھەببەت.

ۋاپاسىزغا بەرگەن كۆڭۈلنى،
ۋەتىنىمگە بىرىمەن ئەبەد.
ۋەتىنىمنىڭ ھالال سۈتىدىن،
ۋۇجۇدۇمغا تۇلۇر كۈچ -قوۋۋەت.


2006-يىل 9-ئاي (مارالبېشى)



ئۇيغۇر قىزى


كۆزۈڭ گۇيا قاپقارا كېچە،
قارا قېشىڭ ئورغاقسىمان ئاي.
لېۋىڭدىكى سۆيگۈ شارابى،
يۈرەكلەرگە شىپاھ كەۋسەر چاي.


جانان مەڭزىڭ قىپقىزىل ئالما،
سۈزۈك بۇيۇڭ خوتەن قاشتېشى.
زىلۋا بۇيۇڭ ئەۋرىشىم غۇنچە،
گۈزەللىكتە يەتمەس ھېچ كىشى.



نامىڭ ئۇلۇغ ئەي ئۇيغۇر قىزى،
ئاتەش قەلبىڭ دېڭىز دولقۇنى.
بۈيۈكلىكتە يۈكسەك چوققىسەن،
بارچە ئەلنىڭ ئانا ۋەتىنى.

2005-يىل 12-ئاي (تەڭ بازىرى)



سەھرادا قالدى چىن مۇھاببەت


ماڭماقتىمەن ئاسفالىت يولدا،
ھېجرانلىرىم قەۋەت-قەۋەت.
يۈركۈمنى داغلىتىپ ئەجەپ،
سەھرادا قالدى چىن مۇھاببەت.

قەلبىمدىكى ئەي ساددا قىزچاق،
سۈيەلەمسەن ،يايرىڭنى ئەبەد.
تەپچىرەيدۇ ۋۇجۇدۇمدا لال،
سەھرادا قالدى چىن مۇھاببەت.

ئىزلەپ بارسام سەھراغا سېنى،
كۈتۈۋالغىن ئاخىرقى بىر رەت.
مېھرىڭ بىلەن قۇچاقلا مېنى،
سەھرادا قالدى چىن مۇھاببەت.


2005-يىل 12 ئاي. (مارالبېشى)


بۇۋام ھەققىدە


بۇۋا شۇتاپ ساقلىڭغا قۇنۇپتۇ قىرو،
كارۋان يىللار پىشانەڭگە ساپتۇ سانسىز يول.
مىنگىشىپتۇ قار-بۇران قەددىڭنى ئېگىپ،
تىككەن مېۋە كۆچىتىڭ بېرىپتۇ ھوسۇل.

باسقان ھەر بىر ئىزىڭدىن ،ئۈنۈپتۇ گۈل-چىمەنلەر،
قاقاسلىقلار بوستان بوپ،ياشىرىپتۇ گۈلشەنلەر.
<<ئاپرىېن>> لار ئېيتىپتۇ ،قىلىپ ساڭا تىلاۋەت،
بىنا قىلغان بوستاندىن جەننەت پەيزى سۈرگەنلەر.

بۇۋا تارتىپ كېتىپتۇ، كۆز نۇرۇڭنى بۇلاقلار،
يۈرىگىڭدىن جۇت ئېلىپ ،نۇر چېچىپتۇ گۈلخانلار.
كۇكۇم-تالقان بۇلۇپتۇ سەن قاتناشقان جەڭگاھتا،
سانسىز ئاتلىق دۈشمەنلەر ئەلگە قۇرغان تۇزاقلار.

تاقىشاركەن كۆكلەرگە <<تەڭىرتاغ>> دەك قامىتىڭ،
ھەيرانۇ-ھەس بۇلاركەن،بوي -بەستىڭنى كۆرگەنلەر.
ساڭا تونلار يېپىپتۇ ،ئالتۇن سۆيگۈ قەسىردە-
بەخىت گۈلى ئېچىلىپ،چېھرى يۇرۇپ كۈلگەنلەر.


2005-يىل 9-ئاي  (مارالبېشى)



مەشئىلىمسەن جاپاكەش ئانا
     (ئانام خاتىرسىگە)

قاداق باسقان ئاشۇ قوللىرىڭ،
پەپىلەيدۇ سىيلاپ بېشىمنى.
يۈزۈڭدىكى سانسىز قورۇقلار،
ھاياتلىقنىڭ ئۆچمەس گۈلشىنى.

تور تارىتتى ئۆتكۈر كۆزۈڭگە،
ھاياتلىقنىڭ ئوزۇن سەپىرى.
سېنىڭ بىلەن ياشنايدۇ ئانا،
تىنىقىمدا ھايات كەۋسىرى.

پارىشتىسەن قەلبىم تۆرىدە،
چولپان بۇلۇپ چاقنىغان گۇيا.
مەشئىلىمسەن جاپاكەش ئانا،
گۆھەر بۇلۇپ چاچقان نۇر-زىيا.

2005-يىل  (مارالبېشى)


ھېجران كۈيى

ناخشاتوۋلار باھارنى كۈيلەپ،
تەبئەتنىڭ ئەركىن قۇشلىرى.
نابۇرچىك بۇ،ئاتەش قەلبىمدە،
ياڭرىماقتا ھېجران كۈيلىرى.

سەزمەكتىمەن قەدەملىرىڭنى ،
يۈرىگىمدە قاپتۇ ئىزلىرىڭ.
چالغىماقتا قەلبىمنى نىگار،
بۇلاق كەبى تاتلىق سۆزلىرىڭ.


2005يىل (مارالبېشى)

سۆيگۈ گۇيا مۇقەددەس ئېقىن


سۆيگۈ گۇيا مۇقەددەس ئېقىن،
دەشىت چۆللەر باغرىدا ياتقان.
پايانسىز بىر پىنھان ماكاندا،
سوغ قەلىبلەر رىسالە تاپقان.

سۆيگۈ گۇيا مۇقەددەس ئېقىن،
جىرالاردىن سۇ بۇلۇپ ئاققان.
شاراپ كەبى جامىغا تۇلۇپ،
سۈكۈت بىلەن خىيالغا پاتقان.

سۆيگۈ گۇيا مۇقەددەس ئېقىن،
يامغۇر بۇلۇپ قەلبىمگە ياغقان.
سۆيگۈ گۇيا بىر ئەركە تايچاق،
چىمەنلەردە يۈگۈرۈپ چاپقان.

2005-يىل  (مارالبېشى)

ئاتەش تىنىقلار


قەلبىمدە سەن بىر گۈزەل ھېستا،
كەلمەكتىسەن پىچىرلاپ ئاستا.
ئۆتمۈشتىكى كونا جاي قېنى؟
ئۇچرىشايلى بىز يەنە قايتا.

سىڭىپ كەتسۇن كۆكلەر قوينىغا،
يېلىنجىغان ئاتەش تىنىقلار.
شەپە بىلەن ئويغۇنۇپ كەتسۇن،
سۈكۈت بىلەن ھەمنەپەس خىيال.

خلۋەتتىكى ئەكىس سادالار،
يۈرەگىمنى قىلۋالدى ئىشغال.
چىن سۈزۈمنى خاناڭگە نىگار،
ئېلىپ بارسۇن شوخ سەلكىن شامال.

2005-يىل (مارالبېشى )


بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىسام دەيمەن


بۇلاق كەبى شەھلا كۆزۈڭدە،
بېلىق بۇلۇپ يايرىسام دەيمەن.
جىنەستىدەك سۈزۈك لىېۋىڭدە،
بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىسام دەيمەن.

ھارارەتلىك ئوتلۇق تېنىڭدىن،
خۇشپۇراق ھىد ئايرىسام دەيمەن.
تىلسىماتتەك لېچەكلىرىڭدىن،
چۈمبىلىڭنى قايرىسام دەيمەن.

يايلاق كەبى چىمەنلىرىڭدە،
تايچاق بۇلۇپ يايلىسام دەيمەن.
غۇنچە بويلۇق گۈزەل جىسمىڭنى،
پۇراپ-پۇراپ قانمىسام دەيمەن.

ساڭا بەرگەن ئوتلۇق ۋەدەمدىن،
تۈمەن مىڭ تىل تانمىسام دەيمەن.
بىھۇش بۇلۇپ تاتلىق لېۋىڭدىن،
شوخ كۈلكەڭدىن چانمىسام دەيمەن.

2004-يىل (مارالبېشى)

مېھنەت بىلەن ياشا ئەي ئىنسان


مېھنەت بىلەن ياشا ئەي ئىنسان،
ئەجرىڭ بىلەن ياشنىسۇن ۋەتەن.
كەڭرى تۇتقىن كۆكسى -قارنىڭنى،
گۇناھسىزغا قىلمىغىن ئەلەم.

ھايات شامىڭ يۇرۇتسۇن ئەلنى،
يۈكسەكلەردە قۇدىرەت تېپىشقا.
قەدەملىرىڭ ئاچسۇن داغدام يول،
بەيگىلەردە ئۈزۈپ چىقىشقا.

ئۇلۇغ نامىڭ تارالسۇن ئەلدە،
ئانا-تۇپراق ئاچسۇن گۈل-چېچەك.
پارلاپ تۇرسۇن ئاتەش قەلبىڭدە،
ۋەتەن ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستەك.

2005-يىل  (مارالبېشى)



ھايات ھەققىدە


ھايات ھەقىقىدە،
سۆزلەيدۇ ھەركىم.
بىر ئۆمۈر شۇنداق،
ياشايدۇ بەلكىم.

سۆزلەپ قويسىلا،
پۈتنەيدۇ ساپال.
لاي بىلەن سۇدا،
قىلمىسا ئامال.

راھەتنىڭ تېگى،
جاپا -ئەمگەكتە.
ئىشلىگەن كىشى،
چىشلەر ئەلۋەتتە.

ئويغانغىن يىگىت،
دەسىت تۇر ئورنۇڭدىن.
ۋەتەن قەرزىنى،
چۈشەر بوينۇڭدىن.

ھايات جامىغا،
تولدۇرغىن شاراپ.
يىقىلسا ئۆزگە ،
تۇرمىغىن قاراپ.

ئەلنىڭ ئىشقىدا،
يۈگۈرىت زېھنىڭنى.
ئانا يۇرىت بېغىدا،
تۆككىن ئەجرىڭنى.

يېڭى قۇياشقا،
كەڭ قۇچاق ئاچقىن.
چەكسىز زىمىنغا،
نۇر-زىيا چاچقىن.

سەن بىلەن خەلقىم ،
سۆيۈنسۇن دىلى.
پارلىسۇن كۈلكە،
يورىسۇن چېھرى.

2005-يىل (مارالبېشى)


يېشىل مۇھەببەت

كۆزنۇرۇڭدىن چاقنايدۇ ئىستەك،
لەۋلىرىڭدىن يېشىل مۇھەببەت.
چاراقلايدۇ قەلبىڭدە يۇلتۇز،
پىچىرلايدۇ كۆكسۈڭدە خىلۋەت.

سۆيگۈڭ گۇيا ياپيېشىل چېقىن،
تاتلىق سۆزۈڭ شىپاھى زەم-زەم.
پىچىرلىشىڭ تارايدۇ كۆككە،
قىيا بېقىشىڭ ئۇز شۇنچە لېۋەن.

غۇنچە بۇيۇڭ خۇشپۇراق ئىپار،
ناز قىلقىڭ شوخ سەلكىن شامال.
كۆلكەڭ نىگار نادىر مۇزىكا،
سۇمبۇل چېچىڭ ئېيتىدۇ ئۆزھال.

بۇلبۇل بۇلۇپ سايرىغۇم كېلەر،
نىگار سېنى يايرىم دەپ بىلىپ.
گۈل بەرگڭنى پۇرىغۇم كېلەر،
تائابەدكە گۈل قىلىپ قىسىپ.

سېنى پىنھان سۆيۈپ يۈرەرمەن،
باياۋاندا ناخشىلار ئېيتىپ.
پەرىزاتتەك ناتىۋانلىقىڭنى،
خىلۋەتلەردە كۈيلەرگە قېتىپ.

2005-يىل 12-ئاي (مارالبېشى)


بىر قىزغا

ئەي قىز
كېلىپ قاپسەن سەھراغا بۆگۈن
يۇشۇرمىغىن ناتىۋانلىقىڭنى
سۈزۈككىنە بۇلاق سۈيىدە
يۇيىۋەتكىن گىرىملىرىڭنى
كەھرىۋادەك جىگدە يىلمىدە
تارىۋالغىن سۇمبۇل چېچىڭنى.
تاڭ قالدۇرغىن ھېلال ئاينىمۇ
تاتلىققىنە ناز كۈلكەڭ بىلەن
شاراپ تۇتقىن دېھقان يىگىتكە
مۇھەببەتلىك چىن ۋەدەڭ بىلەن.
كۆمۈپ تاشلا ئازاپلىرىڭنى
خىلۋەتتىكى سەھرا بېغىغا
ئارتىپ قويغىن كۆز ياشلىرىڭنى
قەترە تامغان ئۆرۈك شېخىغا.
كاككۇكلارنىڭ سايراشلىرىنى
يۈرىكىڭگە تاڭغىن ئەم قىلىپ
گۈل تېرىغىن سۆيگۈ بېغىغا
پۇراق چاچسۇن رەڭدار ئېچىلىپ...

2006-يىل 1-ئاي (تەڭ بازىرى)


<<سەن>>  ۋە<< مەن>>


سەن باھارنىڭ ئەركە شامىلى،
مەن تاڭلارنىڭ يېڭى مېھمىنى.
سەن باغلاردا ئېچىلغان چېچەك،
مەن تامچىغان قەترە شەبنىمى.

سەندىن كېلەر ئەتىر گۈل ھىدى،
مەندە بار ھەم ئىششىق-ھارارەت.
سەندە يانار مىڭ قۇياش ئوتى،
ئۇرغۇپ تاشار مەندە جاسارەت.

سەن سۆيگۈدىن تۈرەلگەن نوتا،
مەندە ياڭرار ئوتلۇق بىر سادا.
سەن <<بىزلەر>>چۈن نادىر مۇزىكا،
مەن<<بىزلەر>>چۈن يازىمەن ناخشا.

2006-يىل (مارالبېشى)


بەلكىم تەنھا ئۆلۈپ كېتەرمەن


تەبەسسۇم ئىلكىدە تۇراتتىڭ ئەي قىز،
شوخ كۈلكەڭ يۈرەكنى قىلاتتى قامال.
ئاھ،شۇ چاغ قەلبىمدە چەكسىز ھاياجان،
پىنھانە سۆيگۈڭگە بۇلار ئىدى لال.



كۆزۈڭدىن چاقنىغان سۆيگۈ ئۇچقۇنى،
كۈلبەمگە سابانى كېلەتتى ئېلىپ.
سۈكۈتتە قالدۇرۇپ كەتتىڭغۇ بىراق،
پىغانلىق يۈرەككە رەشىك ئوت سېلىپ.

سۆيگۈ مەڭگۈ ئەمەستۇر تالىق ،
بۇ دۇنيادا ماڭا ئېھتىمال.
بەلكىم تەنھا ئۆلۈپ كېتەرمەن،
سوغ يۈرەككە قىلالماي ئامال.


2006-يىل (مارالبېشى)

بىر قىزغا

ئىزلەپ يۈرمە باغلاردىن مېنى،
ئۇنۇت قىزچاق نادان يايرىڭنى.
كاككۇكلارنىڭ غېرىپ كۈيىگە،
كۆمۈپ تاشلا ئازاپلىرىڭنى.

باياۋاندا ناخشىلار ئېيتىپ،
كېتەي مەڭگۈ سېنىڭدىن يىراق.
زارلانما قىز كۆزۈڭنى ياشلاپ،
يۈركۈمگە قىلما ئىشتىياق.

زۇلمەتلەردە تىنەپ يۈرمىگىن،
سۆيگۈ بېغىڭ بولمىسۇن غازان.
يۇقاتمىغىن خۇدىڭنى چۈشتەك،
قەغىش قىلىپ تاپالماي ئىمكان.

شېرىن چۈشلەر قالار شۇ پېتى،
(يۈركۈمنى پارچىلاپ ئۆزۈم).
قەلبىمدە يوق سۆيۈش-سۆيۈلۈش،
قاتتى يۈرەك،قاتتى سوغ جىسمىم.

2006-يىل 3-ئاي  (مارالبېشى)


ئۆتۈنۈش

كەتتىڭ دىلدار يۈرەكنى ئېلىپ،
مېنى چەكسىز ئازاپقا تاشلاپ.
ئۈمىد بىلەن يۇلۇڭغا باقسام،
كەلمىدىڭ ھېچ كۆزۈمنى ياشلاپ.

بىز تۇنۇشقان شۇ خىلۋەت سەھرا،
ئېسىمدىدۇر ،ئېسىمدە شۇتاپ.
كاككۇكلارنىڭ شادىمان كۈيى،
كۆكسمىزدە يانغانتى چاقناپ.

خىيال بىلەن سىردىشىپ ھەر تۈن،
يۈرگۈمدە قەلبىڭنى چىللاپ.
چۈشلىرىمدە كەلسەڭ ناۋادا،
چۆچۈپ تۇردۇم ئىسمىڭنى توۋلاپ.

تاڭدا بىر رەت كۈلۈپ قوي نىگار،
چىن يۈرەكتىن سۆيەلمىسەڭمۇ.
مەندىن ئۈمىد ئۈزمىگىن بۇنچە،
ئىشقىڭ بېرىپ كۈيەلمىسەڭمۇ.


2006-يىل 4-ماي  (مارالبېشى)



كۈتمە ئەمدى جاۋاپ خېتىمنى


كۈتمە ئەمدى جاۋاپ خېتىمنى،
تۈن كېچىلەر خىيالغا پېتىپ.
ئازاپلىما قەلبىڭنى زىنھار،
يۈرىكىڭدىن قىيان كۆتۈرۈپ.

كۈتمە ئەمدى جاۋاپ خېتىمنى،
سۆيگۈ ئىزلەپ تاپالماي ئىمكان.
ئوخچىمىسۇن قەلبىڭدە ھەسرەت،
ئەقىدەمگە بولما دەرگۇمان.

كۈتمە ئەمدى جاۋاپ خېتىمنى،
چۈشلىرىڭدە ئىسمىمنى توۋلاپ.
جۇنۇنلاردا قىينىسام سېنى،
چېكىپ يۈرمە يۇشۇرۇن ئازاپ.


2006-يىل 6-ئاي (مارالبېشى)



مەنبە: ئىجادىيتىم.

  ئۇزۇن يىللىق ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ ! باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماڭ! يېقىندىن ياردەمدە بۇلشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلمەن!-ئېھتىرام بىلەن!:
                                                                      -ئابلىكىم غۇپۇر.


                                       2009-يىل 3-ئاي 17-كۈن.
[ بۇ يازما @otkax تەرپىدىن2009-03-17 18:47دە قايتا ت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 11:19

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(mehrigiya) ئىجادىي ئەسە ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 18:11 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-19 00:57, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ