ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئەل-سۆيەر ئەزىز قېرىنداشلار ،ئالدى بىلەن ياراتقۇچى ئىگەم ،قۇدرەتلىك ئاللادىن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا تۈگىمەس ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن !!!
مەن ئۆزەم بىر ئاددىيغىنە ئوقۇغۇچى بولساممۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەرقايسى يۇرت تۇرداشلارنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ،مەدىتىگە ئېرىشىپ ،ۋۇجۇدۇم چەكسىز ئىپتىخارلىق ،خوشاللىق ،(ھەيران ئارىلاش)ھاياجانغا تولغان قېرىندىشىڭلار (رۇۋىيگې توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىكى) ئادىلجان بولىمەن . بۇ قىسقىغىنە ھەم <ئۇيۇن>ئارىلىشىپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئاي ۋاقىت مابەينىدە قېرىنداشلارنىڭ مەندەك ئاددىي بىر بەندە ئۈچۈن ھارماي ،زېرىكمەي ئەجىر سىڭدۈرىشى ،مەدەت يۆلەشلىرى مېنى قاتتىق تەسۈرلەندۈردى .تورداشلانىڭ قوللىغىنىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .ئەجرىڭلارنى بىكار كەتكۈزمەسلىككى تىرىشىمەن .
مەن ئويلايمەن بۇ جەرياندا ئېرىشكىنىم خاس قوللاشلا ئەمەس يەنە كىتاپتىن ئۆگۈنۈپ بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،ئۈيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئۆم- ئۇيۇشقاق،ئۆز قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ قوشۇشتەك روھقا ئىگە ئىكەنلىگىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن قەدەمدە چوڭقۇر ھېس قىلدىم ھەم ئۆز مىللىتىمدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى تىخىمۇ كۈچەيدى.
يەنە بۇ جەرياندا مۇسابىقىنىڭ باھانىسىدا خېلى كۆپ تېپۇلغىسىز ياخشى نىيەتلىك دوست-بۇرادەرلەر بىلەن تۇنۇشتۇم.ئەقىللىق تەسەۋۋۇرغا باي ھەدەلەرنى تېپىۋالدىم ،ئېرىشكىنىم ئاز ئەمەس ،بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن .
مەن ۋاقتىم بولسىلا تۇرغا چىقىپ تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ تۇردۇم.ھېس قىلىشىمچە تورداشلاردىن مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا قىزىقىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.(كۆڭۈل بۆلگىنىڭلاردىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن)بۇ بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى مۇشۇ ئاينىڭ 20_كۈنى توردا ئېلان قىلىنىدۇ.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرىشكە %50بېلەت ئەھۋالىغا ،قالغان %50 ماھىرنىڭ توردا ئىلان قىلغان ماقالىسىگە (مەنمۇ ئېلان قىلغان ،ماقالىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى ئوقۇپ باھالايدۇ)تەسىر دائىرسى دىگەندەك ئامىللارغا قارايدۇ.ئاندىن 12نەپەر تاللىنىپ چىقىلىدۇ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ماھىر نۇمۇر كۆرسىتىش ،سۇئالغا جاۋاب بېرىش ھەم ئونۋىرسال قابىلىيىتىنى سىناش ئارقىلىق نەق مەيدان نۇمۇر قۇيۇپ چىمپىيون تاللىنىپ چىقىدۇ .(ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى تېخى بىكىتىلمىدى )
ھەرقاچان تورداشلار بىلەن سەمىمىي دوستلاردىن بۇلۇشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن ،ئىلخەت ئادرىسىم
a-winner@163.com قېرىنداشلارنىڭ قوللىغىنىغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.ئاللا ھەممىمىزنىڭ تۇرمىشىنى بەخت-سائادەتكە چۆمدۈرگەي