قۇترىغان مىسرا !
ئاۋات رەستىدە
مىغ- مىغ
ئادەمگە ئوخشاش
كۈلگەن قەلەندەر
روھسىز - كۆرۈمسىز
ئىگىلگەندە باش .
شۈمشىيىپ قارار
ناراسىدىلەر ...
كۆزىدە قان - ياش .
غەپلەتتىكى تەن ،
ئۈمۈدسىز ياشاش .
چىھرىدە
قاپلىغان زۇلمەت ،
كۆرۈنمەس قۇياش .
ئىسيانكار قەلب
ئۈنسىز
ئۈمۈتسىز ...
ئاچچىق قانسىراش .
ئاۋۇ ئىگىزكەن
مەن سىمىز ئەمەس
ئاھ ئۇلۇغ غەيۋەت
ياتلاش قېرىنداش .
ئوخشاش قان
ئوخشاش جان
شۇنداقلا دىنداش .
بىرلىك يوق
ئۆملۈك يوق
بولساقمۇ قانداش .
ھەمرا قىلىپ
ياتساقمۇ
ئەيدىزنى يانداش .
ئويلىماس
ئاھ غەپلەت ،
كۆرەلمەس
بىر - بىرىنى ساۋاقداش .
چىرىغان ھىسىيات
قارچۇقتا
قېتىپ قالغان داش .
مىسرالىرىمدا
ئەلەملىك قۇتراش .
ئەي ئۇيغۇرۇم
تۇيغۇلۇرۇڭغا _
سىڭىپ كەتسىكەن ،
ئىنسان تۇغۇلۇپ
ئىنساندەك ياشاش .
مەنبە __ قەلەم < سەنئەت >