ئارام ئېلىش ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر
ئەمگەك قانۇنىدا ئەمگەكچىلەرنى كۈندىلىك ئىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن، ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى 44 – سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. لېكىن ھازىر كارخانا، شىركەت ۋە ياكى مەمۇرىي، كەسپىي ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.
«بىز قاچانغىچە سۈكۈت قىلىمىز؟»
4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شەنبە. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان روشەنگۈل سائەت سەككىز بولمايلا زاۋۇتنىڭ نۆۋەتچى مىنىبوسىغا يەنە چىقتى. مۇخبىرنىڭ روشەنگۈلدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان زاۋۇت ئىزچىل تۈردە «ئۈچ ئىسمېنىلىق تۈزۈم» نى يولغا قويغاچقا، ئۇلارنى ئارام ئالىدىغان كۈنى يوقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇت ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتقاننى ئاز دەپ يەنە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۇزارتىپ ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى ھەققىنى بەرمەيدىكەن. بۇ زاۋۇتتا روشەنگۈلگە ئوخشاش ئىش قوشۇپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار نۇرغۇن ئىكەن. ئىلگىرى ئۇلار كۆپ قېتىم زاۋۇت رەھبەرلىكىنى ئىزدەپ دەم ئېلىش كۈنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەلىپى رەت قىلىنىپ كەپتۇ. يېقىندا مەزكۇر زاۋۇتتىكى ئوننەچچە ئىشچى – خىزمەتچى بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىگە كېلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىپتۇ. ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ سوچى روشەنگۈل قاتارلىق ئوننەچچەيلەننىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مەزكۇر زاۋۇتتا 2000 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ بارلىقى، زاۋۇت «ئۈچ ئىسمېنىلىق ئۈچ ئايلىنىش» (توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئادەتتە «تۆت ىسىمېنىلىق ئۈچ ئايلىنىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ) ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاچقا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىدىن سىرت، زاۋۇت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۇزارتىپ ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى ھەققىنىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە زاۋۇتنى ئەمگەك قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، دەپ قاراپ زاۋۇتتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشنى ھەم ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام كۈنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرغان.
«ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر»
جاۋ سوچى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەر يىلى تاپشۇرۇۋالىدىغان ئەرزلىرى ئىچىدە ئىش ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا دائىر ئەرزلەر ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ئۈچ چوڭ بايرامنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەرزىيەتچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى :«كۈندىلىك ئىش ۋاقتىنىمىز نورمال ئىش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتتى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئالالمايمىز» دېگەن مەزمۇندا ئەرز قىلىدۇ. ئەرز قىلىنغۇچى ئورۇنلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانا، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلار، بولۇپمۇ مۇلازىمەت تۈسىنى ئالغان شىركەت ۋە ئورۇنلاردىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە ئەرز قىلغان بۇ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمىدۇر. نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىمۇ يۇقىرى ئەمەس، نۇرغۇنلىرى يەۋاتقان ئېشىدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ۋاقتىنى ئىلمىي ئاساسىي بار، ئادەم ئۇزاق ۋاقىت توختىماي ئىشلىگەندە فىزىئولوگىيىسى ۋە پسىخىكىسىنى بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەمگەكچىلەر ئۇزاقراق ئىشلىگىنىمگە چۇشلۇق ھەق ئالدىمغۇ، دەپ مەنپەئەتنى كۆزلىسە، ئۆزىنى ئاسرىمىسا بولمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك. ئىش قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسىنى كېلىپ چىقىشىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇ كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى، ئەخلاق، قانۇنچىلىق قارىشى ئاجىز بولۇشى، شۇنداقلا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قوغداش، مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق قاتارلىقلار ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
قىسقىسى، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەرىپىدىن كەلسە – كەلمەس نورمال ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنسا، چوقۇم ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى ۋە ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.