17 ياشلىق بالا مېركىل خانىمنىڭ قولىنى سۈيۈپ نام چىقاردى
گىرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى تۈركىيەلىك پۇشتىدىن بولغان 17 ياشلىق بالا مېركىل خانىمنىڭ قولىنى سۈيۈپ قۇيۇپ نام چىقارغان ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ تۈركىيەدە نام قازىنىشىغا تۈرتكە بۇلۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان .
ساتىش ئالدىنقى ھەپتە مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپىسىغا « ئاپا ، مەن مېركىل خانىمنىڭ قولىنى سۆيۈپ قۇيىمەن » دىگەن . ساتىشنىڭ دىيىشىچە ، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئاپىسى ھەم باشقىلارمۇ ئىشەنمىگەن ، كىيىن بۇ 17 ياشلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن گىپىنى ئىشقا ئاشۇرغان . مېركىل خانىم بىرلىننىڭ 新克尔恩区 رايونىدىكى بىر مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۋاتقاندا ساتىش پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مېركىل خانىمنىڭ قولىنى سۆيۈپ قويغان .
بىراق ساتىشنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپنىڭ دوستلىرى بىلەن باغلاشقانلىقىدىن بولغان بۇلۇپ ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە « بىرلىن كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ يۈرەكلىك ھالدا زۇڭلىنىڭ قولىنى سۆيۈپ قۇيۇشتا دوستلىرى بىلەن باغلاشقانلىقىنى ئېيتقان .
ساتىشنىڭ بۇ ئىشى تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بۇلۇپ ، تۈركىيەدىكى بىر گېزىتنىڭ باش بېتىگە ئۇنىڭ مۇشۇ ئىشى بېسىلغان ، ھەتتا تۈركىيەدىكى باشقا بىر گېزىتنىڭ مۇخبىرى ساتىشنىڭ ئانىسىنى ئالاھىدە زىيارەت قىلغان.
http://news.ifeng.com/world/200903/0317_16_1064398.shtml[ بۇ يازما arkinlik. تەرپىدىن2009-03-18 00:02دە قايت ]