ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 655 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغانلارغا ئەڭ كېرەكلىك بولغان سۆزلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ღbahtiyarღ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 19 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغانلارغا ئەڭ كېرەكلىك بولغان سۆزلەر

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرئاي بۇ تېمىنى ئۇيغۇر تائاملىرى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-17)
پەيلاسوپ: بالام،نېمىشقا بىئارام بولۋاتىسەن؟
بىئارام بولغۇچى: مەن مۇھەببىتىمدىن ئايرلدىم
پەيلاسوپ: شۇنداقمۇ،بۇ نورمال ئىش.ئەگەر مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ تۇرۇقلۇق بىئارام بولمىسا،مۇھەببەت دېگەننىڭمۇ ھېچقاندان لەززىتى بولمايدۇ.لېكىن بالام،بۇ سېنىڭ ھازىرقى مەيۈسلىنىشىڭ،ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەتلەشكىنىڭدىنمۇ بەك ئىچىگە كىرىپ كېتىپسەنغۇ؟
بىئارام بولغۇچى:قولغا چۈشكەن كەپتەر ئۇچۇپ كەتتى،بۇ خىل پۇشايمانلىق بۇ خىل بىراملىقنى ،سىزباشتىن كەچۈرمىگەچكە بىلمەيسىز.....
پەيلاسوپ: ئۇچۇپ كەتسە كەتمەمدۇ،نېمىشقا يەنە داۋاملىق ئالدىڭغا قاراپ ماڭمايسەن،نۇرغۇنلىغان ياخشى كەپتەرلەر تېخى بارغۇ...
بىئارام بولغۇچى:ساقلايمەن،تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە ،ئۇنىڭ قايتىدىن يېنىمغا قايتىپ كېلىشىنى ساقلايمەن!
پەيلاسوپ:بەلكىم بۇكۈنلەر كەلمەسلىكى مۇمكىن .نەتىجىدە سەن ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ماڭغانلىقىنى كۆرۈسەن
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولۇپ قالسا،مەن ئۆلۈۋىلىش ئارقلىق ئۆزەمنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيمەن
پەيلاسوپ:ئەگەربۇنداق بولۇپ قالسا ،سەن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭدىن ئەمەس،ئۆزەڭنىمۇ ئۇتتۇرۋىتىسەن
بىئارام بولغۇچى:ئۇنى ئۆلتۈرۋەتسەمچۇ؟مەن ئېرىشەلمىگەننى باشقىلار ئېرىشىمەن دەپ خام-خىيال قىلمىسۇن.
پەيلاسوپ:بۇنداق قىلساڭ ئۇنى سەن ئۆزەڭدىن مەڭگۈ يېراقلاشتۇرۋىتسەن،سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان تۇرساڭ!
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمەن،مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان تۇرسام
پەيلاسوپ:شۇنداق بەك ياخشى كۆرەمسەن ؟
بىئارام بولغۇچى:شۇنداق!
پەيلاسوپ:ئۇنداقتا سەن ئۇنى بەخىتلىك بولسۇن دەمسەن ؟
بىئارام بولغۇچى:ئەلۋەتتە
پەيلاسوپ:ئەگەر ئۇ سەندىن ئايرىلىشنى بىر بەخىت دەپ بىلسىچۇ؟
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولمايدۇ،بۇرۇن ئۇ ماڭا :سىز بىلەن بىللە بولساملا مەڭگۈ بەخىتلىك بولىمەن.....دىگەن!
پەيلاسوپ:ئۇ دىگەن بۇرۇن_ئۆتمۈش،ئۇ ھازىر بۇنداق قارىمايدۇ
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداقتا،ئۇمېنى ئالداپ كەلگەنما؟
پەيلاسوپ:ياق،ئۇ ئەزەلدىن راستچىل! سېنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا سەن بىلەن بىللە ئىدى.ھازىر ياخشى كۆرمەيدۇ ،شۇڭا سەندىن يىراق تۇردى.ئەگەر سېنى ياخشى كۆرمەي،سېنى يالغاندىن ياخشى كۆرگەن بولۇپ ھەتتا سەن بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولسا ،بىز ماۋۇنى ئالدامچىلىق دەيمىز!
بىئارام بولغۇچى:لېكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بىكار بولامدا؟ماڭا كىم قايتۇرۇپ بېرىدۇ بۇلارنى؟
پەيلاسوپ:ئۇنداق دېمە سېنىڭ مۇھببىتىڭ ئەزەلدىن بىكار بولغىنى يوق .چۈنكى سەن مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەندە ئۇمۇ بەرگەن .سەن ئۇنىڭغا خوشللىق ئاتا قىلغان ۋاقتىڭدا ئۇمۇ ساڭا خوشاللىق بەرگەن .
بىئارام بولغۇچى:بىراق ھازىرئۇمېنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،مەن بولسام ساراڭلارچە ياخشى كۆرىمەن
بۇ نېمىدىگەن ئادالەتسىزلىك....!
پەيلاسوپ:توغرا،ئادالەتسىزلىك.لىكىن ساڭا ئەمەس ئۇنىڭغا .ئەسلىدە ئۇنى ياخشى كۆرۈش بۇسېنىڭ ھوقوقۇڭ،ئۇنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىگى ئۇنىڭ ھوقوقى.لېكىن سەن ھازىر ئۆزەڭنىڭ تاللىشىنى ئۇنىڭغىمۇ تاڭماقچى .......مانا بىز ماۋۇنى ئادالەتسىزلىك دەيمىز!
بىئارام بولغۇچى:قىزىقكەنسىزغۇ-سىز،ھازىر ئازاپلىنۋاتقىنى مەن،ئۇئەمەس،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتىمەن .
پەيلاسوپ: ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتىمەن؟ ئۆزەڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋتىمەن دېسەڭ بولمامدۇ ،ۆزى ئۈچۈن تۇرۇقلۇق يەنە باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش بۇ ئەخلاقى مەسىلە!
بىئارام بولغۇچى:سىزنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم كەلتۈرۈپ چىقارغانما؟
پەيلاسوپ:شۇنداق،دەسلىپىدىنلا ئۆزەڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىق بۇ....!ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ھەققىي بەخىت ئەپ كېلەلىسەڭ،ئۇ سېنىڭ تۇرمۇشىڭىدىن ھەرگىزمۇ كەتمىگەن بولاتتى.بېلىپ قوي ،دۇنيادا ھېچكىم بەخىتتىن ئۆزىنى ئەپ قاچمايدۇ.
بىئارام بولغۇچى:ئۇماڭا ئازىراق پۇرسەتمۇ بەرمىگەن تۇرسا؟بۇ بەك ئەبلەخلىك بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟
پەيلاسوپ:ئەبلەخلىك ئېكەن .ياخشى يېرى سەن بۇ ئەبلەختىن قۇتۇلدىڭ،بۇنىڭدىن خوشال بولىشىڭ كېرەك.
بىئارام بولغۇچى:خوشال بول؟بۇ مۇمكىنمۇ؟نېمىلا دىمىگەن بىلەن مەن باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋىتلدىم،بۇ بىر خىل ئادەمنى مەيۈسلەندىرۋىتىدىغان ھېسىيات!
پەيلاسوپ:ئۇنداق دېمە بالام.ياشلاردا پەقەت ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغىسى بولىشى كېرەك ،ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنسەڭ بولمايدۇ.ئېسىڭدە بولسۇن ،تاشلىۋىتىش چوقۇم ياخشى ئەمەس دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
بىئارام بولغۇچى:نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
پەيلاسوپ:مەن بىر قېتىم دۇكاندا شۇنداق ئېسىل بىر كاستۇمنى كۆرۈپ قالدىم،كىيسەم مەن ئۈچۈن تىككەندىكلا ياراشتى.پىركازچىك كېلىپ ئالامسىز دىگەنددە مەن نېمە دېدىم دە...
رەختى ياخشى ئەمەسكەن ئالمايمەن...! ئەسلىدى يېنىمدا پۇل يوق ئىدى.سەن بەلكىم مۇشۇ ئالماي چكەتكەن كاستۇم بولىشىڭ مۇمكىن.
بىئارام بولغۇچى:ئادەمگە تەسسەللى بېرىشقا ئۇستىكەنسىز،لېكىن مېنى يەنىلا ئايرلىپ كېتىش قايغۇسىدىن ئېلىپ چىقالمايسىز .
پەيلاسوپ:شۇنداق ئۆزەمنىڭ بۇندەق قۇدرىتى يوقلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن،لېكىن مەن ساڭا بىردوستىمنى دەپ بېرەي ئۇنىڭ بۇ قۇدرىتى بار.
بىئارام بولغۇچى:كىمۇ؟
پەيلاسوپ:ۋاقىت،ۋاقىت ئىنسانلارنىڭ يول باشلۇغۇچىسى،مەن نۇرغىنلىغان ئادەملەرنىڭ مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئۆلۈش گىردابىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى كۆرگەن.ۋاقىت يۈرەكتىكى زەردىنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان ئەڭ ياخشى نەرسە .ۋاقىت ئارقىلىق كۆپلىگىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھەققىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەققي بەختىنى تاپقان
بىئارام بولغۇچى:مېنىڭمۇ شۇنداق كۈنلىرىم كېلىپ قالار. نەدىن باشلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؟
پەيلاسوپ:سېنى تاشلىۋەتكەن شۇنىڭغا رەھمەت ئېيت ،ئۇنىڭغا بەخت تىلە.....!
بىئارام بولغۇچى:نېمىشقا؟
پەيلاسوپ:چۈنكى ئۇساڭا سادەقەتلىك ھەمدە يىڭى بىر بەخت تېپىۋىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن....!

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 06:50

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 14:46 |
شەبنەم تور رادىئوسى
mahbubam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76848
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

بۇ بەك كۆپكەن ؛ شۇنداقتىمۇ ئەھمىيەتلىككەن؛ مېنىڭچە مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغانلارغا مۇشۇ بىر جۈملە تەقدىم قىلاي !
مۇھەببەت __ئۇ بىرلا قېتىم كەلمەيدۇ !

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 15:20 |
شەبنەم تور رادىئوسى
kitaphumar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ھەققىي بەخىت ئەپ كېلەلىسەڭ،ئۇ سېنىڭ تۇرمۇشىڭىدىن ھەرگىزمۇ كەتمىگەن بولاتتى.بېلىپ قوي ،دۇنيادا ھېچكىم بەخىتتىن ئۆزىنى ئەپ قاچمايدۇ.
بۇ بىر جۈملە سۆز كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن.پەقەت مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتسەكلا بولدى.
مۇھەببەت-تەلەپ قىلىش ئەمەس،توختاۋسىز بەدەل تۆلەشتۇر.(ئۆز رازىلىقى بىلەن)

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
مەن كىم؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 15:28 |
kitaphumar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 11950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 105 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بىز دائىم:«قارشى تەرەپ ئۆزگەرسە،كۈنلىرىم تېخىمۇ ياخشى ئۆتەتتى»دەپ ئويلايمىز.
قارشى تەرەپنى قويۇپ تۇرايلى،سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكنى تەرك ئىتەلەمسىز؟بۈگۈندىن باشلاپ بىر يامان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟ئۆزۈمنىڭلا راسىت دىيىشتىن ساقلىنالامسىز، ساختىپەزلىك قىلىشنى ئۆزگەرتەلەمسىز،ئورنىڭىزدىن بىر سائەت بالدۇر تۇرالامسىز..................بۇ ئىشلار سىزگە شۇنچە تەس تۇيۇلۇۋاتقان يەردە،سىز نىمىگە تاينىپ باشقىلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىسىز؟
  بىز دائىم«ئەگەر ئۇ ئۇنداق بولمىسا،مەنمۇ بۇنداق بولمايىتتىم،ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسا،مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم»
دەپ ئاغرىنىمىز.
سىز نىمىشقا ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايسىز؟
بىز پەقەت تەڭ ۋەزىنىلىك نەرسىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرىمىز:مۇھەببەتنى مۇھەببەتكە،دوسىتلۇقنى دوسىتلۇققا،ۋاپانى ۋاپاغا،مەجبۇرىيەتنى مەجبۇرىيەتكە ئالماشتۇرىمىز.ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە ئېرىشەلەيمىز.
شۇڭا سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.شۇندىلا كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۆتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزگىرىش ئارقىلىق سىزگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزگىرەلمىسىڭىز ئۇمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.ئەگەر سىز بارلىق بولمىغۇر ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلىسىڭز، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىش لاياقىتىىنى ھازىرلىغان بولىسىز!نەتىجىدە ئۇ سىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
مەن كىم؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 15:31 |
osmani
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 5542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 78 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 109 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ۋاقىت ئەڭ ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى !
مىنڭچە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى رىئاللىققا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلغان ياخشى . بۇگۇنىڭىزنى  قەدىرلەڭ
مۇھابەتتە زىدە بولغان يۇرەكنى ساقايتىشتىكى ئەڭ ئىسىل دورا - بىرەر كەسىپ بىلەن شوغىللىنىش .  

http://wwww.alhekmat.com
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 15:59 |
gulum321
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 29600
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 72 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 341(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بۇ بەكمۇ ئاقىلانە سوز بوپتۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 16:07 |
بايۋەتچە
شەبنەم بايۋەتچىسى
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 31227
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1478
شۆھرەت: 1479 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 480 سوم
تۆھپە: 249 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1401(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

مۇھەببەت ھەي مۇھەببەت .......................

قىزلىرى بۇزۇلغان قەۋىم ۋەيران بولماي قالمايدۇ !(بايۋەتچە )


چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 16:32 |
uzi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 63723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 441 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ نازۇك، مۇرەككەپ مۇزىكىنى ياخشى چېلىش ھەقىقەتەن تەس، لىكىن بىر قېتىم چېلىپ بۇزۇپ قويسا،يەنە قايتىدىن چالسا بۇلىدۇ !

شىنجاڭ تور مەكتىپى
دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 17:07 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

- توختاڭ ، سىز ئولتۇرۇڭ ، مەن بىرىپ ئاچاي -  دىدىدە ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ، ئىشىكىنىڭ مۇشۇك كۆزىدىن كۇزىتىپ قارىۋاتكەندىن كيىن ئىشكنى ئاچتى ، ياتاق ئويگە ھىلىقى مىنىڭ قىشىمدا ئازغىنە تەڭگە پۇللار بار چاغدا قىرىنداشلىرىقىم، مىھىر مۇھەببىتىم تىشىپ كتىپ تاماقلىق پۇل ياردەم قىلغان بىر ئائىلە كىشىلىرى (بەلكىم شۇنداق بولسا كىرەك ) كىرىپ كەلدى ...

   -- ۋاي ۋۇي ، مىھمان بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ بالدۇراق خەۋەر قىلىپ قويماي بىزلەرگە ....

  - مىھمان دەپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ ، ئەتىدىن باشلاپ بۇ يىگىتمۇ بىزنىڭ سەپكە قوشۇلدىغان بولدى ، سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي ...

  ئۇلار ماڭا بىر - بىرلاپ ئۇنسىز سەپ سىلىشقا باشلىدى ...ماشىنسى بار بۇ ئوتتۇرا ياش ئادەم بىلەن ئايالى مىنى كىچىىدە ئۇچىراتقان بولغاچقا ، مىنى تونۇيالماسلىقى ئىنىق ، ئۇلار ئانچە ئىپادە بىلدۇرۇپ كەتمىدى ...شىنجاڭ پىداگۇكىگا ئىنستوتىتى يىقىن ئەتىراپىدا ئوقۇش پۇلۇمنى يۇتتۇردۇپ قويدۇم دىگەن بۇ قىز بالىمۇ مىنى تازا تونالمىغان بولسا كىرەك ، سىنچلاپ قاراشقا باشلىدى ، بەلكىم كورۇشكەن ئادەملىرى كوپ بولغاندىن كيىن تونۇيالماسلىقى ئىنىق ....ئەمسە مەن بىر كىچىلىك قونالغۇ ئىچىپ بەرگەن بۇ چوكانچۇ ؟  بۇ چوكان ئىشىكتىن كىرىپلا مىنى تونۇۋالغان ئىدى ،  شۇنداقلا باشتىن ئاخىرى بىشىنى كوتۇرمەي توۋەن قىلىپ ئولتۇردى ..

   - تاماكا چىكەمسىز ؟ - ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئادەم ماڭا تاماكا سۇندى . مەن رەت قىلمايلا ئالدىم ...قانداق قىلىشىم كىرەك ، بۇلار ئەمدى مەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدىغان بولدى ، مەن قانداق قىلىپ بۇلارغا تاقابىل تۇرسام بولار ، تاماكىنى ئۇنسىز يوتىلىپ يوتىلىپ چىكىشكە باشلىدىم . چىكىپ يىرىمىغا كەلگەندە ماڭا ئاجايىپ بىر خىيال كەلدى ، مەيلى ئەمەلگە ئاشسۇن ياكى ئاشىسۇن سىناپ بىقىش نيىتىدە ، تاماكىنىڭ يىرىم قالدۇقىنى ئوچۇرمەيلا ، ئۇلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلدىم ، ۋە تازلىق قەغەزدىن بىر قانچىنى ئىلىپ قولۇمنى سۇرىتكەن بولۇپ ، ئۇنىمۇ ھەم تاشلىدىم ...شۇ چاغدا مىنى باشلاپ كەلگەن بۇ لەنىتى يىگىت ..

  - ئەمسە مۇشۇنداق بولسۇن ، سىلەر چىقىپ دەم ئىلىڭلار . مەن بۇ يىگىتنى باشلاپ چىقىپ تاماقلاندۇرۇپ كىلەي ...قالغان ئىشنى ئەتە مەسلىھەتلىشەرمىز ...بۇگۇن بۇ بالا مەن بىلەن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىدۇ .....

   ھەممىمىز ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇشتۇق ، باشتىن ئاخىرى بىشىنى كوتۇرمەي، يەرگە قىلىپ ئولتۇرغان بۇ چوكان ، ئىشىكتىن چىقىشىمىزغا بۇ يىگتىنىڭ قولىدىن بىر قانچە قىتىم تارتىپ سىلكىدى ،  بەلكىم گىپى بولسا كىرەك ..ۋە ياكى بەلكىم مىنى تونۇيدىغانلىقنى دىمەكچى بولسا كىرەك ...

  - ئاپپاق جىنىم ئامرىقىم ، قانداق گەپ بولسا  ، بىز تاماقتىن كەلگەندىن كىيىن ئاندىن دەڭ . يەنە بىردەم چىداڭ بولامدۇ ، - دىگىنچە ئاشۇ  كارىدۇردىلا چوكاننىڭ يۇزىگە بىرنى سويۇپ قويۇپ  ،مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپ ماڭدى ....

    بىز مىھمانسارايدىن 300 مىتىرچە ئەتىراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، مانا بىر سائەتنىڭ ئالدىدا قورسىقىم ئىچىپ تارتىشىپ ، چىدىماي بۇ يىگىتىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ قولىقىغا  « ئاكا قورسىقىم ئىچىپ كەتتى ، چىدىمىدىم » دەپ پىچىرلىغان ئىدىم ، بىراق ئەمدىلىكتە بولسائالدىمدا سەر خىل تائاملار تۇرسىمۇ گىلىمدىن ئوتمەتتى ..چۇنكى  پۇتۇن خىيالىم  مەن قالدۇرۇپ كەتكەن تاماكا قالدۇقىنىڭ تۇتاشقان ياكى تۇتاشمىغانلىقىدا ئىدى ....

  - بايا كارىدۇردا مەن سويۇپ قويغان چوكان قانداقراق ئىكەن ، - ئۇ خىيالمىنى بۇزۇپ تاشلىدى ..

  - ناھايتىمۇ چىرايلىق چوكان ئىكەن ، سىزنىڭ ئايالىڭىزما ؟

  - شۇنداق ، مىنىڭ ئايالىم ، ھەم باشقىلارنىڭ ئايالى دىسەممۇ بولىدۇ ، ئۇ ئايالنىڭ ۋەزىپىسى كوپ ، ھەم ئاق ساتىدۇ  ، ھەم تەسىرلىك سوزلەر  بىلەن باشقىلاردىن پۇل ئۇندۇردۇ ، ھەم باشقىلارغا كىچىلىك ھەم سائەتلىك خوتۇن بولۇپ پۇل تاپىدۇ ،  مۇنداقچە ئيىتقاندا كىم ئۇنىڭغا پۇل بەرسە ئۇ شۇنىڭ خوتۇنى ...

  - مەن چۇشەنمىدىم ، ئەمسە ئۇ سىزنىڭ ئىش پۇشىقىڭىزنى چىقىردىغان چوكان ، ئەمەليەتتە ئايالىڭىز ئەمەس شۇنداقمۇ ؟

  - ياق ، ئۇ مىنىڭ ھەقىقي ئايالىم ، بىراق پۇل تىپىپ راھەت تۇرمۇشتا كەچۇرۇش ئۇچۇن، مەن ئۆزۇم ئايالىمنى ، باشقىلار پۇل بەرسىلا خوتۇن بولۇپ بىرىشقا ماقۇل بولغان ، ئايال كىشى دىگەننىڭ ئاشۇ بىرلا يىرى ئەر كىشىگە لازىم ، بولمىسا ئۇلارنىڭ نەرى ئادەمگە ئەسقاتىدۇ ، مەنغۇ ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇ نەرسىىگە تويدۇم ، ئۇنىڭ كوزىچىلا باشقا قىزلارنى ياتاققا ئەكىلىپ ئىش پۇشۇقىنى چىقىرىمەن ، ئۇنىڭمۇ كارى يوق ...پەقەت بىز پۇل تاپساقلا بولدى ...پۇل ...بىلەمسەن ..پۇل ...

   ئۇنىڭ تىلفۇنى ئەنسىز سايراپ كەتتى ...

  - ۋەي ، جىنىم خوتۇن نىمە بولدى ، مۇشۇ تاپتا سىنىڭ گىپڭىنى قىلۋاتاتتۇق ...

  بۇ تىلفۇنىڭ ئاۋاز دولقۇنى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاۋازمۇ ناھايتى ئىنىق ئاڭلىناتتى ..

  - چاتاق بولدى...ئوت ..ئوت .....ياتاققا ئوت كەتتى ....تىز تىز ....

       گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا ، تىلفۇننى ئىتىپ، ماڭا قاراپمۇ قويماستىن ، مىھمانسارايغا قاراپ يۇگۇردى ..تاماقنىڭ پۇلىنىمۇ تولەشنى ئۇنتۇغان ئىدى ...ئەمدى مەن بۇ تاماقنىڭ پۇلىنى قانداقمۇ تولەي ....ئىڭكەمنى تۇتۇپ تاماققا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى ( بۇ ئەسەرنى ئوقۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىزدىن كىلىپ ، تاماق پۇلىنى تولەپ ، مىنى بۇ يەردىن ئىلىپ چىقىپ كىتىشنى تولىمۇ ئۇمىد قىلمەن ، مۇنبەردە قىرىنداشلىق مىھىر مۇھەببىتى كۇچلۇك ، تومۇرىدا ئۇيغۇرۇم دەپ قىنى ئۇرغۇپ ئاقىدىغان قىرىنداشلىرىم ، بۇ سىلەرگە بىر قىتىملىق ياخشى ساۋاپ تاپىدىغان ئىش ، مەن سىلەر كەلگۇچە مۇشۇ يەردە ئىڭكىكمنى تۇتۇپ ساقلايمەن )

  

    ئەتىسى مەن شۇنداق خەۋەر ئاڭلىدىم  :

    «  ........مىھمانسارايدا بىر گورۇھ ئاق ساتىدىغان كىشىلەر بولۇپ ، ئاخشام ئۇلارنىڭ ياتاق ئويىگە ئوت كىتىپتۇ ، دەۋرەقە ئوت ئوچۇرۇش ئەتىرەتلىرى ۋە جامائەت خەۋىسپىزلىك ئورۇنلىرى ، ئوتنىڭ كىلىپ چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۇرمەكچى بولۇپ بارغاندا ، شۇ ياتاق ئويدىن 5 كىلۇگىرام زەھەرلىك چىكىملىك « ئاق » بايقىلىپتۇ ، جىددى ھەركەتكە كىلىپ دەرھال بۇ ياتاققا چۇشكەن مىھماننى قولغا ئاپتۇ ، مىھمانسارايدىن بەزى خەۋەرلەرنى ئىگەللەش ئارقىلىق ، بۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەس، بەلكى بىر قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كيين ، ياندىكى ياتاق ئويلەرنى تەكشۇرۇش ئارقىلىق ، ھىلىقى شىرىكلىرىنىڭمۇ ياتاق كارۋىتىنىڭ ئاستىدىن نەچچە كىلۇگىرامدىن زەھەرلىك چىكىملىك بايقىلىپ پاش بوپتۇ ، ھەم ھەممسىىنى قولغا ئاپتۇ ،  بانكىدىكى بارلىق بىساتىنى مۇسادىرە قىلىپتۇ . جىنايىتى بەكمۇ ئىغىر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇددەتسىز قامالسا ، بەزىلىرىنىڭ ھايات قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن » ....

  

   كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ دىگەن گەپ راسىت ئىكەن ،  بۇلار ئاز بولمىغان قىرىنداشلىرىنى ئالداپ ، قاقتى سوقتى قىلىپ ، زەھەرلىگەن ئىدى ، مانا ئەمدى ئاخىرى ئۆز باشلىرىغا كىلىپتۇ ، بىزگە ھىچقاچان ھارام نەرسە ياقمايدۇ ، شۇنداقمۇ اللامۇ راۋا كورمەيدۇ .....ئەل قىساسى مىنەل ھەق .... جازاسىنى تارتىپتۇ ...

    بۇ ۋەقەلىك شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى ، بىراق بۇ ۋەقەلىكتە بىردىن - بىر ساقلىنىپ قالغان سىر « بۇ ئوت ئاپىتىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان مەن » بولدۇم ، چۇنكى ئۇلار قاتتىق قورقۇپ كىتىپ ، مىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا كىرەك ۋە ياكى ئۆزلىرى چەككەن تاماكىنىڭ ياخشى ئوچۇرلمەي قالغانلىقىدىن كىلىپ چىققان ۋەقە بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك ...ئوت ئاپىتىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ، جەمىئەتتە قىرىنداشلىرىنى زەھەرلەۋاتقان يەنە بىر گۇرۇھنى يوق قىلغانلىقىمنى ھىچكىكممۇ ئويلاشقا تەسەۋۋەر قىلالمىسا كىرەك ...

   كۇنلىرىم ناھايتىمۇ ئاز قالدى ،  بەلكىم بىر ئاي ، بەلكىم 15 كۇن ، بەلكىم ئەتە ....بىراق مەن تولىمۇ تەمكىن ، تولىمۇ خوشال . چۇنكى مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ بىر نەچچە كۇنىدە جەمىئەتتە ساقلانغان ئاشۇ بىر نەچچە چىرىك ، مىللەتنىڭ داشقاللىرىنى ، قۇرىت قوڭغۇزلىرىنى ، زەھەرلىگۇچى مۇناپىقلارنى نامسىز پاش قىلدىم ،  دىمەك كۆزۇم ئوچۇق كەتمەيدىغان بولدى ....بۇ سىرنى ئۆزۇم بىلەن بىرگە ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كىتىمەن ...

    بىراق ، شۇ تاپتا ھىلىمۇ ئاشخانىدا تاماقنىڭ پۇلىنى تولىيەلمەي سىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرماقتىمەن . شۇ تاپتا يەنە قورسىقىم ئاچتى ، بىر ۋاق تاماق ئىلىپ بىرىدىغانلار بارمۇ ؟ . بىلمەيمەن قاچان كىلسىلەر ...ئەڭ بولمىغاندا ئاشخانىدىن مىيىتىمنى ئىلىپ چىقىشقا بولسىمۇ ئولگۇرۇپ كەلگەن بولساڭلار مەن بۇ ئەسەرنى شۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ يازغانلىقىمغا پۇشايمان قىلمىغان بولاتتىم .......

                                                                                      تۇگىدى ...

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 17:11 |
huxallik2172
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 56590
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بەكلا ياخشى ئېيتىلغان سۆزلەر ئىكەن ...................................،ماڭىلا دورا بولدى ،مەن يۇرگىلى 5يىل بولغان قىز يەنىلا تۇنجىسىنى ئۇنتىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى ،مەنمۇ ئازابلانمىسام بولغۇدەك  ،ئەسلىدە ئۇنىڭغا 5 يىللىق مۇھەببىتىمگە ئىگە بولاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،قارىغاندا ئۇنداق قىلىشىم ھاجەتسىز ئوخشايدۇ...........................

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 17:51 |
gvlara
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 50693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 609
شۆھرەت: 2100 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4228 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 542(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئادەم دىگەن سەگەك بولۇش كىرەككۇ ،ھەم ئالالايدىغان ھەم تاشلىيالايدىغان بولۇش كىرەك،مەنچە....................................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئۈنچە پەردە كەينىدە سەنەمنى كۆردۈم ،
كىرپىگى ئۈستىدە ئەلەمنى كۆردۈم .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 18:01 |
orhuntax
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 252(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىmahbubamنىڭ2009-03-16 20:20 دە يوللىغان يازمىسى   :
بۇ بەك كۆپكەن ؛ شۇنداقتىمۇ ئەھمىيەتلىككەن؛ مېنىڭچە مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغانلارغا مۇشۇ بىر جۈملە تەقدىم قىلاي !
مۇھەببەت __ئۇ بىرلا قېتىم كەلمەيدۇ !



لىكىن......................

ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 18:39 |
yilall
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69878
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 212
شۆھرەت: 212 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2115 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ناھايتىمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆزلەر كەن .
ئۇچۇپ كەتسە كەتمەمدۇ،نېمىشقا يەنە داۋاملىق ئالدىڭغا قاراپ ماڭمايسەن،نۇرغۇنلىغان ياخشى كەپتەرلەر تېخى بارغۇ...
تولىمۇ ياقتۇرمەن بۇ سۆزنى ، ئادەم دەسلەپ ئايىرىلىپ كەتكەندە شۇنداق بولدۇ لىكىن مۇھەببەت ھامان ئۆزگىرىدۇ ، مەڭگۈللۈك دەيدىغان ئىش يوق ، مەڭگۈلۈك نەرسەئاللانىڭ بىرئىكەنلىكى ، پەقەت ئۆلۈم ئاندىن قالسا ئانىسىنىڭ قورسقىدىن تۇغۇلۇش  . شۇڭا ئادەم ئالدىغا قاراش كىرەك ، ئەتراپقا نەزەر سېلىش كىرەك .

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نىكاھ-ئائىلە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 00:57, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ