ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1730 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

aysimaumid
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى DEWRAN بۇ تېمىنى خانىم - قىزلار سەمىگە دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-17)
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە
«ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 79يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاناتىلنى مەدھىيىلەپ نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

3-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، «ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 79يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاناتىلنى مەدھىيىلەپ نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا 120 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى قاتناشتى. كەچ سائەت 7دىن9غىچە ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىندا، 15 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى «ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى»، « تېيىپجان ئېلىيېۋ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى»، « تېيىپجان ئېلىيېۋ شېئىرلىرىدىكى ئىلىم-مەرىپەت  روھى »، « تېيىپجان ئېلىيېۋ ئىش-ئىزلىرىدىن بۈگۈنگە نەزەر»، «ئانا تىل ئىشقىدا سايرىغان بۇلبۇللار»، «بۈيۈكسەن ئانا تىلىم»، «ئاناتىلىم – جان تىلىم» قاتارلىق ماۋزۇلاردا يېزىلغان ماقالە ۋە شېئىرلىرىنى تولۇپ تاشقان مۇھەببەتلىك يۈكسەك ئېنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇدى.
يىغىن خاتىمىسىدە، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: « تۆھپىكار ئەجدادلارنى خاتىرىلەش، ئالىم بوۋىلىرىمىز كۆتۈرگەن ئىلىم مەشئەللىرىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ قويماي، مەرىپەت دۇنياسىدا مەڭگۈ لەپىلدىتىش سىلە-بىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، سىلە-بىز ئىلىم ۋارىسلىرى ۋە مەرىپەت ئىز باسارلىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس شەرەپلىك بۇرچىمىزدۇر. بىز بۈگۈن مۇشۇ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە تولىمۇ ساۋابلىق بىر ئىش قىلدۇق.
ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوپ 1930-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كەم ئاتمىش يىللىق ھاياتىدا، ئۇيغۇر مىللىتى تىل-يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، خۇسۇسەن نەۋائىيشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆچمەس ۋە ئۆلمەس تۆھپە قوشقان تۆھپىكار ئەجداد. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، ئۇ يازغان «تۈگىمەس ناخشا»، «ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى، مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى» قاتارلىق شېئىر-غەزەللىرى خەلقىمىز تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ، سۆيۈپ ۋە سۆيۈنۈپ ئوقۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ھېلىھەم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىشەنچلىك ۋە قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كەلمەكتە.
شۇنداق، تىل-يېزىق دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل- ئاساسىدۇر. تىل-يېزىقى بولمىغان مىللەت نېمىلا دېگەن بىلەن مۇكەممەل مىللەت سانالمايدۇ. ئۇيغۇرلار كەم دېگەندىمۇ 2500 يىللىق تىل-يېزىق تارىخىغا ئىگە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت. مىللىتىمىزدە، مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋائىيلار باش بولغان ھالدا، ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوپتەك تۆھپىكار ئەجدادلاردىن تەشكىل تاپقان زور قوشۇنلۇق تىل ئۇستىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تىز پۈكمەس تىرىشچانلىقى ۋە ئۆلۈمسىز ئەمگەكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىنى يېڭىپ، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن. ھالبۇكى، سىلە-بىز ئىز باسقان كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يېڭى زامانغا مۇناسىپ ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىمكى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىمىز ھەرگىزمۇ يالتىيىپ قالماي، ئېسەنكىرەپ قالماي، ئۆز تىل-يېزىقىمىزنىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىمىزنىمۇ مۇھەببەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، ئۆز ئەمگەكلىرىمىز ئارقىلىق، ھوسۇللۇق ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمىز ئارقىلىق، تىل-يېزىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ دۇنياۋى رىقابەت مەيدانىدىن شاللىنىپ كەتمەي داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئاداققىي كۈچىمىزنى سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. مانا شۇ چاغدىلا، تۆھپىكار ئەجداد، ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ روھى خوشال بولىدۇ ،ئەلۋەتتە!»
يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكىرتار ۋە مۇئاۋىن سېكىرتارى قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ، نۇتۇق سۆزلەشتە بىرىنچىلىكتىن ئۈچىنچىلىككىچە دەرىجىگە ئېرىشكەن ئالتە ئوقۇغۇچىنى مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن تەبرىكلىدى.

2009-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېيجىڭ.
  

تېما تەستىقلىغۇچى : DEWRAN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 01:22

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 07:50 |
شەبنەم تور رادىئوسى
DEWRAN
دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 55117
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1116
شۆھرەت: 1267 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14417 سوم
تۆھپە: 214 نۇمۇر
ياخشى باھا: 190 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2554(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. تىيىپجان ئېلىيوپنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئەرباب. قانچىلىك تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلىدۇ!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                  ***      ***       ***
                  
مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
- ياسىنجان ئوسمان دەۋران
./read.php?tid-89120.html
./search.php?authorid-55117.html
   دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 09:22 |
شەبنەم تور رادىئوسى
bikarqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 437 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3423 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1626(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىDEWRANنىڭ2009-03-17 09:22 دە يوللىغان يازمىسى   :
  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. تىيىپجان ئېلىيوپنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئەرباب. قانچىلىك تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلىدۇ!

نورمالراق تەرىپلىسەك كۇپايە،ئۇنچە بەك تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلغۇدەك پەيغەمبەر ۋە-يا ئەۋلىيا ئەمەس.يازغان شېئىرلىرىدىن ،سۇنىڭ ئېقىشىغا،تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپراق ئىش تۇتقانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:11 |
uzi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 63723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 441 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. بۇنىڭدىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:16 |
Martian
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 64311
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1160
شۆھرەت: 1207 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 749(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

نېمىدىگەن ئەھمىيەتلىك ئىش ھە! بولسا ئانا دىيارىمىزدىمۇ بۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئۆتكۈزۈلسە بولاتتى..

ئانا تىل كۆزدۇر، ئۆزگە تىل كۆزئەينەك.
بىز نېمىدىن تېنىۋاتىمىز، بىز شۇنىڭغا زار.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:17 |
vmvd
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 44370
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 455
شۆھرەت: 456 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 720(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
سەمىمىلىكنىڭ بازىرى كاساتمۇ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:26 |
pinhan0908
تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38600
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 431
شۆھرەت: 582 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4593 سوم
تۆھپە: 71 نۇمۇر
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىbikarqiنىڭ2009-03-17 10:11 دە يوللىغان يازمىسى   :

نورمالراق تەرىپلىسەك كۇپايە،ئۇنچە بەك تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلغۇدەك پەيغەمبەر ۋە-يا ئەۋلىيا ئەمەس.يازغان شېئىرلىرىدىن ،سۇنىڭ ئېقىشىغا،تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپراق ئىش تۇتقانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.

توۋا !خاتىرجەم ياتقىلى قويلى

http://tarix.blogbus.com/
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:41 |
bikarqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 437 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3423 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1626(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

خاتىرجەم ياتقىلى قويمىغان ئىش يوق،مەنچە زىيادە ماختىۋەتسە قورۇنۇپ خاتىرجەم ياتالمامدىكىن دەيمەن.مۇنۇنىڭغا قاراڭ.
                         مەن ئۆلسەم ئەگەر،
                        ئېڭىكىمنى لەغمەن بىلەن چېتىڭلار،
                        مېيىتىمنى مەنتىڭىدە يۇيۇڭلار.
                        يۈزۈمنى خانتەڭرىگە قارىتىپ ياتاي،
                        قىلۋا-پىلۋا دىگەنلەرنى قويۇڭلار.
مۇشۇنداق يېزىپ يۇرگەن ئادەم لەھەتەتتە خانتەڭرىنى كۆرۈپ خاتىرجەم ياتالىغانمىدۇ دەيمەن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 10:52 |
m.h.m
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11609
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 508(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىbikarqiنىڭ2009-03-17 10:52 دە يوللىغان يازمىسى   :
خاتىرجەم ياتقىلى قويمىغان ئىش يوق،مەنچە زىيادە ماختىۋەتسە قورۇنۇپ خاتىرجەم ياتالمامدىكىن دەيمەن.مۇنۇنىڭغا قاراڭ.
                         مەن ئۆلسەم ئەگەر،
                        ئېڭىكىمنى لەغمەن بىلەن چېتىڭلار،
                        مېيىتىمنى مەنتىڭىدە يۇيۇڭلار.
                        يۈزۈمنى خانتەڭرىگە قارىتىپ ياتاي،
.......


ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى قاچانمۇ تۈگەر؟؟؟ بولدى  بۇ شىئىرنىڭ مەنىسىنى سىزگە چۇشەندۈرۈشتىن ۋاس كەچتىم، چۈنكى سىزدەكلەر بۇنىڭ تېگىگە مەڭگۈ يىتەلمەيدۇ! بۇ شائىرىمىزغا بىر نەرسە دىيىشكە ، شۇ خەتلەرنى ئۇرۇشقا قولىڭىز قانداقمۇ بارغاندۇ!!!؟؟
[ بۇ يازما m.h.m تەرپىدىن2009-03-17 11:40دە قايتا تە ]

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 11:15 |
كۆراگان
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69298
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 229(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

شائىرىمىز نىڭ قابىلىيىتىگە قايىل مەن لىكىن زۇنۇن قادىردەك ،زورۇدۇن سابىردەك ،ئابدىرىھىم ئۆتكۇر دەك تارىختا مەڭگۇ قالغىدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالمىدى- دە.مىڭ ئەپسۇس.

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 12:29 |
bikarqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 437 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3423 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1626(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىm.h.mنىڭ2009-03-17 11:15 دە يوللىغان يازمىسى   :


ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى قاچانمۇ تۈگەر؟؟؟ بولدى  بۇ شىئىرنىڭ مەنىسىنى سىزگە چۇشەندۈرۈشتىن ۋاس كەچتىم، چۈنكى سىزدەكلەر بۇنىڭ تېگىگە مەڭگۈ يىتەلمەيدۇ! بۇ شائىرىمىزغا بىر نەرسە دىيىشكە ، شۇ خەتلەرنى ئۇرۇشقا قولىڭىز قانداقمۇ بارغاندۇ!!!؟؟

كەچۈرۈڭ.مەن ئاپپا غوجىنىڭ ئەۋلادى ئەمەس،بەلكى ئويغاق ئىسلام پەرزەنتى.شېئىرنىڭ تېگىگە يەتكەن بولسىڭىز  يولىڭىز راۋان بولسۇن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 12:48 |
m.h.m
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11609
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 760 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 508(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىbikarqiنىڭ2009-03-17 12:48 دە يوللىغان يازمىسى   :

كەچۈرۈڭ.مەن ئاپپا غوجىنىڭ ئەۋلادى ئەمەس،بەلكى ئويغاق ئىسلام پەرزەنتى.شېئىرنىڭ تېگىگە يەتكەن بولسىڭىز  يولىڭىز راۋان بولسۇن.


ئويغاقلىقىڭىز ھەربىر ئىنكاسىڭىزدىن كۆرنۇپ تۇرۇپتۇ!!

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 13:11 |
tuzhakki
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69969
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

说实话吧!我没有资格说任何一个跟他有关的话!因为我一起生活过?!们并没有跟他

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 01:43 |
tuzhakki
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69969
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

我的字为什么写成这个样子?
请你们给结实一下!谢谢
  

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 01:44 |
НаБи
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 12444
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1236
شۆھرەت: 1237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9466 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

نورمالراق تەرىپلىسەك كۇپايە،ئۇنچە بەك تەرىپلىسەكمۇ كەملىك قىلغۇدەك پەيغەمبەر ۋە-يا ئەۋلىيا ئەمەس.يازغان شېئىرلىرىدىن ،سۇنىڭ ئېقىشىغا،تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپراق ئىش تۇتقانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
-------------------------------------------------------

    بۇنداق  قىززىق  ئىنكاسىنى  كۆمىگىلى  خېلى  بوپتىكەن  ،،  مەنمۇ  سەن  بىلەن  ئوخشاش  قاراشتا  ..  مۇشۇ  شائىرلانىڭ  ئىچىدە  لوتپوللام  مۇتەللىپ  بىلەن  مۇھەممەتچان  راشىدىندىن  باشقسغا  ئانچە  قىززقمايمەن  

HEQNI SÖZLESH APET ÉLIP KELMEYDU, ÉLIP KELSE, BUNI ÉLISHQA MEN TEYYAR------
-----------ILHAM TOXTI
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-18 06:58 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-19 00:38, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ