بۇ پەقەت مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!
قازاق-قىرغىز قاتارلىق قىپچاق تۈرۈكلرى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەسلى ئەجدادى بىر دىگەننىلا تۇتىۋىلىپ،بىز ئۇيغۇرلاردىن
مەدەنىيەت تالاشماقتا.ھىلىغۇ مەھمۇد.قەشقەرى بوۋىمىزكەن ھەتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،كىروران گۈزىلى قاتارلىق ئۇيغۇرلار
قەۋمىگە مەنسۇپ بولغان كىشىلىرىمىزنىمۇ تالاشماقتا،ئۇلار
بىشىنى تاشقا ئۇرسىمۇ تارىخى رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. دۇنيادىكى تۈركۈلوگ ئالىملار ۋە تارىخچىلاربىردەك ئۇيغۇر،تۈرۈك،تاتار قاتارلىق ھونلارغا بىۋاستە قانداش بولغان ئوغۇز تۈرۈكلىرى،قازاق،قىرغىز قاتارلىق قىپچاق تۈرۈكلىرىن
خىلى بۇرۇنلا مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان،شەھەر مەدەنىيتىگىمۇ
خىلى بۇرۇنلا كىرىپ بولغان دىگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپ بولغان.
ئەمدى قازاق،قىرغىز تارىخچىلىرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ،ئۆزىگە
تەئەللۇق بولمىغان ئالىملارنى ۋە مەدەنىيەتنى ئۆزىنىڭ قىلۋىلىشقا ئۇرنىشى ،قازاق،قىرغىز تارىخچىلىردىكى ئنسانىي ئاڭنىڭ تۆۋەنلىكى،بىر تەتقىقاتچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان رىئاللىققا يۈزلىنىش،تارىخى پاكىتنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىنتايىن
تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.تىخى بەزى قازاق،قىرغىزلار
تارىخ ھەققىدە گەپ چىقىپ قالسا،سىلەر ئۇيغۇرلار بىزدىن بەك
قىزغىنسىلەر ھە دەپ قويىدۇ.لىكىن سىز ئۇلاردىن ھىلىغۇ نەچچە
مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئەمەس،بەلكى يىقىنقى 200نەچچە يىل بۇرۇن مىللىتىڭدىن ئالىم دەپ سانىلىدىغان قانداق ئادەملەر چىقتى،قىنى بىر دەپ باقە؟ دەپ سورىسىڭىز تىلىنى چايناپ چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ.چۈنكى قازاق،قىرغىز قاتارلىق قىپچاق تۈرۈكلىرىنىڭ يايلاق مەدەنىيتدىن ئايرىلىپ شەھەر مەدەنىيتىگە قەدەم قويغىلى تىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى!يىزىق
توغرۇلۇق بولدى گەپ قىلمايلا قوياي،ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە خاس بولغان يىزىقىمۇ تارىختا بولغان ئەمەس!ھازىرمۇ شۇنداق!
بىزنىڭ يىزىقىمىزنى ئۇنداق بۇنداق ئۆزگەرتىپلا قازاق،قىرغىز يىزىقى دەۋالدى!
شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى نامراتلىقىنى يىپىش ۋە تولدۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇقتىن ئوچۇق تارىخنى بۇرمىلاشتىنمۇ يانماي،ئەسلىدىنلا بىز ئۇيغۇرلاغا تەئەللۇق بولغان ئالىملارنى،مەدەنيەت بايلىقرىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلۋىشقا ئۇرۇندى
ۋە ھازىرغىچە توختاتمىدى.بىر ۋاقىتلاردا ئۆزبىك تارىخچىلىرىمۇ
مۇشۇ توغرۇلۇق داۋراڭ سالغان،لىكن ئۆزبىكلەرنىڭ 500يىل بۇرۇنقى تارىخى يەنىلا بىز ئۇيغۇرلار بىلەن چىتىشلىق بولۇپ
چىقىۋىدى،دەرھال ئاغزىنى يۇمۇۋالدى! لىكىن يەنىلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 500يىل مابەينىدىكى تارىخ ۋە ئالىملارنى تالاشماقتا.مەسلەن:ئەلىشىر نەۋائى قاتارلىقلار.ھەتتا ئۆزبكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموفمۇ كىمكى ئەلىشىر نەۋائىنى ئۇيغۇر دەيدىكەن ئۆزبىكىستان تۇپرىقىدىن چىقىپ كەتسۇن دىگەندەك
گەپلەرنى قىلغان،بىر زۇڭتۇڭ بولغان ئادەم بىيۇكىراتلىك قىلىپ مۇشۇنداق ئنسان تەبىئىتىگە خلاپ گەپ سۆزلەرنى قىلىپ يۈرسە
ئۇ ۋاقىتتا ئۆزبىكىستاندىكى تارىخچى،تەتقىقاتچىلار،تارىخنى قانداق تەتقىق قىلىدۇ؟يەنىلا بىر تەتقىقاتچىغا خاس بولغان
ئىسانىي ئاڭغا خىلاپ ھالدا يالغان تارىخ ئويدۇرىشتىن باشقا نىمىمۇ قىلالىسۇن؟! بەلكىم سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز باردۇر،
بىر چاغلاردا قازاقىستان مەھمۇد.قەشقەرى ئۇنۋىرسىتى دىگەن
ئالىي مەكتەپنى قۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئالدىغىمۇ مەھمۇد.قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ ھەيكىلىنى ئورنۇتۇپ بولدى.
لىكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلىمىز بۇنىغا قاقشاپ كەتمىسىمۇ
بولىدۇ،چۇنكى باشقا بىر مىللەت بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ قويغان بىلەن شۇ مىللەتكە تەۋە بولۇپ
قالمايدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ ھەركەتلىرى پەقەت ئۆز مىللىتىنى ساختا
تارىخ بىلەن ئالداپ،ئۆز-ئۆزىنى بەزلەپ ئولتۇرغاندىن باشقا
نەرسە ئەمەس.ئۇلار ئۆز خەلقىنى ئالدىيالىغان بىلەن خەلىقئارادىكى ئىنسانىي ئاڭغا ئىگە تارىخچىلار،تەتقىقاتچىلار، ۋە ئالىملارنى ئالدىيالمايدۇ.چۈنكى ئۇلار پەقەت تارىخى رىئاللىققىلا ۋە دەلىل ئسپاتلارغىلا ئىشىنىدۇ،
قۇرۇق گەپ قىلىپ ئاغزىدا شەھەر ئالغانغا ئىشەنمەيدۇ! بىز ئۇيغۇرلارغا پەقەت ئالىملىرىمىزنىڭ قەدرىگە
يىتىدىغان،مەدەنىيەت غەزىنىمىزدىن پەخىرلىندىغان،شۇنداقلا
ئەجداتلىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخى ئەسەرلەنى سۆيۈپ ئوقۇپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلدىغان،ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن
تىرىشىپ ئۈگۈندىغان روھلا كىرەك.قاتۇرۇپ قويۇلغان ھەيكەللەر
كىرەك ئەمەس.
ئەمدى قىرغىز تارىخچىلىرى يازغان لوپنۇرلۇقلار قىرغىز دىگەن
بۇ ماقالىگە قارىساق مەزمۇنى ئىتايىن پۈچەك بولۇپ،لوپنۇرلىقلارنى قىرغىز دىيىشكە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ!
قىنى قايسىڭلار لوپنۇر(كورلا)لىق ئۇيغۇر دوستلۇرۇڭلارنىڭ ئاغزىدىن بىر ئىككى جۈملە قىرغىز شىۋىسى ئىپادىلەنگەن سۆز
جۈملىلەرنى ئاڭلىدىڭلار!بۇ دىگەن كىچىك ئىش ئەمەس،شۇنداق
بولىشىمۇ مۇمكىن،ئولارنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر دەپ مىكى-مىكى گەپ قىلىدىغان!لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە باش كىيمىگىلا قاراپلا قىرغىزچە كىيمگە ئوخشايدىكەن،شۇڭا قىرغىز بولىشى مۇمكىن دەپ ئاتاش بەكلا بىمەنىلىكتۇر!لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاش باش كىيىملەرنى ئىلگىرى ئەجدادىمىز ھونلارمۇ،ھونلارغا بىۋاستە قانداش ھىساپلىندىغان ئۇيغۇر،تۈرۈك
تاتار قاتارلىق ئوغۇز تۈرۈكلىرىمۇ كىيپ كەلگەن.ھازىرقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ باش كىيمىنىمۇ ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىز ئىلگىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن تارتىپ كىيىپ كىلۋاتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا ھايۋانات تىرىسىدىن ۋە يۇڭلىرىدىن تىكىلگەن باش كىيم ئىلگىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بارلىق تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاقتۇر. لىكىن ھازىر ئۇيغۇر دىيارىمىزدا پەقەت لوپنۇر رايۇنىدىلا ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلدىغان لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزدىلا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.(باشقا يەرلەردە ئاساسەن ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈردىغان ئىشلار قالمىدى)
ئەگەر باش كىيمگە قاراپلا،بىر پۈتۈن مىللەتنى باشقا مىللەتكە پارچىلاشقا توغرا كەلسە،ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار نەچچە مىللەتكە پارچىلنىپ كەتمەمدۇ؟چۈنكى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى ئوخشاش بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟لىكىن
شۇنىسى ئىسىدە بولسۇنكى ھەرقايسى يۇرتلارىكى ئۇيغۇرلارنىڭ
باش كىيمى ئوخشىمىغان بىلەن تىلى بىر،دىنى بىر،قەلبى بىر،قېنى بىر،كۆرۈۋاتقان چۈشلىرى بىردۇر! قىپچاق-قىرغىز تارىخچىلىرنىڭ
باش كىيمنى باھانە قىلىپ،قىرغىزلارنىڭ كىگىز دوپپىسىغا ئوخشايدىكەن،شۇڭا لوپنۇرلۇقلار قىزغىز دەيدىغان سەپسەتىسى
ئۇچۇقتىن ئۇچۇق يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس!بۇنىڭغا
بۆشۈكتىكى بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ!
ئەگەر لوپنۇرلۇقلار قىرغىز بولسا لوپنۇر رايۇنىدىن نىمە ئۈچۈن
چىدىر ئۆي،قايماق،قىمىزلارنىڭ بەلگىلىرى ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرى بايقالمايدۇ؟!نىمە ئۈچۈن قىرغىزلارنىڭ بىردىنبىر خەلق ئغىز داستانى بولغان ماناس ئىپوسىدا لوپنۇرلىقلارنىڭ ئەسلىدىنلا قىرغىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟! ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزلار يەنسەي دەرياسى بويىدا چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كىلىۋاتاتتى، قىرغىزلانىڭ ئەينى ۋاقىتتكى مەدەنىيەت دەرىجىسىدە لوپنۇر تەۋەسىدە ياشاپ كىتەلىشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالشى مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى ئۇيەردە مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسەكلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار باردۇر!
تارىختا مىللەتلەرنىڭ ئاسسىملاتسىيە بولۇش ھادىسىسى دائىم
ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر ئىش!ئەگەردە قىرغىزلارنى ئىلگىرى لوپنۇر
رايۇنىدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان دەپ قارالسا،ئۇ ھالدا پەقەت مۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ.يەنى:لوپنۇر رايۇنىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار سىرتتىن كەلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى قىرغىزلارنى ئۆزىگە ئاسسىملاتسىيە قىلىۋىتىپ ئۇيغۇرلاشتۇرىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، لىكىن لوپنۇرلۇقلار ئەسلىدىنلا قىرغىز ئىدى دىگەن قاراش قىپقىزىل ئالدامچىلىقتىن
باشقا نەرسە ئەمەس!
راست گەپ قىلسام بۇ تارىخ بۇرملانغان تىگى پەس تىمىنىڭ
مۇنبەر يۈزىدىن بۇرۇنراق يوقۇلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!چۈنكى بىر
قىسىم تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مىكى-مىكى،بەلكىم شۇنداق بولشى مۇمكىن،ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر دىگەندەك ساددىلارچە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالدى!
[ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-03-20 17:05دە قايتا ]