ئاسىيا پىلىغا سۈنئىي پۇت سېلىندى
ئاسىيا پىلىنىڭ پارتلاشتا يارىلانغان پۇتى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9 – مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، تايلاندتا ، بىر ئاسىيا پىلى ئىككى يىل ئىلگىرى مىناغا دەسسىۋېلىپ ئالدى ئوڭ پۇتىنڭ ئوشۇقى يارىلانغان . تايلاند «ئاسىيا پىلى دوستى»ھايۋاناتلار فوندى جەمئىيىتىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا سۇنئىي پۇت سالغان ، ھازىر بۇ پىل سۇنئىي پۇتقا كۆنۈپ قالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئاسىيا پىلىنىڭ ئىسمى — Mosha بولۇپ ، ھازىر 3 ياشتىكەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە ، Mosha ئاران يەتتە ئايلىق بولۇپ ، ھاياتى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ، شۇنىڭ بىلەن تايلاند «ئاسىيا پىلى دوستى» ھايۋاناتلار فوندى جەمىئىيىتىگە ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان ھەمدە يالغان پۇت سېلىنغان . ھايۋاناتلار فوندى جەمئىيىتىكى خادىملارنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ يىل ئۈچ ياشقا كىرگەن ئاسىيا پىلى — Mosha ھازىر «ئاسىيا پىلى دوستى» ھايۋاناتلار فوندى جەمىئىيىتىدە بېقىلىۋېتىپتۇ ، ئۇ بۇ يەردە بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن تايلاند بىلەن بېرمىنىڭ چېگرىسى ئەتراپىدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدىكەن .
ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، تايلاندتا ھەر يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەم مىناغا دەسسىۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن .
خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا سۇنئىي پۇت سالماقتا
سۈنئىي پۇت سالغاندىن كېيىنكى Mosha
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى