كۆپ مىللەتلىك ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت بىرگە ياشاش جەريانىداقۇشۇپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلەن شىنجاڭ ئىشىلەپچىقىرىش -قۇرلۇش بىڭتۇەنى قۇش رەھبەرلىك قىلىدىغان تۇمشۇق شەھرىدە (بۇرۇن مارالبىشى ناھيىسىگە قاراشلىق ئىدى) .120مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇس بۇلۇپ،ئۇيغۇر لار %80دىن كۆپرەگىنى تەشكىل قىلىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار تەركىبىدەتەخمىنەن1500دىن ئارتۇق قازاق، 2000دىن ئارتۇق خۇيزۇلاربار.خۇش،قازاق،خۇيزۇقاتارلىق قىرىنداش مىللەتلەر قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.
ئالدىنقى ئەسىر ىنىڭ20-يىللىرى قازاقىستاننىڭ قىزىل ئوردا ئوبلاستدىن500دىن ئارتۇ ق قازاق تۇمشۇق شەھرىنىڭ 53-تۇنننىڭ قۇملۇق رايۇنىغا (ھازىرقى6-لىئەن)كىلىپ ماكانلىشىدۇ.تەخمىنەن90يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ،پەرزەنىتلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى پۇتۇنلەي يۇقىتىدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرۋە قازاقنى بىر مىللەت دەپ قارغاچقا
ئۇلانىڭ نۇپۇس ۋە كىملىككىگە بىردەك ئۇيغۇر دەپ يىزىلىپ كىتىشىگىمۇ ئىتىبار قىلمىغان. قازاقلانىڭ%80دىن كۆپرەگى ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگـەن بولسىمۇ ،ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن نىكاھلىنىش نىسپىتى يۇقرى كۆتىرىلمەكتە.
ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئۇرۇمچى ئەتراپىدىن تەخمىنەن 1300دىن ئاتۇق خۇيزۇلار تۇمشۇق شەھرى 51-تۇەننىڭ16-لىئەنگە كىلىپ ماكانلىشىپ دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ،تەخمىنەن60يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ،ئۇيغۇرلار بىلەن ئىزچىل نىكاھلىنىش ،پەرزەنىتلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى پۇتۇنلەي يۇقىتىدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرۋەخۇيزۇلارنى بىر مۇسۇلمان دەپ قارغاچقائۇلانىڭ نۇپۇس ۋە كىملىككىگە بىردەك ئۇيغۇر دەپ يىزىلىپ كىتىشىگە بۇلارمۇ ئوخشاشلائىتىبار قىلمىغان .
[ بۇ يازما yolluktigin تەرپىدىن2009-03-17 12:12دە قا ]