ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 2371 - كۆرۈرمىنى
uyghur-balisi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز !

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن تاقالدى(2009-03-16)
بىر مىللەتنى بىر گەۋدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق،بەدىنىمىزنىڭ بىر يېرىدە جاراھەت ياكى ئاغرىق بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز راھەتسىز بولىدۇ،پىكىر قىلىشىمىزدىن باشلاپ ھەرقانداق ئۇششاق ئىشلارغىچە ،ھەركەتلىرىمىزگەچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا كىسەل بولغان ئادەملارنىڭ داۋالىنىشقا ئالدىرىشىمۇ ،سالامەتلىگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش .ئاغرىقتىن قۇتۇلۇق نۇرمال راھەت ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.


مۇنبەرگە كىرگەندىن بىرى «ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز»دەپ بۇنى ئۆزۈمگە شۇئار قىلىپ تولاپ كىلىۋاتىمەن.ھەم ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بۇنداق شۇئار تولاۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.بەزەنلەر ئاتىزىمنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسا يەنە بەزىلەر خىرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.بەزەنلەر ئىسلامنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ،بەزەنلەر كومىنىزىمنى ئۇچۇرۈپ ئاسمانغا ئېپ چىقىۋاتقان بولسا يەنە بەزىلەر ئامرېكىنى «دوست» تۇتۇپ شۇئار تولاۋاتىدۇ.... بەزەن تورداشلىرىمىز نىمە ئۈچۈن بۇنداق شۇئار تولايدىغىنىمنى بىلمىدى،بەزەنلىرى بىلدى،قانداق بىلدى؟مىنى ھىسياتنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ كەتكەن «نادان»غا چىقاردى،بەزەنلەر «خىرىستىئان دىنى تەشۋىق قىلىدىغان»شەخىس ،بەزەنلەر «ئامرېكا پەرەس»بەزەنلەر «كاپىر»قىلدى.بۇ تۆھمەتلار كېچىلىرى نۇرمال ئارام ئىلىشىمغا «ئېغىر»تەسىر كۆرسەتتى !بۇ سۆزلەرنى دىگۈچىلەر مىنىڭ يوللىغان تىمىلىرىمنى يۈزەكى چۈشەنگەن ،دىننى ياخشى چۈشەنمەيدىغان«چۈشەنسە شۇنداق دەمدۇ»دىن دۈشمەنلىرى،پارتىيە ئەزالىرى،بىكارچى- نان قېپىلار  ۋاھاكازالار.قېنى مەن شۇ شۇئارىمنى بىر شەرھىلەپ بەرسەم .  


ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز



«ئامرېكا» بۇ ئاتاش پۈتۈن ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ب د ت مۇ بار.بۇلار مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئەمەس ،لىكىن مۇسۇلمانلارغا،دىمكوراتىيەگە ئىنتىلىۋاتقانلارغا،زۇلۇمغا ئۇچۇرغانلارغا ياردەمدە بولىۋاتىدۇ،دىكتاتور دۆلەتلەرگە مەيدىسىنى ئېچىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتىدۇ.بېسىم قىلىۋاتىدۇ،مەسلەن ؛ئامرېكاۋە ئامرېكىنىڭ قول تېقىشى بىلەن قۇرۇلغان ب د ت ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلدى.مەسىلەن : :
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،ئامېكا ،ئوسمانلى قاتارلىق بۈيۈك ئىمپىرىيەلەر ياۋرۇپا،ئاسىيا،ئاپرىقا،ئامرېكا ئاۋستىرالىيە قىتئەلىرىدە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇتەقىللىقىنى بەردى .بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانداندا بىرمۇ ئەرەپ دۆلىتى يوق ئىدى.بۈگۈن 20 دىن ئارتۇق ئەرەپ دۆلىتى بار.91-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بۇ كومىنىزىم
ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىچىدىن 15 مىللى دۆلەت ئوتتۇرغا چىقىدى .مانا مۇشۇلار ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ قىلغانلىرى !

« بىزنىڭ  »بۇ كۆپلۈك، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ، ۋەتىنىدە ياشاشقا «مۇۋەپپەق»بولالمىغان،ياكى ياشاشقا «مۇناسىپ»كەلمىگەن ،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان،مۇھاجىرەتتە مىللەت ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئۇقۇۋاتقان،ۋەتەن ئىچىدىكى مىللەت سۈيەر زىيالىلار،خەلىقنى ئويلايدىغان خەلىقپەرۋەرلەر  ،خەلقارا ۋەزىيەتنى چۈشەنگەن ،مىللەتنىڭ نىمە شۇئار تولىشى كېرەكلىكىنى بىلگەنلەر ،ئۈچۈن قوللانغان .


«ئەڭ » ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى «ئەڭ يېقىن»دوستى كىم ؟بىز ئۆزىمىزگە تۇققان ھىساپلاۋاتقان .دىن قېرىندىشىمىز ،مىللەت قېرىندىشىمىز دەپ ئويلاپ كەلگەن تۈركى قەۋىملەر بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلمىدى ؟!پاناھلىق تىلەپ بارغان ئۇيغۇرلارنى ھەيدىۋەتتى،تۆھمەت قىلدى ،شۇ يەردە يەرلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يات كۆرۈپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى ۋە ھازىرغىچە توختاتمىدى .......بىز ئۇلارنى تۇققان كۆرسەك بىزلەرنى يات كۆردى ! تۈركىيە ھۆكۈمىتى يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارغا بىراز كۆڭۈل بۆلدى ۋە ياردەملەرنى قىلدى ، باشقا دۆلەتلەرنى ئېغىزىمغا ئالغىلى نۇمۇس قىلىمەن ! !

«يېقىن » ئامرېكا مۇسۇلمان دۆلىتى ئەمەس،لىكىن مۇسۇلمانلارغا ياردەم بىرىۋاتقان ،ئېزىلگەن دۆلەتلەرنىڭ يۈلەنچۈكى بولۇۋاتىدۇ.دىمكوراتىيەگە ئىنتىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «بېشى»بوپقالدى.ئۇيغۇرلار ئامرېكىدا خېلى كۆپ بار ،ئامرېكىنىڭ 70%ئاھالىسى «ئۇيغۇر»نى بىلىدۇ ،چۈنكى ئامرېكىدا داۋاملىق ئۇيغۇرغا ئائىت مەسلىلەر ۋە ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى تارقىتىدۇ.ئوتتۇر ئاسىيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز،مىللەت قىرىنداشلىرىمىز ،تۇققانلىرىمىز شۇنداق قىلالىدىمۇ ؟!ئامرېكا ھۆكۈمىتى گوۋانتانامۇدىكى ئۇيغۇرلارنى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس»دەپ بەزەنلىرىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە پۇخرالىققا ئۆتكۈزۈپ بەردى،يەنە بەزەنلىرىنى يېقىندا قۇيۇۋىتىدىغانلىقىنى يەنە كىلىپ قۇيۇپ بىرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچىسىنى ئامرېكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دوستىمىز »شۇنداق !ئامرېكا بىزنىڭ دوستىمىز .........ھازىر دۇنيادا «ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز»دەپ شۇئار تولايدىغانلار ناھايىتى كۆپ........چۈنكى دۇنيادا يەنە ئىزىلىۋاتقان باستۇرلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆپ..........  


مەن بۇيەردە خىرىستىئان دىنى تەشۋىق قىلمىدىم .لىكىن تەشۋىق قىلىۋاتقانلار بار........شىنجاڭدا خىرىستىئان دىنى تەشۋىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس !شىنجاڭنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلار 100% مۇسۇلماندۇر.دۇنيادا بىر مىللەتنىڭ تامامان بىر دىنغا مەنسۈپ بولىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە.بۈگۈن ئەرەپلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلار بار،خىرىستىئانلار بار،يەھۇدى دىنىدىكىلەر بار.تۈرۈكلەردىمۇ مۇسۇلمانلار بارمخىرىتىئانلار بار يەسۇدى دىنىدىكىلەر بار.بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە 30مىڭ تۈرۈك يەھۇدىسى ياشايدۇ.تۈرۈكچە مەكتەپلەر بار.ئۆزبەكىستاننىڭ بۇخارا،سەمەرقەنت رايۇنلىرىدا 50-60 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبەك يەھۇدىسى بار.ئەمما ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ھادىسە يوق.پۈتۈن مىللەت ئۆزىنى مۇسۇلمان قوبۇل قىلىدۇ.گەرچە ھەمەيلەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى تۇلۇغى بىلەن كۈندىلىك ھاياتىدا تەتبىقلىيالمىسىمۇ ،بەزىلەر ھەتتا ئىسلام دىنىغا خىلاپ ھايات يولىدا ياشاۋاتسىمۇ ،يەنىلا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ.ھەتتا ھاراق ئىچىپ مەس ياتقان بىرەرسىنى «ئىمانسىز»دىسىڭىز خاپا بولىدۇ.ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ،ھاراقنى دەرتتىن ئىچكەنلىكقنى سۆزلەشكە باشلايدۇ.......... شۇنداق ،ھەممە نەرسىنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك جىنايەتنىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ،ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى سەۋەبىدىن جەمىيەتتە نۇرغۇن يامان ئىشلار پەيدا بولىۋاتىدۇ ،بۇلارنى تۈزەشكە ئامال بولمايۋاتىدۇ ،چۈنكى ھۆكۈمەت بىز بىلەن ماسلاشمايۋاتىدۇ.ھۆكۈمەتنىڭ قۇش بىسلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن ئوغرى-يانچۇقچى،بولانچى،قىزلىرىمىز،پاھىشە ،بۇزۇق بوپ كىتىپ بارىدۇ.شۇنى ئىتىراپ قىلىش كېرەككى ھۆكۈمەتنىڭ قۇش بىسلىق سىياسىتى ،ئەمەلدارلارنىڭ«چىرىكلىكى» خەلىقنى غەزەپلەندۈرۈپ قۇيىدۇ.ئاياللرىمىزنىڭ بۇنداق بوپ كىتىشىدە ئېلىمىزدە دىنى تەشۋىقاتنىڭ ئاجىز ياكى يوق بولغانلىقىدا..............مەكتەپلەردە قىز -ئوغۇللىرىمىزغا دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلسا ،جەمىيەتتە بولسا ھۆكۈمىتىمىز ياشلارنى بۇزۇدىغان «كۆڭۈل ئېچىش» سارايلىرىنى كۆپەيتىپ بەرسە؟ئائىلىدە بولسا ئاتا-ئانىلىرىمىز مۇ دىننى ئۆزلىرى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكتىن بالىلىرىغا دىننى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرەلمىسە.....بەزەن«موللا»لىلار ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا پىچىپ ياشلىرىمىزغا دىنىمىزنى خوراپى كۆرسىتىپ دىنىمىزىدىن يىراقلاشتۇرۋاتسا،مەسجىدلەردە «ئىمام»بولغان دىنى ئاخونۇملىرىمىز 360 نامازنى قانداق قىلىش،روزىنى قانداق تۇتۇش،تاھارەتنى قانداق ئېلىش ۋاھاكازالارنى سۆزلەپلا يۈرسە.........«ئىمام»بولغان ئادەم پۈتۈن جامائەتنى يىتەكلىشى ،ئۆلگە بولىشى،جەمىئەتنى كۆزۈتۈپ بولمۇغۇر قىلىقلارنى مەسجىدلەردە ئاڭلىتىشى ۋە ئەيىپلىشى كېرەك ،قاراپ باقىدىغان بولسا شۇ «ئىمام»لىرىمىزنىڭ قىزلىرىمۇ ھازىرقى«مودا»ئىقىمىدىكى قىزلار.....ئىسلام مەدەنىيىتى ياخشى ئەخلاق،ياخشى سۆز،ياخشى مۇئامىلە ،توغرا،دۇرۇسلۇق،سەمىمىيەت،راستچىللىق،پاكىزلىق،ۋە ئىنسانلارنى پارلاق ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان پەلسەپە ئۆستىگە قۇرۇلغان.مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى قۇرئانى كەرىم ئەمما قۇرئانى كەرىمنى شەخسى دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ،گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش،ئابروي تېپىش،پۇل تېپىش،خەلىقنى پارچىلاش،ئۈچۈن قوللىنىش نىيىتىدە بولغانلار ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.ئىسلام دىنى سۆيگۈ-مۇھەببەت دىنى،ئاللاھتائالا پۈتۈن ئىنسانلارنى ،كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنى،پۈتۈن كائىناتنى سۈيىدۇۋە بۇ سۆيگۈنى تەشەببۇس قىلىدۇ.مۇسۇلمان.كاپىر دىمەستىن پۈتۈن ئىنسانلارغا مۇھەببەت باغلاش بىز ئۈچۈن پەرىزدۇر.بىزگە مەنپەئەت ئىلىپ كەلگەن شۇ ئامرېكا باشچىلقىدىكى ياۋرۇپا ئەللرى بىزنىڭ «دوستىمىز»!دوست دىگەن بىرنەچچە خىل بولىدۇ..........بىز ئۇلارنى قايسى خىلدىكى دوستلۇقتا «دوست»تۇتتۇق؟!بىز ئۇلارنى ئىسلامى قېرىدنىشىمىز،مىللى قېرىدىشىمىز دەپ تولاۋاتمايمىز بەلكى بىزگە ياردەم قىلىپ ئادىمىگەرچىلىك قىلغانلىقتىن «دوست»دەپ قۇيدۇق !خەلقىمىزدە« ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت»دىگەن ماقال-تەمسىل بار. .
ئۆزىمىزنىڭ كاسىسىدا ئىشتان يوق باشقىلارغا ئىشتان كېيگۈزىمىز دىمەيلى !پەلەستىن مەسىلىسى،ئىراق مەسىلىسى،ئابغانىستان  مەسىللىسى،ئىران مەسىللىرى بىز باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەر .ئەمەس ،ھەم بىز باشقاتۇرۇپ مۇنبەردە ئۇرۇشۇپ كەتسەكمۇ بىزگە ۋە ئۇلارغا ھىچ پايدىسى يوق !قاچانىكى بىزدە شۇنداق كۆچ قۇۋۋەت بولىدىغان بولسا بىز ئەلۋەتتە پەلەستىن مەسىلىسىنى .ئابغانىستان مەسىللىرىگە باش قاتۇرساق بولاتتى .........ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق ،ئۇيغۇرلار پىقىرلىق ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ،دۇنيانىڭ ھىچ يىرىدا ئۇيغۇر دېھىقانلىرىدەك «ئىشچان»دېھقانلار يوق،شۇنداقلا دۇنيادا بىزدەك دىنى بېسىمغا ئۇچۇرغان مىللەتمۇ ھەم يوق .يېزىقىمىز،ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز،يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمىز،پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئېغر خىرىسقا دۇچ قىلىۋاتقان بۇ پەيتتە ئۆزىمىزنىڭ غىمىنى قىلماي باشقىلارنىڭ غىمىنى قىلساق قانداق بولغىنى ؟............ئاللاھىم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن،ھەممىمىزنى دىنىڭدا ساغلام ساقلىغىن،بىزلەرنى ئېزىپ كىتىشتىن ساقلىغىن،بىزلەرگە ياردەم بەرگىن،مىللىتىمىزدىكى ،بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك،شەخسىيەتچىلىك،مەن-مەنچىلىك،يۇرتۋازلىق،ئازغۇنلۇقلارنى بىزلەرنىڭ كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىغىن !بىزلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغىن ،ئەكەكلەرگە سۇنماس ئىرادە ،جاسارەت ،شىجائەت،غۇرۇر،ساپ ۋىجدان...........ئاتا قىلغىن !قىزلىرىمىزغا شەرم-ھايا،ئەدە-ئەخلاق ،سۇنماس ئىرادە قىزلىق غۇرۇر ...............ئاتا قىلغىن!



ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز ،دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز !



مەنبە:ئۇيغۇر-بالىسى


شەبنەم باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەستىقلىشىنى ئۈمۈد قىلىۋاتىمەن .......

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرئاي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-16, 13:03

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(molla pok-pok) ئالقىشلانغا ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    ئامرېكا بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز !
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-16 20:53 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-19 00:41, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ