مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى چاپلاپ قويغۇم كەلدى.
يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيسى.
ھەر قانداق ئۇيغۇر ئاتىلىرىدا، يىگىتلىرىدە تۆۋەدىكىدەك تەربىيە، مەسئۇلىيەت بولىشى كېرك دەپ قارايمەن .
يۇلغۇن تايقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيسى.
ھەمزە مۇھەممد
بۇ 14 ياشقا كىرگەن چېغىمدا بولغان ھەقەقىي بىر ۋەقە. شۇ چاغدا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيتتىم، شۇنداق بەخىتلىك ئىدىم، قەلبىمدە ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببەت جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى قىزىقىشتىنمۇ ياكى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ ئەيتاۋۇر، مەھەللىمىزدىكى ئوماق بىر قىزنى دەريا بويىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قىز باشتا قەتئىي ئۇنىمىدى، كېيىن مېنىڭ گېپىمنى يەردە قويغۇسى كەلمىدىمۇ، بېرىشقا قوشۇلدى. بىز دەريا بويىغا كەلدۇق، مەندە ئۇ قىزغا نىسبەتەن ھېچقانداق يامان نىيەت يوق ئىدى، ئىككىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق. بۇ بىزنىڭ ئەڭ پاك، بىغۇبار چاغلىرىمىز بولغاچقا كۆڭلىمىزدە ھېچقانداق غەيرىي تۇيغۇ يوق ئىدى. كىم بىلسۇن، بىزنى كۆرۈپ نورماللىق ھېسابلىمىغان بىرەيلەن مېنى بىر قىز بىلەن كۆرگىنىنى دادامغا دەپ قويۇپتۇ. تېخى ئوينىمىز تۈگىمەستە دادام قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ تاشلاپ دەريا بويىغا مېنى ئىزدەپ چىقىپتۇ. ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق، دادام ئالدى بىلەن قىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن مېنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى - دە، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى. ئۆيدە ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان يۇلغۇن تايىقى بار ئىكەن. مەن ئېغىز ئېچىپ چۈشەندۈرەي دېگۈچە دادام مېنى شۇ تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق ئۇرۇپ كەتتىكى، ئانامنىڭ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمىدى، تاياق سۇنۇپ تۈگىگىچە ئۇردى. ئەتىسى پۈتۈن بەدىنىم ئىششىپ بىر ھەپتە ياتتىم. شۇ بىر ھەپتە جەريانىدا دادام ماڭا پەقەت بىر جۈملىلا سۆز قىلدى: << سەن دېگەن مېنىڭ ئوغلۇم، بىلىشىڭ كېرەككى، بىر قىزنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنىڭ قىممىتى سېنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقۇرى بولىدۇ ، سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ مەھبۇبىڭنىڭ، ئاچا - سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتى، ۋەتەن - خەلىقنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ، ئۇ قىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سېنىڭ بەختىڭ.>>
ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ جەمىئيەتكە چىقتىم، چەت ئەللەردە سودا قىلىپ يۈردۈم. بۇ جەرياندا شۇ قېتىم دادامدىن يېگەن تاياقنى پەقەت ئۇنۇتمىدىم، دادامنىڭ شۇ گېپىنىڭ باھاسىز ھېكىمەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا خۇدا ماڭا پەرىشتە سۈپەت بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ شۇنداق پاك قىز ئىدى. بىز تۆت يىل سىردىشىش جەريانىدا تالاي كۈنلەرنى، بىللە ئۆتكۈزدۇق. ئەمما ماڭا ھەر دائىم دادامنىڭ تەربىيسى ۋە يۇلغۇن تايقىنىڭ تەمى ھەمرا ئىدى. شۇڭا ئۇ قىزنىڭ ئىپپىتىنى ھاياتىمدىن ئۈستۈن بىلدىم، قەدىرلىدىم، ئاياغ - ئاستى قىلمىدىم. بولمىسا مەنمۇ تازا يېتىلگەن يىگىت ئىدىم. بىز مۇھەببەتلىشىپ تۆتىنجى يىلى مەن سودا ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئالتە ئاي تۇرۇپ قالدىم. ئۇ قىز يۇرتىغا قايتىپ مېنى كۈتىدىغان، مەن قايتىپ كەلگەندە ئاندىن توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشتۇق. تولىمۇ ئەپسۇس، مەن ۋەتەنگە قايتاي دەپ تۇرغاندا چاتاق چىقتى. پاكىستاننىڭ كاراچى شەھەرىدىن شىياڭگاڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بولۇپ، ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇرسام ئاپىسى تېلېفۇننى ئېلىپ: << ئۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تويى بولدى، ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەڭ>> دېمەسمۇ، نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن، شۇ يەردىلا ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن. كېيىن ھۇشۇمغا كەلسەم كاراچى شەھەر ئەتىراپىدىكى بىر دېڭىزدا ساياھەت پارخوتىدا تۇرۇپتىمەن.
ئەسلىدە مەن ئايروپورتتا ھۇشۇمدىن كەتكەندە پاكىستانلىق چوڭ بىر خېرىدارىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارغانىكەن ، دوختۇرلار ھېچقانداق چاتاق يوق، مېڭىسىگە بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىپتۇ، ياخشى ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ساياھەت پارخوتىدا ئارام ئالدۇرۇۋېتىپتىكەن. نەچچە كۈندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتتىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قىز ماڭا تېلېفۇن ئۇرۇپ مۇنداق دېدى: << مېنى كەچۈرۈڭ، ئاتا - ئانام زورلاپ تويۇمنى قىلىۋەتتى، مەن دېگەن بەرىبىر قىز بالا ئىكەنمەن، ئامال قىلالمىدىم، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقىي ئەركەك، سىزنىڭ سۆيگۈڭىزگە ئېرىشكەن ھەرقانداق بىر قىز ئىنتايىن بەخىتلىك، مەن سىزنىڭ ئامانىتىڭىزنى ساقلىيالمىدىم، مەن مەڭگۈ سىزنى ئارمان قىلىپ ئۆتىمەن.>> ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋېتىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى، ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلالمىدىم، پەقەت << ئۆز ئېرىڭغا سادىق بول، مەن بىر ئۆمۈر سېنىڭ بەختىڭگە دۇئا قىلىمەن>> دېدىم. كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ قۇلاق تۈۋىمدىن شۇ قىزنىڭ << سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقىي ئەركەك>> دېگەن گېپى بىلەن دادامنىڭ << بىر قىزنىڭ ئىپپەت - نومۇسىنىڭ قىممىتى سېنىڭ ھاياتىڭدىن يۇقۇرى بولىدۇ ، سېنىڭ ئەركەكلىكىڭ مەھبۇبىڭنىڭ، ئاچا - سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپىتى، ۋەتەن - خەلىقنىڭ غۇرۇرىنىڭ پاكلىقىدا بولىدۇ، ئۇ قىزغا چېقىلىپ قويمىغىنىڭ سېنىڭ بەختىڭ >> دېگەن گېپى پەقەت كەتمەيدۇ.
مەنبە: << شىنجاڭ ئاياللىرى>> ژورنىلى 2007- يىللىق 1- سان.
قىنى ئەمدى مۇنازىرە قىلىپ باقايلى . ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە قانچىلىك ئاتا ئوغلىغا ئاشۇنداق بىر ئۆمۈر ئەستە چىقمىغۇدەك تەربىيە قىلالايدۇ. قانچىلىك يىگىتلىرىمىز ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىپ قىزلار قەلبىدىكن ھەقىقى ئەركەك، مەڭگۈ ئارمان قىلىپ ئۆتىدىدىغان يىگىت بولالايدۇ. مۇشۇ تىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانچىلىك ئەركەك ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالايدۇ.
جۇدۇن تەستىقلىدى
[ بۇ يازما uqkunuygur تەرپىدىن2009-03-16 21:08دە قاي ]