ئوڭ قولىدا ئەۋرەتنى تازىلاشنى چەكلەش توغرىسىدا
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيىھسىلام مۇنداق دىگەن : «سىلەر سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىچكەندە ،قاچىغا تىنىپ ئىچمەڭلار، تەرەت قىلغاندا ئوڭ قولۇڭلار بىلەن تۇتماڭلار ، ئوڭ قولۇڭلار بىلەن تازىلىماڭلار » .
ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
سۈيدۈك تىگىپ كىتىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا
ئىبنى ئابباس رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيىھسىلام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ : « ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋېتىپتۇ، ئۇلار چوڭ ئىش سەۋەپلىك ئازاپ چېكىۋاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ بىرى ، ئۆز سۈيدۈكىنىڭ تىگىپ كېتىشىدىن ساقلانمايتى، يەنە بىرى ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى » دىدى. كىيىن خورما شېخىنى ئېلىپ كىلىپ ، ئۇنى ئۇشتۇپ، ئىككى تال قىلىپ، ئىككى قەبرىنىڭ ئۈستىگە بىردىن سانجىپ قويدى. كۆپچىلىك : بۇ سېنىڭ نىمە قىلغىنىڭ ؟ دەپ سورىغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيىھسىلام : « بۇ
شاخلار قۇرۇپ قالغانغا قەدەر ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى يىنىكلىتىپ تۇرۇشى مۈمكىن » ، دىدى.
ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان.