نىپال ساقچىللىرى « شىزاڭ مۇستەقىللىقى » ھەركىتى يۈرگۈزگەن 3 نەپەر غەرپلىكنى نەزەربەنت قىلدى
شىنخۇا تورى كاتماندونىڭ 3 - ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى تىلگىراممىسى نىپال ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ 15 -چىسلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، نىپال ساقچىللىرى 14-چىسلا چۈشتىن كىيىن جۇڭگونىڭ نىپالدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يېقىن ئەتىراپتا « شىزاڭ مۇستەقىللىقى » ھەركىتى ئېلىپ بارغان ئۈچ نەپەر غەرپلىكنى نەزەربەنت قىلغان .
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، بۇ ئۈچ نەپەر كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا گوللاندىيە ، نوۋىرىگىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇلار 14 - چىسلا چۈشتىن كىيىن نىپال پايتەختى كاتماندو شەھىرىنىڭ ھۆكىمەت تەرىپىدىن نامايىش ھەركەتلىرى چەكلەنگەن رايونىدا قولغا ئېلىنغان . سالاھىتى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر غەرپلىك كىشى قېچىپ كەتكەن .
نىپال زۇڭلىسى 2- ئاينىڭ 15-كۈنى ، نىپال ھۆكىمىتى باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللايدۇ ، ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ نىپال تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ ، دەپ بىلدۈرگەن .
http://news.xinhuanet.com/world/2009-03/15/content_11014932.htm