ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 439 - كۆرۈرمىنى
yanbulak
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70491
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 196 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1810 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 444(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 ئالىملار ھەققىدە قىزىقارلىق يۇمۇرلار

            تەڭرى1مىليار نوپوسى بار جۇڭگودا ئۆزىدىن چىققان بىرمۇ ئادەمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ،جۇڭگوغا ياردەم قىلىشقا نىيەت قىلىپ،ئېيىنشتىيىن،ئىدېسون،نيۇتون،دارۋېن ۋە مېندىللارنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتا ئاپىرىدە قىلىپتۇ.

     ئىدېسون؛     ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ،تەبىئىي پەناە باشلانغۇچىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇپتۇ.بىراق،ئىجتىمائىي پەنلەرگە قىزىقمىغاچقا،ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ،ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرۋازىسىغىمۇ كىرەلمەپتۇ.تەلىيىگە ئۇ شەھەردىكى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولغاچقا،ئىشچى قوبۇل قىلغاندا بىر لامپۇچكا زاۋۇتىغا ئىشچى بولۇپ كىرىپتۇ.شېركەت ئۇنىڭ لامپۇچكىغا بولغان ئىشتىياقىغا قاراپ،ئۇنى لامپۇچكا ياسايدىغان ئالاھىدە خادىم قىلىپ قويۇپتۇ.ئۇ كۆڭلىگە يارىغىدەك خوتۇندىن بىرنى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ.

   دارۋېن؛    ئۇ دۇنياغا كېلىپ،ھايات مۇساپىسىدىكى بالىلىق چاغلىرىنى خېلى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپتۇ.ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا جۇغراپىيە بىلەن بىئولوگىيىگە ئىشتىياق باغلاپ قاپتۇ.ئەمما،جۇغراپىيە ئىجتىمائىي پەنگە،بىئولوگىيە تەبىئىي پەنگە تەۋە ئىكەن.ئۇ ئاخىرى بىر ساياھەت مەكتىپىگە ئۆتۈپ،ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپتۇ.ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا،ئادەمنىڭ مايمۇدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقاپتۇ.بىراق،ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ھوقوقدارلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالمىغاچقا بىدئەت دەپ قارىلىپ،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىلىپتۇ.ئۇ ئۆزگىرىپ چىققاندىن كېيىن شەرەپ بىلەن بىر كان ئىشچىسى بولۇپتۇ.

      مېندىلىۋ؛    ئۇ بىر دېھقان  بولۇپ نۇرغۇن يەرگە پۇرچاق تېرىپتۇ.ئۇ پۇرچاق ئۆستۈرۈش جەريانىدا<گېن>دېگەن بىر خىل ماددىنى بايقاپ قاپتۇ.ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان پۇرچاقلارنىڭ مەھسۇلاتى باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغاچقا،بىردىنلا پۇرچاق تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپتۇ.بىراق،ئۇ ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەچكە،يازغان ماقالىلىرىنىمۇ ھېچكىم كۆرمەيدىكەن.دەل شۇ چاغدا شالغۇت زىرائەت تەتقىقاتى ئۈستىدە تازا قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان بىر ئىلمىي نوپوز ئىگىسى تاسادىپىي مېندىلنىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ قاپتۇ.ئۇ بۇ يەردىكى پۇرچاقلارنىڭ تولىمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،مېندىل بىلەن تاماقتىمۇ،يېتىپ-قوپۇشتىمۇ بىللە بولۇپ،ئۇنىڭدىن تەلىم ئاپتۇ.مېندىل ئاخىرى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىكەن،بۇلار ئىلمىي نوپوز ئىگىسىگە قالتىس ئىلھام بوپتۇ.بۇ كىشى ب د  ت نىڭ بىر قېتىملىق چوڭ تەتقىقات يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ؛<مەن ئۆزۈم بىر دېھقانمەن،دېھقانلار بولسا مېنىڭ ئۇستازىمدۇر.مېنىڭ بارلىق كەشپىياتىمنىڭ ئىلھامى دېھقانلاردىن كەلگەن>.

     نيۇتون؛     ئۇ ھەممىدىن تەلەيلىك بولۇپ،ئالىي تېخنىكومنىڭ مەلۇم كەسپىي-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە ئۆتۈپتۇ.ئۇ كۈچ توغرىسىدانۇرغۇن-نۇرغۇن ماقالە يېزىپ،يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.ئەمما يازغان ماقالىلىرى چۈشىنىكسىز،دەپ قارىلىپ قايتۇرۋېتىلىپتۇ.قايتا رەتلەنگەندىن كېيىن سەل چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك،ئۇ گۇاڭشىنىڭ بېيخەي دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.بۇ يىغىنغا بىرقانچە ئاكادىمىكمۇ قاتانشقانىكەن.نيۇتون<بۇ ياخشى پۇرسەت بولدى>دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇلارغا بايان قىپتۇ.بىراق،ئۇلار بۇنداق مەسىلىلەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغاچقا چۈشىنەلمىگەنىكەن،نيۇتون سەل تېرىكىپ<پەنلەر ئاكادىمىيىسى چوشقا باقىدىغان جايمۇ >دەۋېتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغىن زالىدىن قوغلاندى قىلىنىپتۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچىدىكى بىرەر ژورنالمۇ ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئىشلەتمەپتۇ.شۇنداق قىلىپ،ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت ئەللىك خەتلىك قىسقا بىر خەۋەر ئېلان قىلالاپتۇ.

    ئېينىشتېيىن؛    ئۇ دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بىر ئاكادىمىكىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەپتۇ.دېمەك، ئاتا-ئانىسى قورسىقىدا خېلى بىلىمى بار ئادەملەردىن ئىكەن.  ئېينىشتېيىن كىچىكىدىنلا خىيالپەرەس بولۇپ،ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار ئىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولمايلا ئون دەرستىن لاياقەتسىز بولغاچقا،مەكتەپ ئۇنى ئۈچ قېتىم مەكتەپتىن چېكىندۈرۈپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرغا ئاپېرىپ تەكشۈرتۈپتۇ.دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،ئۇنىڭدا خىيالپەرەسلىك كېسىلى ئېغىر بولۇپ،ئۇنىڭدا نورمال ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ بىر پىرسەنتىلا بار ئىكەن،دەپ دېئاگنوز قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپتۇ.ئاتىسى ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ شۇنچى ئاجىزلىقىغا قاراپ،بۇ بالا باشقا ئەرنىڭ ئوخشايدۇ،دەپ گۇمانلىنىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال101قېتىم قىزىرىشقاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.ئېينىشتېيىننى ئاپىسى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا باشقا بىرەر نەرسە ئۆگىتىش مەقسىتىدە مۇزىكا ئۆگىنىشكە بېرىپتۇ.كىم بىلسۇن،ئۇ مۇزىكىغا ئازراقمۇ قىزىقماپتۇ،رەسىم سىزىشقىمۇ ئۇنىماپتۇ.كۈن بويى خىيال سۈرۈپلا يۈرگەچكە،ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ھەممىدىن ناچار ئىكەن.ئۇلار ئۇنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەنىكەن،كەم ئۇچرايدىغان بۇ خىل كېسەلگە قارىتا دوختۇرخانا<ئېينىشتېيىن ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى>نامىدا مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپتۇ.بۇ غەلىتە روھىي كېسەلگە بولغان تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشىگە چوڭ تۆھپە بولۇپتۇ

مەنبە:سەيرانە بىرلەشمە مۇنبىرى

http://bbs.hislet.com/read.php?tid=7223

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-15, 11:34

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
قىيىن ئىش يوق  ئالەمدە ، ئىرادىلىك  ئادەمگە !
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-15 19:30 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xohlakizil
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75621
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن،كىشىنى باشتا كۈلدۈرگەن بىلەن،ئارقىدىن چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:39 |
شەبنەم تور رادىئوسى
gulxamxar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 205
شۆھرەت: 206 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1471 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 437(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

بۇ ئەسەرنى مەن بەك ياختۇردۇم، ھەقىقەتەن چۇڭقۇر مەنىلىككەن. ........ھەم قزىقارلىق.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
we want freedom 
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:58 |
0996-2
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73432
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 147
شۆھرەت: 148 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3799 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 254(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

قزىقارلىقكەن....................................

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
پۇل تاپايلى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 20:10 |
Nuzug-New
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 177
شۆھرەت: 178 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9309 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 476(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

      
ھەم قىزىقارلىق ھەم مەنىلىك ئىكەن  

ھەق ئىگىلەر سۇنماس!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 20:15 |
OYQIBOY
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1286 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن ،ياخشى يېزىلىپتۇ ، جۇڭگۇدا كۆپ قىسىم ئالىملار كۆمۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ،دېمىسىمىغۇ ھەقىقەتەن شۇنداققۇ!!!   

شىنجاڭ تور مەكتىپى
اللە ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 21:15 |
t5149
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74912
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 53 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

قىزىقارلىق ئىكەن                 

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 21:32 |
乃吉米丁
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72881
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 105(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرلۇق ئىكەن.
دىمىسىمۇ ئۇ زامانلاردا ئۇلارنىڭ يېڭى كەشپىياتىنىڭ نەزەرىيىسىنى كىممۇ چۈشەنسۇن. باشقا ئادەم چۈشەنسە ئۇلار ئالىم بولالامتى،كىيىن ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغاندىن كىيىن چۈشىنىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق.  
    

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 22:19 |
dewranim
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70472
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

   نوبىل ئادەمخورلۇق، قاتىللىق، سۇيقەست، ھىلە-مىكىر مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنسا، بۇ دۆلەتنىڭ ئادەملىرى بىرىنچى بولۇپ ئېرىشەلەيدۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-16 01:30 |
matimatika
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11327
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2027
شۆھرەت: 8367 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14110 سوم
تۆھپە: 300 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1360(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

قايغۇرۇش

بىر مىليونىرنىڭ دەپنە موراسىمىىغا نۇرغۇن ئادەم قاتنىشىپتۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر ياش قاتتىق قايغۇرۇپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەنلەر ئۇ ياشقا:
- سەۋرى قىلىڭ، تۈگەپ كەتكەن بۇ كىشى سىزنىڭ دادىڭىز بولامدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ياق، ئەگەر ئۇ ئادەم مىنىڭ دادام بۇلۇپ قالغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولغان بولاتى-ھە!-دەپ جاۋاپ بەرگەچ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ ئۇ ياش.

دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
بلوگىمغا مەرھەممەت قىلىڭ:http://matimatik.blogbus.com
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 02:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » يۇمۇر-چاقچاقلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 01:25, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ