ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 185 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: «بۆرە»:روسىيلىك ئىسلام دىنى تەشۋىقاتچىسى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1158
شۆھرەت: 10177 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2552 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 619(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 «بۆرە»:روسىيلىك ئىسلام دىنى تەشۋىقاتچىسى

سۆھبەت ئېلىپ بارغان: ئەلىي بەغدادىي
« ئى قەۋمىم ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغۇچىغا قۇلاق سېلىڭلا» مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر،دىن تەشۋىقاتچىسى دوكتور ئەلى بىلوسىن ئۆز قەۋمى روسلارغا شۇنداق دېگەندەك قىلىدۇ. ئۇ يازىدۇ،نۇتۇق سۆزلەيدۇ قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىدۇ. ماركىسىزىمدا قەھرىمان بولغان، خىرىستىئان دىنىدىمۇ قەھرىمان بولغان، ئىسلامدىمۇ قەھرىماندۇر. ئۇستاز دوكتور ئەلى بىلوسىن كوممونىست پەلسەپەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كوممونىزىمغا ئېتىقاد قىلىپلا قالماستىن ئۇزۇن زامان باشقىلارنى دەۋەتمۇ قىلغان. ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۇنى كوممونىزىمنى تاشلاپ خىرىستىئانلىققا يۈزلىنىپ پوپلىق دەرىجىسىگە يەتكۈزگەن، ئورتودوكس شەرق چىركاۋىغا پوپ بولۇپلا قالماستىن مۇھىم ئورۇنغا ئېگە بولغان، تۇساتتىنلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق چىركاۋلارنىڭ ئەرشىنى تىترىتىۋەتكەن. روسىينىڭ ئورتودوكس چىركاۋى باشلىقى باترىيارك بىرىنچى پوتروس ئەلى بىلوسىن ھەققىدە پەتىۋا چىقىرىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ يەتتە ئەۋلادىغىچە لەنەت ياغدۇرغان !.

  ئەلى بىلوسىن كۇۋەيتقا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا  «ئەلموجتەمە» ژورنىلى ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق:
باشتا ئۆزىڭىزھەققىدە تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز:
ئىسمىم: ئەلى بىلوسىن، كوممونىست پەلسەپەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنمەن، قوشۇمچە سىياسىي ئىشلار تەتقىقاتىدا دىپلوم ئالغان، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە پەلسەپە دەرسى بېرەتتىم، ئەمىلىيەتتە ماركىسىزىم ئىدىيسىگە دېگەندەك ئىشەنچىم كامىل ئەمەستى، بۇ پەلسەپەدە خېلى كۆپ ناقىسلىق بارلىقىنى ھېىس قىلاتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئەلۋەتتە بىر يارتقۇچى ئىلاھى بارلىقىغا ئىشىنەتتىم، شۇ ئاساستا خىرىستىئان دىنى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، چىركاۋغا كىرىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم، تىز پۇرسەتتە پوپلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشتىم، چىركاۋ مېنى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى تۈنچى رۇسىيە پارلامىنتىغا ۋەكىللىككە نامزەت قىلدى، روسىيە پارلامىنتىدا 4 يىل خىرىستىئانلار ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلدىم.
رۇسىيە پارلامىنتىدا رولىڭىز نېمە ئىدى؟
  پارلامىنتتا دىنى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى بولدۇم، شۇ جەرياندا روسىيدە دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتىم، شۇ ئاساستا روسىيىە فېدىراتسىيسىدە كىشىلەرنىڭ دىنى پائالىيەتلەربىلەن شۇغۇللىنىش ھەققى بېرىلدى. 4يىللىق پارلامىنت ۋەكىلىك خىزمەتتىن كېيىن چىركاۋ دىكى پوپلىق ۋەزىپەمگە قايتتىم.

خىرىستىئان دىنىنى تاشلاشقا نېمە سەۋەپ بولغان؟
پارلامىنت ئەزالىقىمدىن چىكىنىپ پوپلىققا قايتقاندىن كېيىن شەرق – غەربتىكى خىرىستىئان ئېقىملىرى ئۈستىدە ئىزدېنىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ ئېقىملار ئوتتۇرىدا ئاجايىپ زىتلىقلارنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، بولۇپمۇ مەسىھنىڭ(ئىسا ئەلەيھىسسالام) شەخسىيتى، ئىلاھلىقى،3ئىلاھلىق مەسىللىرىدىكى زىتلىق ئەقىدىگە ھەتتا ئەقىلگىمۇ زىت كېلىدىكەن. شۇندىن بېرى ئۆزۈمنى خىرىستىئانلىقتىن قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىم، خىرىستىئان دىنىنىڭ توغرا دىن ئەمەسلىكىگە قانائىتىم كۈچلەندى، ئازۈمنى خىرىستىئان دىنى مەنسۇپىلىرىدىن ئەمەس دەپ قارايدىغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئاللاھ بىر شىرىكى يوق دەيدىغان تەۋھىدچى(ئاللاھنى يەككە يىگانە،تەڭداشسىز دەپ بىلگۈچى) بولدۇم. ھەقىقەتەن بۇ قارار مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىنغا چۈشتى، ئەتراپلىق ئىزدېنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇردىن كېييىن بۇ ئېغىر قارارغا كەلگەنمەن، چىركاۋدا 16يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا خىرىستىئان دىنىنىڭ ھەقىقىي دىن ئىكەنلىكىگە ئىمانىم كامىل بولۇپلا قالماستىن ئىخلاسمەنلەردىن ئىدىم.
ئۇنداقتا سىز خىرىستىئان دىنىنى تاشلاپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلدىڭىز تېخىچە مۇسۇلمان بولمىدىڭىز؟
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن دۇنيادا تەۋھىد كە چاقىرىدىغان بىر دىننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم، ئىسلام ھەققىدە ھېچقانداق كىتاب ئوقۇمىغانىدىم، كىراچوۋىسكىي تەرجىمەقىلغان قۇرئان كرىم نىڭ روسچە تەرجىمىسىدىنمۇ خەۋىرىم يوقتى.
بىركۈنى روسىيە تىلۋىزىيەسى قۇربان ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پروگرامما تەقدىم قىلدى، شۇ پروگراممىدا ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى، بۇ دىن ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشتىن ئىبارەت تەۋھىدكە چاقىرىدىغانلىقى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، خۇددى مېنىڭ ئەقلىمنى چىرمىۋالغان داغ يوقالغاندەك بىر ھېسسىياتقا كەدىم، بۇ دىنغا قارىتا ئىچ- ئىچىمدىن مايىللىق تۇيغۇسى قوزغالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماقالە يېزىپ ژورنالغا بېرىش ئارقىلىق مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم. ژورنالنىڭ سانى ئېلان قىلىنىش بىلەن خۇشاللىقىمنى ئىچىمگە پاتۇرالمىدىم، بۇ ۋەقە بۇندىن يەتتەيىل بۇرۇن بولغان.
ماقالە كىشىلەردە قانداق تەسىر قوزغىدى؟
ماقالە جەمېىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى، بولۇپمۇ چىركاۋلاردا قاتتىق سىلكىنىش يۈز بەردى، چۈنكى مېنىڭ چىركاۋدىكى ئورنۇم ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پارلامىنتتا چىركاۋ تەرىپىدىن ۋەكىل ئىدىم، بەلكى دىنلار كومىېتېتى رەئىسى ئىدىم. تەشۋىقات ساھەلىرى مەندىن سۆھبەت ئېلىشقا باشلىدى، روسىيەدىكى پۈتۈن گېزىت،ژورناللار مېنىڭ ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىم ھەققىمدە يېزىشقا باشلىدى. بەزىلەر مۇداپىئە قىلسا كاپلىرى ھوجۇم قىلدى، شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغان تۈنجى مىنۇتلاردىن باشلاپ ئىسلام تەشۋىقاتچىسى بولۇپ قالدىم. بىر تىلۋىزىيە قانىلى مېنى 2يىل دىنى پروگرامما تەقدىم قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئورتودوكس چىركاۋى ماڭا ۋە مېنىڭ 7- سۇلالەمگىچە لەنەت ياغدۇرۇش قارارى چىقاردى، بارلىق تۇققانلىرىمنى چاقىرتىپپ مەندىن ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ئىش سىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟
  رىستىنى ئېيتسام روھى جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىدىم، تۇققانلىرىم مەندىن ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن كېيىن بەكمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم، ئاستا-ئاستا بۇ ۋەزىيەتكىمۇ كۆنۈپ قالدىم، ئاللاھ نىڭ ۋە بەزى مۇسۇلمان تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە ياردىمى بولدى.
ئوقۇرمەنلەرگە كىتابىلىرىڭىز ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
بىرىنچى كىتابىم»ئاللاھ تەرەپكە توغرا يول» بولدى. بۇنىڭدا مسۇلمان بولۇش قىسسەم ۋە نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈردۈم،  بۇ كىتاب بىرقانچە قېتىم باستۇرۇلدى، سېتىلىش نۇسخىسى 100مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.مىڭلارچە روس تىلىدا سۆلەيدىغانلار كىتابىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولدى دېسەم ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن.
ئىككىنچى كىتابىم»شىرىكنىڭ مۇقەددىمىلىرى» بۇ كىتاب ئارقىلىق تەۋھىد پەلسەپەسىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە شىرىك ئەقىدىسىنى تەنقىتلەپ ئېچىپ تاشلىدىم، بۇ كىتاب زىيالىلار تەبىقىسىگىلا خىتاب قىلىدۇ.
ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى كىتابىم: «يىڭى مۇسۇلمان نەزىرىدە ئىنجىل» بۇ كىتابى ئىلمى، ئەدەپ-ئەخلاق دائىرىسى ئىچىدە خىرىستىئان ئالىملار يازغان كىتابلارغا ئاساسلانغان ھالدا ئىنجىل ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نىڭدىن باشقا ئونلارچە ماقالە ۋە كىچىك كىتابچىلىرىم بار.
سىزنىڭ كىتاب يېزىشتىن باشقا پائالىيەتلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟
  مەركىزى شىتابى موسكۋادا تۇرۇشلۇق «سىراتۇلمۇستەقىم»(توغرايول)ناملىق ئىسلام جەمئىيتىگە مۇدىرلىق قىلىمەن، بۇ جەمئىيەت غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئىسلامغا چاقىرىش، يىڭى مۇسۇلمانلارنىڭ تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىزنىڭ ئىنتەرنەتتە تور ئادرىسىمىز بار، قوشۇمچە روسىيە مۇسۇلمان مۇخبىرلار بىرلەشمىسى رەئىسى، روسىيە دىنى ئىشلار مۇفتىسى مەسلەھەتچىسى خىزمىتىنى ئۆتەيمەن.
روسىيەدىكى يىڭى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ھەققىدە سۆلەپ بەرسىڭىز..
  روسىيەدە يىڭى مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى تۇقانلىرى ۋە كونا دوسلاربىلەنكى ئالاقىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئۇنداقتا يىڭى مۇسۇلمانلار باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردىن دوس- يارانلارنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ، چىچەن، داغىستانلىق، تاتارلاربىلەن ئارىلىشىپ ئاتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ، روسلار ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ قىيىن مەسىلە، چۈنكى باشقا مىللەتلەر روس مىللىتىگە قارىتا سەلبىي قاراشتا بولۇپ، زالىم، مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئاياقئاستى قىلغان دېگەن قاراشتا مۇئامىلە قىلىنىدۇ، بەزى يىڭى مۇسۇلمان بولغان روسلار مەسجىدلەرگە كىرسە قوغلاپ چىقىرىلىدىغان، يىڭى مۇسۇلمان بولۇپتۇ قارشى ئالايلى دېمەيدۇ، ھەتتا بەزى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ئورتدوكس چىركاۋلىرى بىلەن كىلىشىم تۈزۈپ روس مىللىتىدىن يىڭى مۇسۇلمان بولغانلارنى ئارىغا ئالماستىن چىركاۋلىرىغا قايتا ئەۋەتىپ بىرىشكە كىلىشكەنلەرمۇ يوق ئەمەس.
بىز ھازىرغىچە يىڭى مۇسۇلمان بولغانلار بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان مەركەز تەسىس قىلالمايۋاتىمىز، بىر موسكۋا نىڭ ئۆزىدە يىڭى مۇسۇلمانلار نىڭ سانى ئون مىڭدىن ئاشىدۇ، يىڭىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ،يىڭى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى،ستودىنتلار، ئادۋوكاتلار، ئىنجىنىرلار، ئۇلار ئىسلام تەلىماتىنى ئۆگۈنۈشكە كەڭ دائىرىدە قىزىقىۋاتىدۇ، بەزى ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ تەڭدىن كۆپ قىسمى يىڭى مۇسۇلمانلارنى تەشكىل قىلىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا توي ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، يىڭى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى ھىمايە قىلىش. چۈنكى ئۇلاردا ئائىلە، ئايماق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ھىمايەقىلىش ئىمكانىيىتى يوق.

تەجرىبىڭىزگە ئاساسەن..روسلاردىن غەيرى دىندىكىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا نېمە خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟
روسلارنىڭ كۆپ قىسمى ھېچنەرسىگە ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، خۇراپاتقا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كىتاب،تىلىۋىزور،كىنو فىلىملىرى ئارقىلىق خىرىستىئان ئەپسانىلىرىدىن خەۋىرى بار، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى،سەنئەتلەردىمۇئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيتى قىزىقارلىق تەسۋىرلەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس قىلىپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈتۈش كېرەك.
ئۇندىن كېيىن خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرىنى تورىلاش كېرەك. ئېنىقكى، خىرىستىئانلارنىڭ قەدىمى ئەسەرلىرىدە ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن زىتلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تەپسىر قىلىش مۇمكىن. مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئىسلام نىڭ قارىشى ئەڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق،مەنتىقىلىقتۇر.
يەنە بىرمۇھىم مەسىلە رادىكال خىرىستىئانلار قوزغاۋاتقان ئىسلامغا قارشى سەپسەتىلەرنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت.
ئۇندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئۇقۇمىنى بايان قىلىش. ئاندىن كېيىن  كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يول ئېچىلىدۇ،نىيەتنى خالىس قىلىش ئاللاھنىڭ تەۋپىقى قالىدۇ.
سىزنى ئويغا سېلىۋاتقان،ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىدىيەلوگىيە مەسىللىرى قايسى؟
•  روس ئەقلىيتىگە خىتاپ قىلىش.
• روس مەدەنىيتىنى ئىسلام يولى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش.  بۇنىڭدىن مەخسەت، تارىخ،پەلسەپە،ئەدەبىياتقا قارىتا ئىسلام چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويۇش.
• تولىستوي، دوستوۋىسكىي ۋە باشقا ئىسلامنى مۇداپىئەقىلىپ يازغان ئىنساپلىق روس يازغۇچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تەھلىل قىلىش.
• سىلاۋىيەن مىللەتلىرىنىڭ ئەقلىيىتىگە ئىسلام ئەقىدىسى ۋە شەرىئەتنى سىڭدۈرۈشكە ھەركەت قىلىش.
•  ئاممىباب،ئەدەبىي تىلدا قۇرئان كەرىم تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى چىقىرىش. تەپسىرلەر ھەرخىل تەسىرلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسىي ئۇقۇم، مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىېلىشى كېرەك. مەسىلەن:(كۇفرى، شېرىك،تەۋھىد،روھ،ۋەلىي،ۋەسىيلە..)تەپسىر خىرىستىئانلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئورتاقلىقى بار ماۋزۇلارنى تىلغا ئالغان ئەڭ يىڭى تەپسىرلەرنى نەزەر-ئىتىبارغا ئىلىش كېرەك) بۇ ئىش خىرىستىئان دىنى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بولىشى،مىساللار روس خەلقىنىڭ رىئال تۇرمۇشىدىن ئېلنىشى لازىم.
.............................
مەنبە مەرىپەت تور بىكىتى

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-15, 14:57

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-15 17:35 |
شەبنەم تور رادىئوسى
birlik001
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﺴﺖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، 2008 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.


RFA Photo

ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ HIV
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﺍﺑﺎﺳﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﺪﻩﻙ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻰ،ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ، ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ، ﻏﺎﻟﺠﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ، ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 26 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ 2008 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﯩﻦ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯘ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ 14 ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ 24 ﻣﯩﯔ 818 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ 9579 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻼ 1995 ﺋﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ.ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ %39.3 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯗﺭ.

20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﯞﺍﺑﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻫﺪﯨﺪﻯ
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ: 1995 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 13 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

2002 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 6833 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ %20 ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﻧﻨﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ 2 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.

2003 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺳﺎﻧﻰ 3165 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻥ 30 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 840 ﻣﯩﯖﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﺎﻧﻰ 80 ﻣﯩﯖﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.

2003 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 8150 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﻧﻨﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ 2 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 9346 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

2005 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 11303 ﮔﻪ، ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻥ 60,000 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 4 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. 2005 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ 4926 ﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

2006 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 9 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 4732 ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 17 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺳﺎﻧﻰ 16,035 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 17 ﻣﯩﯔ 209 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺯﻩﻫﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ 3,928 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 20 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 40 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ %73 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ %95  ﻛﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﺑﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻫﺪﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﻫﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺯﻩﻫﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﯩﭙﯩﺮﯨﺴﺘﺎ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ،' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﺎﻣﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 25 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ 252 ﻣﯩﯔ 748 ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ 2010 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ 80 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻼ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ 90 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﻳﻪﻧﻰ HIV ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﺋﯩﻠﻰ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 01:25 |
شەبنەم تور رادىئوسى
uygur-yigiti
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31322
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 236
شۆھرەت: 237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 520(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

Quote:
بۇ مەزمونبأرهنىڭ2009-03-15 17:35دە يوللىغان يازمىسى «بۆرە»:روسىيلىك ئىسلام دىنى تەشۋىقاتچىسى :
سۆھبەت ئېلىپ بارغان: ئەلىي بەغدادىي
« ئى قەۋمىم ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغۇچىغا قۇلاق سېلىڭلا» مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر،دىن تەشۋىقاتچىسى دوكتور ئەلى بىلوسىن ئۆز قەۋمى روسلارغا شۇنداق دېگەندەك قىلىدۇ. ئۇ يازىدۇ،نۇتۇق سۆزلەيدۇ قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىدۇ. ماركىسىزىمدا قەھرىمان بولغان، خىرىستىئان دىنىدىمۇ قەھرىمان بولغان، ئىسلامدىمۇ قەھرىماندۇر. ئۇستاز دوكتور ئەلى بىلوسىن كوممونىست پەلسەپەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كوممونىزىمغا ئېتىقاد قىلىپلا قالماستىن ئۇزۇن زامان باشقىلارنى دەۋەتمۇ قىلغان. ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۇنى كوممونىزىمنى تاشلاپ خىرىستىئانلىققا يۈزلىنىپ پوپلىق دەرىجىسىگە يەتكۈزگەن، ئورتودوكس شەرق چىركاۋىغا پوپ بولۇپلا قالماستىن مۇھىم ئورۇنغا ئېگە بولغان، تۇساتتىنلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق چىركاۋلارنىڭ ئەرشىنى تىترىتىۋەتكەن. روسىينىڭ ئورتودوكس چىركاۋى باشلىقى باترىيارك بىرىنچى پوتروس ئەلى بىلوسىن ھەققىدە پەتىۋا چىقىرىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ يەتتە ئەۋلادىغىچە لەنەت ياغدۇرغان !.

  ئەلى بىلوسىن كۇۋەيتقا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا  «ئەلموجتەمە» ژورنىلى ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق:
باشتا ئۆزىڭىزھەققىدە تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز:
.......

بورە قىرىن دىشىم بۇ تىمىنى ياخشى يوللاپسىز ئاللا قولىڭىزغا دەت بەر مىسۇن !
يەھۇدىلارمۇ .ۋە كاپىرلارمۇ ھامان چۈشۈنۈپ قالىدۇ .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 02:44 |
uygur-yigiti
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 31322
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 236
شۆھرەت: 237 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 520(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىbirlik001نىڭ2009-03-21 01:25 دە يوللىغان يازمىسى   :
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﺴﺖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، 2008 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.


RFA Photo

.......


مائاداش ساقمۇيا سىز .  كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغاننىڭ بىرسىمۇ نىمە سىز .
باشقىلارنىڭ ئەجىرنىمۇ ھۆرمەتلەپ قويايلى .
سىزگە ياقمىدىمۇ يە بۇتىما .
ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسىڭىز بوممامدىكەن .  !

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 02:48 |
ik-bal
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 48335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

 

بۇ باشقۇرغۇچىلارمۇ تازا قاملاشمىغىلى تۇردى، بۇ تېمىنى بىر ئاينىڭ ئالدىدا مەن يوللىسام تەستىقلىمىگەن ئىدى، ھەر نىمە بولسا ئەمدى بولسىمۇ تستىقلەپتۇ ،

ئاللاھ  ھەممىدىن  بۇيۇك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-22 00:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-22 10:09, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ