ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2465 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىسستانسىسىغا پىكىرلەر... پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zilala131
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 115
شۆھرەت: 115 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1150 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىسستانسىسىغا پىكىرلەر...

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما kuraxjan تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-03-15)
بۇ تېمىنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ sina تورىغا يوللاپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز ! sina تورىنىڭ ئادىرىسى http://www.sina.com.cn/ مانا مۇشۇ يەردە خەنزۇچە كەسكىن مۇنازىرە دىگەن !
  
يولداش مۇخبىر شىنجاڭلىق يانچۇقچىلار توغرىسىدىكى فىلىمىڭىزنى خېلى ئەجىر بىلەن ئىشلەپسىز...ھېرىپ قالمىغانسىز....بىر بوتۇلكا ئىچىملىك ئىچىۋېلىڭ.  
ئاڭلىسام بېيجىڭدا چاشقان، مۈشۈك گۆشى يىيىش ئەدەپ كېتىپتۇ..ئۇسساپمۇ قالغاسىز.
ئەمدى فىلىمىڭىز توغرىلىق گەپكە كېلەيلى ،مەن يانچۇقچىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان خىيالدىمۇ ئەمەس،ئەمما سىزنىڭ نۇقتىلىق ھالدا بىر مىللەت يانچۇقچىلىرىغا قارىتىلغان فىلىمىڭىزگە سەل پىكرىم بار..ياق كەسكىن ئاچچىقىم بار.
سەۋەپ بۇ فىلىمدا شۇنداق قارىماققىلا جوڭگودىكى يانچۇقچىلار پەقەت ئۇيغۇرلار دىگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدىكەن...ياكى سىزگە شۇلارلا ئۇچراۋاتامدۇ؟!
قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تەشۋىقات ئورنىدىمۇ بىر ئوچۇم نەزەر دائىرىسى تار مىللەتچى ،جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ دۈشمىنى بولمىش ئادەملەر بار ئوخشايدۇ،ياكى سىز ئەتراپلىق زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇممۇ ؟ ئەگەر ئەتراپلىق زىيارەت قىلىشنى خالىسىڭىز مەن ياردەملىشەيلى ..سىز كۆرگەن ئىككى تۆت تال پۇل ئوغۇرلايدىغانلارغا قارىغاندا مەن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان باشقا مىللەت ئوغرىلىرى ،بۇلاڭچىلىرى،قاتىللىرى ...مېنىڭ ئەتراپىمدا نۇرغۇن تۇرۇپتۇ..سىز پەقەت ئۇيغۇر يانچۇقچىلار توغرىلىق يېرىم سائەتلىك فىلىمنى ئاران توشقۇزۇپسىز..مەن دىگەنلەرنىڭ فىلىمنى ئىشلەش توغرا كەلسە ئۇدا كۆرسە ئون يىلدىمۇ تۈگىمەيدىغان كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى بولىدۇ....دىققەت قىلىڭ ،جەمئيەت تەرتىۋىنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قويماڭ .بىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت .ئوغرىلىق قانداقتۇ بىر مىللەتكىلا خاس كەسپ ئەمەس .
سىز بىلەمسىزكىن سىز ئىشلىگەن فىلىمدىكى يانچۇقچىلار بىرقانچە ئون يىل ئىلگىرى ئوغرىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان ..ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى تاقاش ئادىتى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ پۇشتى ئىدى..بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن .كېرەك يوق. سىز بۇ مەدەنىيەتنى كۆرۈپ باقمىغان بەلكىم ئاڭلاپمۇ باقمىغان.شۇڭا يەنىلا سىزنى توغرا چۈشىنىمىز. بىراق بۇ ئوغرىلار نەدىن كەلدى  
سىز بەلكىم پارتىيە ئەزاسى بولىشىڭىز مۇمكىن..ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراشتا ..ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن قاراشنى ياقلايدۇ....
دىمەك شۇ يانچۇقچىلارنىڭ جىنايىتىدە جەمئيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ .مېنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتىم بولسا سىزنىڭ ماڭا قارىغاندا ھەسسىلەپ ئۈستۈن مەسئۇلىيىتىڭىز بولىشى كېرەك. ..چۈنكى سىز ماڭا قارىغاندا دۆلەتنىڭ كۆپرەك تەييار مائاشىنى ئالىسىز،قوڭىڭىزدا مېيى ھەقسىز ماشىنا،تاماق-ياتاق ئاتچوت ،قولىڭىزدا ئاپاراتنى كۆتۈرۈپ دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىسىز ئەمەسمۇ .مەن بولسام جېنىمنىڭ بارىچە تىرىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ،ماشىنامغا تىترەپ ماي قاچىلاپ يانچۇقتىن شەخسى پۇل خەجلەپ تاماق يەپ ياشايمەن ئەمەسمۇ !
بىرقانچە يىل ئىلگىرى تەيۋەنلىك بىر يازغۇچىڭىزلار جوڭگولۇقلار توغرىلىق ماقالە يېزىپ جاھاننى تىتىرىتىۋەتتى .ئۇ ماقالىلىرىدا جوڭگولۇقلارنىڭ ئەپتى بەشىرىنى قامچىلاپ بەك ئازاپلانغانلىقىنى بىلدۈردى .بىراق بۇ ئاتىكاچى يازغۇچىمۇ سىز كىچىك ئاتىكاچىغا ئوخشاشلا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتىغا؛ يۇقۇرىدىكى ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن ماركىسىزىمچە دۇنيا قاراشقا سەل قارىدى،  
بۇ نەزىرىيە بويىچە بولغاندا ئاۋام جەمئيەتكە بېقىپ بولىدۇ.يەنى جەمئيەت خەلققە قانچىلىك مۇھەببەتلىك قارىسا خەلقمۇ جەمئيەتكە شۇنچىلىك مۇھەببەتلىك قارايدۇ.جەمئيەتنى ئاسرايدۇ.خالىغان يەرگە تۈكۈرگىسى كەلمەيدۇ،خەلقلەر ئارا زىدىيەت ئازىيىدۇ،جەمئيەتتىن مۇھەببەت كۆرگەن يانچۇقچىلارمۇ نومۇس يۈزىسىدىن قىلمىشىغا تۆۋۋە قىلىدۇ .چۈنكى ئۇلارمۇ ئادەم ،ئۇلاردىمۇ سىز ماڭا ئوخشاشلا ئىسسىق يۈرەك بار!
ھەممىمىز ھەۋەس نەزىرىمىزدە چەتئەلدىكى ئىلغار مىللەتلەرۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىلىق تۈكرۈكلىرىمىزنى چاچرىتىپ ماختىشىپ سۆزلىشىپ كېتىمىز .نىمىشقا بىزنىڭ خەلقلەر ئىلغار مەدىنىي مىللەتلەرگە ئوخشاش،جەمئيەتكە مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلالمايدۇ ؟ چۈنكى شۇ مىللەتلەر ئۇچرىغان مۇھەببەتلىك جەمئيەتكە بىز ئۇچرىمىغان .جەمئيەتنىڭ مۇھەببىتىنى بىز ھېس قىلمىغان .
شۇنداق تۇرۇپ بىز جوڭگولۇقلار نىمىشقا ئۆزىمىز ھېس قىلمىغان مۇھەببەتنى جەمئيەتكە بەرگۈدەكمىز ؟! جەمئيەت بىزگە خالىغانچە مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ خالىغان يەرگە تۈكۈرگۈمىز كېلىدۇ ،خالىغان يانچۇققا قول سالغۇمىز كېلىدۇ،ئاممىۋى سورۇنلاردا مىشقىرىپ ،تاماكا چەككۈمىز كېلىدۇ،ئەتراپتىكىلەر بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىزمۇ مەۋجۇت ئەمەس.  
سەۋەپ «ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى» .
جوڭگولۇقلارنىڭ ئىللەتلىرى توغرىلىق ھېلىقى يازغۇچىغا ئېيتىپ قويۇڭ ،بەك چېچىلىپ كەتمىسۇن،سالامەتلىكىنى ئاسرىسۇن،سىزمۇ قەستەن بەزى غەملەرنى يەپ يۈرمەڭ ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ .ئوغرىلارمۇ بىر كۈنى تۈگەيدۇ.  
قاچانكى جەمئيەت بىزگە مۇھەببەتلىك نەزەردە قارىسا شۇ كۈنى بىزمۇ جەمئيەتكە مۇھەببەتلىك قاراشنى ئۈگىنىمىز.بۇ ئەلمىساقتىن بۇيان كېلىۋاتقان ئاددى فورمۇلا،بۇنى سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ئۈگەتمىگەن ئوخشايدۇ .بۇنى مەندىن بولسىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ.سەل كەسكىنرەك گەپ قىلىپ قويدۇم،سىزگە تېرورچىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويمىغاندىمەن-ھە؟ ياق ! مەن تېرورچى ئەمەس بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئيەتكە ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغان بىر جۇڭگو پۇقراسى ماقۇلما .بۇنىڭغا باشقىچە پىكىر يوقتۇ-ھە .























بۇ تېمىنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ sina تورىغا يوللاپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز ! sina تورىنىڭ ئادىرىسى http://www.sina.com.cn/ مانا مۇشۇ يەردە خەنزۇچە كەسكىن مۇنازىرە دىگەن !

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-15, 09:53

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(دۇنيا)
  • تۆھپە:+10(Rujek) قوللايمەن
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-15 17:22 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    mamatelixp
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59687
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 10
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 100 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    سىز بۇنى مۇشۇ مۇنبەردىلا ئىلان قىلىش بىلەن توختاپ قالمايدىغانسىز؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ باشقا نۇپۇزلۇق خەنزۇچە تور بىكەتلىرىدە يۇللىسىڭىز ياخشى بۇلامدىكىن ، بولمىسا بۇ گىپىڭىز مۇشۇ يەردىلا قېپ قالىدۇ

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:09 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    taxyolqi
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 954
    شۆھرەت: 975 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7963 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 718(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    مۇنبەردىكى خەنزۇچە بىلدىغان دوستلار بولسا خەنچە تور بىكەتلىرگە يووللاپ قويمازمۇ باللا .         

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:11 |
    ezizm
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 26513
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 27 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    شۇنداق سەمىمى تەكلىپ بوپتۇ بۇ شۇنداق قىلايلى ،بىراق مەن تۆت چاسا خەتنى بىلمەيمەن

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:17 |
    xahzat爱
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 68734
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 379
    شۆھرەت: 379 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3690 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    ياخشى  يېزىپ سىز   تېخىمۇ كوپ تەشۋىققىلىڭ!

    يې...........گەپ بامىتى......!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:17 |
    MALIK0991
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 54525
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 127
    شۆھرەت: 128 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 106(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    ياخشى   يېزىپسىز... بۇنداق  ئىشلار  بەك  كۆپ...

                                       ئادالەتسىزلىك!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    مىللىتىم  ياشىسۇن!!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:26 |
    atom
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12698
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 301
    شۆھرەت: 376 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2913 سوم
    تۆھپە: 116 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 549(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    كورىيە ، ياپونيەلەردە دۇككانلارغا ئىۋۇلارنىڭ چىغناق -تاغاق يېزىقىدا «ئوغۇرلۇق قىلما» دەپ يىزىپ قويدىكەنغۇ!  بۇلارنىمۇ توغرا چۈشىنەيلى قېرىنداشلار، سۇنۋۇكۇڭنىڭكىدىمۇ نوم ئالغاندا ئالتۇن كاسىنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش بۇددا سىغا پارە بىرىپ ئاندىن ئالىدىغۇ! ئۇلارنىڭ بۇدداسىدىن تارتىپ پارا ئېلىشقا كۆنەك. ئۇلار بۇنى ئوغۇرلۇق كاتىگورىيسىگە ھېسابلىمايدۇ ، ئەگەر ھېسابلاپ قالساق .....................

    تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:33 |
    lukqak-xah
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 69412
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    پىكىرىڭىز ئىنـتايىن ياخشى بوپتۇ

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:05 |
    sardar330
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75605
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    خەنزۇچە بىلدىغانلار  خەنزۇچە (bbs)مۇمبىرىگە چىقىرىپ قويۇڭلار
    بەكلا ئادا لەتسىزلىك بولدىغۇ............

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:06 |
    xjaks
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 572
    شۆھرەت: 1073 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4921 سوم
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    نەق گەپ بۇنى  چاسا خەتكە ئايلاندۇرۇپ شۇلارغا  كۇرسۇتۇپ قۇيايلى .....ھەممە ئىشى سەۋەبن نەتىجە  مۇناسۋىتگە ئىگە ،،ئۇلارمۇ نىمە ئۇچۇن شڭنداق قىلدىغانلىقىنى كۇرۇپ باقسۇن .................

    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:11 |
    ``Sir``
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 54410
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 152
    شۆھرەت: 323 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 350 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 285(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

     

    ئەسلىدە مۇشۇلارنىڭ<خەن> مۇشۇنداق قىلغالانلىمىمۇ <مىللى بۆلگۇنچىلىككە> كىرىدۇ،

    مىللى بۆلگۇنچىلىك پەقەت ئۇيغۇرلارغىلار چىقارغان سۆز ئەمەس!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:17 |
    200888maxal
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2192
    شۆھرەت: 2219 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11918 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 920(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىmamatelixpنىڭ2009-03-15 18:09 دە يوللىغان يازمىسى   :
    سىز بۇنى مۇشۇ مۇنبەردىلا ئىلان قىلىش بىلەن توختاپ قالمايدىغانسىز؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ باشقا نۇپۇزلۇق خەنزۇچە تور بىكەتلىرىدە يۇللىسىڭىز ياخشى بۇلامدىكىن ، بولمىسا بۇ گىپىڭىز مۇشۇ يەردىلا قېپ قالىدۇ

    ناھايىتى توغرا ،ئاقىلانە پىكىر بوپتۇ،بۇنى بىزلەرلا كۆرگەن بىلەن بولمايدۇ، تىمىدا بايان قىلىنغان ئەشۇ مۇخبىر قاتارلىقلارمۇ كۈرىشى كىرەك .ئۇلار ئەشۇنداق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇمۇمى گەۋدىگە يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن.خۇددى جەمىيەتتىكى يىرگىنىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىنلا چىقىدىغاندەك ،ئۇيغۇرلارلا ئۇغۇرلۇق ،يانچۇقچىلىق قىلىدىغاندەك  ھە ! تىمىدا بايان قىلىنغان مەزمۇن ئاستىدىكى سۈرەتلەرگە قارىسام باشقا مىللەتلەردىن يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقانلار كۈرۈنمەيدۇ ھە !

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:21 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 953
    شۆھرەت: 1483 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8714 سوم
    تۆھپە: 17 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

      قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يول تېپىش كېرەك؟

    ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:27 |
    ELMURAT0996
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72307
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 19 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    ياخشى يوللاپسىز.بۇرۇن ئىشكىرگە ئۇيغۇرلار بارسا  كاۋاپچىلار كەلدى دەيتتى .بىراق ھازىر بارسا شىنجاڭلىق ئوغۇرلار كەلدى    )贼娃子来了(.دەيىغان بولدى.  

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 21:34 |
    nehmat
    دەرىجىسى : يېزىش چەكلەنگەن


    UID نۇمۇرى : 75969
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-12

     

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمون تاقالدى !

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 21:39 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-19 00:37, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ