زۇلپىقار ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىۋاتقان ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكنى تۈگەتكەندىن كېيىن سائىتىگە قارىدىدە چۈش سائەت 12 دە زۇلھايات بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغىنى ئىسىگە كەلدى ھەم ئالدىراپ ماتىرياللىرىنى يىغىپ تىببى ئۈنۋىرسىتىنى قاراپ ماڭدى .
زۇلھايات چوڭ دەرۋازىدىن چىققىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان زۇلپىقارنى كۆردىدە قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى .
__ سېنى ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن . ئۆيدىكىلەر ياتاققا تىلىفون ئۇرۇپتىكەن . ھايال بولۇپ قالدىم ، ساڭا سالام ئېيتتى .
__ مەنمۇ ھازىرلا كېلىشىم . چوڭلار تىچلىقتۇ ؟ يۇرت ئامانمىكەن ؟
__ ھەممەيلەن ناھايىتى ياخشىكەن . بىزنى خاتىرجەم بولۇڭلار دەيدۇ .
زۇلھايات زۇلپىقارغا ئەگەشكىنىچە << دولان تىز تاماقخانىسى>> غا كىردى .
__ زۇلھايات ، بىزنىڭ ئوقۇشىمىز پۈتىدىغانغا يەنە بىر يىللا ۋاقىت قالدى . ئويلىسام ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتكەندەك . ئۆگىنىدىغان ، ئىگەللەيدىغان نەرسىلىرىمىز ئالدىمىزدا دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ . سېنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن قانداق پىلانىڭ بار ؟
__ راست ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغىنىمىزغىمۇ ئاز قالدى . مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئۆز كەسپىمدە ماگىستىرلىقتا بىلىم ئاشۇرايمىكىن دەيمەن ........ سېنىڭچۇ ؟
__ توغرا ئويلاپسەن زۇلھايات . بىلىم تۈگىمەيدۇ . مېنىڭمۇ شۇنداق پىلانىم بار . جەمئىيەتمۇ چوڭ بىربىلىم ، چوڭ بىر مەكتەپ .مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇش كۆزەتكەچ يەنەبىر تەرەپتىن داۋاملىق ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن . ھازىر ئەڭ مۇھىمى ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاتا - ئانىمىزنى رازى قىلىش .......
زۇلپىقار مىنۇت توختىغاندىن كېيىن بوش ئاۋازدا سۆزىنى باشلىدى .
__ ئەگەر ۋاقتىڭ بولسا ئەتە ئىككىمىز بىرگە ئايلىنىپ كىلەيلى بولامدۇ ؟ ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى زۇلھايات .
كۆڭلىدە نىمىنىدۇر سەزگەن زۇلھايات قىزارغىنىچە ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى ...
زۇلپىقار يۈرىگىنىڭ دۈپۈلدەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى . ... ئەتە ... ئاھ .. ئەتە .... ئەتە مەن زۇلھاياتقا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىمەن . بىلىمەن _ ئۇمۇ مېنى سۆيىدۇ . مەن مۇشۇ كۈنلەرنى قانچە يىللار كۈتمىدىم ھە ! ھە راست ، ئۇ مېنى رستىنلا ياخشى كۆرەمۇ ؟ مېنىڭ تەكلىۋىمگە قوشۇلارمۇ ؟ ..
زۇلپىقارنىڭ خيال ئىكرانىغا بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر مەنزىرە لىپپىدە كىرىپ چىقتى .................
زۇلپىقار پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىدا ئوقۇيدىغان دوستى شۆھرەتنىڭ كەچتە مەكتىۋىدە ئويۇشتۇرغان كۆڭۈل ئېچىش كىچىلىكىگە قاتنىشىپ بېرىش تەكلىۋىگە قوشۇلدى ھەم زۇلھاياتنىمۇ تەستە ماقۇل كەلتۈردى . ئەلۋەتتە بۇمۇ زۇلپىقار ئۈچۈن زۇلھايات بىلەن مۇڭدىشىدىغان ، سىردىشىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى .. ئولتۇرۇشتا سىتودىنتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئالدى بىلەن ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن تەرەپتىن ۋەكىل ئىككى ئېغىز سۆز قىلغاندىن كېيىن مەكتەپ سەنئەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى . كەينىدىن سىتودىنتلاردىن تەشكىللەنگەن مۇزىكانتلار سازلىرىنى سازلاپ شوخ ئۇسۇل پەدىلىرىگە ياڭرىتىشقا باشلىدى . ھەممەيلەن ناھايىتى قىزغىن بولۇپ قاتمۇ - قات ئورالغان دەرسلەردىن چارچىغان مىڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ، ئۆز- ئارا پىكىرلىشىش ، تۇنۇشۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلغانىدى . سەھنە جۇشقۇن ياشلار بىلەن لىق تولغانىدى . ..
زۇلپىقار تۇيۇقسىز ئوتتۇردا ئولتۇرغان بىر يىگىتنىڭ زۇلھاياتقا تىكىلىپ تۇرغىنىنى ھىس قىلىپ قالدى . ئۇ زۇلھاياتقا قارىدى . زۇلھاياتمۇ ئۇ يىگىتنى كۆردى بولغاي كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ سالام بەردى . زۇلپىقار يىگىتكە تىكىلدى . .. توغرا _ دەل شۇ يىگىت . . زۇلپىقار ئىلگىرى زۇلھاياتنى بىر - ئىككى قېتىم بۇ يىگىت بىلەن تىببى ئۈنۋىرست ئالدىدا كۆرگەنىدى . ھىس قىلىشىچە يىگىت زۇلھاياتقا نىسبەتەن ناھايىتى قىزغىن ئىدى . كېيىن زۇلھاياتنىڭ دوستى رىزۋانگۈلدىن سىنىپىدىكى نىجات ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ زۇلھاياتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى . ئەجىبا بۇ يىگىت شۇمىدۇ ؟.............
لىرىك تانسا مۇزىكىسى باشلىنىشى بىلەن ئۇ يىگىت ئورنىدىن تۇرغىنىچە ئۇتتۇر زۇلھاياتنىڭ ئالدىغا كەلدىدە ئەدەپ بىلەن تانسىغا تاتتى . زۇلھايات زۇلپىقارغا قاراپ قويۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇرغىنىچە سەھنىدىكى قىز - يىگىتلەر توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى . زۇلپىقارنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانداقتۇر بىر رەشىك ئوتىدا پۇچۇلانماقتا ئىدى . ئۇ زۇلھاياتتىن ئارىلىپ قېلىشتىن قورقاتتى . << ئۆزەمنىڭ شورى ، ئەكەلمىسىممۇ بوپتىكەن >> دەپ ئويلىدىدە ئۇ ئىككىسىگە قارىدى . يىگىت بىلەن زۇلھايات قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى . زۇلپىقار بولسا تىپىرلاپ پەقەتلا تۇرالمىدى . قەلبىدىكى بېسىپ بولماس مۇھەببەت ئۇنىڭغا چىداش پۇرسىتى بەرمىدى . ئۇ ئورنىدىن تۇرغىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى .
__ نىمە بولدۇڭ . مېنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپسەنغۇ ؟ مەندىن ئاچچىقلىنىپ قالمىغانسەن .
سىرتتا دەرەخكە يۆلىنىپ تۇرغان زۇلپىقار زۇلھاياتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كەينىگە ئۆرۈلدى .
__ ئۇ يىگىت كىمۇ ؟ ھەجەپ يېقىن بولۇپ كەتتىڭا ؟
__ ئەمدى بىلدىم ھا ھا ھا .... كۈنلەپ قاپسەندە ... ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم . ئىسمى نىجات . ئۆزى تىرىشچان ، ئەخلاقلىق بالا . مەكتەپتە ئۆگىنىش جەھەتتىن ماڭا بەك ياردەم قىلىدۇ . لېكىن ئۆزى سەل شوخراق ..
<< نىجات >> _ زۇلپىقارنىڭ يۈرىگى ئاغدى . كۈندەشلىك ئۇنىڭ ئەقلىنى كىسىپ تەلۋىلەشتۈرۈپ قويغانىدى .
__ ئۇنداق بولسا سىلەرنى ئۇچراشتۇرۇپ قويۇپ تولىمۇ ياخشى قىپتىمەن . جىقراق مۇڭدىشىۋېلىڭلار ، مەن ئاستا يولۇمنى تېپىۋالاي ..
زۇلپىقار شۇ گەپلەرنى دەپلا زۇلھاياتنىڭ چاقىرىشىغىمۇ پىسەنت قىلماستىن ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قالدى . ...............
بارا - بارا بۇ ئىشلارمۇ ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . زۇلپىقارمۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈندىكى ئەقىلسىزلىكىگە ، زۇلھاياتقا قىلغان قوپاللىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى . لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى نىجاتنىڭ زۇلھاياتقا قارىغاندىكى كۆزلىرىدىن چاقنىغان بىر ئاتەش نۇر ئۇچقۇنى ھەردەم زۇلپىقارنى بىئارام قىلاتتى . ئىككىيلەننىۇ كۈندە بىر مەكتەپتە ، بىر سىنىپتا كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقى زۇلپىقارنى ئارامسىزلاندۇراتتى .. لېكىن يەنىلا ئۆزىگە تەسەللى بىرەتتى . زۇلپىقار زۇلھاياتنىڭ ئىرادىسىگە ئۆزىگە بولغان ساداقىتىگە ئىشىنەتتى .ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئايانكى زۇلھاياتمۇ زۇلپىقارنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەتتى . سۆيەتتى .
ياق _ دەيتى زۇلپىقار ، زۇلھاياتنىڭ تاللىشى ئەلۋەتتە مەن . چۈنكى مەن ئۇنى ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن . ئۇنى بەختلىك قىلىمەن . ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ ... زۇلپىقارنىڭ ئىسىگە ئالى مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا زۇلھايات ئىككىسىنىڭ ئارقا ھويلىدىكى باغدا قىلىشقان سۆزلىرى ئىسىگە كەلدى :
__ زۇلھايات ، دېدى زۇلپىقار دۇدۇقلىغىنىچە :
__ سېنىڭدىن پەقەتلا ئارىلىپ قالغۇم يوق . سەنمۇ ........ سەنمۇ مەندىن ئارىلماسلىققا ۋەدە بىرەلەمسەن ؟
زۇلھايات چۈپپىدە قىزاردى .
__ زۇلپىقار ، ئالدىمىزدا مەنزىلىمىز تولىمۇ ئۇزاق . ئالى مەكتەپتىن ئىبارەت نۇرغۇن ھىكمەت ، ئىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىلىم بۇلىقى بىزنىڭ ئېچىرقىغان روھىمىزنى ، چاڭقاق دىلىمىزنى قاندۇرىشىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە بىز شۇندىلا كەلگۈسىگە كۈلۈپ قارىيالايمىز . بىزنىڭ نىشانىمىز ، پىكرىمىز ، روھىمىز ئوخشاش زۇلپىقار . بىزنىڭ ھازىرقى نىشانىمىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئالى مەكتەپنى ئالى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسۇن ، قانداق دەيسەن ؟
زۇلھايات زۇلپىقارغا قارىدى ھەم ئۇنىڭ كۆزىدە چاقنىغان قەيسەرلىك ، جەسۇرلۇق ۋە ئىشەنچ نۇرلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ مەمنۇن بولدى ھەم قىزارغىنىچە پەس ئاۋازدا سۆزلىدى :
__ شۇنداقلا زۇلپىقار ئەمىلىيەت مەنمۇ مەڭگۈ سېنىڭ .... ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغاندا چوقۇم .......................
زۇلھايات بوينىغىچە قىزىرىپ يۈزىنى ئەتكىنىچە يۈگۈرۈپ ھويلىدىن چىكەتتى .
زۇلپىقار خوشلۇقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى . ئاھ - بەخـت ! توغرا ، ئەڭ ئۇلۇغ نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى !
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ تۇيغۇلىرى توغۇرلۇق گەپ سۆزلەر بولۇنۇپ باقمىدى . ئۇلار ھەقىقەتەن تىرىشىپ ئۆگەندى . ھەر يىلى مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئىلغار ئوقۇغۇچى ، مۇنەۋۋەر ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ تەقدىرلىنىپ تۇردى .
زۇلپىقار شۇلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇرىشىغا جوزىغا قويۇلغان ئىككى تەخسە لەغمەننىڭ مىزىلىك ھىدى بۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىدى . بۇلار تامىقىنى يەپ بولۇپ ھىساۋات قىلىپ بولغاندىن كېيىن دىيىشكىنى بويىچە شىنخۇا كىتابخانىسىغا قاراپ ماڭدى . ...
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ...
[ بۇ يازما aslimam تەرپىدىن2009-03-16 04:43دە قايتا ]