بىز بۇ دۇنياغا پەقەتلا مېھمان خالاس،ھاجەتمەنلىك بىزگە چۈشمىسۇن،ئاللاھتىن ھەممىمىزنىڭ سالامەت بولىشىنى تېلەيمەن.شۇنداقلا ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن! ھەم باشقۇرغۇچىلار سەل كۆزگە كۆرۈندىغان يەرگە بىر قانچە كۈن بولسىمۇ قويۇپ قويسا،ھەممىمىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرەر!ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالدىنقى كۈنى مۇنبىرمىزگە بۇنداق مۇراجەتنامە تۈسىدىكى بىر تىما ئاددىيلا قىلىپ يوللانغان ئىدى،كىيىن شۇ كىشىنىڭ تېلفونغا قايتۇرغان جاۋابىم <ئىسپاتلار تولۇق بولىشى كېرەك> بولغان ئىدى.چۈنكى بەزىلىرى يالغان چىقىپ قالمىسۇن دەيدىكەنمىز،بۈگۈن بۇ قىزنىڭ ئاچىسى تېلفوننى يىغلامسىرغان ھالەتتە ئالدى ھەم ،،يېقىندىن بېرى سىڭلىسىنىڭ كېسىلنىڭ بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداقلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ 15 كۈن بۇرۇن دېگەنلىرىمنى ئەمدى ئەۋەتىپتۇ.
ئاتا ئانا ياشانغان ئىكەن،ئۇ كېسەل سىڭلىسىنى مۇشۇ ئاچىسى داۋالاتقىلى تۇرۇپتۇ...
بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نى نى مەرد ئەركەكلەر چىققان،ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى داڭ قالدۇرغىدەك ئادەملىرىمىزمۇ چىققان،
مېنىڭ بۇ قىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق،پەقەت تور دۇنياسىدا بولسىمۇ كېسەلمەنگە ئانچە مۇنچە داۋاسى تېپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەيمەن،،ھەم بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئوخشاشلا بىر ئۇيغۇر قېنى!
پۇلى بارلار پۇلىمىزنى چىقىرايلى،ئۈرۈمچى تەرەپتىكىلەر ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىلى،ھېچ ئىش قىلالمىغانلار تېلفوندا بولسىمۇ ئەھۋالىنى سوراپ قويىلى،
ھاياتلىق دېڭىزىغا تەلمۈرگەن ئۇشبۇ قىزچاقنى ئۆزىمىزنىڭ كىچىككىنە ياردەملىرى بىلەن قۇتقۇزۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
--------------------------------------
ئۇ قىزچاقنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن مۇراجەتنامە خېتى:مۇراجەتنامەمەن رىزۋانگۈل ئابدىرىم 1984-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ،ئاقسۇ كۇچار ناھىيسىدىن .قان تىپىم Oتىپ ،ھازىر شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا (بۆرەك بۈلىمى 7-قەۋەت 13-كارۋات )دا داۋالىنۋاتىمەن .
2008-يىلى 1- ئاينىڭ 30-كۈنى مەن ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ھازىرغا قەدەر قان تازلىتىپ داۋالىنىپ كىلىۋاتىمەن ،بىراق بۇ قان تازلىتىش ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش چارىسى بولۇپ تىنىق توختىغىچە قان تازلىتىش كېرەك ئىكەن .
پەقەت بۇكېسەلنىڭ بىردىنبىر ياخشى ئۇسۇلى بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى بولۇپ ئوپراتسىيىگە 150مىڭدىن 200مىڭ يۇەنگىچە ئىقتىساد كىتىدىكەن .
مەن دىھقان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان ،ئاتام تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا قاراشلىق ،ياشانغان 65ياش ،كېسەلچان .ئاپام كىچىگىمدە تۈگەپ كەتكەن .
ئاتام مىنى دەپ ساتقۇدەك نەرسىلەرنى ساتتى ،ئەتراپىمدىكىلەرمۇ بار ياردىمىنى ئايىمىدى .ئۇلارمۇ ھازىرغا قەدەر بار ئىقتىسادى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ بىراق بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسىگە ئىقتىسادىمىز پەقەت يار بەرمەيۋاتىدۇ.
مەن ئاخىردا ئىلاجىسىز ھاياتلىق ئىزدەپ كەڭ خەلقىمدىن ياردەم سۇرايمەن ،مەن كەڭ خەلقىمنىڭ مەندەك بىر يۇرۇقلۇققا ئنتىلىپ كۆز يۇمغىسى كەلمىگەن بىر ياشنىڭ نالىسىگە ئىچ ئاغىرتىپ ماڭا ھاياتلىق يولى ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
رىزۋانگۈل ئابدىرىم
تىلىفۇن نۇمىرى :13899914920
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمىرى :6228483650295400914
بۇ قىزنىڭ كېسەللىكىگە ئالاقىدار ئىسپاتلار
ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن،تورداشلار بولسا ئۇشبۇ خەۋەر ،مۇراجەتنامىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللىۋەتكەن بولسا،،ۋە قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولسا!