ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 496 - كۆرۈرمىنى
Rujek
بۈگۈنمۇ ئەتە بولماقتا....
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31349
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 500
شۆھرەت: 723 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4976 سوم
تۆھپە: 107 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 773(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 «3.15» سىزگە كېرەكلىك بىلىملەر

3-ئاينىڭ 15-كۈنى خەلقئارا ئىستىمالچىلار مەنپەتىنى قوغداش كۈنى ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستىمالچىلارغا ئائېت قانۇنى بىلىملەر تەكىتلەنگەن تېمىلار تېرىپ جەملەندى ،تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .





ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ



ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ، ﻣﺎﻟﻨﯩﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺳﯧﺘﯩﻠﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﻩ ﺳﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺩﺍﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

   ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﭘﯩﺮﻛﺎﺯﭼﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﻮﺭﺍﺵ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﯩﺮﻛﺎﺯﭼﯩﻚ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻣﺎﻟﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، "ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ"ﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

   ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﺎﻟﻮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ، ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺗﺎﻟﻮﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ، ﺭﺍﺯﻣﯧﺮﻯ، ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ، ﭼﯧﺴﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

   ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﭘﯩﺮﻛﺎﺯﭼﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﺎﻟﻮﻧﻰ، ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎﻟﻮﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻣﺎﺟﺮﺍﺳﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

"    ﺋﯜﭼﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ" ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ- ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺭﯦﻤﻮﻭﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎﻟﻮﻧﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻢ.

   ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ "ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺳﯧﺘﯩﺶ"ﯨﺪﯨﻦ ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯚﻳﻤﯘ- ﺋﯚﻱ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺳﺎﺧﺘﺎ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻢ.

   ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.

   ﺋﯧﻼﻧﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻢ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﺍﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ- ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

    ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﺎﺟﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺗﻪﻧﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.

   ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﺍ- ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺗﯩﺠﺎﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

   ﺋﻪﺭﺯ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ- ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ- ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ.

    ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ، ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯖﯩﺰ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ "ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ "ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ" ﻳﺎﻛﻰ r ﮬﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﻮﺭﺍﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺍﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻳﻪﺷﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺭﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻛﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺍﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﻝ ﻧﺎﻣﻰ، ﺯﺍﯞﯗﺕ ﻧﺎﻣﻰ، ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ، ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ، ﺗﯩﭙﻰ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ، ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﭼﯧﺴﻼﺳﻰ، ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

   ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.




ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ



1. ﺳﻮﺩﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯓ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﯓ.

2. ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

3. ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ - ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ " ﯞﺍﻱ ﺋﯩﺴﯩﺖ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ.

4. ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ.

5. ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ.

6. ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﺎﻟﻮﻧﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﯓ.

7. ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ.



ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ




ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ<< ﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺯ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﺯﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

(1 ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ

(2 ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻪﺭﺯ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺖ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘﺵ

(3 ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ

   ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﺯﻟﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ:

(1 ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ

(2 ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ

(3 ﺳﻮﺕ، ﻛﯧﺴﯩﻢ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ

(4 ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻰ ﺩﻩﺧﻠﻰ - ﺗﻪﺭﯗﺯﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ

(5 ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺧﻠﻰ - ﺗﻪﺭﯗﺯﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ

(6 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ.



ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلارنى جازالاش چارىسى



ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 3- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺭﺍﺳﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﻰ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، "ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ"، "ﺋﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ ﺗﺎﯞﺍﺭ"، "ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ"ﻧﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺵ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ"، "ﺗﯚﻛﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ"، "ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﺎﮬﺎ"، "ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ" ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ، ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ، ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ؛
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ، ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ؛
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ، ﻛﯩﻨﻮ، ﮔﯧﺰﯨﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ؛
ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﺶ"، "ﺩﯦﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺘﯩﺶ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛ ﺋﻮﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ؛

ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 4- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺧﺎﺗﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ:

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﻮﻕ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺭﻭﻳﺨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﯩﻞ - ﺗﻪﺭﯛﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﻧﺎﻣﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻧﺎﻣﻰ، ﺋﻮﺭﯗﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺳﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ؛

ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 6- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ: ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.


ئىستېمالچىلار ئەرز - شىكايەت، پاش قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار



ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺩﻩﺧﻠﻰ - ﺗﻪﺭﯗﺯﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 12315 ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ، ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺳﺎﺧﺘﺎ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ. ﺷﯘﯕﺎ 12315 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

1 . ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ؛
2. ﺋﻪﺭﺯ- ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻰ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ، ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ؛
3. ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ، ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺗﯜﺭﻯ، ﻣﺎﺭﻛﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ، ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ، ﺳﺎﻧﻰ، ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ، ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ؛
4. ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭽﻮﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﻟﻮﻥ، ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ، ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ، ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﺕ.



ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى قۇبۇل قىلمايدىغان ئەرىز-شىكايەتلەر



1>تىجارەتچىلەر ئارا سېتىش-سېتىۋېلىش پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى تالاش-تارتىشلار؛
2>تاۋارنى ئاسراش،رېمۇنت قىلىش مۇددىتى ۋە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىدىن ئاشۇرۋېتىپ كىلىپ چىققان ماجىرالار؛
3>ئىستىمالچىلارنىڭ خۇسۇسى ئالاقىسىدىن كىلىپ چىققان ماجىرالار؛
4>تاۋار ماركىسىدا بىتەرەپ قىلىنىش ئېنىق كۆرسىتىلگەنلىرى؛
5>تاۋار ئىزاھاتىدىكى ئورنىتىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش بەلگىلىمە بۇيىچە بولماي،ئۆزى بۇزۇپ قويغان بۇ ئارقىلىق كىلىپ چىققان تاېار زىيننى ھەم جىسمانى زىيانلار؛
6>ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغۇچى ئېنىق بولمىغانلار؛
7>ئىككى تەرەپ كىلىشىم تۈزۈپ بولغان ھەم ئىجرا قىلىپ بولغان يېڭى ئەھۋال بولمىغانلار؛
8>سوت مەھكىمىسى، كىسىم ئورگانلىرى ياكى مۇناسىېەتلىك مەمۇرىي تارماقلار تەكشۈرۈپ بىتەرەپ قىلىپ بولغانلار؛
9> دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار

-------------------
« شىنجاڭ خەلق رادىئۇ ئىستانسى تورى» قاتارلىق توربېكەتلەردىن تىرىلدى ، رەتلىگۈچى : قاراق مەرىپەت مۇنبىرى ئەسلى يوللىغۇچىلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئىيتىمىز.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-15 10:32 |
شەبنەم تور رادىئوسى
MuglaNi
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 68956
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 112 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 117(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

بۈگۈن ئىلىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن سىياسىئون،ھەربىي ئالىم شۇنداقلا ئۈچ پادىشاھنىڭ بىرى بولغان ساۋ ساۋ 65 ۋاپات بولغان كۈن.
رەھمەت قېرىندىشىم كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز، اللاھ ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:40 |
شەبنەم تور رادىئوسى
dil-rus
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 4211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2968
شۆھرەت: 3159 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 21990 سوم
تۆھپە: 110 نۇمۇر
ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

ئىستىمال ھوقۇقىمىزنىڭ  كاپالەتكە  ئىگە  قىلىنىشىغا  دۆلەتنىڭ  قانۇن  نىزاملىرى تولۇق  بولىۋاتامدۇ  ؟؟؟؟؟  

بۈگۈنكىدەك  كۈندە  ئويلىنىشقا  تېگىشلىك  مەسىلە .  رەھمەت  

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
  ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم  سۆزلەيدۇ ،
ئىغۋانى مىڭ ئادەم  !!! 
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:54 |
DEWRAN
دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 55117
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1110
شۆھرەت: 1251 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14357 سوم
تۆھپە: 214 نۇمۇر
ياخشى باھا: 190 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2523(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

   تېمىڭىزغۇ ياخشىكەن! ئەمما مەنپەئەتىمىز ھەتتا بۈگۈنكى بىر كۈندە بولسىمۇ قوغدالمايدۇ!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                  ***      ***       ***
                  
مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
- ياسىنجان ئوسمان دەۋران
./read.php?tid-89120.html
./search.php?authorid-55117.html
   دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:55 |
saldat999
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 31142
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 354
شۆھرەت: 957 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 199 نۇمۇر
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 447(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بۇ «بۇغداي نىنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزىڭ يوقمۇ» دىگەننىڭ دەل ئۆزى.

Rather than give a hungery man a fish,it is far better to teach him to fish for himself
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 11:21 |
xahzat爱
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68734
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 349
شۆھرەت: 349 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

خا بىلۋالدىم رەخمەت!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
يې...........گەپ بامىتى......!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 11:28 |
rahbar
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60158
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 490
شۆھرەت: 491 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4884 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 831(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بىلىۋالدۇق..............................................  

ئىمان-ئىنساۋىمىز،ۋىجدان-غورورىمىز بىلەن ياشايلى!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 11:46 |
kazahstanlih
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 26911
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 333
شۆھرەت: 368 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3350 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

ئىستىمالچىلارنىڭ مەمپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇشۇ ئورۇن قۇرۇلۇپ بەك ياخشى بولدى . ھەر قانداق ئەرز شىكايەت ۋاقتىدا ھەل بولىدىكەن ، بۇدەۋادا مىللەتچىلىك قارشى بولمايدىكەن .  مەن سۈيۈندۈم 12315 دىن .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 12:46 |
aikeda
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 17779
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

   تېمىڭىزغۇ ياخشىكەن! ئەمما مەنپەئەتىمىز ھەتتا بۈگۈنكى بىر كۈندە بولسىمۇ قوغدالمايدۇ!!!

پەقەت سىز ھۇقۇقىڭىزنى قانداق قوغداشنى بىلسىڭىزلا چۇقۇم ھەر كۇنى قوغدىلىدۇ .ئەگەر پەقەت ئامال قىلالمىسىڭىز 12315گە تىلىفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز ياكى پاش قىلسڭىز بۇلىدۇ

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 13:04 |
Rujek
بۈگۈنمۇ ئەتە بولماقتا....
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31349
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 500
شۆھرەت: 723 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4976 سوم
تۆھپە: 107 نۇمۇر
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 773(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

بىرقىسىم زىيالىلىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ئويغۇنىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ، بىز ھەممىدىن زارلىنىپ ،باتناپ تۇرماي  ،قانۇن ئۆگىنىپ ،قانۇننى ئىشلىتىشنى كۈچەيتىشىمىز لازىم، شۇنىڭدا ھەرھالدا ھازىرقىدىن ئازراق زىيان تارتىمىز .
قانۇن سىزنى ئىزدىمەيدۇ ،سىز قانۇننى ئىزدەيسىز  ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدا بەلگىلىك دائىرىدە قانۇن بىلىملىرى بويىچە ئاساسقا ئىگە بولىشىڭىز ،ياكى قانۇن مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىڭىز كېرەك .
كىتاب ئىشكابىڭىزدا رومان -پوۋېست  ،شىئېر توپلاملىرى بار ،لىكىن قانۇن ماتېىرياللىرى بارمۇ ؟

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 13:28 |
BAOAN
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 306 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 6 - قەۋەتتىكى rahbarنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

مۇشۇ  ئىشقا  ياڭزاپ  يەنە  ؛-مېلىنى  يالغاندىن  داڭلاپ  ساتقانلانى  بىر  تەرەپ  قىلىش  جازاسى  بەرسە  دەيمەن.
ئۇلار  تىلپۇن  نۇمۇرىنى  دەپ  ئىلان  قىلغان  ماللانى  تەكشۇرۇپ  كورسە  تېخىمۇ  ياخشى  بۇلۇتى  دەپ  ئويلۇدۇم خوش  رەخمەت  سىزگە.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 18:42 |
alkizar1023
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56288
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 186
شۆھرەت: 197 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

 

راۋان ماقالە،بۇنى ھەر قانداق ئىستىمالچى بىلىشى كىرەك.12315 تىلىفۇن قۇماندانلىق شىتابىنىڭ سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بازار ئىستىمالىدا قانۇننى يىتەكچى ئورۇنغا قۇيىشىمۇ ئىستىمالچىنىڭ ساختا بۇيۇم بىلەن ئالدىنىپ قىلىش، بازار ئىستىمالىدا قانۇنى ئەركىنلىكى دەپسەندە بولۇشتەك ئەخلاق مەسىلىسىدە ياخشى ھەمرا بولالايدۇ.

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 19:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » قانۇندىن ساۋات
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-17 13:56, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ