ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 278 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zam-zam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش

توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش



      غەربنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەننى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ گاھىدا نادانلىق گاھىدا سەل قارىشىدىن خېرىستىيان ئەللىرىنىڭ دىنى ئېتىقادلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋالغانلىقى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش.ئەنە شۇلار قاتارىدىن ئۇلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايراملىرى ئەتراپىمىزدىكى تىلۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تېخىمۇ زور مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوغۇل - قىز پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان شەھۋانى مەزمۇندىكى ئويۇن- كۈلكىلەر بار. روشەنكى، بىز بۇنىڭ دىنىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دىنىمىز (ئىسلامنىڭ) نىڭ شەرئىي ئەھكاملىرىنىڭ قانداق بولىدىغانقىدىن غاپىل ھالدا يۈرىۋاتىمىز.

قىز - يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەرۋانە كەبى ئۇرىۋاتقان توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىل ياكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1-   بىر - بىرىنى قۇتلۇقلاش .

2-   تەبرىك كارتلىرىنى ئەۋەتىش .

3 -   بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر - بىرىگە ھەدىيە بىرىش .

4 -   مەيلى چاي يىغىلىشى ياكى كەچلىك غىزا بولسۇن، يىلدا بىر قېتىم زىياپەت بىرىش .

5  -   بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارغا ئۇيۇنچۇق ۋە تاتلىق - تۈرۈملەرنى بىرىش .

6 -   بالىلارنىڭ ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشى.

7 -   بىر كۈن ئىشلىمەسلىك ، مەكتەپكە بارماسلىق.

8 - بىۋاستە تارقىتىلىدىغان تىلۋېزىيە پىروگراممىلىرىغا تىلفۇن قىلىپ، يېقىن تۇققانلىرىغا، دوستلىرىغا ناخشا- مۇزىكا ھەدىيە قىلىش .

9  -   توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ كېچىسى ئۇخلىماي چىقىش.

10  -  مېھمانخانىلاردا ، كەچلىك يېغىلىش زاللىرىغا بېرىش، ھەتتا بۇ خىل كۈن تېخمۇ بەكرەك داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىش... قاتارلىقلار.

بۇ پائالىيەتنىڭ ھەجمىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاز - كۆپىلىگى بىلەن ھەر ئەللەردە قىسمەن پەرقلەر بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە قىسمەن مۇسۇلمانلار توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بايرىمىنى ئىسلامدىكى قۇربان ۋە رۇزا ھېيىت بايراملىرىنىڭ ئالدىغا قويىۋالىدۇ. ئسىلامدىكى بايراملارنىڭ تەنتەنىسى توغۇلغان كۈن بايرىمىغا قارىغاندا ئەرزىمەس بىر ئىشتەك نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ... بۇ ئەھۋال ھەممە كىشىلەرگە مەلۇملۇق.

     بۇنىڭدىن 700 يىللار ئىلگىرى ئىبىن تەيمىييە بۇ ئىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇستاز مۇنتەسىر ئەززەييات «ئەررىسالە» دېگەن ژورنالدا (بايراملىرىمىز) دېگەن تىمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، بۇ ئەھۋالدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە ئەمىلىي كۆرۈنۇشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ: « مىسىر خەلقى ئالەمچە شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان يېڭى يىل ۋە توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ... چىركاۋلارغا قانچىلىك ئىپتىخار تۇيغۇسى بېغىشلاۋاتقاندۇ؟!...»

ئۇستاز مۇنتەسىر ئەززەيياتنىڭ توغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەش بايرىمىنى تەسۋىرلىگەن بۇ ماقالىسى بۇنىڭ ئەللىك يىللار ئىلگىرى يېزىلغان. ئەگەر ھازىرقىدەك تىلۋىزىيە، رادىئۇ ۋە ئىنتىرنتخانىلاردىكى توغۇلغان كۈن ۋە يىڭى يىلنى تەبرىكلەش بايراملىرىنى كۆرگەن بولسا، نىمىلەرنى يازاتتىكىن؟!!شۇڭا، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش، قاتنىشىشلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى ئېنىق بەلگۈلىشىۋېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ كەينىدىن چېپىۋاتقان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قاتنىشىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىھنىدە ھازىرغىچە ئېنىق بولماي كەلگەن بۇ بايرامنىڭ ئېتىقادىي كىلىپ چىقىشىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىز لازىم.

     ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنى «كىرىسماس بايرىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بارلىق خىرىستىيانلار نەزىرىدىكى دېكابىرنىڭ 25 ـ كۈنىدۇر. بۇ پائالىيەتنى خىرىستىيانلار ئېيسا ئەلەيھىسسالام توغۇلغانلىقىنى يېڭىدىن ئەسلەش بايرىمى دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل دىنىي ئەقىدە ۋە ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار بۇ كۈندە چىركاۋلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس دۇئا - ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلايدۇ، يېرىم كىچە بولغاندا  بايرام ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىدۇ، چىركاۋلارنى زىننەتلەيدۇ، قاتناشقۇچىلار توغۇلغان كۈن بايرىمى ناخشىسىنى توۋلايدۇ. بۇ بايرام بۇددىستلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىدىن خېلى كۈچلۈك ئوزۇق ئالغان، روملۇقلار نۇر ئىلاھىي ، ھوسۇل ئىلاھىي... دېگەنلەرنى تەبرىكلەيتتى. خىرستىيان دىنى رۇملۇقلارنىڭ رەسمىي دىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇھىم دىنى بايراملىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. پادىشاھ نىكۈلاس بۇ بايرامدا ھەدىيەلەرنى تارقىتىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى، ئۇنىڭدىن ئاتا پوپ نويل نىكولاسنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا - خۇسۇسەن كىچىك بالىلارغا - ھەدىيە تەقدىم قىلىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.(كاپىرلانىڭ بايراملىرى - ئىبراھىم ئەلھەقىل . 41- 42  بەتلەر)

شەرئىي ھۆكمى:

ئەمما بۇنىڭغا ھەر قانداق شەكىلدە قاتنىشىشنىڭ شەرىئەتتىكى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىلىرى، ساھابىلەرنىڭ بايانلىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كىلشى... قاتارلىقلارغا تايانغان ھۆكمى ھارامدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئۆلىمالارنىڭ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشنىڭ ھاراملىقىغا دائېر يېزىغان كىتاپ- رىسالىرى، پەتىۋالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەنەپىي ئۆلىمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەفسىل بەستى مۇنداق دەيدۇ: « كىمىكى كاپىرلارنىڭ بايرىمدىنى قوتلۇقلاپ ، مۇشرىكلەرگە توخۇم كەبى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا، ئاللاھقا كۈپۈرلۇق قىلغان بولىدۇ.» بۇ ھەقتە يەنە ئىبىن تەيمىييە، ئىبىن قەييۇم قاتارلىقلارنىڭ كىتاپلىرىدىكى مەخسۇس تىمىلاردىن باشقا، شەيخ ئىبراھىم ئىبىن مۇھەممەد ئەلھەقىيلنىڭ «كاپىرلارنىڭ بايراملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا مەيدانى» ناملىق كىتاپلىرىمۇ بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      بىز بۇ كۆزنەكتە شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييەنىڭ سۆزلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، بۇ بايرامنىڭ ماھىيىتى ۋە شەرئىي ھۆكمىنى بايان قىلىدىغان بىر قىسىم پەتىۋالارنى تاللاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

      غايەت زور ھەجىمدىكى تىلۋېزىيە قاناللىرىنىڭ تەھدىدىگە، مۇسۇلمانلار ئارىسدا خىرىستىيانلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئۆزلىشىۋېلىش دولقۇنىغا ئۈچراۋاتقان بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز. مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان غەپلەت ئۇيقۇسى بىزنى تېخىمۇ جىددى ۋە سەمىمىلىك بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە يوقىرىدا بايانى كەچكەن ئىشىلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يەرلىشىپ قېلىش خەۋپى كۆرىنىپ تۇرىۋاتقان بۇ خىل ھادىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ھېيىت- بايراملىرىنى قەدىرلەش، دىنىغا، ئەقىدە - ئېتىقادىغا، ئۆرپ- ئادەتلىرىگە خاس بىر خىل ئالاھلىدىلىك شەكىللەندۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز... مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان، ھەدىس ماھىيىتىگە مۇناسىپ چىن مۇسۇلمان بولشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىننى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ئۇ ئارقىلىق دىنىمىزنى قەدىرلەش پۇرسەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلسۇن، ئامىن

تېما تەستىقلىغۇچى : DEWRAN
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-15, 01:48

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-15 08:54 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ajdirha
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

رەخمەت يوللىغان ئاھمىيەتلىك تېمىڭىزغا.
شۇڭا مەن ھەر يىللىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە يەنى بۈگۈن(3- ئاينىڭ 15- كۈنى) ئاپامنىڭ مىنى 9 ئاي 9 كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ قاتتىق تولغاق يەپ مىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقى، مىنىڭ ساق- سالامەت ھالدا مۇشۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، ئادەم بولۇشۇمغا سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاز-تولا سوغا ئېلىپ يۇخلاپ ئاھۋال سوراپ، ھال- مۇڭ ئېيتىشىپ قايتىپ كەلدىم( بۇنىڭ تۇغرا ياكى خاتالىقىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن). تەڭ چۈش، خىزمەتداشلار تۇغۇلغان كۈنىڭنى ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىمىز، ئۆتكەزمەمسەن؟ دىگەندەك سۇئاللېرىغا بولسا، مەن ئۇنداق كۇپارچە بىدئەت پائالىيەتنى ئۆتكەزمەيمەن دەپلا تۈگەتتىم.

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:26 |
شەبنەم تور رادىئوسى
zinnat-1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 273
شۆھرەت: 273 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2730 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 500(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

بۇ تۇلۇمۇ ئەمىيەتلىك، بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك   نۇقتىلاركەن .
مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئايمىغايسىز.
رەخمەت سىزگە.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:28 |
t5149
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74912
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

    

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:32 |
zam-zam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

قېرىنداشلارنىڭ قوللىغىنىغا اللە رەھمەت قىلسۇن!!!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 10:34 |
halepa
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

تىمىڭىزگە  رەخمەت  مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك  تىمىلارنى  يوللاپ  تۇراسىز

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 12:03 |
zam-zam
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 63402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىxahinxahنىڭ2009-03-15 10:06 دە يوللىغان يازمىسى   :
رەھمەت سىزگە! ياخشى يوللاپسىز، نەزەر دائىرەم ئېچىلىپ قالدى،بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!  ئاللادىن سىزگە تېخىمۇ ياخشى تىلەك تىلەيمەن. يەنىمۇ تىرىشقايسىز!!!!   

........................
قېرىندىشىم ھەدىستە ھەرقانداق ئادەمنى شاھىنھاھ دەپ ئاتاش خاتا شاھىبشاھ دىگەن اللەقا خاس دەپ كۆرسۈتۈلگەن بولسا ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بۆلسىڭىز

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 12:06 |
kepinakkiz
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 80
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 810 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىajdirhaنىڭ2009-03-15 10:26 دە يوللىغان يازمىسى   :
رەخمەت يوللىغان ئاھمىيەتلىك تېمىڭىزغا.
شۇڭا مەن ھەر يىللىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە يەنى بۈگۈن(3- ئاينىڭ 15- كۈنى) ئاپامنىڭ مىنى 9 ئاي 9 كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ قاتتىق تولغاق يەپ مىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقى، مىنىڭ ساق- سالامەت ھالدا مۇشۇنچىلىك چوڭ بولۇپ، ئادەم بولۇشۇمغا سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاز-تولا سوغا ئېلىپ يۇخلاپ ئاھۋال سوراپ، ھال- مۇڭ ئېيتىشىپ قايتىپ كەلدىم( بۇنىڭ تۇغرا ياكى خاتالىقىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن). تەڭ چۈش، خىزمەتداشلار تۇغۇلغان كۈنىڭنى ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىمىز، ئۆتكەزمەمسەن؟ دىگەندەك سۇئاللېرىغا بولسا، مەن ئۇنداق كۇپارچە بىدئەت پائالىيەتنى ئۆتكەزمەيمەن دەپلا تۈگەتتىم.


مېنىڭچە بۇ بەك ياخشى بوپتۇ،بۇ تەبرىكلەش بولماستىن بەلكى ئاپىڭىزنىڭ شۇ كۈنكى جاپاسىنى ئەسلەپ ،ئاپىڭىزغا بولغان ھۆرمەتنى  بىلدۈرىدۇ،شەخسى كۆز قارىشىم،،،

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 13:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-16 17:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ