مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئايال — بۈيۈك سۆز، ئۇنىڭغا قىزلىق پاكلىقى، دوستقا خاس پىدائىيلىق، ئانا جاسارىتى مۇجەسسەملەشكەن.
— ن. ئا. نېكراسوۋ
ئايال سۆيگۈسىدىن پاكلىق قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭ مەردلىكىدىن مەدەت ئالمىغان، كەمتەرلىك بىلەن ھايات يولىغا قەدەم ئالمىغان ئادەم ھەقىقىي ھايات كەچۈرمىگەنلىك بىلەن تەڭ.
— ج. رېسكىن
ئاياللارنى سۆيۈڭ ۋە ئىززەتلەڭ؛ ئۇلاردىن پەقەت تىنچلىنىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىلھامىڭىزغا كۈچ، مەنىۋى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتلىرىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان قۇدرەت ئىزدەڭ.
— ژ. مادزىنى
ئاياللارسىز سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش ۋە ئەستە ساقلاش كېرەك.
— م. گوركىي
ئايالغا مۇھەببەت بىز ئۈچۈن مۇقەددەس، ھېچنەرسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئۇ خۇددى گۆشكە سېپىلىدىغان تۇزدەك يۈرەككە سىڭىپ، ئۇنى بۇزۇلۇشتىن ساقلايدۇ.
— ۋ.گىيوگو
ئاياللار نېرۋىلىرىمىزنى، ھەددىدىن ئارتۇق شەخسىيەتچىلىكىمىزنى يۇمشىتىدۇ؛ ئۇلار بىزگە نەدىن بولغانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ تۇرۇشىدۇ.
— م. باررېس
دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىك ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن.
— م.گوركىي
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى.